ئۇيقىسىدىن ئويغاندى ئۇيغۇر !!!
ئىنسان بۇلۇپ يارالغان ئۇيغۇر ،
ئىلىم-ئىرپان، شانۇ-شۆھرەتتە ،
ئالەم-ئارا تۇنۇلغان ئۇيغۇر .
زامان ئۈتۈپ ئامىتى قېچىپ ،
نامەرتلەرگە تۇتۇلغان ئۇيغۇر .
بارچە ئىنسان بەخىتلىك ياشىسا ،
شۇم بەخىتكە يۇلۇققان ئۇيغۇر .
تىل-قوللىرى باغلانغان ئۇيغۇر ،
يۈرەك-باغرى داغلانغان ئۇيغۇر .
بارچە ئىنسان ئەزىز ياشىسا ،
ھايۋان كەبى خارلانغان ئۇيغۇر .
ئەسىرلەردۇر قۇل بولدى ئۇيغۇر ،
يەلماۋۇزغا يەم بولدى ئۇيغۇر .
دۇنيا ئەھلى ئالەمنى كۆرسە ،
كۆزى ئۇچۇق كور بولدى ئۇيغۇر .
ئالەمچە كەڭ ۋەتىنى بار ئۇيغۇر ،
جاھان-ئارا نامى بار ئۇيغۇر .
بۆلگۈنچى ۋە تىرورىست بۇلۇپ ،
ئۆز يۇرتىغا سىغمىدى ئۇيغۇر .
مۇساپىر بوپ خار بولدى ئۇيغۇر ،
ئۆز ۋەتىنىگە زار بولدى ئۇيغۇر .
ۋەتەنسىزنىڭ ھاياتى قۇللۇق ،
ھۆر ھاياتنى تاپماقچى ئۇيغۇر .
يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ،
ئۇيقىسىدىن ئويغاندى ئۇيغۇر .
جەڭگە ئاتنى سالماقچى ئۇيغۇر ،
ئۆز بەختىنى تاپماقچى ئۇيغۇر!!! .
ئا.مۆلجەرلى
*غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرلەشتە يېزىلدى*
(قازاقىستان ئالماتا)
2008-02-05
2008-02-05