ئىيۇلنىڭ تۈنى !!!

زېمىن تىترىگەن - ئىيۇلنىڭ تۈنى !!!
زاتى ئۇيغۇرنىڭ پاكتۇر نەسەبى ،
ھەققە باش ئىگەر مۇلايىم تېنى .
روھى ئىمانلىق ، تىلى-دىلى بىر -،
ئىسلام دەپ ئاقار تومۇردا قېنى !
    ____    ____    ____

نەسەب-يىلتىزى  ئىبراھىم (ع) نەبى ،
ئەگەشكىنىھەم مۇھەممەد (ع) دىنى . 
يايغان بۇ دىننى  كەڭ_دالالارغا ،
شاتلىققا چۈمگەن "تۇران" زېمىنى !
    ___    ____    ____

قۇللۇققا قارشى سالغان ئېتىنى ،
ئادالەت ئۈچۈن تۆككەن قېنىنى .
تارىقتا ئۆچمەس ئىزلار قالدۇرۇپ ،
تاغ-تاش ئۈستىگە ئويغان ئىزىنى  !
    ____    ____    ____

ئاقماقتا بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ قېنى ،
بولدى قۇربانلىق ئۇيغۇرنىڭ جېنى .
شاھىتتۇر ئاڭا تاغ-دەريا، تۇپراق ،
زېمىن  تىترىگەن  ئىيۇلنىڭ  تۈنى !!!
    ____    ____    ____

شاھىتتۇر ئاڭا  ئىلى  باغلىرى  !!!
شاھىتتۇر ئاڭا  تۇرپان تاغلىرى !!!
شاھىتتۇر ئاڭا بەشبالىق-قۇمۇل !!!
ھەتتا شاھىتتۇر تەڭرى  تاغلىرى  !!!

شاھىتتۇر ئاڭا مۆلجەر تاغلىرى  !!!
شاھىتتۇر ئاڭا  سەمەن  بويلىرى  !!!
شاھىتتۇر ئاڭا بارىن ۋە خوتەن- !!!
ھەتتا شاھىتتۇر_ ئافغان تاغلىرى !!!.

   
    ____    ئا.مۆلجەرلى   ____              

2010-3-10

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى