ئارمانسىز قالما !!!
جاھاندا ئاشىق كۆپ ۋىسال ئىزلىگەن ،
بولمىگاچ سۆيگۈنىڭ چىن ۋاپادارى ،
ئاشىقلار ۋىسالنىڭ يۈزىنى كۆرمىگەن .
ئاشىقلار دائىما ئۆتمەكتە شۇنداق ،
تەر تۆكمەي تەلمۈرۈپ "تەييار جانانغا" .
ۋىسالچۈن تۆلىمەس "مالۇ-جان" بەدەل ،
ئايلانغان گۇيا بىر " مازار غوجامغا".
شۇندا ھەم بولدۇڭسەن گۇيا قۇربانلىق ،
قانخورلار خالىغانچە ئۆلتۈرەر سېنى .
ئۆيۈڭمۇ بوپقالدى گۇيا قۇشخانا ،
تامدىمۇ-يەردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ قېنى .
نى ھەجەپ چىداملىق ئۇيغۇرنىڭ جېنى ،
نى ھەجەپ تاتلىقتۇر ئۇيغۇرنىڭ قېنى .
ئەجەلدىن كەتكەنگە يىللاپ يىغلايمىز ،
قاتىلغا "قىساسكار" يىگىتلەر قېنى ؟؟؟ .
ئەر بولساڭ "ئەركەكچە" بېلىڭنى باغلا !!!،
قوراللان "ئالغا..." دەپ رەقىپنى قوغلا !!!.
گەر بولساڭ ھۆرلۈككە ھەقىقى ئاشىق -،
قىساس ئال رەقىپتىن ، ئارمانسىز قالما !!!.
ئا.مۆلجەرلى
2011-02-16