5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا چاقنىغان چاقماق ساداسى، ئاسىيا قىتئەسىدىن ھالقىپ- ئافرىقا قىتئەسىنىمۇ تىترەتتى !!!
پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى شاھىد بولغان مەشھۇر "5-ئىيۇل شەرقىي تۈركىستان خەلىق قوزغىلىڭى" نىڭ جاراڭلىق سادالىرى يالغۇز ئاسىيانىلا ئەمەس، ئافرىقا قىتەلىرىنىمۇ زىلزىلگە كەلتۈردى .
2010-يىلى قوشنا دۆلەتلەردىن قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدىمۇ ئىنتايىن قورقۇنۈشلۇق ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. بۇنداق بۇلۇشنىڭ سەۋەبى، قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى (باكىيېۋ) - (ئاقايىېۋ تىن) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغىنىدىن كېيىن
ئۆز-ئۈزىگە يۇقىرى تەمەننا قۇياپ، بۇندىن كېيىن ھاكىمىيەت بىز بىلەنلا داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلىدى. ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ سىياسى سىتراتىگىيە-خەرىتىسىنى دەۋرىنىڭ چوڭ كومونىست-دېكتاتۇرلىرىدىن بولغان خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ھەركۈنى دىگۈدەك ئۈزىنىڭ رېجىم سىياسىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ئىدى. كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئىشسىزلىقى، دېھقان-چارۋۇچىلارنىڭ ئاچ-يالىڭاچلىقى، ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئىش ۋە ئاش ئىزدەپ يات ئەللەرگە سەرسان بۇلۇشلىرىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ بارچە نىشاننى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشكىلا قاراتتى .

بۇ يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىتىدىكى دېكتاتۇرلىق ئەۋجىگە چىقىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان"دا، دۇنياغا مەشھۇر "5-ئىيۇل خەلىق قوزغىلىڭى" پارتىلىدى . ئۆزلىرى ئاز ۋە ئاجىز بولسىمۇ زۇلۇمغا قارشى، مىلىيۇنلارچە ئەسكىرى كۇچقا ئىگە زالىم ھاكىمىيەتكە قارسى جاراڭلىق سادا ياڭرىتىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن چۇڭقۇر ئىبرەت ئالغان، ھەمدە بۇنداق يۈكسەك جاسارەتنىڭ مىۋىسىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن خوشنا قېرىنداشلىرىمىز، قايتىدىن كەڭ كۆلەملىك ھەركەتكە ئۆتتى ۋە بىشكەك ھۆكىمىتىدىن ئىش ۋە ئاش تەلەپ قىلدى. بىراق ئۆزلىرىنىڭ يول خەرىتىسىنى خىتتاي كومىنىستلىرىدىن ئارىيەت ئېلىپ كىلىۋاتقان بۇ يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ قورچاق بەگلىرى نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاتتىق ھۇدۇقۇشۇپ، ئاخىرى تەخىتنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى .
نەتىجە قېچىپ قۇتۇلۇش بىلەنلا تۈگىمەستىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا بۇنداق مالىمانچىلىق پۇرسىتنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان رۇس ۋە خىتتاي ھۈكۈمىتىگە چوڭ پۇرسەت ھازىرلانغاندەك بولدى. ئۇلار بۇ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئويلاپ، دەرھال بۇ بىچارە ئىسيانچىلارغا ھەر-تەرەپتىن "رۇبلى ۋە يۇئان"لارنىڭ رەقەملىرىنى كۆرسۈتۈپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرلىرىدىن ھاكىمىيەت تالىشىش خىرىسلىرىنى قوزغۇتۇش ئارقىلىق، ئۆزبەك ۋە قىرغىز مۇسۇلمانلىرىدىن تەركىپ تاپقان، گوش بىلەن ياغ مىسالى دىنداش-قانداش ئىككى مىللەتلەر ئارىسىدا تارىخى ئۇنۇتۇلماس ئىچكى قىرغىنچىلىق پاجىئەسىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا ئاساسى رولچى بۇلۇش، پۇرسەت كەلسە بۇ رايۇننىڭ تىنىچلىقى ئۈچۈن ياردەمچى ئەسكەر كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت يېڭى تاجاۋۇزچىلىق ھەركەتلىرىنىڭ تەييارلىقىدا تۇرۇشقان ئىدى.
بۇ قورقۇنۇشلۇق ۋەزىيەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن جىددى كونتىرول قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن ئايال قەھرىمان (روزا رىمبايېۋا) دەھال ھەركەتكە ئۆتتى ۋە ئەتىراپىدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قىرغىزىستان ئەسكىرى ئوردىسىنى ئۆز قۇلىغا ئالدى. ئاخىرقى نەتىجە، خەلقىنىڭ ئاھۇ- زارىغا ئىتىۋار بەرمىگەن، دوستنى قۇياپ دۈشمەن بىلەن دوست بولغان شەخسىيەتچى بىر ھاكىمىيەتنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى بىلەن خۇلاسىلاندى. مەركىزى ئاسيادىكى كىچىك ئارال دەۋلىتىنىڭ بۇ ۋەزىيىتىدىن كېيىن، قىرغىز خەلقىنىڭ فەخىرلىك قىزى روزا رىمبايىۋا خەلىقارا سەھنىسىدە ئالاھىدە تۇنۇلۇپ، ئاسىيادىكى سەزگۈر سىياساتچى ئايال قەھرىمان ئاتىلىش بىلەن بىرگە خەلىقارا نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولدى. يۇقارقىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن رىمبايىۋانىڭ يىتەكچىلىگىدە، قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تىنىشلىنىشى، مەزكۇر توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش پۇرسىتىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان ئىككى كومىنىست، رۇس ۋە خىتتايلارنىڭ ئالاھىدە مەقسەتكە يىتىشلىرىگە يول بەرمىدى .

2011-يىلىغا كەلگەندە ئافرىقا قىتەسىگە جايلاشقان تارىخى شەھەر قاھىرەدە زور ئۆزگۇرۈشلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگىمۇ ئالاھىدە تەسىرى-كۇچىنى كۆرسەتكەن ئىبرەتلىك ۋەقە، يەنىلا ۋەتىنىمىزدە پارتىلىغان "5-ئىيۇل خەلىق قوزغىلىڭى"نىڭ ئىجابى تەسىرىدىن ئىبارەت دىسەك ئەلۋەتتە مۇبالىغە بولمىسا كېرەك!.
چۈنكى "شەرقىي تۈركىستان" خەلقى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاسمىلاتسىيەسى ئالتىدا زۇلۇم تارتىۋاتقىنىغا 60 يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەرەپ دۆلەتلىرى ۋە ئەرەپ خەلقى ئارىسىدا ئۇنچىلىك تۇنۇلمىغان ئىدى . "5-ئىيۇل" ۋەقەسى پارتىلىغاندىن كېيىن تۈركىيە دۆلەت باشقانلىغى ۋە دىنى ئالىملار باشتا بۇلۇش بىلەن بىرگە، مىسىردىكى بىر بۈلەك دىنى ئالىملار، ئىران ئالىملىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىدىكى ئىلغار، مۇۋەھھىد دىنى زاتلار دەرھال ھەركەتكە كىلىپ، نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىققا قارشى كەسكىن ئېتىرازلارنى بۈلدۈردى ۋە ئۆز قەۋمىگە شۇنداق خىتاپلارنى قىلىشتى .
—"ئەت-تۈركىستان شەرقىييە ئەل-ئۈممەتۇل مەنسىييە " - ئۇنۇتۇلغان شەرقى تۈركىستان - ئۇنۇتۇلغان ئىسلام ئۈممىتى، بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن ئەسكە ئېلىنماقتا . بۇ ئۇنۇتۇلغان ئىسلام پارچىسىنىڭ قايتىدىن ئەسكە ئېلىنىشنىڭ سەۋەبى بولسا ، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىتىقادىدىكى تەڭداشسىز جاسارەتلىرى ، كۇپرى-زۇلۇملارغا قارشى، مىليۇن ئەسكىرى كۇچقا ئىگە بولغان خىتتاي زالىملىرىنىڭ زەمبىرەك-تاڭكىلىرى ئالدىغا مەغرۇرانە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، دۈشمەنگە قارشى مەردانىلارچە ئالغا قاراپ مېڭىشلىرىدىن ئىبارەت !!!.
"بىز ئەرەپ مۇسۇلمانلىرى، يىللاردۇر ئۆز ئۈستىمىزدىكى تاغۇت ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى جانلىق ۋاقىرىيالماي ئۆتمەكتەمىز، بىزدىكى ئىمان بىلەن يىراق شەرىقي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىمانى-ئېتىقادىدا زور پەرىقلەر بار . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازلىقىغا، كۇچىنىڭ ئاجىزلىقىغا، خوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇدەك ھالىنىڭ يوقلىقىغا قارىماي، مىليۇنلارچە ئەسكىرى كۇچقا ئىگە زالىم ھاكىمىيەتكە قارشى، ئۆلسەك شەھىد - قالساق غازى دىگەن ئىمانى-ئېتىقادى جاسارىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيا خەلقىغە قايتىدىن ئۆزلىرىنى تۇنۇتتى "!.
"ئەگەر بىزمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدەك زالىم ئالدىدا ئۆلۈمدىن قورىقمايدىغان ھەقىقى ئىمان-ئېتىقات ئىگىلىرىدىن بۇلىمىز دەيدىكەنمىز، يىللاردۇر ئۈستىمىزدە قارا كۈلەڭۈ بۇلاپ تۇرغان تاغۇت ھاكىمىيەتلەرگە قارشى قوزغۇلىشىمىز ۋە بۇ يولدا ئاخىرغىچە بۇشاشماسلىقىمىز، بۇ زالىم ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلمىغا قارشى ھەممىمىز بىردەك ئەمەلى ھەركەتكە ئاتلىنىشىمىز كېرەك !!!. "بۇ يولدا ئۆلگەنلەر شەھىد، قالغانلار غازى بۇلۇپ، بۇندىن كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن پارلاق شارائىت ھازىرلىشىمىز، بىزلەرنىڭ ئىمانى-ۋىجدانى مەجبۇرىيىتىمىزدۇر"!!!. دىگەن جاراڭلىق خىتاپلارنى توختىماي تەشۋىق قىلىشتى! .
دۇنيانىڭ قايسى يىرىدە بىر مۇسۇلمانغا زىيان يەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىپ، جان كۆيدۈرىدىغان مۇۋەھھىد ئالىم-ئۆلىمالار، يۇقارقىدەك جاراڭلىق سادالارنى ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن سورۇنلىرىدا توختىماي ئېلىپ بارغان بولسا، ئەرەپ دىيارىدىكى ياش دىنىي زىيالىلار دەرھال ھەركەتكە كېلىپ، "شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار" ھەققىدە مەخسۇس ئىنتېرنەت سىتەلىرىنى ئېچىپ، تاجاۋۇزچى خىتتاي كومىنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇم-قىرغىنچىلىقىنى جانلىق تۇنۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شۇ ئېغىر زۇلۇملارغا قارشى "شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى"نىڭ "5-ئىيۇلدا" كۆرسەتكەن تەڭداشسىز جەڭگىۋارلىقىنى پۈتۈن ئەرەپ دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارغا داۋاملىق تەشۋىق قىلدى ۋە بۇخىل جەڭگىۋارلىقتىن ئۈلگە ئېلىشقا ھەمدە ئۈگۈنۈشكە تەشەببۇس قىلىشتى .
ئەنە شۇ جاراڭلىق چاقىرىقنىڭ نەتىجىسى بىلەن مىسىر مۇسۇلمانلىرى كەڭ-كۆلەمدە ئويغاندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي "35 يىللىق ھاكىممۇتلەق"لىق ھۈكۈم سۈرگەن ۋە ئاتا مىراسى شەكىلدە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان "مۇبارەك پادىشاھلىقى" ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭ بىر كېچەدىلا تەختىنى تاشلاپ قېچىشىدىن ئىبارەت "زەلىللىك-رەزىللىك" ئاقىۋىتىنى، مىسىردىكى جەڭگىۋار-ئىنقىلاپچى خەلىق ئاممىسى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا ئەھلى كۆرۈشتى .
مانا بۇنداق زور ئۆزگۈرۈشلەرگە ئاز بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىبرەتلىك تەسىرى-كۇچىنى كۆرسەتكەن "5-ئىيۇل ۋەقەسى" ، يىللاردۇر قورقۇ ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەرەپ دۇنياسىدىكى بىغەم مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە ئىبرەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بۇلۇپلا قالماي، شۇ "5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ياڭراتقان يالقۇنلۇق چاقماق سادالىرى، پەقەت ئۈرۈمچى ئاسمىنىدىلا ئەمەس، ھەتتا- پىرئەۋىن پىرامىداسىنىڭ زۇلمەت سىماىسى ئورۇن ئالغان قاھىرە ئاسمىنىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەمىلى نەتىجىسىنى كۆرسەتتى ۋە پارلاق نۇرىنى يۇرۇتتى. شۇ جاراڭلىق ۋە نۇرلۇق سادانىڭ مىۋىسى بولغان ھۆرلۈك-ئەركىنلىك غەنىمىتىدىن ئۆز-لايىقىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئەنە شۇ يولدا مال-جان پىدا قىلغان ۋە ئۇلارنى يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بارچە مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ھەققى ئەلۋەتتە .
شۇنىڭ ئۈچۈن "5-ئىيۇل ئىنقىلابى"دا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى بولسۇن، بۇ ئىنقىلاپنىڭ قانچىلىك يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلىشلىرى، ھايات قېلىپ زالىملار تۇرمىسىدا يېتىۋاتقانلار بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان شۇ شەرەپلىك ئىنقىلاۋىدىن ھەرگىزمۇ ئەپسۇسلانماسلىقى، ئېغىر زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچۇرغانلار ھەرگىز مەيۇسلەنمەسلىكى، ئىككىلىنىپ تۇرغانلارمۇ ئۇ ئىنقىلاپنى ھەرگىز نەتىجىسىز ھەركەت دەپ جۆلىمەسلىكى، بۇندىن كېيىن نىمە قىلىشنى ئويلىنىۋاتقانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ماڭماقچى بولغان يۇلىنى قەتتى داۋاملاشتۇرىشى، كېلەچەك ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ پارلاق ئىستىقبالى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ھەركەت-پىلانلاردا بۇلۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرەگە، بارچە ۋەتەنداشلىرىمغا زور مۇۋەپپىقىيەتلەر ۋە بۈيۈك مۇكاپاتلار تىلەيمەن .
ئاخىردا شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمەن —
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە قارشى چىقىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغان، شۇ دەۋرى مۇسۇلمانلىرىغا ئېغىر زۇلۇم سېلىپ ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگەن، ئاياللارنى چۈرە قىلغان زالىم نەمرۇدمۇ، بۇرنىغا كىرگەن بىرتال پاشىنىڭ ھۇجۇمىدا ھالاك بولغان .
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرلىرىگە قارشى چىقىپ، دەۋرى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئوغۇل باللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئايال-قىز باللىرىنى ئەسىر-چۈرە قىلغان، ئۆزىنى يەر يۈزىنىڭ ئىلاھىمەن دەپ جاكارلىغان زالىم پادىشاھ پىرەۋىنمۇ، ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە ئۇچراپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازغىنا ئەگەشكۈچىلىرىگە تەڭ كىلەلمەي ئاخىرى نىل دەرياسىغا غەرىق بولغان .
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۆز ئىمانى ئەركىنلىكىنى ئىزدەپ تاغۇتقا قارشى چىققان "ئەسھابۇل كەھىف" غار ئەھلىلىرىگىمۇ ئاللاھ ياردەم بېرىپ، 300 يىل غاردا سالامەت ساقلىغان .
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۆز ئىمانى-ئىسلامى ئەركىنلىكىنى ئىزدەپ يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، مەككىدىن ھەبەشىستان ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلغان ساھابىلەرگىمۇ، تۈرلى سىناقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئالەمشۇمۇل ئەركىنلىك ۋە يېڭىلمەس ھاكىمىيەتتىن ئىبارەت ئىككى دۇنيالىق بەخىت-سائادەتنى ئاتا قىلغان .
مېرىبان ئاللاھ - ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندەلىرىنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايا قىلىۋەتمەيدۇ .
ئىشىنىمىزكى، مۇسۇلمان مىللىتىمىزگە ئائىت بولغان سۈيۈملۈك ۋەتەن "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن بارچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەجرىمۇ ھەرگىز زايا بولمايدۇ .
يەنە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى _ ھورلۈككە تەشنا مۇسۇلمان مىللىتىمىزنى، زالىم كاپىرلارغا قارشى ئىنقىلاپ يۇلىدىكى ئۆلەمدىن ئاگاھلاندۇرغانلار، بىر ئۇيغۇرغا ئەجەل يىتىپ كەلگەندە، ئۇ ئەجەلنى بىر مىنۇتمۇ تەخىر قىلدۇرالمايدۇ !!!.
شاۋقۇندىن دولقۇن پەيدا بۇلىدۇ _ دولقۇندىن دېڭىز ھاسىل بۇلىدۇ.
چاقماقتىن نۇر پەيدا بۇلىدۇ _ نۇردىن قاراڭغۇلۇق يۇرۇيدۇ .
خەلىق ساداسى شاۋقۇن بولسا _ خەلىق تۇپى دېڭىز دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ .
چاقماقتىن نۇر پەيدا بۇلىدۇ _ نۇردىن قاراڭغۇلۇق يۇرۇيدۇ .
خەلىق ساداسى شاۋقۇن بولسا _ خەلىق تۇپى دېڭىز دولقۇنى پەيدا قىلىدۇ .
ئۆز ئېقىنىدا ئاققىنى قۇيۇلمىغان سۇ، ھامان بىركۈنى تۇساقتىن بۆسۈپ چىقىدۇ .
دەريالار تېشىپ چىقسا، ئۇنىڭغا توغان قۇياپ تۇساش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس !!!.
مەجبۇرى تاقاق سېلىنغان ئىلى دەريا سۇلىرى قايتا دولقۇنلىسا _
ئەتىراپى چەمبەرچاس قورشالغان بۇغدا كۆللىرى قايناپ تاشسا _
ئالدىغا تاشلار قويۇلغان زەرەپشان دەريالىرى قايتا شاۋقۇنلىسا _
بىباھا مەرۋايىتلارنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خوتەن دەرياسى دولقۇن قوزغىىسا _
ئۈن چىقىرىشقا قادىر بۇلالماي غەمكىن ئېقىۋاتقان يەكەن دەرياسى سادا ياڭراتسا_
بىباھا مەرۋايىتلارنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خوتەن دەرياسى دولقۇن قوزغىىسا _
ئۈن چىقىرىشقا قادىر بۇلالماي غەمكىن ئېقىۋاتقان يەكەن دەرياسى سادا ياڭراتسا_
ھەيۋەتلىك تاغلار بىلەن تۇسالغان توشقان دەرياسى توختىماي دولقۇنلىسا _
تارىخى ئەسلىمەلىرى بىلەن ئالەمگە مەشۇر سايرام كۆللىرى شاۋقۇنلاپ قاينىسا _
تەكلىماكاننىڭ ئابىھايات مەنبىيى بولغان ئاقسۇ-تارىم دەرياسى قايتىدىن دولقۇن قوزغىسا _
بۇ ھەيۋەتلىك دولقۇن، جاراڭلىق شاۋقۇنلار بىرلىشىپ "5-ئىيۇل" سادالىرىنى قايتا ياڭراتسا.... ئەنە شۇ چاغدا، قاھىرەدىكى پىرەۋىن پىرامىداسىنىڭ زۇلمەتلىرى بولغان مۇبارەك زىندانلىرىنى يۇرۇتقان ئەركىنلىك چاقماق ساداسى، ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" ئاسمىنىدىمۇ چاقناپ-يۇرۇيدىغانلىقىدا ھەرگىز شەك يوق !!!.
ئۈرۈمچى ئاسمىنىدىن _ قاھىرە ئاسمىنىغىچە ياڭرىغان شۇ جاراڭلىق سادالار ئەبەدى ياڭرىسۇن !!!.
ئا.مۆلجەرلى
2011-03-01