ھەققىمىزدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم _ " ئانا يۇرت ئىسلام دىيارى" توربىكىتىنىڭ قممەتلىك-ئەزىز مېھمانلىرى خۇش كەلدىڭلار !.
ئىسلام دىيارىمىز سىز ئەزىزلارنى ھەرۋاقىت قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە سىزلەرگە سەمىمى ئېھتىرام بۈلدۈرىدۇ !.


ھەققىمىزدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئانا يۇرت ئىسلام دىيارى _ ناملىق بۇ تور زىيارەتخانىسىنى ئېچىشتىن مەقسەت-غايىمىزې :  ئانا يۇرتىمىز شەرقى تۈركىستاندا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئېزىز مىللىتىمىز ئارىسىدىكى ئىسلامنىڭ ھەقىقەت نۇرلىرى بىلەن ھۇزۈرلۇنۇپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مۆھتەرەم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىسلام دىننىڭ ئىلاھى ھۆكمى، شەرئى قانۇنى، سىياسى غايىسى، ئىقتىسادى تەرتىۋى، ئىجتىماىي پائالىيەتلىرى، ئەقىدىۋى پىرىنسىپلىرى ۋە ئىبادەت بەلگىلىمىلىرى قاتارلىقلاردا ئاز بولسىمۇ مەنىۋى ھۇزۇر تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىسلام نۇرى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلام دەۋىتىگە ئۈزىنىڭ كىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشاش ۋە ئۈزىنىڭ دىنى مەجبۇرىيىتىنى ئاز بولسىمۇ ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىلغان بۇلۇپ، بۇ شەرەپلىك ۋە ئېغىرخىزمەتنى يالغۇز ئادا قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا ئانا يۇرتىمىزدا ياكى يۇرتىمىز سىرتىدا ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتقان بارلىق ئەھلى-ئىلىم دىنى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ سەرىپ قىلىشى ئارقىسىدا، بارچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئىھتىياجىنى بىرلىكتە تەمىن ئېتىش، بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەۋلاتلىرىنى ئىسلام يولىغا يۈزلەندۈرۈش، ئۇلارنى ئىسلام تەلىماتلىرى بىلەن تەربىلەپ روھى دۇنياسىنى ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن يىتىلدۈرۈش، كۈندىلىك ھايات يوللىرىنى ئىسلام كۆرسەتمىسى ئۈستىدە داۋام قىلدۇرۇشقا يىتەكلەش، ئىنسان قۇللۈقنى پەقەت بىر ئاللاھقىلا قىلىش، بارچە ئىبادەت ۋە ياردەم-مەدەتلەرنى بىر ئاللاھتىنلا تىلەش، ئۇنىڭ غەيرىگە قۇللۇق قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىن مەدەت تىلەشكە  قەتتى قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، يىللاردىن بۇيان ئۈستىمىزدە يۈرگىزىۋاتقان كۇفرى-زۇلۇملىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇشقا، بۇنداق شەرەپلىك ۋە بۈيۈك ھەقىقەت يولىدا ھەممىمىز بىرلىكتە ئورتاق كۇچ چىقىرىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ !!!. 
ئىزاھاتلار :

(1) - تور بىكىتىمىزدىكى بارچە ئەسەر-تېمىلارنىڭ پايدىلىنىش ھۇقۇقى ئاممىۋى مۇسۇلمانلارغا تۇلۇق ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ، ئاپتۇر تەرپىدىن چەكلەنمەيدۇ .
(2) - بېكىتىمىزگە يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ ئۇمۇمى قىسمى بېكەت ساھىبىنىڭ ئۆز قەلىمى ۋە ئۆز پىكرىگە مەنسۇپ بۇلۇپ، ئەسلى مەنبەسىنىڭ جاۋاپكارلىقنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 
(3) - بېكىتىمىزدىكى ئەسەر-تېمىلاردىن ئورتاق پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان قېرىنداشلار، تېما مېتنىسىنى ئۆزگەرتمىگەن ۋە ئەسلى مەنبەسى (ana-yurt.blogspot.com) ئادرىسىنى ئەسكەرىتكەن ھالدا يۆتكەپ پايدىلانسا بۇلىدۇ .
(4) - ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسەر-ماقالىلىرىنى كەڭئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان يازغۇچى-ئەدىپلىرىمىز ئەسەرلىرىنى ئېلخەت ئادرىسىمىزغا يوللىسا، يوللانغان ئەسەرلەرنى ئاپتۇرنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرى بۇيىچە بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا چۇڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بۈلدۈرىمىز.

ئەسكەرتىش— {ئورتاق پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىپ باشقا مەنبەرلەردىن ئېلىنغان} بەزى ئەسەر-تېمىلار ئۆز مەنبەسى بىلەن يوللاندى. بۇنىڭغا نارازى بۇلىدىغان مۇنبەر ساھىپلىرى ۋە ئاپتۇرلار ئېلخەت ئادرىسىمىز ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە قىلسا، مەزكۇر ئەسەرنى بېكىتىمىز سەھىپىسىدىن قالدۇرىمىز .
                                               
ھۆرمەت بىلەن  -  ( ئانا يۇرت ئىسلام دىيارى بلوگ ساھىبى)  
ئېلخەت ئادرېسىمىز  -  (ana.yurt@hotmail.com)

قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مەركىزى ئاستانىسى، ئەزىزانە قەشقەر شەھرى-ھېيىتكاھ مەنزىرىسى 
 ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادەتلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

ئاللاھتىن باشقىغا قۇل بۇلۇشنى قەتتى خالىمايدىغان، زالىملارنىڭ زۇلۇملىرىغا قەتتى باش ئەگمەيدىغان، ئىمانلىق، ۋىجدانلىق،
جەڭگىۋار ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ جاراڭلىق ساداسى پۈتۈن ئالەمنى تىترەتتى !!!
مىللىتىمىز ئۇيغۇر ، دىنىمىز ئىسلام ، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان !!!
تاجاۋۇزچىلار بۇ زىمىندىن چىقىپكەتسۇن  !!!  
"2009-7-5" ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ پىداكارلىرى



مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى