سۇئال:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن بولساڭلار.
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
شەكسىزكى بەزى ۋاقىتلارنىڭ باشقا ۋاقىتلاردىن، بەزى جايلارنىڭ باشقا جايلاردىن، شۇنداقلا بەزى شەخسلەرنىڭ باشقا شەخسلەردىن ئەۋزەل بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى بىز بەزى ئاي-كۈنلەرنىڭ پەزىلىتى سەۋەبىدىن يىل بويى تىرىشىپ ئىبادەت قىلىپمۇ ئېرىشەلمەيدىغان كاتتا ساۋاپلارغا ئېرىشىمىز. مەسىلەن: رامىزان ئېيى، قەدىر كېچىسى، جۈمە كۈنى، رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى، تەشرىق كۈنلىرى،([1]) زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ۋە سەھەر ۋاقتى دېگەندەك.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان.
ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دېگەن:
[وَالْفَجْرِ. وَلَيَالٍ عَشْرٍ]
(سۈبھى بىلەن، ئون كېچە بىلەن قەسەمكى،)([2])
ھەزرىتى ئىبنى ئابباس، ئىبنى زۇبەير، مۇجاھىد ۋە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر بۇ كېچىلەرنى زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كېچىسى دەپ تەپسىر قىلغان. ئىمام ئىبنى كەسىير: "مۇشۇنداق تەپسىر قىلىش توغرىدۇر" دېگەن.([3])
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئون كۈننىڭ كېچىسى بىلەن قەسەم قىلىشى بۇ كۈنلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلىتىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سەئىد ئىبنى جۇبەير، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «باشقا كۈنلەردە قىلىنغان ھەرقانداق ئىبادەت مۇشۇ (زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى) ئونىدا قىلىنغان ئىبادەتتىن ئەۋزەل ئەمەستۇر» دىگەندە، ساھابىلەر: "جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟" دەپ سورېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، پەقەت خەۋپ-خەتەرگە قارىماي، جېنى ۋە مېلى بىلەن جىھادقا ئاتلىنىپ چىقىپ، ھېچ نېمىسى ساق قايتىپ كەلمىگەن ئادەمنىڭ ئەمىلىلا بۇنىڭدىن ئەۋزەل بولىدۇ» دېدى.([4])
بۇ فەزىلەتلىك كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەر ئارقىلىق مۇجاھىدلارنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مۇجاھىدلارغا بېرىلىدىغان ساۋاب قانچىلىكتۇ...ھە؟ بۇنى بىلەلسەك بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى بىلگىلى بولىدۇ.
زەكۋان رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: "ماڭا جىھادقا باراۋەر بىر ئەمەلنى كۆرسىتىپ قويسىلا" دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداق ئەمەلنى تاپالمايمەن» دەپ، ئاندىن يەنە: «مۇجاھىد جىھادقا ئاتلانسا (قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) سەن مەسجىدىڭگە كىرىپ بوشاشماي نامازدا تۇرۇپ، ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتالامسەن؟» دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم: "بۇنى كىممۇ قىلالسۇن؟" دېدى.([5])
دېمەك، بۇ كۈنلەردە قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى مۆلچەرلەش قىيىن.
«ئۇنداقتا مۇجاھىدلارغا بىرىلىدىغان ئەجىر قانچىلىك بۈيۈك ۋە چەكسىزدۇ ...ھە ؟»
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدىغانلىقى جەھەتتىن ئېيتقاندا زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنىدەك كۈن يوق، شۇڭا ئۇ كۈنلەردە تەسبىھ، ھەمدۇ-سانا، ۋە تەكبىرنى كۆپ ئېيتىڭلار».([6])
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە مۇبارەك ئەرافات كۈنى بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىنى تاماملاپ مۇكەممەللەشتۈرگەن بۇلۇپ، بۇ كۈندە تۇتقان روزا ئىككى يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ.
بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھدىن، ئەرافات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىل بىلەن كېلەر بىر يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن».([7])
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىش كۈنى (زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى) بولۇپ، بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتىغان قۇربانلىقلىرىنى تەقدىم قىلىشىدۇ، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تەكبىر ئېيتىشىدۇ، دېمەك، بۇ كۈندە يىل بويى ھېچبىر كۈندە قىلىنىپ باقمىغان تائەت -ئىبادەتلەر قىلىنىدۇ.
يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە ھاجىلار تاۋاپ، سەئيى، تەلبىيە ئېيتىش، ئېھرام باغلاش، مىنادا تۇرۇش، مىنادىن ئەرافاتقا، ئەرافاتتىن مۇزدەلىفەگە ۋە مۇزدەلىفەدىن مىناغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدۇ.
بۇ ئۇلۇغ كۈنلەر ھەسسىلەپ ساۋاب ۋە ئەجىرگە ئېرىشىش پۇرسىتىدۇر، چۈنكى بۇ كۈنلەردىكى بىر، رەكەتكە نۇرغۇن رەكەت ساۋابى، بىر سەدىقىگە نۇرغۇن سەدىقە ساۋابى، بىر تەسبىھقا نۇرغۇن تەسبىھ ساۋابى، بىر ياخشىلىققا نۇرغۇن ياخشىلىق ساۋابى بېرىلىدۇ. بۇ كۈنلەرنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىنى ئوبدان بىلگەن سالىھلىرىمىز بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ قولدىن بەرمەيتتى، بۇرۇنقى كاتتىلىرىمىزدىن ھەزرىتى سەئىد ئىبنى جۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى ھەققىدىكى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ زۇل ھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە ھەتتا ئۆزى چىدىيالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق ئىبادەت قىلاتتى، ئۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: "بۇ ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە چىرىغىڭلارنى ئۆچۈرمەڭلار" دەيتتى.([8])
بۈگۈنكى كۈنلەردە بىزلەر ئىبادەت قىلىشتا ھورۇنلۇق قىلىمىز، بەزىدە ئارزۇ قىلىمىزيۇ لېكىن ئىرادىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇڭا بۇ كۈنلەر بىزدەك غەپلەتتە قالغانلار ئۈچۈن ئالتۇندىن قىممەت پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنلەردە قاتتىق تىرىشساق ئېرىشىدىغان ساۋابنى سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا بۇ كۈنلەردە قىلغان تىرىشچانلىق يىل بويى تائەت-ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى باشقا پۈتۈن يىل ئىچىدىكى بارلىق كۈنلەردىن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن «مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدىر كېچىسى ئارىسىدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن» رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدىن ئەۋزەلرەك بولىدۇ.
بۇ ئون كۈندە قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا مۇسۇلمان كىشى بۇ كۈنلەردە باشقا كۈنلەردىكىدىن بەكراق ھىممەت قىلىپ نەپلە ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، ھەمدۇ-سانا، زىكىر-ئىستىغپار، موھتاجلارغا ياردەم بېرىش، مىسكىنلەرگە تاماق يېگۈزۈش، سىلە-رەھىم قىلىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە شۇنىڭدەك بارلىق ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك!.
بۇ كۈنلەردە قىلىنىدىغان ئەمەللەر:
1. روزا تۇتۇش: ھەدىستە كېلىشىچە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى توققۇز كۈنىدە، ئاشۇرا (مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى) ۋە ھەر ئاينىڭ ئۈچ كۈنىدە روزا تۇتاتتى».([9])
زۇلھەججە ئېيىدا، ئالدىنقى 9 كۈنىدە رۇزا تۇتۇلىدۇ، ئونىنچى كۈنى قۇربان ھېيت بولغاچقا قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇلمايدۇ.
2. تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر)، تەھلىيل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ)، ھەمدۇسانا (ئەلھەمدۇلىلاھ)، ۋە تەسبىيھ (سۈبھەنەللاھ) ئېيتىش. بۇلار ئون كۈننىڭ ھەممىسىدە ئۆيلەردە، كوچىلاردا ۋە بارلىق زىكىر قىلىش جائىز بولغان جايلاردا ئۈنلۈك ھالدا ئېيتىلىدۇ. بۇ ھەقتە بىز يۇقىرىدا ھەدىس بايان قىلدۇق. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغىتىشتۇر. بۇلارنى ئەرلەر ئۈنلۈك ئېيتىدۇ، ئاياللار ئىچىدە ئېيتىدۇ.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زۇلھەججىنىڭ ئەۋۋىلىدىكى ئون كۈندە بازارغا چىقىپ تەكبىر ئېيتاتتى. كىشىلەرمۇ ئۇلار بىلەن قېتىلىپ تەكبىر ئېيتاتتى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد نەپلە نامازلارنىڭ كەينىدىمۇ تەكبىر ئېيتقان.([10])
بۇ پائالىيەت ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە تاشلىنىپ قالغان سۈننەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى ئىمكان قەدەر ياشارتىشقا ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈشكە تېرىشىش كېرەك!.
جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: [وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَعْلُومَاتٍ]
(مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيىتسۇن.)([11])
ئايەتتىكى (مەلۇم كۈنلەر) كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر.
3. ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش. شەكسىزكى بۇ كۈنلەردە ئادا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى ھەج قىلىشتۇر، ئاللاھ تائالا ھەج قىلىشقا نېسىپ قىلغان كىشى ھەممە شەرتلىرى بىلەن ھەج ئادا قىلسا ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك: « گۇناھ ئارىلاشمىغان ھەجگە جەننەتتىن باشقا مۇكاپات يوقتۇر».([12])
4. بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. ھەجگە مۇيەسسەر بولالمىغانلارمۇ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش، سەدىقە-ئېھسان قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، دۇئا قىلىش، زىكىر قىلىش ۋە بارلىق تائەت -ئىبادەتلەر بىلەن بۇ ئون كۈننى ياخشى ئۆتكۈزىشى كېرەك.
5. قۇربانلىق قىلىش. بۇ كۈنلەردە قۇربانلىقلىرىنى بوداپ سەمرىتىپ ياكى پۇل خەجلەپ قۇربانلىق ئېلىپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ياخشى ئەمەللەردىندۇر.
6. قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى ھەج پائالىيىتىدە بولۇپ ئېھرام باغلىغانلارغا ئوخشىۋېلىش جەھەتتىن بۇ ئون كۈن ئىچىدە چاچ-ساقال ۋە تىرناقلىرىنى ئېلىشنى كۆپچىلىك ئالىملار: ئالسا بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، دەپ قارىغان بولسا، يەنە بەزى ئالىملار: ئېلىش ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان.
7. راستچىللىق بىلەن تەۋبە قىلىش. بۇ كۈنلەردە تەۋبە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، راستچىل تەۋبە دېگىنىمىز: گۇناھ ئىشلارنى دەرھال تاشلاپ، ئۇنى قەلبىدىن يامان كۆرۈپ، ئىككىنچى شۇنداق ئىشلارنى قىلماسلىققا بەل باغلاش، باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان دۇرۇس يولدا مېڭىشتۇر. تەۋبە قىلىش باشقا كۈنلەردە زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ كۈنلەردە تېخىمۇ زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك، چۈنكى بۇ كۈنلەر باشقا چاغلاردا قىلىنمايدىغان نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەمەللەر قىلىنىدىغان چاغ بولغاچقا بۇ كۈندە تەۋبە، ياخشى ئەمەللەر، ۋە پەزىلەتلىك كۈنلەر بىرلەشسە بۇ نىجاتلىقنىڭ ئالامىتى بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ؛ [فَأَمَّا مَنْ تَابَ وَآَمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَعَسَى أَنْ يَكُونَ مِنَ الْمُفْلِحِينَ]
(تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر.)([13])
شۇڭا ھەر بىر ئاقىل مۇسۇلمان بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەردە كۆپلەپ ئەجىر-ساۋاب قازىنىشقا ھېرىسمەن بولۇش كېرەك.
ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-10-24
([1]) تەشرىق كۈنلىرى-قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى كۈنلىرىدۈر.
([2]) "فەجر" سۈرىسى 1-2-ئايەتلەر.
([3]) تەپسىرى ئىبنى كەسىير 4/506.
([4]) سەھىھۇل بۇخارىي 969-ھەدىس.
([5]) سەھىھۇل بۇخارىي 969-ھەدىس.
([6])مۇسنەدى ئەھمەد 5446-ھەدىس. ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ رىۋايەتنى "ھەسەن" دەپ باھالىغان. ئەلئامالىي ئەلمۇتلەقە 1/14. ئەلمۇئجەمۇل كەبىير-تابەرانى 11116-ھەدىس. بۇ رىۋايەتنى ھەيسەمى: "راۋىيلىرى سەھىھنىڭ راۋىيلىرىدۇر" دېگەن. مەجمەئۇززاۋائىد 4/17.
([7]) سەھىھۇ مۇسلىم 1162-ھەدىس.
([8]) سۈنەنى دارىمى 1774-نومۇر. سىيەر ئەئلام نۇبەلائ 4/326. سەنەدى ياخشى.
([9]) مۇسنەدى ئەھمەد 22388-ھەدىس. سۈنەنى ئەبى داۋۇد 2437-ھەدىس. ئالبانىي "سەھىھ" دەپ باھالىغان.
([10]) سەھىھۇل بۇخارىي: "تەشرىيق كۈنلىرى قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا" دېگەن باب.
([11]) "ھەج" سۈرىسى 28-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([12]) سەھىھەين: بۇخارىي 1773-ھەدىس. مۇسلىم 1349-ھەدىس.
([13]) "قەسەس" سۈرىسى 67-ئايەت.