ئاتا-ئانا قىبلەگاھ !!!
ئالەمنى ياراتقان ئاللاھ بۈيۈكتۇر ،
ئېيتىلغان "خىزمەت قىل" ئاتا- ئاناڭغا ،
جەننەتنىڭ ئاچقۇچى ئاتا-ئاناڭدۇر !!!.
* * *
ئانىدۇر مېھرىبان - ئاتا مۇقەددەس ،
ئاتىدۇر مەزمۇتتاغ روھى يىقىلماس .
ئانىدۇر قىبلەگاھ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس،
تاپىنى ئاستىدا جەنناتۇل-فىردەۋىس !!!.
* * *
كىرىشنى خالىساڭ فىردەۋىس جەننەتكە ،
ئاتىغا -ئانىغا ھەرگىز "ئۇف " دىمە .
خىزمەت قىل، دۇئا ئال، ئايىغىدا يات -
يىتىسەن جەننەتكە، ئارتۇق غەم يىمە .
* * *
جەننەتتۇر ئاناڭنىڭ ئايىغى ئاستىدا !!!
دىگەندۇر, پەيغەمبەر جىمى ئۈممەتكە !!!
ئاساسىم ئەنە شۇ "پەيغەمبەر" سۆزى !!!
ۋەتەن ھەم "ئانادۇر" ئىسلام ئۈممەتكە !!!
______ ئا.مۆلجەرلى ______
2010-5-8
———————————————————————————
———————————————————————————
ئۇستاز مېھرى تېپىلماس
مۇئەللىمدەك مېھرى ئىللىق ئىنساننى ،
تاپالمىدىم جاھان كېزىپ شۇنچە يىل .
ئالالمىدىم ئۇ بەرگەندەك مېھرىنى ،
ئۆزگىلەردىن، قان بېرىپمۇ قانچە يىل.
ئويلاپ كۆرسەڭ ئۇنىڭ مېھرى سېتىلماس،
جاھان ئارىلاپ ئىزدىسەڭمۇ تېپىلماس.
كەتمەن، پالتا، ئورغاق، چالغۇدا ئورۇپ،
تاغ دۆۋلىسەڭ، بىر ئېلىپقا تەڭ ئەمەس .
يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىپ بىر ئۆمۈر،
تاپقان سۈيۈڭ ئىچىلمىسە سۇ ئەمەس.
مۇئەللىمنىڭ مېھرى ئۈچۈن خەجلىمەي،
توپلىساڭمۇ ئالتۇن-كۆمۈش پۇل ئەمەس،
ئۇنۇتمىغىن ئۇستازىڭنى بىر ئۆمۈر،
ئۇ بەرگەنگە بەرسەڭ ”تۈمەن“ تەڭ ئەمەس.
گەر ياشىساڭ سەن ئۇستازنى ئەسلىمەي ،
بىلىۋالغىن ”بەستىڭ“ سېنىڭ پاك ئەمەس !!!
شۇڭا دەيمەن ئۇستاز ئەجرى بىباھا،
تېپىلمايدۇ، ئېلىنمايدۇ غەيرىدىن .
”ئۆز“ ئۇستازىڭ، ئۆزلىكىڭنىڭ باغۋىنى،
ئۇز بېغىڭدا مىۋە بولماس، ئۆزگىدىن !!!.
ئامان بولۇڭ ئەي قەدىردان ئۇستازلار ،
سىزگە بەخىت، خاتىرجەملىك تىلەيمىز.
كېچىمىزگە چىراق ياققان شۇ نۇردا -،
ئالغا قاراپ ئىلگەرلەيمىز، تۇرمايمىز !!!
مۆلجەرلى
2012-08-07