مۇستەقىللىق داۋايىمىز ۋە ئۇيغۇرلار (4)
(ئا. مۆلجەرلى)
ئانا-يۇرتىمىز "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ۋە ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىشى .
ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇمۇمى يەركۆلىمى 2،300،000 كۇۋادىرات كىلومېتىر بۇلۇپ ، بۇ (رەقەملىك) جۇگراپىيە يەر كۆلىمى چارروسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىملىق چېگرا كېلىشىمى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ياقۇپبەگ (بەدەۋلەت) تەرپىدىن مۇقىم بېكىتىلگەن ئىدى . كومىنىست خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان كۈنىدىن باشلاپ
بۈگۈنكى دەۋرىگە كەلگىچە بۇ جۇغراپىيەلىك چىگرا رايۇنلىرىمىز زور كۆلەمدە تالان-تاراج قىلىنغاندىن تاشقىرى، رۇس تاجاۋۇزچىلىرىغا سېتىپ خەجلەش نەتىجىسىدە 1،949،000 كۇۋادىرات كىلومېتىر ھالىتىگە چۈشۈپ، 351،000 كۇۋادىرات كېلومېتىر كۆلەمىدىكى زىمىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى خەرىتىسىدىن ئۈچۈرلۈپ، ئەتىراپىمىزدىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خەرىتىسىگە قۇشۇلدى .
بۈگۈنكى دەۋرىگە كەلگىچە بۇ جۇغراپىيەلىك چىگرا رايۇنلىرىمىز زور كۆلەمدە تالان-تاراج قىلىنغاندىن تاشقىرى، رۇس تاجاۋۇزچىلىرىغا سېتىپ خەجلەش نەتىجىسىدە 1،949،000 كۇۋادىرات كىلومېتىر ھالىتىگە چۈشۈپ، 351،000 كۇۋادىرات كېلومېتىر كۆلەمىدىكى زىمىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى خەرىتىسىدىن ئۈچۈرلۈپ، ئەتىراپىمىزدىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خەرىتىسىگە قۇشۇلدى .
ھازىرقى دەۋرىدىمىزدە، بارچە ئىنسانلار ئالىمىدىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى يوشۇرۇن سىرلار ئاشكارىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتتاي ھۈكۈمىتى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ شەرقىي-شىمالى رايۇنلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى قەدىمى زېمىن قاتارىدا خەرىتىگە كىرگۈزۈپ ، 1،949،000 كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق بۇ سانلىق رەقەمنىمۇ ئۆزگەرتىپ 150،000 كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنىمىزنى يۇشۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇرۇندىنلا ھىلىگەرلىك، يالغانچىلىق، ۋە ساختا سىياسەتچىلىك بىلەن ئادەتلىنىپ كەلگەن خىتتاي ھاكىمىيىتى، ئەنە شۇ 1،949،000 كۇۋادىرات كىلومېتىرلىق زىمىننى تۈرلى يوللار بىلەن سۈمۈرۈپ يۇقىتىشنى ئويلاپ، قوللانمىغان چارە-نەيرەڭلىرى قالماي، ئاخىرى_ بۇ مۇنتىزىم زىمىننى بىرقانچە (ئاپتونۇم-ئوبلاست) لارغا بۆلۈپ باشقۇرۇش (پارچىلاپ تۈگۈتۈش) سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلدى.
خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنداق سۈيىقەستلىرىنى ئەزەلدىن چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى بىلەن تارىخى دىنداش، قانداش، ۋە ۋەتەنداش بولغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك،تۈركمەن، تاجىك، تاتار، نوغاي ۋە باشقا دىنداش-قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا ئىناق ياشاش جەريانىدا، بىر مەسجىدتە جامائەت بولدى، بىر سەپتە ناماز ئۇقۇدى، بىر سورۇندا ئولتۇرالىدى، ھەتتا مۇقەددەس ھەج سەپىرىگە بىرگە بېرىپ ئۇلۇغ بەيتۇللاھنى بىرگە تاۋاپ قىلىشتى.
ھاياتلار بىر-بىرلىرى بىلەن قۇدا-باجا، تۇققان-قېرىنداش بۇلاپ ئۆز-ئارا دوسلۇشۇپ ياشىيالىدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق ياشىيالايدۇ .تەقدىر ئىلاھىگە بويۇن سۇنغانلار، (بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانلار) مازارلىققا قاتار ياتالىدى. ھاياتلار بىر بىرلىرىنىڭ دەپنە مۇراسىملىرىغا بىرگە بېرىشتى، مېيىتلىرىنى بىرلىكتە دەپنە قىلىشتى.
چۈنكى بۇلارنى شۇنداق مۇستەھكەم باغلىغان ئۈزۈلمەس مەنىۋى رىشتە بولسا ، مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامنىڭ (مۆمىنلەر بىر-بىرلىرى بىلەن قېرىنداشتۇر) دىگەن تەلىماتلىرىدىن ئىبارەت بولدى . شۇڭا بۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى تارىخى دۈشمىنى بولغان تاجاۋۇزچى خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىنى تۇلۇق چۈشەندى، ئۆزلىرىگە قىلىنغان زۇلۇم-زوراۋانلىقلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى ، بۇندىن كېيىنمۇ ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ.
ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستانغا _ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاياغ باسقان كۈندىن باشلاپ يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى شۇ دىنداش ۋەتەنداش قېرىنداشلىرىمىزمۇ تۈرلى زۇلۇملارغا بىردەك ئۇچىراپ كەلمەكتە. مەسىلەن ئەينى ۋاقىتتا رۇس كومىنىستلىرىنىڭ زۇلمىدىن قېچىپ كەلگەن ئۆزبەك قېرىنداشلىرىمىز خىتتاي ھاكىمىيىتى تەرپىدىن تۈرلى قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان بولسا ، قازاق - قىرغىز قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر دەرىجىدە ھەق-ھۇقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدى. مەمۇرى ئورۇنلاردا ئىشلەش ھۇقۇقىغا ئىگە بۇلالمىغاندىن تاشقىرى، ھەتتە ئەسلى ئانا تىلىدا مەكتەپ يۈزى كۆرمەي، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىكى تۇرمۇشىنى مال-چارۋا بېقىش بىلەن تاغ-دالالاردا ئۆتكۈزدى . تاجىك، تاتار، موڭغۇل، نوغاي ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللى ھەق-ھوقۇق ۋە كىملىك ئەركىنلىگىدىن مەھرۇم ھالدا ھېچقانداق ئەركىنلىككە ئىگە بۇلالماي ياشاپ كەلمەكتە.
1991-يىلىدىكى رۇس ئىمپىريەسىنىڭ يىمىرلىشى نەتىجىسىدە، دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى بىلەن، ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا جاكارلاش ئارقىسىدا، بۇ بىچارە چارۋۇچى قېرىنداشلىرىمىز ئازراق بولسىمۇ غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغاندى ۋە ھەرتەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قوياشقا باشلىدى . بۇ ئەھۋالدىن چۇچىغان خىتتاي ھاكىمىيىتى دەرھال بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللى-مائارىپ ئىشلىرىغا ئازراق كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى . خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھىلىگەرلىك سىياسىتى ئارقىسىدا ھىچقاچان ئۆي-ماكان سېلىنمىغان تاغ-دالالار ۋاقىتلىك بولسىمۇ چىرايلىق ئۆيلەر بىلەن ئاۋاتلاشتى، ياغالچاق-ساپان ھارۋۇلار بارمىغان ئەگرى-توقاي يوللارغا ماشىنىلار باردىغان بولدى .
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىل بۇلىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ شارائىتلارنىڭ بىردىنلا ياخشىلىنىپ قېلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي كەلگەن بەزى قانداشلىرىمىز، بۇ سەۋەپلەرنى بۇندىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ تارىخى دىنداش ۋە قېرىنداشلىرى بولغان ئۇيغۇرلاردىن كۆرۈپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە شۇ ئاق-كۆڭۈل قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تۈرۈكمەن ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمىز، بۇ ئىشلارنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى تامامەن تۇنۇپ يەتتى ۋە بۇ ئىشلار ئەسلىدە، دىنداش، قانداش، قېرىنداش مىللەتلەرنى بىر-بىرسىگە دۈشمەن كۆرسۇتۈپ ئۇلار ئوتتۇرسىدا زىددىيەت ئۇرىغى تېرىش قارقىلىق ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىگىنى رۇشەن بىلىۋېلىشتى . شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى رەقىبى ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى، خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت زالىم-تاجاۋۇزچىلار ئىكەنلىگىنى ئېنىق بىلىۋالدى.
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ دىنداش-قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا كۈنسايىن ئۆز-ئارا دوستلۇق رىشتىسى مۇستەھكەم باغلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنداق كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتتاي ھاكىمىيىتى، ئۆزلىرىنىڭ تۈرلى سۈيىقەستلىرىنى ۋەتىنىمىز ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى ۋەتەن سىرتىدىمۇ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قانداش-قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ كەسكىن رىقابەت پەيدا قىلىپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە يۈز بەرگەن (ئوش-جالالاباد ) پاجىئەسىنىڭ يۈزبىرىشىمۇ ئەنە شۇ (رۇس ۋە خىتتاي) كومىنستلىرىنىڭ بۇ قېرىنداش مىللەتلەر ئارىسىدا تارقاتقان زەھەرلىك مىكروپلىرىنىڭ تەسىرىدە كېلىپ چىققان پاجىئەدۇر . بىلىپ تۇرۇپتىمىزكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتتاي ھۈكۈمىتى ئۇنداق زەھەرلىك ۋىرۇسلارنى قازاقىستاندا بىرقانچە قېتىم تارقاتتى، بۇ زەھەرلىك ۋىرۇسنىڭ تەسىرىدە، قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانلىق تۇقۇنۇشلار يۇز بەردى.
بۇنداق تۇقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مەنبىيىنى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بۇلىشىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن ئۆتكۈر سىياسىيۇن " قازاقىستان پىرزەدىنتى ھۆرمەتلىك نۇرسۇلتان نازەربايىۋ " ئۆزىگە خاس ماھارەتلىك سىياسەت بىلەن بۇ تۇقۇنۇشنى بىر تەرەپ قىلىپ، " بۇ تۇقۇنۇش خۇددى بىر تۇققان قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئائىلىۋى ماجراغا ئوخشايدۇ، بىز بۇنداق مىللى ماجىراغا يول قايمايمىز ، ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار تارىخى ئاغايىنلار " دەپ خەلىققە جاكارلىدى . شۇ كۈنىدىن باشلاپ قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىللى تۇقۇنۇش ھەركەتلىرى توختىدى ۋە ئۆز-ئارا ئەسلى دوستلۇق ھالىتىدە ھاياتلىرىنى داۋام قىلىشقا باشلىدى.
ھۆرمەتلىك نۇرسۇلتان نازاربايىۋنىڭ بۇنداق ماھارەتلىك سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئەسلى مەقسەتكە ئېرىشەلمىگەن خىتتاي ھاكىمىيىتى دەرھال ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەست پىلانلىرىنى ئۆزگەرتىپ، شەرقى تۈركىستاندىن قازاقىستانغا كۈچەپ چىققان قازاقلار بىلەن ئىقتىسادى دوسلۇق (مەخپى ياردەم بېرىش ) تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ، يەرلىك قازاقلار بىلەن كۆچمەن قازاقلار (ئورالمانلار) ئارىسىدا كۈچلۈك زىددىيەت ئۇرۇغى تېرىشقا باشلىدى. بۇخىل زەھەرلىك ۋىرۇسلىرى ئىككى خىل مۇھىتتا ئۆسكەن بۇ بىرتۇققان قازاقلار ئارىسىدا خېلىلا سەلبى تەسىر قوزغاپ ، ئۇلار ئۆز-ئارا سەن خىتتاي كەلگۈندە، سەن ئورۇس كاپىر دەيدىغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر يۈزبەردى.
ئەنە شۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن كۆچمەن قازاقلار ئۆز-قېرىنداشلىرىدىن رەنجىپ، قازاقىستان دەۋلىتى تەرپىدىن بېرىلگەن ئۆي-ماكانلىرىنى سېتىپ خەجلەپ، قازاقىستاننىڭ پۇقىرالىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئەسلى يۇرتلىرى بولغان شەرقى تۈركىستانغا قايتىپ كېتىشتى . قايتىپ بارغاندىن كېيىن خىتتاي دائىرىلىرى بۇلارغا دەرھال تەتۈر قارىدى ۋە بارغان يەرلىرىڭدىن نىمىشقا قايتىپ كېلىشتىڭ ؟ قازاقلىرىڭ ياخشىمۇ ياكى بىزمۇ ؟ دەپ ئۇلارغا ئېغىر روھى زەربە بىرىشكە بالشلىدى.
ئەسلى مەقسەتنىڭ مۇنداق (سۈيىقەست) ئىكەنلىكىنى بىلگەن بىچارە كۆچمەن قازاق قېرىنداشلار، ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقلىرىنى تەن ئېلىشىپ بىر قىسمى يەنە قايتىپ قازاقىستان دائىرلىرىگە مۇراجات قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئەتىۋارىنى بىلەلمىگەن بۇ كۆچمەنلەرنى قازاقىستان ھۈكىمىتى قاتتىق ئەيىپلىدى ۋە بۇرۇن كەلگەندەك ئىللىق مۇئامىلە، ئىسسىق ئۆيلەر بىلەن تەمىنلىمەستىن يىراق جايلاردىكى ئوبلاست -يېزىلارغا يەرلەشتۈردى . بىراق نىمە ئامال_ خاتالىق ئۆزلىرىدە بولغاچقا بۇلارمۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ ياشاشقا مەجبۇر بولدى . قايتىپ چىقمىغانلار بولسا، خىتتايلارنىڭ دەكتاتۇرلۇق زۇلۇملىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان (پىلانلىق تۇغۇت، خىتتايچە مىللى ئامائارىپى ) قاتارلىق نۇرغۇن ئېغىر ئىسكەنجە ئاستىدا خورلۇنۇپ، ئۆز ئانا تىلىنى يۇقۇتۇش ئالدىدا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا.
"شەرقىي تۈركىستان بارلىق تۇركى قەۋىملەرنىڭ ئورتاق ۋەتىنى ، بۇنىڭغا شانلىق تارىقلىرىمىز، سەلتەنەتلىك خانلىقلىرىمىز، غەلبىلىك كۈرەشلىرىمىز، جەڭگىۋارلىق ئىنقىلاپلىرىمىز ۋە ئۇنۇتۇلماس مۇستەقىل دەۋلەتلىرىمىز، ھەتتا ئەبەدى ئايرىلماس دىنى ئېتىقادلىرىمىز گۇۋا" .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا ۋەتىنىم "شەرقىي تۈركىستان" دەيدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تۈرۈكمەن، تاتار، نوغاي ۋە شۇنىڭدەك بارلىق قېرىنداشلارنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ تىزراق ئويغۇنىشى، خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شۇ قانلىق زۇلمىدىن تىزراق قۇتۇلۇپ، بۈگۈنكى دەۋرىنىڭ پارلاق تۇرمۇش مۇھىتلىرىدىن تۇلۇق بەھرىمەن بۇلىشى، ئۇلارمۇ دۇنيا ئىنسانلىرى قاتارىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىدىن ئىبارەت ئەركىنلىك دەۋرى بىلەن ھايات كەچۈرىشى، ۋەتىنىمىزنىڭ تۈگىمەس بايلىقلىرىدىن باراۋەر بەھرىمەن بۇلىشى، مەڭگۈلۈك قۇللۇق مىسالىدىكى تۈگىمەس ھاشالاردىن قۇتۇلىشى، يىللاپ ھەقسىز ئىشلەپ ئۆلۈپ كەتكەن بىچارە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېچىشلىق ھاياتىدىن ئىبرەت ئېلىشى، بىركۈن بولسىمۇ ئۆز-ئۆزىگە ھوجا بۇلاپ ياشاش ئۈچۈن بارچە قېرىنداشلار بىرلىكتە دادىل كۈرەشكە ئاتلىنىشلىرى كېرەك !!!
بۇ بۈيۈك غايىگە يىتىش يۇلىدا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار ، ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى قان-قېرىندىشى بولغان قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن سەمىمى دوستلۇق ئورنۇتىشى ، شۇ ئارقىلىق خىتتاي تاجاۋۇزچىرىلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرىشى، كېلەچەكتە ۋەتىنىمىز شەرقي تۈركىستان خەلىقلىرى ئارىسىدىمۇ شۇنىڭدەك يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان "ئوش-جالالئاباد" پاجىئەسىگە قەتتى يول بەرمەسلىكلىرى كېرەك !!!
ئەسىرلەردىن بۇيان شۇنداق ئىناق-دوستلۇق ئىچىدە داۋاملىشىپ كەلگەن دىنى ۋە مىللى قېرىنداشلىقىمىز، يەنە شۇنداق مۇستەھكەم ھالەتتە داۋاملاشقاندىلا، ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" نىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى غالىبىيەت چۇقىسىغا قاراپ ئۆرلەيدۇ ۋە مەدىنىيەتلىك ئۇيغۇرلىقىمىز ئەبەدى داۋاملىشىدۇ !!!.
2010-08-04