قۇللۇق ئەمەس نەسىبە

قۇللۇق ئەمەس نەسىبە  
خىيال - پىكرىم تاڭدا بولغاچ كۆزۈمگە كەلمىدى ئۇيقا
تىكىلدىم تەلمۈرۈپ تاڭغا، بۇلۇپ گۇيا بەتلىگەن ئوقيا
غەزەپتىن ئۆرلىدى نەپرەت، قارا تۈندە ئۇخلىغاچ ھەممە
دىدىم ئەي ... ئادىمى ئىنسان، مىدىرلا ئۆلۈكتەك ياتما

ئۇخلىساڭ ئۆلۈكتەك ئۈنسىز، سېنى كىممۇ تىرىك دەيدۇ ؟
تۇرمىساڭ مېيىپتەك گۇيا، سېنى كۆرگەن توكور دەيدۇ
بېسىپ دەسسەيدۇ - خارلايدۇ، رەقىپلەرگە سېتىپ يەيدۇ
پاشا ھەم كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇيغۇر قېنى شېكەر دەيدۇ

ئاناڭ بولماقتا مەجبۇرى قانخورلارغا تەجىربە
قىزىڭ بولماقتا مەجبۇرى  ئىپلاسلارغا ئەسىرە
ئوغلۇڭ بولدى پىداكار، سەرسانلىقتا شۇھەدا 
ئۆلمەكچىمۇ سەنمۇھەم، گۇيا كوردەك - بەسىرە ؟

ئويغان  ئۇيغۇرۇم  ئويغان، قۇللۇق ئەمەس نەسىبە
قۇللۇققا قارشى تۇرۇپ ، ئۆلمەك بىلسەڭ نەتىجە
ھەق يولدا تۆكۈلگەن قان، ئاخىرەتچۈن  زەخىرە
زەخىرەسىز جەننەت يوق، دەيدۇ {قۇرئان - ھەدىستە}ھ

ئا. مۆلجەرلى

2011-06-08

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى