مۇستەقىللىق داۋايىمىز ۋە ئۇيغۇرلار (1)
(ئا. مۆلجەرلى)
ئانا-يۇرتىمىز "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ۋە ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىشى .
ئانا-يۇرتىمىز "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يۇلىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەر-تۈرلى سىياسى داۋالىرىمىز، يۈزلىگەن-مىڭلىغان چوڭ-كىچىك ئىجتىمائىي ھەركەتلىرىمىز، بۇ ھەقلىق داۋا يۇلىدا تۈلەنگەن تۈرلى بەدەللەر ۋە شۇنىڭدەك چوڭ-كىچىك بارلىق پائالىيەتلىرىمىز، ۋەتەن-مىللىتىنى چىن قەلبىدىن سۈيىدىغان ئىمانلىق-ۋىجدانلىق جاسارەت ئىگىلىرى بولغان
"ئۇيغۇر پىدائىلىرى" نىڭ تەڭداشسىز تۆھپىلىرى بولسا، يەنە ئۇلارنىڭ بارچە جاپا-مۇشاققەتلەر ۋە غەم قايغۇلىرىدا شۇلار بىلەن بىرگە بولغان ئاقكۆڭۈل، ساخاۋەتلىك، دىنداش-قانداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس پىداكارلىقلىرىدىن ئىبارەتتۇر !.
"ئۇيغۇر پىدائىلىرى" نىڭ تەڭداشسىز تۆھپىلىرى بولسا، يەنە ئۇلارنىڭ بارچە جاپا-مۇشاققەتلەر ۋە غەم قايغۇلىرىدا شۇلار بىلەن بىرگە بولغان ئاقكۆڭۈل، ساخاۋەتلىك، دىنداش-قانداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىس پىداكارلىقلىرىدىن ئىبارەتتۇر !.
مەيلى 1933-يىلى قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىتى" بولسۇن، مەيلى 1944-1949 يىلغىچە قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىتى" بولسۇن، شۇ تارىخنى بىزلەرگە قالدۇرغان شۇ ئوت-يۈرەك ۋەتەنپەرلەر ھەر-ۋاقىت ئۆزلىرىنىڭ ھايات-ماماتىنىڭ خەتىرىگە قارىماي، بۇ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەشتى ۋە بۇخىل كۈرەش يۇلىدا ھەرقانداق ماددى-مەنىۋى ياردەملىرىنى ئايىمىدى. يەنە شۇنىڭدەك مىللىتىمىزنىڭ سان-ساناقسىز قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلىشتى، ئىسسىق-قانلىرىنى شۇ ۋەتەن-تۇپرىقىغا ئاققۇزۇپ، مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماس تارىخى ئىزلارنى قالدۇردى.
20- ئەسىرنىڭ باش-ئوتتۇرلىرىدىكى دۇنيا جاھاڭىرلىرىنىڭ شاخمەت تاختىسىغا ئايلانغان بۇ مۇقەددەس ئانا-يۇرتىمىز "شەرقىي تۈركىستان" ۋە بۇ ۋەتەننىڭ ئاقكۆڭۈل، نادان خەلقى، ئۇلارنىڭ قىمار سورىنىدىكى ئۆز-ئارا دوغا تىكىشكەن "نەرقى-ناۋالىق" ئولجا بۇيۇملىرى بۇلۇپ قالغان ئىدى .
يىراق قىرلاردا شانلىق سەلتەنەت سۈرۈپ ئۆز-سۇلتانلىقىنى ئەسىرلەر بۇيىداۋام قىلىغان مەشھۇر ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىنىڭ مەغلۇپ بۇلۇش ھارپىسى، دەل يۇقارقى قىمارۋازلارنىڭ ياۋۇز ئىشتىھاسىنى ئاشۇردى ۋە كۈچى يەتكەنلىكى يەرلەرنى دەرھال ئىشغال قىلىشقا ئالدىراپ تۈرلى تاجاۋۇزچىلىق ھەركەتلىرىنى باشلىغان ئىدى .
مۇقەددەس ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان"مۇ، ئەنە شۇنداق جىددى ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرسىدا، خۇددى تاغ قوينىدا ئىگىسىز قالغان پادىلارغا ئوخشاپ، شۇ بىر گۇرۇپ ياۋۇز چىل-بۆرىلەر ئۈچۈن تەييار لوق-گۆشكە ئوخشاپ قالغان ئىدى .
مانا بۇ چاغلاردىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددى، ئەتراپىمىزدا يەلماۋۇزلار چىشلىرىنى غۇچچۇرلىتىپ، شەرقى تۈركىستان تۇپرىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى خام-يىيىشنى ئويلۇشۇپ، بىر-بىرسىگە خىرىس قىلىۋاتقان دەۋرى بولدى .
بۇ ۋەزىيەتنى چۇڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتكەن يىتەكچىلىرىمىز ناھايىتى ئاز-ساندا بۇلۇپ، ۋەتەن-خەلقىمىزنى نۆۋەتتىكى خىرىستىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ پىلان-يوللىرى ۋە بۇ ھەكەت توغرىسىدىكى پىكىرلەر تۈرلى، ئەمىلى ھەركەتلەر چېچىلاڭغۇ، مۇنتىزىم قوشۇن يىتەرسىز، ۋاقىت بەكمۇ قىس، ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى، نۆۋەتتىكى پۇرسەت قولدىن كەتسە ئۇيغۇر خەلقى ئەبەدى پۇشايمانغا قېلىش ئېھتىمالى كۆرۈنۈپ تۇراتتى .
بۇخىل ئاجىزلىقىمىزنى بەش-قولدەك بىلگەن تۆت قىمارۋاز ( ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ، روسىيە ، خىتتاي ) لار، ئاتالمىش "يالتا" كېلىشىمىدىكى ئۆز-ئارا كىلىشىش سورىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ نامەرت، ئەڭ مۇتىھەم، ئەڭ نېجىس، يەر-يۈزىنىڭ زەھەرلىك ۋىرۇسى بولغان "يە-جۇجە ۋە مە-جۇجە" دەپ تۇنىلىۋاتقان خىتتاي يەلماۋۇزلىرىغا سوغا قىلىشتى .
قەھرىمان ئۇيغۇر خەلقى ئۇ زەھەرلىك ۋىرۇسلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانچە-رەت كۈچلۈك "مۇداپىئە" كۈرەشلىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تارىقتىكى " مەشھۇر ئىسكەندەر " نىڭ توسقان قوغۇشۇملۇق سەپىلىنى تىشىپ ئۆتكەن بۇ مەرەز ۋىرۇسلار توختىماستىن ئىلگىرلەپ، پاك دىيارىمىزنى بۇلغاپ-سېسىتىپ، مىليۇنلارچە پاك ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغاندىن تاشقىرى، يەتتە-باشلىق يەلماۋۇز سۈپىتىدە بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىسسىق-قانلىرىنى شوراشقا باشلىدى .
بۇ زۇلۇمغا چىدىمىغان مىڭلىغان ئاتا-ئانالىرىمىز قۇچاقتىكى بالا-چاقالىرىنى ئالغاندىن باشقا، مال-مۈلۈك، ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ ئۆز-يۇرتلىرىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى .
بىراق بۇ بىچارەلەرنىڭ يىراققا بارغۇدەك ھالى يوق، يىيىشكە ئوزۇق، مىنىشكە ئۇلاغ دىگەندەك يول خىراجىتىنى ئېلىپ مېڭىشقا قادىر بۇلالمىغان بۇ بىچارە مۇھاجىرلار، يەنە ئۆز-يۇرتىغا يېقىن بولغان تارىخى-جۇغراپىيەسى بىر بولغان خوشنا ئەلگە بېرىپ، شۇ تۆت-قىمارۋازنىڭ ئىككىنجىسى "رۇسلار" دىن پانالىق تىلەشكە مەجبۇر بۇلۇشتى .
بۇنداق "قاچ-قاچ" ئۇيۇنىنى ( غۇلجىدىن - ئالماتاغا _ ئەنجاندىن - قەشقەرگە ) ئۆز-ئايىغى بىلەن سۈرگۈندە قىلىش ئۇسۇلىنى ئالدىن پىلانلاپ قويغان "رۇس ۋە خىتتاي" ھۈكۈمرانلىرى، دەل شۇ ۋەزىيەتتە ھەر ئىككىلا تەرەپتە سىياسى ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا قىلىپ، بىر-قانچە كۈنلۈككە چىگرانى ئېچىۋىتىپ مەزكۇر "قاچ-قاچ" ئۇيۇنىنى ئويناپ، ئىككى تەرەپتىكى ۋەتەن-پەرۋەرلەرنى قىلتاققا ئېلىش "قاپقانغا دەسسىتىش" چارىسىنى قوللاندى ۋە يىتەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
بۇنداق سۇيىقەستلىك ئۇيۇندىن كېيىن ئۆزلىرىنى "سىرىتماق-قاپقاندا" كۆرگەن ھەر-ئىككى تەرەپنىڭ مۇھاجىرلىرى، باشقا چارىسى قالمىغاچقا ئامالسىز ئۈنىنى ئىچىگە سېلىپ، ئۈنسىز يىغلاشقا باشلىدى ۋە ئەنە شۇنداق ئېچىنارلىق ھاياتتا ياشاشقا مەجبۇر بولدى .
يەنە بىر تۈركۈم مۇھاجىرلىرىمىز ھىمالايا تاغلىرىنى ئاتلاپ، كەشمىر تاغلىرىنى بويلاپ كارۋان تارىتتى، يول-بۇيى ئاچ-توق ، ئىسسىق-سوغوقنىڭ جەۋرى-جاپالىرىنى يەتكىچە تارتىپ، شۇ سوغوق تاغ-داۋانلاردا ئايلاپ-يىللاپ قۇنۇپ، مىڭ تەسلىكتە يەنە شۇ تۆت قىمارۋازنىڭ بىرى بولغان "ئەڭىلىيە" نىڭ ۋە شۇلارنىڭ كونتوروللىقىدا ھاياتىنى يېڭى باشلىغان ھىندىستان ھۈكۈمىتى ئالدىغا باردى .
بىراق بۇلار يۇقارقى ئىككىسىدەك "رۇس - خىتتاي"لارغا ئوخشاش نامەرتلىك قىلىپ بۇ مۇھاجىرلارغا زۇلۇم قىلمىغان بولسىمۇ، يەنىلا شۇ قىمار سورىنىدا ۋەدە قىلىشقان نەسىۋىسىنى ئېلىپ بۇلۇپ، بۇ بىچارە مۇھاجىرلارغا كەشمىر زىمىنىدا ئاران بىر-قانچە ئايلا تۇرۇپ چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىشتى . شۇنداق "شەخسىيەتچى" ئىنسانلارنىڭ ئىنساپسىزلىقى تۈپەيلى، بۇ بىچارە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ھايات كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى .
ئەنە شۇنداق ۋەتەنسىزلىكتىن ئىبارەت، ئېغىر بەخىتسىزلىككە يۇلۇققان بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتى تاكى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ، دۇنيانىڭ 50 دىن كۆپ ئۆلكىلىرىلىگە تۈرلى يوللار بىلەن كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىپ ياشىماقتا .
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئۆلكىلەر تۈركىيە، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان، تۈرۈكمەنىستان، تاجىكىستان، تاتارىستان، موڭغولىيە، ئازەربەيجان، ئافغانىستان، پاكىستان، كەشمىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىمارات-دۇبەي، قاتار، يەمەن، ئىئوردانىيە، ئىران، سۈرىيە، مىسىر، ماراكەش، بېرمادا، پالاۋ، مالايزىيا، ياپۇنيە، روسىيە فېدىراتسىيەسى، رومىنىيە، بولغارىيە، ئالبانىيە، چېچىنىستان، داغىستان، ۋېنگىرىيە، ئوكرائىنا، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسارىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، گوللاندىيە، ئەنگېلىيە، كانادا، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، قاتارلىق بىرقانچە غەرىپ دۆلەتلىرىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، چەت دۆلەتلەردە كۆچمەنلىك ھاياتىنى ئۆتكۈزىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمى سانى تەخمىنەن 5000000 دىن ئارتۇق "شەرقىي تۈركىستانلىق" مۇھاجىرلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ .
بۇلارنىڭ بىربۆلىكى قەدىمى مۇھاجىرلارنى تېشكىل قىلسا، قالغانلىرى ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ تاجاۋۇزچىلارنىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان مۇھاجىرلار ۋە شۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇلۇپ، ئۇلار خىتتاي ھۈكىمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زورلۇق-زوراۋانلىق، قانلىق-قىرغىنچىلىقلىرى تۈپەيلى، ئانا-يۇرتلىرىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مۇساپىر-كۆچمەن ئۇيغۇرلاردۇر.
ئۇلارنىڭ _ ھېچبىرى ئانا-يۇرتى "شەرقىي تۈركىستان"نى ئۇنۇتقىنى يوق !!!
ئۇلارنىڭ _ ھەر-بىر تىنغان تىنىق ئاۋازى "شەرقىي تۈركىستان" دەپ چىقىدۇ !!!
ئۇلارنىڭ _ ھەر-بىر سوققان يۈرەك ساداسى "شەرقىي تۈركىستان" دەپ سۇقىدۇ !!!
ئۇلارنىڭ _ ھەر-بىر سەبىلىرىنىڭ تۇنجى سۆزى "شەرقى تۈركىستان" دەپ باشلىنىدۇ !!!
ئۇلارنىڭ _ بارلىق پىكىر-ھىسسىياتى "ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقى" ئەزىز مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن !!!
مانا مۇشۇنداق بۈيۈك غايە-ئۈمۈت ئاستىدا ياشاۋاتقان سەبرىچان، چىداملىق ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسا ئۆز پىكىر-غايىسىدە مۇستەھكەم تۇرغانلىقى ئۈچۈن، مۇستەقىللىق داۋايىمىز ۋە مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلىقىمىز پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇلۇپ كەلمەكتە ۋە مۇستەقىللىق يۇلىدىكى تۈرلى پائالىيەتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلمەكتە .
بىز ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بۇلۇش سالاھىتىمىز بىلەن، 1300000000 لۇق بىر غەيرى تەبىئەتلىك، غەيرى ئېتىقادلىق، غەيرى پىسخلوگىيەلىك، ئىنسان تەبىقىسىگە ئۇمۇمەن ئوخشىمايدىغان، غيرى مەخلۇقلار ئارىسىدا، ئاجايىپ بىر مۆجىزە خارەكتىرلىك مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز .
ئەگەر بىز ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىر مىللەت، بىزنىڭ ئورنىمىزدا ئەنە شۇنداق چىركىن بىر مەخلۇقلار ئارىسىدا ياشىغان بولسا ئىدى، ئاللىبۇرۇن ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ تۈگىگەن بۇلاتتى.
بۇنداق مۆجىزە ھالاتتە بۈگۈنگە قەدەر سالامەت تۇرىۋاتقانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى ، دەل بۇندىن 1400 يىل بۇرۇن دىيارىمىزغا يىتىپ كەلگەن ئۇلۇغ ئىلاھى مۇقەددەس دىن "ئىسلام دىنى" نىڭ ھەقىقەت شۇئارى ئۆز ۋەدىسىنى كۆرسەتكەنلىكىدۇر .
ئۇيغۇرلار "ئىسلام دىننى" قۇبۇل قىلدى ۋە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇلار ئۆز ئىمان-ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇشتى .
ئاللاھ ئىسلام دىننى ساقلىدى ۋە ساقلايتدۇ، ئىسلام دىن ئۇيغۇرلارنى ساقلىدى ۋە ساقلايدۇ، ئۇيغۇرلار ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ئۆز ئەقىدەسىنى ساقلاش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى-ۋەسلى بولغان ساپ-نەسلىنى قوغداپ قالدى ۋە شۇ ئارقىلىق يەنە قوغداپ قالالايدۇ .
مانا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ھاياتتا ياشاۋاتقان مىليۇنلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ھەرقانداق ئېغىر بەدەللەرنى تۈلەپ كەلدى، بۇندىن كېيىنمۇ ھەرقانداق بەدەل تۈلەشكە تەييار . مىللىتىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ساپ-ئىمانى، پاك-ۋىجدانى يۇلتۇزلىرى ھەر ۋاقىت پارلاپ چاقنىسا-چاقنايدۇكى ھەرگىزمۇ سۇسلىمايدۇ !!!
تاجاۋۇزچى خىتتاي ھاكىمىيىتى تەرپىدىن يۈرگۈزۈلگەن 5-ئىيۇل كۈنىدىكى "تارىخى، ئىرقى، قىرغىنچىق" ئۇنۇتۇلماس بىر پاجىئە بولدى، بۇ پاجىئەنى يەر-يۈزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەتمىش ئۇرۇغ-ئەۋلاتلىرىمۇ مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ !!!
ئەنە شۇنداق ئۇنۇتۇلماس مۇسىبەتنىڭ ئىچىدە تۇرغان باغرى-قان ۋەتەنداشلارنى ئۆز-ۋاقتىدا سەپەرۋەر قىلىش، ئۇلارنى بۇ قايغۇ-مۇسىبەت بىلەن ئازاپلىنىشقا تاشلاپ قويماسلىق، شۇ ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىۋاتقان يىتەكچىلەرنىڭ ۋىجدانى-قەرزى، شۇنداقلا ئىمانى-ۋىجدانى مەجبۇرىيەتلىرى !!!
ئۇنداق ئىكەن بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش يۇلىدا چۇڭقۇر ئىزدىنىشى، ۋەتەنداشلارنىڭ قەلبى بىراز بولسىمۇ تەسەللى تاپىدىغان بىرەر ئەمەلى نەتىجىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى شەرت !!!
ئېغىزدىلا داۋاملىشىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرىلمىگەن ھەرقانداق نەزەرىيەلەر ۋە شۇئارلار قۇرۇق سەپسەتە !!!
غايە ۋە شۇئارلار ئەمىلىلىشى ئۈچۈن، شۇئارنى توۋلىغۇچى چۇقۇم ئەمەلى سەپنىڭ ئالدىدا ماڭالىشى كېرەك !!!
بىزنىڭ مۇستەقىللىق داۋايىمىز ھەرگىزمۇ، قۇرۇق نەزەرىيە ۋە شۇئارلار بىلەن ھەل بۇلىدىغان ئاددى داۋا ئەمەس !!!
بىزنىڭ دۈشمىنىمىزمۇ، قۇرۇق شۇئارلار ۋە ياڭراق سادالاردىن ھۈركۈك ئۇچۇپ كېتىدىغان "تاپ خۇمار" سېغىزغان قۇشىمۇ ئەمەس !!!
بىزنىڭ رەقىبىمىز، بىزنىڭ مىڭلارچە كىشى بىر يەرگە كېلىپ قۇرۇق شۇئار توۋلىشىمىزدىن قورقمايدۇ !!!..
دۈشمىنىمىزنىڭ قورقۇدىغىنى، پەقەت ۋە پەقەت _ ئۆزلىرىنىڭ ھايات-ماماتىنى ئەل-ۋەتەننىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئىمانلىق-ئىخلاسمەن يۈز نەپەر ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىدىن قورقىدۇ !!!.
دۈشمىنىمىزنىڭ قورقۇدىغىنى، پەقەت ۋە پەقەت _ ئۆزلىرىنىڭ ھايات-ماماتىنى ئەل-ۋەتەننىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئىمانلىق-ئىخلاسمەن يۈز نەپەر ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىدىن قورقىدۇ !!!.
شۇنىڭ ئۈچۈن_ خىتتاي ھۈكۈمىتى مىليارد دوللار سەرىپ قىلىپ، بۇندىن ئون يىللار بۇرۇن كەسكىن ئوتتۇرغا چىققان ئەمەلىيەتچان ئىككى تەشكىلاتنى "ت ئى پ" ۋە "ش ئا ت" نى خەلىقارالىق ترور تەشكىلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى، تەشكىلات ئەزالىرىنى بولسا دۇنياغا تىرورچىلەر دەپ ئېلان قىلدى .
بەزى ساتقۇن دۆلەتلەرگە مىلياردلارچە پۇل بىرىپ، ئۇلارنى قۇرال كۇچى بىلەن يۇقۇتۇشقا ئۇرۇندى ۋە مەلۇم دەرىجىدە مەقسىدىگە يەتتى، بىراق بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ، بۇ دىلى پاك ۋەتەن پەرۋەر مۇجاھىدلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ كەلدى، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلار تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ مۇجادىلىسىنى ۋە شۇ يولدىكى تەييارلىق ھەركەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشقا مۇيەسسەر بولماقتا .
يەنە بىر تۈركۈم پىدائىلىرىمىز ساتقۇن دۆلەتلەرنىڭ بازار-تاۋالىرى قاتارىدا ئامېرىكىغا سېتىۋىتىلدى . بۈگۈنكى دەۋرىنىڭ ئادالەت پەرۋەر دۆلەتلىرى دەپ نام ئالغان ئامېرىكا، بۇ بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ قەتتى گۇناھسىز ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ، يەنىلا بۇرۇنقى قىمار سورىنىدا ئالالمىغان نەسىۋىسىنى ئەمدىلىكتە شۇ خىتتايلاردىن ئۈندۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ئەركىنلىكى ۋە مىللى مۇستەقىللىقى يۇلىدا ئىزدەنگەن بىچارە ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن مۇددەت تۇرمىدا ناھەق تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ، ھەر ۋاقىت خىتتاي ھۈكىمىتى بىلەن بولغان كېلىشىم سورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا سودىلىشىپ كەلمەكتە .
ئامېركىنىڭ بۇخىل ئىنسان ھەق-ھۇقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى، بىز بىچارە ۋەتەنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا !!!
ئامېركىنىڭ بۇخىل ئىنسان ھەق-ھۇقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشى، بىز بىچارە ۋەتەنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا !!!
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈك-ئەركىنلىكى ئۈچۈن سىياسى داۋا سەھنىسىگە چىققان رەھبەر يىتەكچىلىرى بولسا، بۇ ئىشقا يەنىلا سۈكۈت قىلىپ ئۈن چىقارماي يۈرمەكتە . 5 - ئىيۇل كۈنىدىكى قەھرىمان خەلقىمىزنىڭ ئىسسىق قان-بەدىلىگە، دۇنيانى زىل-زىلغا كەلتۈرگەن يۈرەك سادالىرىنى ئاساسى شۇئار قىلىپ دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان ۋەتەن داۋاگەرلىرى، ئەنە شۇنداق ۋەتەن-مىللىتىنىڭ ئوت-يۈرەك ئوغلانلىرىنى ئۇنتۇپ قالماقتا !!!
پىدائىلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ھەرقانداق قۇماندان مەغلۇپ بۇلىدۇ !!!
قۇماندانلىرى قورقاق بولغان قوشۇن ھەرگىز غەلبىگە ئېرىشەلمايدۇ !!!
بىز ئۇيغۇرلار ئۈزىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز يۇلىدا ، يەنە شۇنداق مىڭلىغان مىليۇنلىغان پىدائىلارغا ئېھتىياجىمىز بار !!!
قاچانكى بىز ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان _ بارىن قەھرىمانلىرىنىڭ ئائىلىسىنى، 5-فەۋرال قەھرىمانلىرىنىڭ ئائىلىسىنى، ئاۋغۇست-سەمەن قەھرىمانلىرىنىڭ ئائىلىسىنى، 5-ئىيۇل قەھرىمانلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ۋە شۇلاردەك ئۆز ھاياتىنى ۋەتەن-مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن تەقدىم قىلغانلارنى ۋە شۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ھۆرمەتلەپ، تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالىدىكەنمىز، ئەنە شۇ چاغدا بىزنىڭ مۇستەقىللىق شۇئارىمىز راس بولغان بۇلىدۇ .
ئەنە شۇ چاغدا مۇستەقىللىق داۋايىمىز ۋە مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلۇقىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ !!!
2010-5-25