زۇلۇمغا ئىسيانىم بار (قەسىدە)
يارالغانمىز بۇ ئالەمگە، ئۇيغۇر دىگەن ئاتاغىم بار ،
ئەجدادىمىز "بۇغرا" بولغاچ، ئول مىراستىن نەسىۋەم بار ،
تۆكۈلگەچ ھەم كىندىك قېنىم، شول ۋەتەنىمگە ئەقىدەم بار .
ئەقىدەسىز قانداق ياشاي، خۇدا بەرگەن يۈرەگىم بار ،
مۇھەببىتىم چەكسىز بولغان، ۋەتەن ئاتلىق نىگارىم بار .
ئول نىگارنى دەسسەپ-يەنجىپ، باغ-بوستاننى بۇزغانلار بار ،
خان-ساراينى قىلىپ ۋەيران "پىرئەۋىن" بۇلۇپ يۈرگەنلەر بار ،
قىلمىشىدىن كۆرەڭلىشىپ، ھايۋان مىسال يۈرگەنلەر بار ،
يۈرەكلەرگە خەنجەر ئۇرۇپ، تومۇردىن قان ئىچكەنلەر بار .
شۇ خورلۇقنى تەقدىر بىلىپ، ھەقتىن رەنجىپ يۈرگەنلەر بار ،
ھەق ئەمرىنى تۇتماي تۇرۇپ، زارلانغانغا ئىسيانىم بار
تەقدىر "يازغان" قىسمەتلەرگە رازىمەن ئىمانىم بار ،
تەقدىر يازمايدۇ "قۇللۇقنى" زۇلۇمغا ئىسيانىم بار .
ئا.مۆلجەرلى
2009-12-22