ئاتامدۇر ۋەتىنىم ئانامدۇر ۋەتەن
كۈنلۈرۈم غەمكىن پىكىر سۈرىمەن ،
ئويلىسام بىھىشتەك ئانا دىيارنى- ،
كۈنىدە قانچە رەت تىرىك ئۆلىمەن .
چىقىمەن تاغلارغا نەپەس ئالىمەن ،
قارايمەن قۇشلارغا ھەۋەس قىلىمەن .
ئاجىزمەن، قۇشلاردەك ئۇچۇپ بېرىشقا-،
ئاھ..دەيمەن، يىغلايمەن ۋەتىنىم دەيمەن.
تۈنلۈرۈم ئۇيقۇسىز ھەسرەتلىنىمەن ،
زۇلمەتنى لەنەتلەپ نەپرەت ئېيتىمەن.
تاقەتسىز قارايمەن چولپان يۇلتۇزغا،
تىزراق چىقسىكەن، چىقسىكەن دېيمەن .
سۇبھىغا ئىنتىزار تىت--تىت بۇلىمەن ،
ئاللاھ قا سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن .
ئويلىسام مەزلۇمە-مەھبۇس دوستلارنى،
باغرىم قان، گۇياكى بىمار بولىمەن !!!.
~~~~~~~~~~~~~~~~
دوستلارغا دەردىمنى تۆكۈپ قۇيىمەن،
دۈشمەنگە مۇشتۇمنى تۈگۈب قۇيىمەن.
تۈنلىرى مۇڭدۇشۇپ ئاچچىق دەرت بىلەن،
ئۇخلىماس ئاشىقتەك بىتاب بۇلىمەن !.
دوستلارغا دەردىمنى تۆكۈپ قۇيىمەن،
دۈشمەنگە مۇشتۇمنى تۈگۈب قۇيىمەن.
تۈنلىرى مۇڭدۇشۇپ ئاچچىق دەرت بىلەن،
ئۇخلىماس ئاشىقتەك بىتاب بۇلىمەن !.
ئاغرىقكەن دىيىشسە قاراپ قۇيىمەن ،
ساغلامكەن دىيىشسە كۈلۈپ قۇيىمەن .
ۋىجدانسىز مەلئۇنلار دىيىشسە ساراڭ،
ئۇلارغا مۇشۇنداق جاۋاپ بېرىمەن .
ئاتامدۇر ۋەتىنىم ئانامدۇر ۋەتەن !!!،
ئۇلارنى جېنىمدىن ئەلا بىلىمەن !!!.
ئۇلار ئۈچۈن بۇلاي مەن، ھېلىغۇ ساراڭ -،
بۇ ئېزىز جېنىمنى قۇربان قىلىمەن ... !!!.
« ئا.مۆلجەرلى »
2004-09-05
(قازاقىستان چىمكەنت)