قىسسە
ئەي قېرىنداش بۇ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن،
بۇ ۋاپاسىز دۇنيالارغا ئالدانماستىن،
شۇ ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭدىن ھىساپ ئالغىن.
ئىككى دۇنيا مىزانىنى قولغا ئالغىن ،
قىلىپ ئۆتكەن ئەمىلىڭنى ئۆلچەپ كۆرگىن.
ئاخىرەتلىك بېسىپ كەتسە، تارازاڭنىڭ،
شۇ تەرەپنى ئەڭ قىممەتلىك ئۆمۈر بىلگىن.
مۆمىن بولساڭ بەش پەرىزنى ئادا قىلغىن،
سەھەر تۇرغىن، شەيتانلاردىن جۇدا بولغىن.
ھەر-بىر قىلغان ئىبادىتىڭ خالىس بولسۇن،
ئىبادەتنىڭ جەۋھەرلىرى دۇئا بىلگىن.
قىسسە قىلاي، غاپىل ئۆتكەن بىر ئازغۇندىن،
يۈز ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغان بىر قاتىلدىن.
بىر كۈنلىرى ئۆز-ئۆمرىدىن قورىققان قاتىل،
تەۋبە يۇلىن بىلمەك بوپتۇ بىر دەرۋىشتىن.
دەرۋىش دەپتۇ خۇدا ئۆتمەس سەن قاتىلدىن،
يەر يۈتمەستە دەرھال "يۇقال" ھۇزۇرىمدىن.
بۇ سۆزلەرگە جىدىيالماي ئازغۇن قاتىل،
ئۆلتۈرۈپتۇ دەرۋىشنىمۇ تۇرغان يەردىن .
قاتىل بېرىپ سورىغانكەن بىر ئالىمدىن ،
ئالىم دەپتۇ، پۇشمانمۇ سەن قىلىشىڭدىن ؟
خۇدا ساتتار، خۇدا غاففار، ھەم مېھرىبان -
خۇدا ساتتار، خۇدا غاففار، ھەم مېھرىبان -
ئەگەر بولساڭ چىن پۇشايمان قىلمىشىڭدىن-
ئابىد بۇلۇپ تەۋبە قىلغىن، ئۆتمۈشىڭدىن .
قاتىل بېرىپ ئورۇن ئەپتۇ پىنھان جايدىن ،
كېچە كۈندۈز تەۋبە قىپتۇ قىلمىشىدىن.
ساخاۋەت قىپ يولدىن ئۆتكەن كارۋانلارغا ،
خىزمەت قىپتۇ، ئۆزۈر سوراپ مەزلۇملاردىن .
يىللار ئۆتۈپ ئەمىن بولماي تەشۋىشىدىن ،
بايان قىپتۇ قىلغان تەۋبە-خەيرىسىدىن .
ئالىم دەپتۇ، كۈچەت تىككىن يول ئۈستىگە ،
مىۋە بەرسە، ئىجابەت بىل دۇئايىڭدىن .
خۇرسەن بۇلۇپ ئالىم بەرگەن مەسلىھەتتىن ،
باغ ياساپتۇ، بىر چۆللۈككە ھەر كۈچەتتىن .
يىللار بۇيى پەرۋىش قىلىپ ئىشلىسىمۇ ،
بىخ چىقماپتۇ، ئۇ باغدىكى بىر كۈچەتتىن .
ئالىم دەپتۇ، دۇئا ئالغىن كارۋانلاردىن ،
سۈيۈڭ ئىچمەي قۇش ئۆتمىسۇن بۇ يوللاردىن .
ئابىد چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ يولنى تۇسۇپ ،
ئاش-نان بېرىپ دۇئا ئېلىپ ئۆتكەنلەردىن .
كېپتۇ بىركۈن، بىر يولوچى ئالدىراشتىن ،
يولنى بۇشات، دەپ توۋلاپتۇ چۈشمەي ئاتتىن .
ئابىد دەپتۇ، خەيرى قىلدىم بىر يەپ كېتىڭ .
ھەققىمىزگە دۇئا قىلىڭ مەغفىرەتتىن .
ئاتلىق دەپتۇ، ئالدىراشمەن زۆرۈرەتتىن ،
يولنى بۇشات، بىھاجەتمەن ساخاۋەتتىن .
ئابىد يىغلاپ بۇ يولچىغا يالۋۇرۇپتۇ ،
ئېشىم يىمەي كېتەرمۇ دەپ، خىجالەتتىن .
يولچى دەپتۇ، سەن قاراقچى ئۇيالماستىن ،
خەيرى قىپسەن ئەلنى ئالداپ ھارام ئاشتىن .
ھىچ يىمەسمەن سەن قاتىلنىڭ ئاش-نېنىنى-
دەپ ۋاقىراپ، راۋان بوپتۇ چۈشمەي ئاتتىن .
بۇ ئابىدنىڭ قېنى قايناپ ھاقارەتتىن ،
سۇغۇرۇپتۇ خەنجىرىنى كۆن-غىلاپتىن .
ئاتقان ئىكەن خەنجىرىنى ئۇ ئاتلىققا- ،
كۆز يۇمۇپتۇ يەرنى چىشلەپ، غۇلاپ ئاتتىن .
ئابىد يىغلاپ پۇشمان بۇلۇپ قىلمىشىدىن ،
يىللار بۇيى قىلغان خەيرى-تەۋبىسىدىن .
غەم-پۇشايمان گىريانىدا باققا كىرسە ،
ئېچىلىپتۇ گۈل-چىچەكلەر ھەر كۈچەتتىن .
غەمكىن ئابىد ھاڭ-تاڭ بۇلۇپ قورىققىنىدىن ،
بىلمەك بوپتۇ بۇ ئىشلارنى شول ئالىمدىن .
ئابىد دەپتۇ، مەن ئۆلتۈردۈم يۇزبىر كىشى،
سەۋەپ نېمە ؟ گۈل ئېچىلدى ھەر كۈچەتتىن ؟.
ئالىم دەپتۇ، مەلۇمات بەر شۇ ئاتلىقتىن ،
خەۋەر بەرگىن، ئات-ئىگەرى ھەميانىدىن .
دەپتۇ ئابىد، تېپىلغىنى ئۈشبۇ مەكتۇب،
چىقتى بۇ خەت، ئۇ ئاتلىقنىڭ ھەميانىدىن .
ئالىم ئېچىپ خەتنى ئۇقۇپ ئالدىرەشتىن ،
ساقاللىرى تىتىرەپتۇ دەر-غەزەپتىن .
ئالىم ئېيتىپ، ئۆلتۈرگىنىڭ بىر خائىنكەن ،
يېزىلغىنى، مەخپىيەتلىك بۇ ۋەتەننىڭ .
ئۆلتۈرۈپسەن ئول ئاتلىقنى دەر-غەزەپتىن ،
ئامان قەپتۇ شول سەۋەپلىك ئەل ئاپەتتىن .
"مەۋلامىزنى" خۇرسەن قىلغاچ مەزكۇر ئىشىڭ -
ئېچىلىپتۇ گۈل-چىچەكلەر ھەر كۆچەتتىن-.
بىشارەتتۇر، قىلغان تەۋبەڭ ئىجابەتتىن !!!.
ئا.مۆلجەرلى
2008-8-17
(ئالماتا)
(( يۇقارقى "قىسسە"گە ئالاقىدار ھىكايىنى، تۈركىيەنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئالىملىرىدىن ئاڭلىغان ئىدىم ))