رازى بول ئانا
ھەرتەرەپتىن چىقتى شۇنچە "ھۆرلۈك" ئۈچۈن پەريادىمىز،
شۇنچە كۈتسەكمۇ مۇلايىم، تېپىلمىدى بىر چارىمىز.
ئاخىرى چىقتى ئانام، توسۇپ دۈشمەن تانكىسىنى ،
تۇر.... دېدى مەغرۇر تۇرۇپ، ياڭرىتىپ ساداسىنى .
كۆرۈپ دۇنيا ھەيران قالدى، ئاڭلاپ ئانام نىداسىنى ،
ھەق... دېدى شۇندا دۇنيا، ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىنى .
نامەرد دۈشمەن تىڭشىماستىن ئاتتى ئۇيغۇر ئانىسىنى،
پەرىز بولدى بىزگە قىساس، كەسمەك ياۋنىڭ كاللىسىنى.
قالدى گەپ بىزدە بۈگۈن، ئالماق.... شېھىد قىساسىنى ،
شۇندا ئانام رازى بۇلۇر، بىرەر بىزگە دۇئاسىنى .
رازى بول ئانا
قان تېمىپ تۇرغان مۇبارەك جىسمىڭ ئالدىدا شۇنداق ۋەدە بېرىمىز !!!
سېنىڭ بەرگەن ئاق سۈتۈڭنى "ئىنشا ئاللاھ" چوقۇم ئاقلايمىز...!!!
سېنىڭ بەرگەن ئاق سۈتۈڭ ۋۇجۇدىمىزدا قان بۇلاپ قاينىماقتا...!!!
بىز ئۆلۇمدىن ئىبارەت بۇ ئىلاھى ھەقىقەتنى مۇكەممەل تونۇپ يەتتۇق...!
بىز بەرىبىر ئۆلىمىز
يۇمشاق كۆرپىلەر ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى سەن شېھد بولغان مەيدانلاردا !!!!!!!.
ئا.مۆلجەرلى
2009-7-18