ھۆر بۇلۇپ يۈرگەيمىز

بىزمۇ ھۆر بۇلۇپ يۈرگەيمىز
بىز ئىنسانلار ئەزەلدىن ئادەمنىڭ  ئەۋلادىمىز ،
ئەنبىيا  ھەم  ئەۋلىيا،  بىزلەرنىڭ  ئەجدادىمىز .
بىزنىڭ  ئىسلام  دىنىمىز شۇلارنىڭ تۇتقان يۇلى ،
مۇقەددەس "قۇرئان"مۇ  ھەم،  شۇلاردىن  مىراسىمىز .

ئىسلام  دەيمىز  دىنىمىز شەرىتلىرىنى  بىلمەيمىز ،
قۇران  دەيمىز كىتابىم،  ياكى  ئۇقۇپ  كۆرمەيمىز .
ئىنساپ ئىمان بىزلەردىن كەتتىمىكىن كۆتۈرلۈپ ،
بىر قېرىنداش، بىر مىللەت، بىر مەسجىدكە سىغمايمىز .

ئىتائەت  ۋە  بىرلىكنى  ئاساس  قىلغان  دىنىمىز ،
ئىنسانغا  قۇل بولۇشنى،  ھارام  قىلغان  رەببىمىز.
ھۆرياشاش، ئەزىز ياشاش، بىزگە بىرىلگەن نىمەت،
شۇ  نىمەتكە  ئېرىشىش  يوللىرىنى   بىلمەيمىز  .

بىرلىك  دەيمىز ھەممەمىز،  يا- بىرلىكنى  بىلمەيمىز ،
ئەجدادىمىز  ئىزىنى  ياكى  بېسىپ   ماڭمايمىز  .
بىرى  چىقسا باش  بولۇپ،  ئىتائەتقۇ  بىزدە  يوق ،
ئالدىدا  ھە.. دەپ  قۇيۇپ، ئارقىسىدىن  تىللايمىز .

شۇ سەۋەپتىن  قۇل  كەبى ئۈتمەكتەدۇر ھالىمىز ،
يارىمىغاچ   ئاللاھ قا  قىلغان   دۇئا   نالىمىز   .
نىيەتلەر دۇرۇس بۇلۇپ،  ئىبادەت  خالىس بولسا ،
ئاللاھ  بىزگە  مەدەتكار  ئۆزگىرىدۇ  ھالىمىز   .

بىز  ئىنسانلار  دۇنياغا  باراۋەر  يارالغانمىز ،
باراۋەر ياشاشقىمۇ،  بىز ھەممىدىن  مۇھتاجمىز .
شۇنىڭ  ئۈچۈن ئۇيغۇرۇم  بۇ غەپلەتتىن ئويغۇنۇڭ،
شۇ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ  بىزمۇ " ھۆر" بۇلۇپ يۈرگەيمىز .


ئا.مۆلجەرلى

 ( قازاقىستان )

 (2004-10-10) 


مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى