شۇ قىسمەت

شۇ قىسمەت
ئەجداتلاردىن بىزلەرگىچە  شۇ قىسمەت ،
تەغدىر شۇنداق ياراتقانمۇ بىزلەرنى ؟
ھارۋا سۆرەپ قۇم-تۇپراقتا بىر ئۆمۈر -
قالدۇرۇشقا قۇل مىسالى ئىزلارنى ... ؟؟؟.

ئۇنداق ئەمەس، ياراتقۇچى مېھرىبان، 
ياراتمىغان قۇل بۇلۇشقا بىزلەرنى .
ياراتقاننى ئىنكار قىلغان كاپىرلار ،
قۇل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا بىزلەرنى !.

ئوغلۇم ئولتۇر، بۇ ھارۋۇنى مەن سۆرەي ،
جەۋرى-زۇلۇم  قىنىمىسۇن  سىزلەرنى .
كۈنلەر كېلىپ "نەۋقىران" بول  ئوغۇزدەك-
شۇندا ئۆتكۈز ئات ئۈستىدە  تۈنلەرنى ..!!!

ئا.مۆلجەرلى     2010-02-02


ئاھ ... جاپاكەش ئانام 

 ھالىمىز يامان 
ئاسمىنىڭنى  كەڭ  ياراتتىڭ - زېمىنىڭنى  تار  ،
بەزىلەرنى  ئېزىز  ياراتتىڭ - بەزىلەرنى  خار  .

بەزىلەرىگە  قۇلاق  بەردىڭ - بەزىگە  مۈڭگۈز ،
بەزىلەرگە  كېچە  قىلدىڭ  - بەزىگە  كۈندۈز .

بەزىلەرگە  يولنى  بەردىڭ - بەزىگە  داۋان  ،
بەزىلەرگە يولمۇ يوقتۇر - يۈرۈشكە راۋان  .



مۇپتالابىز شۇ قىسمەتكە ھالىمىز ئايان...!!!
ئۆزگەرىتمىسەك بۇ ھاللارنى كېلەچەك يامان...!!!

ئا.مۆلجەرلى 2009-4-28

ئاھ... جاپاكەش ئاتام

يېڭى غەزەل
ئانار قويدۇم بۇيىغا - ئاتۇشۇمنىڭ يۇلىغا .
ئانار سوغات قىلۇرمەن - مەن يارىمنىڭ تويىغا .

يولغا چىقتىم بەل باغلاپ - ئۇچ تۇرپاننىڭ  يۇلىغا .
تاڭغىچە يىتەرمەنمۇ - تۇمشۇق ئېغىز بۇيىغا .

ماڭالماي قۇناپ قالدىم - تاش تۈكەپتۇ يۇلىغا .
ئەجەپ ئىنتىزار بولدۇم - ئاي _ يۇلتۇزنىڭ نۇرىغا .

ئەجەپ بۇ  تاڭ - ئاتمىدى - يىتىپ چىراقسىز ھالىغا .
كارۋان بېشى ئەسلا يوق - باشلار  بىزنى  ئالغا...غا !!!.

  
ئا. مۆلجەرلى

  2010-01-07

ئاھ دەيمەن ۋاھ دەيمەن 
بۇ دەرتكە نىمە دەيمەن
 غازات ئەھلى غىجەكچى-
ئاتالغانغا نىمە دەيمەن ؟!.


مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى