مۇسىبەت ۋە ھازىدارلىق

" مۇسىبەت ۋە ھازىدارلىق "
مۇسىبەت بىلەن ھازىدارلىقتىن كېلىپ چىققان روھى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۈنسىزلىكنىڭ  مىللىتىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان ئىجابى  ۋە  سەلبى تەسىرلىرى !!!

مۇسىبەت بىلەن ھازىدارلىق ئەزەلدىنلا بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ئىككىخىل روھى تەسىر كۆرسەتكۈچ ئامىللار بۇلۇپ، بۇخىل ئامىللانىڭ تەسىرىگە دۇچ كەلگەن شەخىس ياكى جامائەت، شۇ روھى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئوخشاشمىغان (ئىجابى ۋە سەلبى) كۆز قاراش ۋە پىكرى ئۆزگۈرۈش-ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق ھادىسەلەرگە يۇلىقىدۇ. بۇخىل رۇھى ئامىل ئۇلاردا ئوخشاشمىغان تۈردىكى ئىددىيە كۆزقارىشى ۋە شۇنىڭدەك پەرىقىلىق ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ .

بۇنداق ئۆزگۈرۈشلەر، بىرەر ئائىلە ئەزالىرىغا بەزىبىر مۇسىبەت يىتىپ، شۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرەرسىدىن ئايرىلىپ قالسا، ياكى بىرەر يۇرت خەلقى ئاممىۋى ئاپەتكە ئۇچراپ شۇ يۇرتتىكىلەر ئارىسىدا بەلگىلىك زىيانلار كۆرۈلگەن بولسا، ئەنە شۇ ھادىسەلەردىن كېيىنكى ئائىلە ۋە يۇرت-جامائەت ئارىسىدا كۆرىلىدىغان پەرقىلىق روھى ئۆزگۈرۈشلەردىن ئىبارەت بۇلۇپ، مەزكۇر مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ئائىلە ياكى جامائەت ئارىسىدا تەبى ھالدا، مەزكۇر مۇسىبەت ۋە ئاپەتلەرگە قارىتا ئېچىنىش، ئىچ ئاغرىتىش، ئازاپلىنىش، ھەسرەتلىنىش، قايغۇرۇپ-ھازا تۇتۇش، ۋەياكى نەپرەتلىنىپ-غەزەپلىنىش قاتارلىق ئوخشىمىغان تۈردىكى روھى كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىش تەسىرىگە دۇچ كېلىدۇ .  

مانا بۇلار يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئىككىخىل روھى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان، مۇسىبەت بىلەن ھازىدارلىق ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان نەپرەتلەرنىڭ (ئىجابى-سەلبى) تەسىرىدىن ئىبارەت.

مەسىلەن_ بىر ئائىلىلە ئەزالىرى ئائىلىنىڭ چوڭلىرىدىن بولغان ئاتىدىن ياكى ئانىدىن، ۋەياكى پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغاندا، ئۇ ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن چوڭ بىر قايغۇلۇق مۇسىبەت يۈزبەرگەن بۇلۇپ، شۇ ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەتكىچە ئۇلارغا قارىتا ھەسرەتلىنىش ، ئازاپلىنىش قاتارلىق ھازىدارلىق تۈسىنى ئالغان روھى چۈشكۈنلۈكتىن ئىبارەت ئۆزگۈرىشلىرىگە ئۇچرايدۇ.

بۇنداق مۇسىبەتنىڭ روھى چۇشكۈنلىك زەربىسىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەر، مەزكۇر ھادىسىنىڭ تەبى ھادىسە (ئاللاھ تەرپىدىن كەلگەن ئەجەل) ئىكەنلىكى، ياكى جەمىيەتتىكى ھادىسلىرى (ئىنسانلار تەرپىدىن يۈزبەرگەن ناھاق ئۆلتۈرۈلۈش) سەۋەبىدىن يۈزبەرگەنلىكىگە قاراپ، شۇ مۇسىبەتكە چىرايلىقچە سەبرى قىلىش، ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا ئازاپلىنىپ ھازا تۇتۇش، ۋەياكى ئېچىنىپ نەپرەتلىنىش قاتارلىق  روھى ئۆزگۈرۈشلەرگە مۇپتالا بۇلىدىغانلىقى مقەررەر !!!.

يۇقارقى مۇسىبەتلەرنى ئېنىقلاش نەتىجىسىدە، ئەگەر ئۇ ھادىسەلەر ئىلاھى تەقدىر تەرپىدىن كەلگەنلىكى مۇئەييەن بولسا، ئۇنىڭغا چرايلىقچە سەۋرى قىلىنىدۇ ۋە تەقدىرگە قارشى نارازىلىق تۈسىنى ئالغان ھازىدارلىق ماتەملىرى قىلىنمايدۇ، ھەرگىزمۇ (تەقدىرگە قارشى) نارازىلىق بۈلدۈرىلمەيدۇ.

ئەگەر مەزكۇر ھادىسە جەمىيەتتىكى بەزى ئىنسانلار تەرپىدىن كەلگەن سەھۋەنلىكلەردىن، ياكى جەمىيەتتىكى بەزى زوراۋانلىقلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ مۇسىبەتكە شۇ ئائىلە ئەزالىرى ۋە بارلىق ئۇرۇق-تۇققان قەۋىم-قېرىنداشلىرى جان-جەھلى بىلەن نارازىلىق بۇلدۇرىشىدۇ . ھەمدە ئەبەدى ئۇنۇتالمايدىغان نەپرەت تۇيغۇسىغا يۇلۇققاندىن تاشقىرى، مەزكۇر جىنايەتچى بىلەن ئاداققىچە داۋالىشىپ، ئۇ جىنايەتچىدىن ئۆز قېرىندىشىنىڭ قان-قىساسىنى ئېلىش نىيىتىدە ياشايدۇ . 

ھەرگىزمۇ، بۇخىل مۇسىبەتكە ئازاپلىق ھازا تۇتۇش بىلەن ئۈنسىز ياش تۈكەپ، ئەلەمىلىك قايغۇ ئىچىدە زارلىنىپ، كېلەچىكىدىن نا ئۈمۈت بولغان بىمارلارغا ئوخشاپ ياشىيالمايدۇ. 

چۇنكى، ئۇنىڭ قەلبىدە لاۋۇلداپ-يېنىپ تۇرغان قىساس ئۇتى كۈن-سايىن يالقۇنلىماقتا، كۆز ئالدىدا شۇ جان-جىگەر ئاتا-ئانىلىرى، بىر تۇققان يۈرەك پارىلىرىنىڭ ھايات خاتىرىسى خۇددى كىنو لىنتىسىدەك كۆرۈلمەكتە، ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ھەر-بىر مۇڭلۇق ۋە تاتلىق سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىماقتا، ساۋاقداشلارنىڭ مەكتەپ مەيدانلىرىدا بىرگە ئۇقۇغان ئىللىق كۆيلىرى ئاڭلانماقتا، يېڭى ئائىلە قۇرۇپ ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشلىرىدا ئۆمۈر يولدىشىنىڭ ۋۇجۇدى كۆرۈنمەكتە، پەرزەنتىلەرنىڭ زۇمرەت كۆزلىرىدىن ئۈنسىز سۇئاللار تۇغۇلماقتا، ۋەدىلىشىپ ئارمانسىز كەتكەنلەرنىڭ، قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلغان باغچىلار ئارىسىدىكى گۈللەردىن ئۇنىڭ ئارمانسىز ئىزلىرى كۆرۈنمەكتە، بىرگە چۈشكەن رەسىملەردىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى چۇڭقۇر سۇئال سورىماقتا. ئەنە شۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ غەم-قايغۇسىنى يەڭگىللىتىدىغان روھى تەسەللىسى پەقەتلا، مەزكۇر ھادىسلەر تۈپەيلى ۋاقىتسىز ئايرىلغان قېرىنداشلارنىڭ سوروقونى قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ قان-قىساسىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ۋىجدان-غۇرۇرىغا مۇناسىۋەتلىك نەپرەت تۇيغىلىرىدىن ئىبارەت بۇلىدۇ.

مەيلى ئۇخىل قىساس ئېلىش ئۇسۇلى، شۇ يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئوتتۇرغا چۈشىشى بىلەن، مەزكۇر ھادىسىنى بىرەر سەۋەنلىك دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادى تۆلەم بىكىتكەن بولسۇن، ياكى مەزكۇر ھادىسەلەر بىرەر قەستەنلىك ۋە زوراۋانلىق دەپ قارىلىپ ئۇنىڭ بەدىلىگە،  قانغا-قان، جانغا-جان ئېلىش ھۆكمى بىرىلگەن بولسۇن، قايسى تۈردىكى قىساس يۇلىنى تاللاش مەزكۇر زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ (ئىگىسىنىڭ) ئىختىيارلىقىدا بۇلىدۇ .  

ئەگەر مەزكۇر داۋاگەر شۇ جىنايەتچىدىن (بەلگىلەنگەن يول بىلەن ) ئۆز لايىقىدا قىساس ئېلىش مەقستىدە بولمايدىكەن، ياكى مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ناھەق تۈكۈلگەن قىزىل-قانلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلمايدىكەن، بۇ ئادەم شۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىغا خىيانەت قىلغان بۇلۇپلا قالماي، ئۈزىنىڭ  (مىللى ۋە دىنى) قان-قېرىنداشلىق ئەن-ئەنىسىگە ئاسىلىق قىلغان بۇلىدۇ .

چۈنكى، بىز ئىنسانلارنى يوق يەردىن ياراتقان ئاللاھ، يەنە شۇ ئىنسانلار ھاياتىدىكى ئىجتىمائىي ھادىسلەر توغرىسىدا مۇئەييەن بەلگىلىمىلەرنى بىكىتىش ئارقىلىق، شۇ ئىنسانلار ئارىسىدا يۈزبەرگەن ناھەقچىلىككە خاتىمە بېرىش ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى ناھەق تۆكۈلگەن قانلارنىڭ قىساسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىمۇ ئالاھىدە كۆرسەتمىلەر بەلگىلىگەنلىكىنى مۇقەددەس كىتاپ "قۇرئانى كەرىم" ۋە "ھەدىسلەر" دىن كۆرىۋالالايمىز .

بىزنىڭ ھازىرقى ياشاۋاتقان دەۋرىمىز ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر دەۋرى بولغاچقا، ئىنسانلار ئارىسىدىكى "ھەق-ھوقۇق" داۋا ئىشلىرىمىزنى بىر تەرەپ قىلىش، شۇ ئىنسانلارنى يوق يەردىن ياراتقان ئاللاھ تەرپىدىن بىكىتىلگەن ئىلاھى قانۇن بولماستىن، بەلكى ئىنسانلار ئۆزلىرى تۈزۈپ چىققان ئىنسانى (نۇقسانى) قانۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان ھەق-ھۇقۇق  ۋە قان-قىساس داۋا-ئىشلىرىمىزنى ھەل قىلىشتا، يەنىلا شۇ زوراۋان كۇچلار تامامەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ كەلمەكتە . 

ئەنە شۇنداق ناھەقچىلىكلەرگە قارشى، بىرەر ئەمەلى نەپرەت بۈلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە بۇلالمىغان مىليۇنلارچە ئىنسانلار، ئۆزلىرىگە ياردەمچى ئىزدەپ ھەر-تەرەپلىمە يۈگۈرگەن بولسىمۇ ئاخىرى نەتىجىسىز بۇلۇپ، شۇ مۇسىبەتنىڭ ئازاپلىق دەردىنى يەتكىچە تارتىپ، قايغۇلۇق ئەلەم ئىچىدە ھازىدارلىق تونىنى كىيىپ، روھى بىمارلارغا ئوخشاپ ئۈنسىز ياشاشماقتا !. 

شۇ ئۈنسىزلىك سەۋەبىدىن، بۇ ئادالەتسىز جەمىيەتتىكى زوراۋانلارنىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈش ۋە ناھەق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئىشلىرى دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا !!!

بۇخىل زوراۋانلىقلارغا ئەڭ-ئېغىر دەرىجىدە يۇلۇقۇپ كىلىۋاتقان بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ، ئۆزلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشتا ھىچقانداق ياردەمگە ۋە ھىچقانداق ئەركىنلىككە ئىگە بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن،  دۈشمەندىن كەلگەن زۇلۇم ۋە مۇسىبەتلەرگە ئەلەملىك يىغا-زارە ئىچىدە ئۈنسىز ھازا تۇتۇش بىلەن ئۆزىمىزنى يۇقۇتۇپ، قاتىللارنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى جانلىق تۈردە بىرەر " قىساس-نەپرەت " قوزغىيالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ بىچارە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى ھەركۈنى ۋە ھەر سائەت دىگۈدەك توختىماي ئاقماقتا !!! 

دەۋرىمىزدىكى ئىنسانى "ھەق-ھوقۇق" داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئىنسانلار، جۈملىدىن مۇسۇلمانلىق داۋاسىنى قىلىۋاتقان (ئاتالمىش) مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيالىق-شەخسى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قۇربان قىلىشماقتا .

ياتنىڭ ياندىن ئۆتسە، تۇققاننىڭ جاندىن ئۈتەپتۇ دىگەندەك، ئەزەلدىنلا تىلىمىز، دىنىمىز، قېنىمىز، ھەتتا تەبىئىتىمىز ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭمۇ  بىز ئۇيغۇرلارغا  ھەقىقى قېرىنداشلارچە ھىسداشلىق قىلىشماي، تاجاۋۇزچى-زالىملار تەرەپدارى بۇلۇپ ياشاۋاتقانلىقلىرىنى كۆرمەكتىمىز.

بۇنى گۆرگەن ياتلار، شۇنداقلا ئىنسانلىق ياشاش يوللىرى بىز بىلەن  تامامەن ئوخشاش بولمىغان تاجاۋۇزچىلارنىڭ، بىزلەرگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقلىرى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشماقتا !!!.

ئەھۋال بۇ دەرىجىدە ئىكەن، يۈزلىگەن ۋە مىڭلىغان جان-جىگەر قېرىنداشلىرىمىزدىن ئايرىلغان بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، شۇ مۇسىبەتلەرگە مەھكۇم بۇلۇپ، ئەلەملىك ئازاپلىنىش ئىچىدە ھازىدارلىق قارا تونىنى كىيىپ، ھېچ سادا چىقارماستىن يەنە قاچانغىچە ئۈنسىز ياشىشىمىز كېرەك ؟!!!.

ئاسمىلاتسىيەگە يۇلۇققان كۈندىن بۈگۈنگە قەدەر ھەر تۈرلى ئېھتىماللارغا قارشى ئۈنسىز يۈرسىڭىز، بۇ چۇقۇم گۇمانلىق شۇڭا ئۈنسىز يۈرىدۇ دىدى تۇرمىلارغا تاشلىدى. دەردىڭىزنى ئىچىڭىزدە بىلىپ ئاغزىڭىزدا كۈلسىڭىز، سەندە چۇقۇم بىر گەپ بار شۇڭا كۈلىسەن دىدى تۇتقۇن قىلدى. تەڭسىزلىككە چىدىماي قاتتىغراق ئاھ... تارىتسىڭىز، سەن بىزگە قارشى چىقماقچى دىدى قىينىدى-ئازاپلىدى. دەرت-ئەلەمگە پايلىماي كوچىغا چىقىپ يىغلاپ تۇرۇپ (بىزگە ئادالەت كېرەك ...!!!)  دەپ ۋاقىرسىڭىز، سەنلەر بىزگە ئاشكارە قارشى چىقىشتىڭ دىدى، رەھىمسىزلارچە قىرغىن قىلىشتى .

بۇنداق قانلىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، دۈشمەننىڭ رەزىل سۈيىقەستلىرى يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئاشكارىلاندى. مانا بۇ تارىخى قىرغىنچىلىق، مىللىتىمىز ئارىسىدا مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماس مۇسىبەت كۈنى بۇلۇپ بېكىتىلدى !!!

مىللىتىمىز ئەنە شۇنداق تىراگىدىيەلىك "مۇسىبەت" كۈننى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغان ئالتۇن ھەرىپ بىلەن ئۆز خاتىرە دەپتەرلىرىگە يازغان ھالدا ھەركۈن دىگۈدەك ئەلەملىك تىنىپ، مەزكۇر مۇسىبەتكە قارتا قىساسكارلىق نەپرەت تۇيغۇسى ئىچىدە، ھازىدارلىق تونلىرىنى كىيىشكىنىچە ئۈن-تىنسىز ياشاشماقتا !!!.

بۇنداق جىمجىت ئۈنسىزلىكلەرنى كۆرۈپ، ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىدىن تېخىمۇ كۆرەڭلىگەن خىتتاي ھاكىمىيىتى، كۈندىن-كۈنگە ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇم-ئىسكەنجىرىلىنى مىللىتىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈشنى تەخىمۇ ئاشۇرماقتا ۋە تىزلەتمەكتە.

ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەرنى، يېڭىدىن ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ياش ئەۋلاتلارغا ھەرزامان ئەسلىتىپ تۇرۇش، دەۋرىمىزدىكى ۋەزىيەتنى توغرا تەھلىل قىلالايدىغان، ئۆزىنىڭ مىللى-ۋىجدان غۇرۇرنى، دىنى كىملىكىنى يۇقاتمىغان، ئەنئەنىۋى تارىخىمىزنى ياخشى بىلگەن مىللى ۋە دىنى يىتەكچىلەرنىڭ  ئىمانى-ۋىجدانى  مەجبۇرىيەتلىرىدىن ئىبارەت !!!

يۇقارقى مەجبۇرىيەتلەرنى كىملەر ۋە قايسى تۈردىكىلەر ئادا قىلىۋاتىدۇ ؟ 

مىللىتىمىزنىڭ دىنى زىيالىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دىنىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە ۋە مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخىت-سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن تۈرلى يوللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتىغا قارىماي، بىر كىشىلىك ياردىمىنى سۇنۇش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق، كېچە-كۈندۈز جان-كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرمەكتىمىز.

ئەمما كۆپ ساندىكىلىرى يەنىلا ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ، ئاۋام خەلىقتىنمۇ بىچارە، خەلىققە يىتەكچىلىك قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاۋام خەلىق ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنمەكتە. بەزىلىرى بولسا دىنىمىزنىڭ ئەسلى پىرىنسىپ-غايىسىگە خىلاپ ھالدا، ئۆزلىرىدىكى ئىلىمنىڭ ھەققىنى تۇلۇق ئادا قىلىشماي ياشىماقتا. بەزىلىرى بولسا ئۆز ئىقتىدارى يەتمىگەن بارچە ئىشلارغا ئاۋارە بۇلۇپ، ئۆز ئىلمى سالاھىيىتىگە ماس كەلمايدىغان ئىشلار بىلەن ئاۋارە بۇلۇشماقتا . بەزىلىرى بولسا دەۋرىمىزدىكى مۆتىدىللىك "ئوتتۇرا" ئېقىم يۇلىنى تاللايمىز دىگەن پىكىرلىرى بىلەن، ياكى ئاللاھ يۇلىدا جان بىرىدىغانلارغا قۇشۇلالماي، ياكى مال بىلەن ياردەم قىلىدىغانلار قاتارىغا ئۆتەلمەي، ياكى پىكىر ئارقىلىق دىن، ۋەتەن، مىللەتكە بىر كىشىلىك تۆھپە قۇشالماي دۇنيادىن خەۋەرسىز ھالدا بىچارە-بىغەم ياشىماقتا .

ئاقىۋەتتە، "ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىمۇ ئالىم، ئەڭ يامىنىمۇ ئالىم" دىيىلىدىغان، ياپرىقى بار مىۋىسى يوق دەرەخقە ئوخشاپ، جەمىيەتكە پايدىسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە !

مىللىتىمىزنىڭ پەننى سەھەلەرىدىكى زىيالىلارغا قارايدىغان بولساق، بەزىلىرى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ مىللى ئىرادىسىگە خىلاپ، ۋىجدان-غۇرۇرىغا زىت بولغان پاسسىپلىق پىسخولوگىيەلىرى بىلەن پۇرسەت پەرەسلىك قىلىشىپ، يەنىلا خەلىقمىزنىڭ ئارقىسىدا سۆرۈلۈپ، خەلىق ئۇلارنى ئويغاتمىسا ياتقان يېرىدىن تۇرالمايدىغان ئەپيۇن بەڭگىلىرىگە ئوخشاپ مۈگدۈشۈپ يۈرۈشمەكتە. 

ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇنداق مىللى كىرزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك، ۋىجدانلىق ئەل ئوغۇللىرى مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق تەغدىرى ھەققىدە كېچە كۈندۈز پىكىر يۈرگۈزمەكتە ۋە شۇ يولدا كۇچ سەرىپ قىلىشماقتا . ئەنە شۇنداق كۈچ سەرىپ قىلىش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنىڭ ئۈستىدىكى ئېغرى مۇسىبەت ۋە شۇ مۇسىبەتتىن كىلىپ چىققان ھازىدارلىق تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈنسىزلىكلىرىگە خاتىمە بېرىش، ئۇلارنىڭ شۇ غەم-قايغۇلىرىنى تېزراق كەتكۈزۈش،  ئۇلارغا يېڭى يول خەرىتىلىرىنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنى شۇ ئۈنسىزلىكتىن ئىبارەت روھى چۈشكۈنلۈك كېسىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھازىدارلىق قارا تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاشقا، شۇنداقلا بىز تېخى ھايات دىگەن جاراڭلىق سادانى ياڭرىتىشى ئۈچۈن بۈيۈك تۆپىلەر قوشماقتا .

ئۇلار شۇنداق ئەزىمەتلەركى _ ئۆز غايىسىدە مۇستەھكەم، ئەقىدىلىك، ۋىجدانلىق، ئاق كۆڭۈل، سەمىمى-كەمتەر، تىرىشچان- جاپاكەش، ۋەتەن-مىللىتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتلىرىدىن كىچەلەيدىغان، يۈكسەك ئىرادىگە ساھىپ كىشىلەر بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ پىداكارلىقى خەلىق ئالدىدا نام-شۆھرەت قازىنىش ئەمەس ، خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى نامسىز ھالدا قىلىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز . 

بىز ئۇيغۇرلار دەۋرىمىزدىكى زۇلۇم-ئىسكەنجىلەردىن تىزراق قۇتۈلىشىمىز ئۈچۈن، ئەنە شۇنداق خالىس نىيەتلىك كىشىلىرىمىز بىلەن دائىم بىرلىكتە ھەركەت قىلىشىمىز ۋە ئۇلارغا دائىم يار-يۈلەكتە بۇلىشىمىز كېرەك . شۇنىڭ بىلەن يەنە مىللىتىمىزنىڭ ھەرساھەدىكى (دىنى ۋە پەنني) ئىلىم ئىگىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىنى ھەرزامان قەدىرلىشىمىز لازىم .
ھازىرقى دەۋرىمىزدە، مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان (ھەر ساھەلەردىكى) دوكتۇر-پراففېسسۇرلىرىمىز، ئاتاغلىق يازغۇچى ئەدىپلىرىمىز ۋە ئۆتكۈر قەلەم ساھىپلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى سەرىپ قىلىپ، تۈرلى يوللار بىلەن مىللىتىمىزنىڭ بېشىدىكى جەۋرى-جاپا، زۇلۇم-زۇلمەتلىرىنى دۇنيا ئەھلىگە تۇنۇتۇشى بىلەن بىرلىكتە، مىللىتىمىزنى نۆۋەتتىكى ئۈنسىزلىك ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇش ۋە كېلەچەككە ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق، مىللىتىمىزنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان روھى دۇنياسنى داۋالاش، مىللىتىمىزنىڭ يېڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ياش ئەۋلاتلىرىنى يۈكسەك روھى-ئىرادە بىلەن ترەبىلىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى قاتارلىق جاپالىق كۈرەشلىرىنى، يەنە شۇنىڭدەك قىممەتلىك ئىلمى تەۋسىيەلەرنى، ھەر ساھەلەردىكى ئىلمى تەتقىقاتلىرى ۋە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان قىممەتلىك پىكىر-ئەسەرلىرىنى توپلاپ، ئۆز ساھەسى بۇيىچە كىتاپ قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنساق ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۇيغرلارنىڭ مۇسىبەت قايغۇرىلىمىزغا يېقىندىن تەسەللى بىرىپلا قالماي، ھازىدارلىقنى قانداق ئۆتكۈزۈش ۋە قىساسنىمۇ قانداق ئېلىش يوللىرىنى بىزلەرگە رۇشەنلەشتۈرۈپ  بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنجىمىز كامىل !!!.

بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاسمىلاتسىيەنىڭ جەۋرى-جاپا، زۇلۇم-زوراۋانلىقلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەلەملىك مۇسىبەتلەرنىڭ تەسىرىدىن، روھى دۇنياسى ئېغىر جاراھەتلەنگەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيەم شۇكى، بىز ھىچقاچان ئۇزىمىزنى يۇقۇتۇپ قويماسلىقىمىز، مىللىتىمىزنىڭ ھەرساھەدىكى ئىلىم ئىگىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نۆۋەتتىكى باسماقچى بولغان قەدەملىرىمىزنى توغرا پەللىگە ۋە توغرا نىشانغا قارىتىشىمىز، مۇسىبەت قايغۇسىدا ئەلەملىك تىنىپ، ئۈستىمىزگە ھازىدارلىق قارا تونىنى مەڭگۈ كىيىۋالماستىن، قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ، كېلەچەك مەنزىلگە نۇرلۇق كۆزىمىزنى تىكىپ ياشىشىمىز، بىز ئەزەلدىن جەڭگىۋار بىر مىللەت، بىز تېخى ئۆلمىدۇق، ھاياتلىقىمىز يەنىمۇ داۋاملىشىدۇ..... دىگەن ئوتلۇق سادانى توختىماي ياڭرىتىشىمىز كېرەك !!!.

ئەنە شۇنداق ئوتلۇق سادانى ئۈزلۈكسىز ياڭراتقاندىلا "مۇسىبەت بىلەن ھازىدارلىق ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئۈنسىزلىك-ئۈمىدسىزلىك" تىن ئىبارەت روھى كېسەللىكتىن قۇتۈلۈپ، كېلەچەك ھۆر-بەخىت يۇلىمىزنى تېپىش ئۈچۈن دادىل ئالغا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيمىز !!!.

  
 ئا.مۆلجەرلى 

 2011-05-21

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى