مۇستەقىللىق داۋايىمىز ۋە ئۇيغۇرلار (2)
(ئا. مۆلجەرلى)
ئانا-يۇرتىمىز "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ۋە ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىشى .
ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە، ئېكىلوگىيەلىك ئىقلىم-كىلىماتى جەھەتتە، مىللى ۋە دىنى، كۈلتۈر-مەدەنىيەتلەر جەھەتتە، تارىخى ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق جەھەتتە، شۇنداقلار قانداش ۋە دىنداش مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا پەرىقسىز ئۆرپى-ئادەتلەر ۋە ئىجتىمائى ئالاقىلەر جەھەتتە، ئۇزۇن دەۋرىلەردىن بېرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان
ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن ، بۇ جۇغراپىيەدە بىباھا مەنىۋى بايلىققا ئىگە تەڭداشسىز تۇپراق . بۇقەدەر تەڭداشسىز مەنىۋى بايلىقلىرىمىز بىلەن ئۇزۇن دەۋرىلەردىن بېرى ئۆز-ئارا ئىناق ياشاپ كېلىۋاتقان، جۇغراپىيە جەھەتتە ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ يېقىن بولغان قەدىناس قوشنىمىز قازاقىستان جۇمھۇرىتى ۋە خەلىقلىرىدۇر.
ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن ، بۇ جۇغراپىيەدە بىباھا مەنىۋى بايلىققا ئىگە تەڭداشسىز تۇپراق . بۇقەدەر تەڭداشسىز مەنىۋى بايلىقلىرىمىز بىلەن ئۇزۇن دەۋرىلەردىن بېرى ئۆز-ئارا ئىناق ياشاپ كېلىۋاتقان، جۇغراپىيە جەھەتتە ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ يېقىن بولغان قەدىناس قوشنىمىز قازاقىستان جۇمھۇرىتى ۋە خەلىقلىرىدۇر.
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، رۇس تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 70 يىللىق ئىچغالىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، 1991-12-16 كۈنى ئۆز مۇستەقىللىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى ۋە مىللى مۇستەقىللىق مۇنارىسىنى تىكلىدى .
بۇ خۇش-خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، شۇ جۈملىدىن دۇنيا يۈزىدىكى بارلىق تۈركى قەۋىملەر چىن-قەلبىدىن سۈيۈنۈپ خۇشاللىق تەنتەنىسى ياڭرىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرى تۇرۇشقان دۆلەتلەردە قازاقىستاننىڭ ۋە قازاقىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەپ خوشاللىق تەن-تەنىسىنى ياڭراتتى. يەنە شۇنىڭدەك ئەركىنلىككە تەشنا مىليۇنلىغان ئىنسانلار ياراتقان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار ئۇقىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سانسىز شۇكرانەلىرىنى ئىزھار قىلىشتى .
بۇ خۇش-خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، شۇ جۈملىدىن دۇنيا يۈزىدىكى بارلىق تۈركى قەۋىملەر چىن-قەلبىدىن سۈيۈنۈپ خۇشاللىق تەنتەنىسى ياڭرىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرى تۇرۇشقان دۆلەتلەردە قازاقىستاننىڭ ۋە قازاقىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەپ خوشاللىق تەن-تەنىسىنى ياڭراتتى. يەنە شۇنىڭدەك ئەركىنلىككە تەشنا مىليۇنلىغان ئىنسانلار ياراتقان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار ئۇقىدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ سانسىز شۇكرانەلىرىنى ئىزھار قىلىشتى .
بۇ تەنتەنىلىك سادالار خىتتاي ھۈكۈمىتىنىڭ قارشىلىق قىلىشىغا قارىماي، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى "شەرقىي تۈركىستان" زىمىنىدىمۇ "ئۇيغۇرلار _قازاقلار" ۋە باشقا قانداش مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ قىزغىن ئالقىشلاندى .
بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن چوڭ خوشاللىق تۇيغۇلىرى پەيدا بولدى . چۈنكى رۇس ئىمپىرىيەسىنىڭ تۇساتتىن يىمىرىلىپ كۇكۇم-تالقان بۇلىشى، شۇ دەۋرى ئىنسانلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرۇدىن يىراق قارىلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى .
بۇ ئۇزۇن يىللىق مەھكۇملۇق دەۋرىدە، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتاۋىنىڭ ئاپتۇرى ۋە شۇ ئىلىم ئۇزتازىنىڭ دەرگاھى بولغان بۇخارا ،تىرمىزى ۋە خوجا ئەھمەت يەسسەۋىلەرنىڭ ياتقان يەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئاياغ-ئىزلىرى، رۇس كومىستلىرى تەرپىدىن تامامەن ۋەيران قىلىنغان بولغاچقا، بارچە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئاللاھقا سېغىنىپ، رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ تىزراق ھالاك بۇلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىۋاتقان دەۋرى ئىدى .
ئاللاھ شۇ ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلدى . ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە شۇ قاتاردا كۆپلىگەن مۇسۇلمان دىيارلىرى ئەبەدى ھۆرلۈككە ئېرىشتى .
ئەنە شۇ ھۆرلۈككە ئېرىشكەن قازاقىستان خەلقى ئارىسىدا، ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ "شەرقىي تۈركىستاندىن" كۆچۈپ چىققان بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرى ياشايدۇ. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شۇ تۇپراقلاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى، يەنە بىر قىسمى ۋەتەنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئۆتكەندىن كېيىن ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر .
ئۇلار گەرچە مۇستەقىل بىر مەملىكەتتە ياشاۋاتقان ۋە مۇستەقىل ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان خەلقىنىڭ بايلىرى قاتارىدا ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ھەر ۋاقىت ئانا-يۇرتىنى سېغىنىش بىلەن "ئاھ ....ئانا ۋەتەن" دەپ ياشايدۇ .
ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزىدىغان توي-توكۇن ۋە ئۆز-ئارا ئولتۇرۇشلىرىدا ئېيتىلىدىغا ئەۋۋەلقى مۇڭلۇق كۆي-ناخشىلىرىمۇ يەنىلا ۋەتەن توغرىسىدا .
"_ ۋەتەنگە باراي دەيمەن ئاھ.... بارالمايمەن، _ ۋەتەننى كۆرەي دەيمەن ئاھ.... كۆرەلمەيمەن ........" !!!
مانا مۇشۇنداق ۋەتەن ھەسرىتىدە ياشاۋاتقان مىليۇنلىغان مۇھاجىرلار بىر-كۈن ، بىر-سائەت بولسىمۇ تىزراق ئۆز-مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇ مۇقەددەس ئانا-يۇرتىغا بېرىپ يىللار بۇيى سېغىنغان شۇ پاك تۇپراققا يۈز-كۆزىنى سۈرتۈۋېلىشنى ئويلايدۇ .
شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، بۇلۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سۆيۈش تۇيغىسى، باشقا ئەللەردە ياشاۋاتقانلارغا قارىغاندا بىرقانچە ھەسسە كۈچلۈك ھەم جانلىق .
چۈنكى ئۇلار _ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مىللى ئارمىيە ئوفەتسىرلىرى بولغان جەڭگىۋار سەركەردىلەرنىڭ، چېكىنمەس قەيسەر جەڭچىلەرنىڭ، جاپاكەش باتۇر ئانىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى .
ئۇلارنىڭ ئوغۇل قىزلىرى ئادەتتە دائىما بەدەن چېنىقتۇرۇش (سپورت) بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئوغۇللىرى بولسا ئەسكىرى تەييارلىقتىن تۇلۇق ئۆتكەنلەر بۇلۇپ، ھەرقانداق جىددى ۋەزىيەتتە ئۇلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا تەييار. ئۇلار شۇنداق ئەزىمەتلەركى "ۋەتەن" ئۈچۈن ھېچ نەرسىنى ئايىمايدۇ، ھەتتا ھاياتىنى قۇربار بېرىشكە ھەردائىم تەييار .
ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تاشقى دۇنيادا بىرەر جەڭگىۋار قوشۇن بارلىققا كېلىدىغان بولسا، ئالدى بىلەن تەييار بۇلىدىغانلار ۋە ئالدىنقى سەپتە تۇرىدىغانلار يەنىلا شۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىكى ۋەتەنپەرۋەر، ئىمانلىق-ئىخلاسمەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ باتۇر ئوغۇل-قىزلىرىدۇر !!!
بۇلارنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتقىنى، بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇمۇمى يۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ ، مۇستەبىت خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جەڭگىۋار ھەركەت قوشۇنى تەشكىللەيدىغان بىر يىتەكچىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدىن ئىبارەت .
بۇنىڭ ئەمىلى مىساللىرى، 97-يىلدىكى ئويغۇنۇشتا ئالما-ئاتا، بىشكەكلەردە باشلانغان ھەركەتلەرگە ئەمەلى قاتناشقان يەرلىك ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ كۆرسەتكەن جەڭگىۋارلىقلىرى پاكىت بۇلالايدۇ !!!
ئۇلار يەنە شۇنداق "ئەمەلىي ھەركەتنىڭ باشلىنىشىنى كۈتمەكتە" !!!
ئۇلار يەنە شۇنداق "ئۇيغۇرۇم ئالغا... دىگەن سادانى كۈتمەكتە" !!!
ئۇلار يەنە شۇنداق "ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەلى پىداكارلىقنى كۈتمەكتە" !!!
5-ئىيۇل "قىرغىنچىلىقى"نى دۇنيا ئەھلى تۈرلى ئاخپارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان بولسا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىزغىزىستاندىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ۋەتەننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا شۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردى، بەزىلىرى ئۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تىرىك شاھىتلاردىن ئەينەن ئاڭلىدى .
ئۇلار بۇخىل قانلىق قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىغاندا ۋۇجۇدلىرى تىترەپ، تەنلىرى سىقىراپ، چىشلىرى غۇجۇرلاپ، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز يامغۇر كەبى ياشلار توختىماي ئاقتى، ئۇلار ئاھ قېرىنداشلىرىم... ئاھ...ۋەتەن دىگىنىچە، ئۇلارنىڭ ئوتلۇق قەلبىدىن ھېلىھەم شۇ قان-ياشلار توختىغىنى يوق !!!
خەپ ...... رەزىل خىتتايلار ....... سەنلەردىن ھىساپ ئالىدىغان قىساس كۈنىمۇ پات-ئارىدا يىتىپ كېلىدۇ دىيىشەتتى !!!!!!!
دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسۇن "ئۇيغۇرۇم ئالغا" دىگەن سادانى كۈتۇئىۋاتقان مىڭلىغان-مىليۇنلىغان دىنداش-قېرىنداش پىدائىلار ھەرۋاقىت تەييار ھالەتتە مەزمۇت ۋە مەۋجۇت تۇرماقتا !!!
ئۇلار ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" نىڭ مۇستەقىللىقى، ئەزىز مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئۈلەشكە رازىكى، بۇنداق ۋەتەنسىز قۇش، ماكانسىز مۇساپىر، تىنىمسىز مالاي، ئابرۇيسىز كەلگۈندە، روھى غەمكىن بىچارە بۇلۇپ، قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە خار-زەبۇن ھالەتتە ياشاشنى خالىمايدۇ !!!.
ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى يىتەكچىلىرى ئۆز-داۋايىغا سادىق بۇلىدىغان بولسا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋايىمىز تىزراق ئەمەلىلەشسۇن، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلۇقىمىز ئەبەدىي داۋاملاشسۇن دەيدىغان بولسا، ئەنە شۇ مىليۇنلىغان قاراكۆز مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ، "ۋەتەن ئۈچۈن" جېنىم پىدا، ئۆلسەم شەھىد، قالسام غازى دەپ ئاققۇزىۋاتقان كۆز-ياشلىرىنى بىكار كەتكۈزمەستىن، ئۇلارنى بۇنداق جىمجىتلىقتىن ئىبارەت ئۈمۈتسىزلىك روھى زەربىلەر بىلەن ئازاپلىماستىن، ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستا"نىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش يۇلىدىكى ئەمەلىي-ئۇلۇغۋار غايىگە تىزراق يىتەكلەشلىرى كېرەك !!!.
ئەنە شۇ ۋاقىتتا _ مۇستەقىللىق داۋايىمىزنىڭ شۇئارلىرى ئەمەلىلىشىدۇ ۋە مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلۇقىمىز مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ !!!.
2010-5-28