نەدىسەن ئاي-يۇلتۇز بايراق ... !!!
ئېسىلغان رېتىگە رەڭگا-رەڭ بايراق،
قارىدىم، ئىزلىدىم، سېنى تاپمىدىم-،
ۋەلېكىن تۇراتتى يۈزلەرچە بايراق.
ئاسمىدى قاتارغا سېنى نىمىشقا ؟،
يوقمىدى بىرەر جاي سېنى قۇيۇشقا ؟.
تۇرۇپتۇ خوشناڭمۇ قاتار تىزىلىپ -،
خىجالەت بولماستىن سەنسىز تۇرۇشقا !.
قارىدىم ئۇلارغا ئاھ.. دىدىم بىراق،
قاتاردا سەن يوقسەن قىينىدى پىراق .
ئۆرتەندىم ئىشقىڭدا، ئاقتى ياشلىرىم،
ۋاقىردىم، نەدىسەن ئاي-يۇلتۇز بايراق ...!!!.
قارىدىم قايتىلاپ كېلىپ يېقىنراق ،
يەنىلا كۆرمۇدۇم ھۆسنۈڭنى بىراق.
دۇشمىنىڭ تۇراتتى تۈلكە مىسالى ،
رەڭگىدىن قان تېمىپ، گۇياكى تىمساق.
دىدىم...ئاڭا، مىڭ لەنەت ئەي-يۇزسىز بايراق،
سەن بولساڭ بىر قانخور، ھەم رەزىل تىمساق.
بىل قانخور... ئۇ قاننىڭ قىساسى سەندە ،
شاھىتتۇر ئۇ قانغا تاغ-دەريا تۇپراق.
ئا.مۆلجەرلى
2009-3-10
( شىمالى ياۋرۇپا )