مۇستەقىللىق داۋايىمىز ۋە ئۇيغۇرلار (3)
(ئا. مۆلجەرلى)
ئانا-يۇرتىمىز "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ۋە ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىشى .
ئاتىلار سۆزلىرى بىلەن ئېيىتقاندا ۋەتەن ئانا، ئانا ھەممىدىن ئۇلۇق، شۇ ئۇلۇق ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەربىر ۋىجدانلىق بالا ئۈچۈن، ئۇ ئانىدىن ۋازكېچىش، ياكى ئۇنۇتۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس !!!.
چۈنكى ئانا بارلىق پەرزەنتىنى سۈيىدۇ، ھەممىسىگە بىردەك قۇچاق ئاچىدۇ، ئۇنىڭغا بارلىقىنى تەقدىم قىلىدۇكى ئۇنىڭدىن ھەرگىز ۋايسىمايدۇ، قاغىمايدۇ، لەنەتلىمەيدۇ. بالا قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ ئۈزىنىڭ بالىسى، جان-جىگەر يۈرەك پارىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا ئۆز بالىسىغا بالىسىغا ھەرگىزمۇ چىدىمايدۇ. شۇ سەۋەپ ئۆزىنىڭ يۈرەك باغرىدىن قايناپ چىققان ئاق "زەم-زەم" سۈتىدىن مەڭگۇلۈك رازى.
يۇقارقىدەك ئانا ھەقلىرىنى تۇنۇپ يەتكەن بالىمۇ دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسا ئانىسىنى سېغىنىدۇ، ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشاش ئۇنىڭ ئۈچۈن "تۇزسىز تاماققا ئوخساش" لەززەتسىز بۇلۇپ، ئانايۇرتىسىز ھاياتمۇ شۇ بالا ئۈچۈن غەمكىنلىك ئىچىدىكى مەنىسىز ھايات ھىساپلىنىدۇ .
ئانىدىن ئايرىلغان بالا گەرچە ياقا يۇرتلاردىكى گۈزەل ماكانلاردا، ئالى مەنسەپلەردە، ئالى ئىمارەتلەردە، ئالى تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ, يەنىلا ئۆز ئانىسى بىلەن بىللە ياشىغان ئاددى ھالەتتىكىدەك كۆڭلى خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ .
ئىنسانغا ئۆتكۈنچە بولسىمۇ، بىردىنبىر خاتىرجەملىك بەخىش ئېتىدىغان نەرسە يەنىلا ئانىسىنىڭ ئىللىق مېھرى، ئانا-يۇرتىنىڭ ئىللىق باغرى، خۇشپۇراق ھاۋاسى، يېقىملىق مەنزىرسى، مۇڭلۇق كۆيلىرى، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ھەرقەدەمدە ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئۆز ئانا-تىلىدىكى گۈزەل ئۇيغۇر ئاۋازى، ئانىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى_ بالام قوسۇقۇڭ ئاچمۇ ؟.
ئاقىل ئەجداتلىرىمىز مۇنداق قىممەتلىك سۆزلىرىنى قالدۇرغان ئىكەن .
ۋەتەندۇر بەخىت ۋەتەندۇر تەخىت _ ۋەتەنسىز ئامىتىڭ ماغزاپ .
ۋەتەن تۇلپار ۋەتەن قۇياش _ ۋەتەنسىز ئەر قالار ئاقساپ .
دەرۋەقە ۋەتەنسىزلەرنىڭ ئامىتى ماغزاپ بولماقتا، ۋەتەنسىزلەر تۇلپارسىز ئاقساپ قالماقتا !!!.
قانچە يىللاردىن بېرى ياقا يۇرتلاردا يەرلىشىپ ياشاۋاتقان بۇلىشىڭىزغا، شۇ تۇپراققا قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىڭىزكە ۋە قانچىلىك يېقىن ئۇرۇق-تۇققان، قۇدا-باجا بولغىنىڭىزغا قارىماي يەنىلا سىز "كۆچمەن - يابانچى" يەنىلا سىز "كەلگۈندە - ئورالمان" سىزنىڭ ئەسلى يۇرتىڭىز بولسا، بۇندىن 60 يىللار بۇرۇن خىتتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغان مۇقەددەس تۇپراق "شەرقىي تۈركىستان" !!!.
مانا بۇنداق ئايرىمىچىلىقلارنى كۆرگەن بارلىق "شەرقىي تۈركىستانلىق" مۇھاجىرلار دۇنيانىڭ نەرىدىلا بۇلىدىكەن ۋەتەنسىزلىك ھەسرىتىنى، ۋەتەنسىزلىك غېرىپلىقىنى ۋە ۋەتەنسىزلىكنىڭ مۇڭلۇق دەرد-ئەلەملىرىنى يەتكىچە تارتىپ كەلمەكتە !!!.
بۈگۈنكى دەۋرىدە دۇنيانىڭ نەرىدىلا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر، ياكى بىر ئۆزبەك، ياكى بىر قازاق ، ياكى بىر باشقا قانداش دوستلىرىمىز بولسۇن، ئەسلى ئانا-يۇرتى "شەرقىي تۈركىستان" بولغانلىكى بىرسىنى كۆرسىڭىز ۋەتەن ئىشقىدا ئەلەملىك ھەسرەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئوتلۇق سادا_ ئاھ... ئانا ۋەتەن ، ئاھ ...ئانا يۇرت !!!.
ئۇلار _ ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىدۇكى، شۇ مۇستەقىللىق كۈنگە ئۇ قەدەر تەشناكى، ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق نەرسە خوشاللىق ئەمەس !!!.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھەرقانداق تەييارلىققا ، ئۇ يولدا ھەرقانداق بەدەلگە، ھەرقانداق قۇربانلىققا ۋە ھەرقانداق پىداكارلىققا تەييار !!!.
ئۇلار بۇ ئارمانغا يىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ھەقىقى يىتەكچى بۇلالايدىغان، بارچە ۋەتەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بىردەك ئىللىق مېھرى-مۇھەببىتىنى بىرەلەيدىغان، مۇستەقىللىق داۋايىمىز ۋە ئۇيغۇرلىقىمىزنىڭ مەڭگۇلىقى ئۈچۈن دادىل ئىلگىرلىيەلەيدىغان، شۇنداقلا قانداش ۋە قېرىنداشلار بىلەن ئۆز-ئارا دوستلۇق-بىرلىك قۇرالايدىغان، ئورتاق مۇجادىلىمىز يۇلىدا داۋاملىق پۇت-تىرەپ تۇرالايدىھغان، ئەمەلى مۇجادىلىمىز يۇلىدا ھەقىقى جەڭگىۋارلىق بىلەن يول باشلىيالايدىغان، بىر باتۇر "ئاتا" ياكى بىر باتۇر "ئانا" نىڭ تىزراق ۋەتەنداشلار ئالدىغا سەكرەپ چىقىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە !!!.
جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ 5- ئىيۇلدىن كېيىنكى ئويغىنىشى ئىنتايىن يۈكسەك، ھەرقانداق چاقىرىققا ئاۋاز قۇشۇش ئىرادىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك ئۈمۈت-ئارزۇلىرى بىلەن ياشىماقتا . ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئۈمۈدىنى بەربات قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن، تارىخى ئىلىم-مەدىنىيەت ئۇستازى بولغان ئۇيغۇرلار ھازىردىن باشلاپ ئۈزىمىزنىڭ ھەر ساھەدىكى دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرپ، بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيغۇرلار كۆپ بولمىغان باشقا يات-ئەللەرگە ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋەتەنداشلىرىمىز ئەڭ كۆپ ئولتىراقلاشقان قەدىمى ماكان ئالما-ئاتا، ياركەنت، بىشكەك، ئاشىقابات، تاشكەنت ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئىزلىرى كەن تارقالغان شەھەرلەرگە يۈزلەندۈرۈشىمىز ۋە بۇ دىيارنى ئۈزىمىزنىڭ تايىنىدىغان ئارقا تېرىكى ۋە ئارقا سەپ ماكانى قىلىشىمىز كېرەك .
ئەگەر بىز بۇندىن كېيىنكى سىياسى پائالىيەتلىرىمىزنى قازاقىستاندا كۈچەيتسەك، شۇ يەردىكى بىر مىليۇنغا يېقىن ۋەتەنداشلارنىڭ قانچىلىك قىزغىن قوللايدىغانلىقى ۋە قانچىلىك قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز . شۇ مۇھاجىر ۋەتەنداشلارنىڭ بىردەك قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق قازاقىستاندىكى مىللى قان-قېرىنداش بولغان ھەر-ساھە كىشىلىرى بىلەنمۇ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، دوستلۇق قۇرۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتقىلى ۋە ئۆز-ئارا ئەمەلى چۈشۈنۈش ھاسىل قىلغىلى بۇلىدۇ .
چۈنكى 2000-يىلدىن باشلاپ بۈگۈڭە قەدەر قازاقىستاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ-كۆلەملىك ئاساسىي پائالىيەتلىرى ياكى باشقا تەشكىلاتلىرىمىز راھبەرلىكىنىڭ بىرەر رەسمى زىيارىتى بۇلۇپ ئۆتمىدى. شۇڭا قازاقىستان دائىرلىرى تەرپىدىن بىزنىڭ مۇستەقىللىق داۋايىمىزنىڭ سىياسى جەھەتتىكى يۈلىنىشىگە بولغان كۆز قارىشى ياخشى ئەمەس .
سەۋەبى بۇ توغرىدا ئۈزىمىز دىققەت قىلمىغان يەرلەر كۆپ، شۇنداقتىمۇ بىز بۇندىن كېيىن قولغا كەلتۈرىدىغان زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قازىنىشقا تەدبىرلىك ھالادا ئۆز- ئارا "ئۇيغۇر _قازاق" "دوستلۇق جەمىيىتى" قۇرۇلىشى ۋە ئۆز-ئارا دىيالوگى ئېلىپ بېرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم .
"2007-يىل 9-ئايدا قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىلىكى تەرپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر سۆھبەتتە، ئۇلارنىڭ بىرقانچە تۈرلى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدىم . سۇئال-سوراق جەريانىدا ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن پاكىتلىق سۆزلىرى، ئۇيغۇر سىياسى رەھبەرلىكى تەرپىدىن قازاقىستاننى ئېغىر تەنقىد قىلىپ ئوتتۇرغا قۇيۇلغان سىن-ئالغۇ لىنتىلىق بىرقانچە جۇملە سۆز-ئىبارىلەر بولدى. بۇ سۆز دەل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكىنىڭ سۆزى ئىدى . ((ئەشۇ ........... قازاق - قىرغىزلاردەك بۇلالمايمىزما ؟)) دىگەن قوپال سۆز ئىبارىلەر !.
مەن ئۇلارغا ئۆز كۆز قارىشىم بۇيىچە خېلى تىرىشىپ چۈشەنجە بەرگەن بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا خىتتايلارنىڭ تەشۋىقاتىدىكى "ئىككى بىسلىق" (بىر تەرەپتىن دوست بىر تەرەپتىن دۈشمەن) دەپ ئېلان قىلىش ئۇسۇلى بۇيىچە ئېلىپ بارغان سۈيىقەستلىك تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە، قازاقىستان رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق داۋاگەرلىرى رەھبەرلىكىگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى .
ئەزەلدىنلا دىنداش، قانداش، تىلداش، ۋەتەنداش ۋە قۇدا-باجا قېرىنداش بۇلاپ ياشاپ كەلگەن دوستلىرىمىزنىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە بۇنداق سەلبى تۇنۇشتا بۇلىشىنىڭ سەۋەپلىرى نىمە ؟
بىرىنچىدىن _ بىز ئۇيغۇرلار ئۈزىمىزنىڭ تارىخى سەلتەنەتلىرىدىن ئىجابى پەخىرلىنىش ھىسسىياتىمىزدىن، سەلبى مەغرۇرلىنىش تۇيغۇمىز چېكىدىن ئاشقانلىق تۈپەيلى بىزدىكى تەكەببۇرلۇق، مەن-مەنلىك، باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئۇلارنى كەمسىتىش، ۋەياكى ئويلىماي پىكىر قىلىش، باشقىلارنىڭ ئازراق كەمچىللىكىنى كۆرۈپلا ئۇرۇنسىز ھاقارەتلەش، ئۇمۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شەخسى ئاداۋەتتىن، شەخسى ئابرۇيدىن ۋاز كېچەممەسلىك كېسىلىنىڭ نەتىجىسى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يىيىشنى ئويلاپ، ئالدىمىزدىكىنى دوستىمىزنىڭ قۇلىدىكى ئاددى داغ-چېينى بولسىمۇ ئىچىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزدىن، يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى خوشناڭ ياخشى، دىگەن ئاتا سۆزىنى ئۇنۇتۇپ قالغانلىقىمىزدىن، تارىخى ئايرىلماس داۋاگەر ۋە تارىخى مۇجادىلەچى دوستۇمىز بولغان، مۇھاجىرەتتىكى سەپىرىمىزنى بىرگە باسقان قانداشلىرىمىزنى ئۇنۇتۇپ قالغانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك.
يىغىپ ئېيىتقاندا، بۇ مۇستەقىللىق كارۋانىمىز سېپىگە باشقا قانداش-قېرىنداش دوستلىرىمىزنىمۇ بىرگە تارتىپ ماڭالمىغانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك.
رۇسلارنى مەغلۇپ قىلغان جەڭگىۋار ئافغان قۇشۇنلىرىنىڭ ئۆز-كارۋان سېپىگە كىملەرنى جەلىپ قىلغانلىقى ۋە كىملەرنى قاتناشتۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا شۇ غەلبىلىك ھەركەت يۇلىدا قانداق جۇغراپىيەدىن پايدىلانغالىقىنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن بولسا كېرەك.
ئەڭ ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندىمۇ ھىندىستان تەۋەسىدە تىبەتلىكلەرنىڭ قانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بۇلۇپ ياشاۋاتقانلىقى ۋە ئالاھىدە زېمىن يارىتىپ بېرلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ نىمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلمىغانلىقىمىزدىن بولسا كېرەك.
ئەگەر بىز بۇندىن كېيىن "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنغا ۋە خەلىقارادىكى كەڭ جامائەتچىلىككە جانلىق تۇنۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ ھەقلىق داۋانى دەۋرىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز ۋە بارچە "شەرقىي تۈركىستان"لىق مۇھاجىرلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا توپلايمىز دەيدىكەنمىز، 2010-يىلدىن باشلاپ ياۋرۇپا بىخەتەرلىكىنىڭ باش ساھىپخانلىقىنى ئۈتەۋاتقان ۋە كېيىنكى يىللاردا دۇنيا "ئىسلام بىرلەشمىسى" نىڭ باش ساھىپخانلىقىنى ئۆز-ئۈستىگە ئېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان تارىخى ۋە جۇغراپىيەۋى قان-قېرىنداش بولغان تارىخى خوشنىمىز ۋە دوستىمىز " قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە قازاقىستان خەلقى" بىلەن يېقىندىن دوستلۇق ئورنىتىشىمىز ۋە قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرى بىلەن دائىما دوستلۇق ئالاقىدا بۇلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.
بىز "شەرقىي تۈركىستان" مۇستەقىللىق داۋاگەرلىرى ئۆز-قېرىنداشلىرىمىز بولغان خوشنىمىز بىلەن "ئۇيغۇر_ قازاق" دوستلۇق جەمىيىتىنى قانچە تىز قۇرۇپ چىقالىساق، بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان "مۇستەقىللىق داۋايىمىز"نىڭ ئىلگىرلەش-ئەمىلىلىش يوللىرى، شۇ يولدىكى ۋە شۇ ئورۇندىكى مۇھاجىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئىشلىرى، شۇنداقلا بۇ داۋا يۇلىدىكى پايدىلىنىش ۋاستىلىرىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى-ئىمكانلىرى شۇنچە تىز ھەل بۇلىدۇ .
بىز بۇندىن كېيىنكى ئېلىپ بارماقچى بولغان شانلىق ھەركەتلىرىمىز سېپىدە، يەنىلا شۇ قۇلىدا تۈمۈرنىڭ پارچى ۋە ھاسىنىڭ سۇنىقى بولمىغان مۇلايىم، بىچارە ئۇيغۇر دىخانلىرىنىلا كۆرمەستىن، بەلكى تاغ ئۈستىلىرىدە ئات مىنەلەيدىغان، قىيالاردا ئوغلاق تارتالايدىغان، يانلىرىدىن قىلىچ-پىچاقلىرى بىلەن نەشتەر قامچىلىرىنى ئايرىمايدىغان، ئاباي ئاتانىڭ، رېيىمبەك ئاتانىڭ ۋە قاراساي باتۇر قاتارلىق بۈيۈك ئەجداتلارنىڭ جەڭگىۋار ئوغلانلىرىنىمۇ ئۆز سېپىمىزدە كۆرىشىمىز كېرەك !!!
ئەنە شۇ چاغدا_ بۇ كارۋان ئىگىز چوققىلارغا قاراپ ئۆرلەيدۇ ۋە بۈيۈك غەلبىگە قاراپ ئىلگىرلەيدۇ، ئەنە شۇ چاغدا نۆۋەتتىكى "مۇستەقىللىق داۋايىمىز ۋە مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇرلۇقىمىز" مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ .
ئا. مۆلجەرلى
2010-6-1