ئانا يۇرتقا سالام
ئانا يۇرتۇم ئالەم يۇرتۇم، ئاتۇش قەدىم ئاتا يۇرتۇم .
ئەزىز قەشقەر يۈرەك-باغرىم، خوتەن نۇرلۇق دىيارىم.
قاغىلىق ئۆز غۇرۇرۇم، يېڭىساردۇر كۈلتۈرۈم.
ئۈچتۇرپاندۇر ئىپتىخارىم، ئاۋات ئاپپاق ئالتۇنۇم.
※ ※
يەكەن بۈيۈك، ئوردا يۇرتۇم، ئاقسۇ قاينام، بۇلىقىم.
شايار چەكسىز بىپايانىم، كۇچار گۆۋھەر ماكانىم .
※ ※
كورلا ئىللىق، شىرىن بېغىم، تۇرپان ھەيۋەت ئاستانەم.
ئىلى بۇلبۇل ماكانىمدۇر، قارماي ئالتۇن دىيارىم.
※ ※
ئۈرۈمچىدۇر قارارگاھىم، قۇمۇل تۆمۈر دەرۋازام.
ئالتاي، چۆچەك، ئات يايلىقىم، سايرام، تەلكە، داۋانىم !!!.
※ ※
ئانا يۇرتۇم ئالەم يۇرتۇم، ئالەمچە كەڭ-دالا يۇرتۇم.
"ئانام" كەبى چېھرىڭىزگە- ھۆرمەت بىلەن سالام تۇتتۇم!.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!
سۈيۈملۈك ئانا يۇرتۇم - قەدىرلىك يۇرتداشلىرىم !!!
ئا. مۆلجەرلى
2012-12-06
**********
شەھىدانە خوتەن خەلقىگە سالام
تۇپرىقى تۇتيا _ تاشلىرى گۆۋھەر ،
سۇلىرى شىرىن _ باغلىرى جەۋھەر .
خەلقى ھۈنەرۋەن _ قوللىرى چىۋەر ،
شۇنداق خەلىق ئۇ _ دۇنيا ھەم بىلەر .
* * * * *
ئاتىلار قورىقماس _ ئانىلار قەھرىمان ،
ئوغۇللار قەيسەر _ قىزلار پەھلىۋان .
شانلىق كۈرەشكە _ ئاتلىنار ھامان ،
شۇنداق خەلىق ئۇ _ باتۇر ھەر زامان .
* * * * *
ئىمان ھەم ۋىجدان _ ساھىبى بۇلۇپ ،
ياۋاغا ئىگىلمەي _ مەردانا تۇرۇپ .
قۇرغان ئەمىرلىك _ مۇستەقىل بۇلۇپ ،
ئۆتكەن خەلىق ئۇ _ تارىق قالدۇرۇپ !!!.
* * * * *
يەنە قۇرغۇسى _ شۇنداق ئەمىرلىك ،
باردۇر ئۇلاردا _ ئۆز-ئارا بىرلىك ،
بىرلىكى بولغان _ كېلۇر غەلبىلىك ،
شۇنداق خەلىق ئۇ _ دائىم سەبرىلىك .
* * * * *
خوتەن خەلقىدە _ باردۇر زور ئۈمۈد ،
ئۇلار زۇلۇمغا _ قىلمايدۇ سۈكۈت .
كېلىدۇ بىر كۈن _ ئاتلىنار جەڭگە ،
شۇنداق خەلىق ئۇ _ قىرانۇ-بۈركۈت !!!.
سالام ئەي خوتەن _ سالام ئەي دوستلار !!!
سىلەر ئىمانلىق _ سىلەر سەبرىلىك ،
سىلەر ئىخلاسمەن _ سىلەر غايىلىك .
سىلەر جەڭگىۋار _ سىلەر ۋىجدانلىق ،
شۇڭا سىلەرگە ئۇمۈد باغلايمىز _
قۇللۇقتا ئۆلمەك ئىنسانغا ئارلىق !!!.
_____ ئا.مۆلجەرلى _____
2011-07-11