گۇۋانتانامو مەھبۇسى شېرى

گۇۋانتانامو مەھبۇسى شېرى
  ( ئاپتۇرى _  ئادىل نۇرى )
ھەقىقەتپەرۋەر- ئىنقىلاپچى دىنى ئالىم ئەھمەدجان داموللام 
   (گۇئانتانامو تۇرمىسىدا يېزىلغان شېئىر)
مۇزلىدى 
قەدەملەر باسماس بۈگۈن چۈنكى تەنلەر مۇزلىدى
تۇمۇر قەپەز ئىچىدە  ئاجىز قەدەملەر مۇزلىدى 
قەدەملەر ھېچ گەپ ئەمەس، ئۇ زۇلۇمنىڭ دەھشىتىدىن-
ئىنسانغا بولغان ئىشەنچ  ھەم، كوزقاراشلار مۇزلىدى

ھالىمىز دەھشەت بۈگۈن چۈنكى بىزنى خورلىدى
گۇناھسىز سەن دەپ تۇرۇپ، زۇلۇمغا بىزنى زورلىدى
ھەجەپ كۆڭلۈم، يەتتى سۈڭەككە بۇ زۇلۇمنىڭ خەنجىرى
بىزگە قىلغان ئۇ  ھۇجۇمىدىن ئىللىق قەلىپلەر مۇزلىدى

بىركۈنى يالغان كۈلۈپ گۇناھسىزسەن ئەسلى دىدى
بىر كۈنى قاپاق تۈرۈپ دۈشمەن ... دىدى توۋلىدى
بۇ خۇلقىدىن دىدىم ئۇنى سىياسىي بۇلاڭچى ئىكەن
نەپ ئۈچۈن ساتار خەقنى، ئاڭا رەھمىم مۇزلىدى

بىر زۇلۇمغا سەبىر قىلساڭ  يانا زۇلۇم كۆپلىدى
بۇ ياكى بىر بەد نىيەت، ماڭا شۇملۇق كۆزلىدى
چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمدا، شۇم-زالىملار دەستىدىن
ئىنسانلاردا ئۆز-ئارا مېھىر شەپقەت مۇزلىدى

مايمۇن كەبى قەلبىنى - بولدى مەككەم چۇشىدى
تويغاچ تۆمۈردە كۆپ قېتىم ئۆپكە-جىگەرلەر كۈشىدى
سىيالوس دەپ قىينىسا بىئايلوس دەپ يالماش دىدى
قالمىدى تەندە ماغدۇر ئاجىز تەنلەر مۇزلىدى

ئۆتتى تارىخ كۆپ مىسساللار، زالىم ئامان قالمىدى
خۇمسەمار جاللاتلارھەم،  تارىقتىن ئىبىرەت ئالمىدى
چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمدا خۇلقىدىن كۆردۈممىكىن
كىشىلىك ھۇقۇق شۇئارىغا قىزغىن ئۈمىدىم مۇزلىدى

ھە  دىسە بېسىپ كىرىپ قاڭشار قاپاقنى سازلىدى
بەكچى زالىم بەت نىيەتلەر بىزگە ھالاكەت سۆزلىدى
گويا زۇلمەت باستى جاھاننى، ھەق شۇئارلار قالمىدى
ھەق بولمىسا نەقەدەر - ھاياتقا مۇھەببەت مۇزلىدى

قىلدى شۇنداق دەھشەت زۇلۇم، گويا يارامنى تۇزلىدى
تاۋلىنىپ ئاچچىق زۇلۇمدا، بىر ئۈمىدىم  ئون ـ يۈزلىدى
بىلدۈرۈشنى مەخسەت قىلىپ خەلقىمگە ياتلار پەيلىنى
مىڭ زۇلۇمدىن بىرىنى يازدىم ،  بۇ قەلەم ھەم مۇزلىدى
       
        (گۇئانتانامو تۇرمىسىدا يېزىلغان شېئىر)

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى