مۇتەئەسسىپلىك ـ پاجىئەسى

 مۇتەئەسسىپلىك ـ پاجىئەسى
مۇتەئەسسىپلىك ھەربىر ئىنساننىڭ ئۈزىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بۈيۈك پاجىئەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىنسان بۇ ھاياتلىق تۇرمۇشتا ھېچ تەسەۋۋۇر قىلمىغان تۈرلى ھادىسلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ ، بۇنداق ھادىسلەرنى توغرا مۇلاھىزە قىلىش ۋە توغرا بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۇن چۇقۇم ئۇ ئىنساندا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە يىتەرلىك  ئىلىم بۇلىشى كەرەك.
ئۇ ئىلىم  ئىلاھى كىتالپلاردىن (قۇران_ھەدىستىن) ئېلىنغان بولسۇن، ۋەياكى شۇ ئىلاھى كىتاپلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ پەن-تەرەققىيات ساھاسىدىدىكى  يۇقىرى دەرىجىدە ئىلىم ھاسىل قىلغان بىرەر تەتقىقاتچى ئالىملار تەرپىدىن تۈزۈلگەن بولسۇن چۇقۇم مۇئەييەن بىر ئىلىم بۇلىشى شەرت ! چۈنكى ئىنسان ئىلىمسىز ھىچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ.  سەۋەبى  _ شۇ ئىنساننى يوق يەردىن ياراتقان قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرپىدىن بۇ ئىنسانلار ئالىمىگە مەخسۇس بىكىتىلگەن ئىلاھى قانۇنىيەت بۇلۇپ، شۇ سەۋەپتىن ئىنسان بۈشۈكتىكى ۋاختىدىن باشلاپ تاكى ئۆلگىچە ئىلىم ئۈگۈنۈشكە  تەشەببۇس قىلىنغان ۋە ئالاھىدە بۇيرۇلغان ! 

ئەنە شۇ سەۋەپتىن ئىنسان ئىلىم ئۈگۈنۈشكە ھېرىسلىق قىلىدۇ ۋە بۇخىل ئىلىم ئۈگۈنۈشنى ئۈزى ئۈچۇن ئەڭ مۇھىم بولغان مەنىۋى ئۇزۇق دەپ تۇنۇيدۇ. گەرچە بۇخىل ئىلمنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئوخشاش بولسىمۇ دەۋرىنىڭ ئۈتىشى ۋە زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ھەرخىل  ئىلىم ساھەلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا شۇ ئىلىمنى تەلىم بەرىدىغان ئىلىم ساھىپلىرىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. مانا بۇ ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە بۇ خىل ئىلىم ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ئىلىم ھاسىل قىلىشتىكى ئۇسلۇبى ۋە كۆز قاراشلىرى تۈپتىن ئۆزگەردى. ھەتتاكى مەڭگۇ ئۆزگەرمەس ئىلاھى قانۇن بولغان قۇران كەرىمدىن ئىلىم ھاسىل قىلغۇچىلارمۇ مۇھىم -ھالقىلىق مەسىللەر ئۈستىدە تۈرلى مۇنازىرلەر پەيدا قىلىشتى ۋە بەزىبىر شەرىي ھۈكۈملەرنى بايان قىلىشتا (گەرچە ماھىيەتتە بىردەك كۆرۈنسىمۇ ) ئۇسلۇب جەھەتتە ئوخھساشمىغان تۈرلى پىكىرلەرنى  ئوتتۇرغا قۇيىدىغان بولدى. 

مانا بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تۈرلى كۆز قاراشلار ۋە ھەر خىل ئىبادەت شەكىللىرى مەيدانغا كەلدى. بۇلۇپمۇ ئاساسى پىرىنسىپلىق مەسىللەردىن بولغان ئىلىمپەن مائارىپ سېستىمىلىرى ۋە تەرەققىيات-ئىجادىيەتلى قاتارلىق ئىجتىمائى مەسىللەردە ئوخشمىغان تەئەسسۇبىيەتلىك <مۇتەئەسسىپلىك> كۆز قاراشلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى بىلەن، پۈتكۈل  ئىسلام دۇنياسى ئۆز ئارا تالاش ـ تارتىش بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ ھازىرقى زامان پەن-تەرەققىياتىدا بەكمۇ ئارقىدا قالدى. شۇنداق تۇرۇغلۇق يەنىلا بۇخىل تەئەئەسۇبلۇق كەڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزلۈكسىز داۋام قىلماقتا ۋە بۇخىل تەئەسسۇبىيەتنىڭ مىسلىسىز پاجىئەلىرىنى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە باشتىن كەچۈرمەكتە!.

بۇخىل پاجىئەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىمۇ ئورنىنىى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بۈيۈك پاجىئەلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق ۋە تا ھازىرغىچە ئۆتكۈزمەكتىمىز!

بۇنىڭ پاكىتلىق مىساللىرىدىن بىرى، ئەينى زاماندىكى شەيخۇل بۇخارا (بۇخارانىڭ ئۇستازى) دەپ نام ئالغان ، شۇنداقلا ئۈزىنىڭ مىراس قالدۇرغان مەشھۇر كىتابى بىلەن پۇتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا تۇنۇلغان، شۇ دەۋرى ئالىملىرى توپلانغان ھىندىستان ئىلىم مەركىزى < دۇيۇبەندى > ئالىملىرى تەرپىدىن يۈكسەك باھا بىرىلگەن ، ھەمدە پەخىرلىك ئۇستاز ئۈنۋانىغا ئەرىشكەن ۋە ئۈزىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئىلم قۇۋۋىتى بىلەن مەڭگۇ ئۆلمەس ئەسرلەرنى قالدۇرغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئالىمى ئابدۇقادىر داموللام نىڭ ، ئۆز مىللىتى ئىچىدىن چىققان مۇتەئەسسىپ مەلئۇنلارنىڭ رەزىل سۈيىقەستى بىلەن شەھىد قىلىنىشى بۇلۇپ ، بۇ بۇيۈك پاجىئە يالغۇز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىلا ئەمەس بەلكى ، بارچە ئىسلام دۇنياسىغا كەلتۈرگەن بۈيۈك پاجىئەلەردىن بىرى بۇلۇپ خاتىرلەندى . 

بۇنداق ۋەھشى پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ھىندىستان <دۇيۇبەندى> ئىسلام مەركىزىنىڭ ئالىملىرى شۇنداق ئېچىنارلىق سۆزلەرنى قالدۇرغان ئىكەن.

( ئەينى زاماندا ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن قەۋىمنى ئاللاھ قاتتىق جازالاپ ئۇلارنىىڭ ئۈستىگە  ئەشەددى زالىم پادىشانى مۇسەللەت  قىلىپ قويغان ئىدى . ھەي..... .بۇ بىچارە  قاشغارىيە  مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ خەتەرلىك).

ئۇندىن باشقا يەنە بىرقانچە مىساللار بۇلۇپ ، ئۇ ۋاقىئەلەرمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇتەئەسسىپ قارا كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن  مىللىتىمىز ئارىسىدىكى يېڭى مائارىپ ساھەسىنىڭ ، بۇلار بىدئەتچىلەر (جەدىدچىلەر) دىگەن جاھىلانە قارا تۆھمەتلىرىگە ئۇچرىشى ۋە  ئېگىر دەرىجىدە تۇسالغۇلارغا دۇچ كېلىشى ، ساددا مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قاراڭغۇلۇقتا قەلىشىغا بىردىن-بىر سەۋەپ بولغان پاجىئەلەردۇر.

ئەنە شۇنداق پاجىئەلەر نەتىجىسىدە، تاكى بۈنكى كۈنىمىزگىچە شۇ پاجىئەنىڭ قانلىق بەدىلىنى تۈلەپ تۈگىتەلمەي ئىنسان دەرىجىسىدىن تۈۋەن ھالدا خورلۇق ۋە دەپسەندىلىكتىن ئىبارەت قۇللۇق ھاياتتا ئۆتمەكتىمىز !.

يەنە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، ياكى شۇ ئېچىنارلىق تارىخنى ئازراق بولسىمۇ ئىنساپ بىلەن ئەسلىمەي ، يەنىلا ئۆزىنىڭ  مۇتەئەسسپلىكىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاتالمىش (ئالىملىق) نىقابىى بىلەن بىچارە مۇسۇلمانلارنى شۇ تاجاۋۇزچىلارغا قۇل  قىلدۇرۋاتقان بەزىبىر مەخلۇقلار خەلقىمىز ئىچىدە يەنىلا مەۋجۇت . بۇنداق كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئىلىم ئىگىسى ياكى خەلىق پىشىۋاسى ۋەياكى خەلىق باشچىسى بولماستىن، بەلكى خەلىق دۈشمىنى شۇنداقلا مەزلىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئەبەدى دۈشمىنى ھىساپلىنىدۇ !. بۇلارنىڭ كىيىۋالغان ئاتالمىش (ئالىملىق) رەڭدار تونلىرى، پەقەتلا ئۆزلىرىنى خەلىققە ياخشى كۆرسۈتۇش بۇلۇپ، ھەرگىزمۇ (ئالىملىق) سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئۇلاردا ھەقىقى ئىلىم بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ بۇنداق ئۆز مىللىتىنى قۇللۇققا مەھكۇم قىلىدىغان پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماس ئىدى . يەنىلا ھازىرقى دەۋرىمىزدىكىدەك مۇتەئەسىپلىك قىلماستىن بەلكى شۇ ئىلىمنىڭ ئەسلى ماھىتى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ئىسلاھ قىلىپ ، ئاللاھ تەرپىدىن بۇيرۇلغان بارچە بۇيرۇقلارغا ئالدى بىلەن ئۈزى ئەمەل قىلىش ئارقىلىق مەزلۇم بىچارە مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يىگەن ۋە شۇ يولدا ۋىجدان ـ غۇرۇرى  بىلەن ياشاپ ھەقىقى ئادەم سۈپىتىدە  ھايات كەچۈرگەن بۇلاتتى .

مىڭ ئەپسۇسكى بۇنداق ئىنسانلار ئارىمىزدا يەنىلا مەۋجۇت. بۇنداق ئىنسانلارنىڭ تارقاتقان زەھەرلىك مىۋىلىرىنى يەپ قالغان خېلى كۆپ ساندىكى  قەرىنداشلىرىمىز ، تا.. ھازىرغىچە شۇ زەھەرنىڭ تەسىرىدىن خالى بۇلالماي گاڭگىراپ يۈرمەكتە ۋە شۇ زەھەرنىڭ تەسىرىدىن  كېلىپ چىققان روھى كېسەللىكتىن پاكلىنالماي ئاۋارە بولماقتا !

مانا بۇخىل پاكلىنىش قىيىن بولغان زەھەر ، دەل ئىنسان ئۆزىگە كەرەگلىك بولغان ئەڭ مۇھىم ئىلىملەرنىڭ خاتا يەردىن خاتا ئېلىنىشى  بۇلۇپ ھەساپلىنىدۇ. بۇخىل ئىلىملەر _ ئىنساننىڭ دىنى ئېتىقادى، سىياسى كۆز قارشى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ۋە ئىقتىسادى ساھەلىرىدىكى ئېھتىياجلىق ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، بۇ خىل ئىلىم ئىنسان ھاياتىغا  بىۋاستە يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر-بىر ئىلىم ئۈگەنگۈچى شەخىس، ئىلىم ئۈگۈنۈشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار تۈۋەندىكىچە !

بىرىنجى _  ھەربىر كىشى ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ( يۇقارقى كۆرسۈتۈلگەن ) ئەڭ ئېتىياجلىق ئىلىم ساھەلىرىنى تاللاش .
ئىككىنجى _ شۇ خىل ئىلىمنى ئۈگەتكۈچى كىشىنىڭ كىملىگى ۋە ئىددىيەۋى كۆز قارىشىنى بىلىش.
ئۈچۈنجى_ ئۆز ئەقىدىسىنى ساقلىغان ئاساستا ھەرقانداق ئىلىم ئۈگۈنۈشتىن قاچماسلىق.

مانا ياقارقى پىرىنسىپ بۇيىچە ئىلىم ھاسىل قىلغان كىشى، شۇ ئىگەللىگەن ئىلمى ۋە ئۆز ئەقىل ئىدراكى بىلەن  چۇقۇم ئۈزىنى كونتىرول قىلايدۇ ۋە ئۆز ھاياتىدىكى تۇيۇقسىز كەلىدىغان پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ دەپ ئويلايمەن.

بۇنداق دىيىشىمنىڭ ئاساسى شۇكى، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە ياكى بەزى ئىلمپەن ساھەسىدىكى زىيالىلار ئۈزىنىڭ مەكتەپ ھاياتىدىكى ئەڭ سەزگۈر ۋە ئەڭ زەرەك دەۋرىدە  بارلىق ساھەدە ئىلىم ئىگەللەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق  ئىسلام ئەقىدىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆرمەيدۇ. ياكى سەلبى كۆز قاراشلىرى بىلەن مۇتەئەسپلىك قىلىپ، ئاخىرى ئۈزىنىڭ كونتىروللىقىنى يۇقۇتۇپ،  تۈپتىن ئىسلامغا زىت سۆزـ ھەركەت  قىلىدىغان (دىن دۈشمىنى) بۇلۇپ چىقىشى ئېنىق. بۇخىل دۈشمەنلىك ھەركەتلىرى بىلەن ئىسلامغا ئاشكارا ھالدا دۈشمەنلىك قىلغانلىقى كۆرۈلمىسىمۇ، بەزىبىر پىكىر بايان قىلىش ۋەياكى  دىندارلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ، ئۆزئارا دىيالوگ سۆھبەتلەردە سەلبى تەسىرلىرىنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق، ئۆزارا سىياسى ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەردە  بىر-بىرلىرى  بىلەن مەنلىك تالىشىدۇ ياكى قارشى تەرەپنى مەنسىتمەسلىك تەكەببۇرلىقى تۈپەيلى ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىك ـ ئىتتىپاقلىغى بولمايدۇ. 

يەنە بىر قىسىم دىنى مەكتەپلەردە ئۇقۇغۇچىلار ۋەياكى ئاتالمىش دىنى ئالىملار، ئىسلام ئەقىدىسى ۋە تۈرلى دىنى بىلىملەرنى ئالاھىدە ئۇقىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزى خەلىقارالىق پەن-مەدەنىيەت ساھەسىدىكى كىتاپ-ماتەرىياللاردىن، گېزىت - ژۈرناللاردىن ۋە كۈندىلىك خەلىقارا سىياسى خەۋەرلەردىن ۋاختىدا پايدىلانمايدۇ. ۋاياكى بۇ خىل پايدىلىنىشنى توغرا ئەمەس، بىز بۇلارنى بىلىمىز دەپ قاراپ، ئۆز مۇتەئەسسىپلىكى سەۋەبىدىن ئاخىرى يېڭى مائارىپ ۋە يېڭى تەرەققىيقتقا قارشى، ياكى بولمىسا سىياسى ئاڭ سەۋىيىسى ناھايىتى تۈۋەن، پەقەتلا ئەقىدە توغىرىسىدا مۇلاھىزە قىلىدىغان، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا ۋە ئۇ ۋەزىيەتكە قارىتا جىددى ئىنكاس قايتۇرۇشتا سۇسلۇق قىلىدىغان، ياكى بولمىسا بىلىپ-بىلمەي ئۇمۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا پىكىر قىلىدىغان ئىقتىدارسىز بىر كىشى بۇلۇپ چىقىشى ئەنىق. 
مانا بۇخىل مۇتەئەسسىپلىك بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۈزىگە سېزىلمىگەن ھالدا مەنلىك پەيدا قىلغان بولۇپ، مەن بىلىمەن ئۇ بىلمەيدۇ، مىنىڭ توغرا ئۇنىڭ خاتا، بىز توغرا يولدىمىز ئۇلار ئازغۇن، ياكى بولمىسا بىز ھەقىقى دىندار ئۇلار پاسىقلار ۋەيا كافىرلار، دىگەندەك قاتمال مۇتەئەسسىپلىك قىلىشىپ خەلىقنىڭ ئاۋازى ۋە خەلىقنىڭ يۈرەك ساداسى بولغا ئىلمى زىيالىلارنى مەنسىتمەسلىك نەتىجىسىدە، تەبى ھالدا دىننى، ۋەتەننى،خەلىقنى، شۇنداقلا بۇ مۇسۇلمان خەلىقنىڭ ئورتاق غايىسى بولغان ئەركىنلىك يۇلىنى <سىياساسى مەيداننى > تالىشىش ۋە قىزغىنىش ئارقىلىق، يالغۇز ئۈزىگىلا ئەمەس بەلكى ئۇمۇمى خەلىققە بۈيۈك پاجىئەلەرنى كەلتۈرىدۇ.

بۇنداق مۇتەئەسسىپلىك يالغۇز شۇ كىشىگىلا ئەمەس، ياكى بىرەر مىللەتكە ئەمەس بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتكە ، بۇلۇپمۇ بىزگە ئوخشىغان بىچارە ، مەزلۇم مىللەتكە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدۇ ۋە بۈيۈك پاجىئەلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ.

ھازىرقى دەۋرىمىزدە بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بەزى مۇتەئەسسىپلىكلەرمۇ، دەل شۇ ئىلىم ئۈگۈنۈش جەريانىدىكى سەستىمىسىز تەلىم-تەربىيەنىڭ زەھەرلىك مىۋىلىرىدىن دىسەك ئەلۋەتتە خاتالاشمايمىز.

شۇنىڭ ئۇچۇن ھەر-بىر شەرقى تۈركىستانلىق قەرىنداشلىرىمدىن ئۈتۈنۇپ سورايدىغىنىم ، سىلەر قايسى ساھەلەردە بولماڭلار مۇتەئەسسىپلىكتىن ئىبارەت ،ئىنسان ھاياتىغا ئېغىر  پاجىئەلەردىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدىغان بۇنداق جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى تۈپتىن يۇقىتىڭلار!!!

قاچانكى بىز ئۇيغۇرلاردا تۈرلى مۇتەئەسسىپلىك يۇقۇلۇپ،  ئۆز ئارا دوستلۇق ۋە ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل بۇلىدىكەن، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قاراڭگۇ ئۈيىمىزنىڭ دەرىزىمىزدىن يېڭى بەخىت نۇرى چاقنايدۇ !

            
ئا.مۆلجەرلى          
                                                    
2009-8-19

  

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى