ئىسلام ئىدىيىسى

ئىسلام ئىدىيىسى
مەرھۇم شەھىد سەييىد قۇتۇبنىڭ  "يولبەلگىسى" ناملىق ئەسىرىدىن قىسقىچە تاللانمىلار :  
 ـ  ھازىرقى  دەۋرىدە  ياشاۋاتقان  ھەر  بىر مۇسۇلمان ،ئىسلامنىڭ  دەسلەپكى  دەۋرى  دۇچ  كەلگىنىدەك ئۇنىڭدىن  قىلچە  پەرقىلەنمەيدىغان، بەلكى  ئۇنىڭدىنممۇ  ئېغىر زۇلمەتلىك  جاھالەت ئىچىدە  ياشاۋاتىمىز. ئەتىراپىمىزدىكى  ھەممە  نەرسە جاھالەت ، كىشىلەرنىڭ  ئىدىيە  ۋە ئاڭ ــ سىزىمى ، دۇنيا قارىشى، ئۆرۈپ ـ ئادىتى،مەدەنىيەت مەنبەئى، ئەدەبىيات ــ سەنئەت، قانۇن ــ تۈزۈم ھەتتا شەكلى ئۆزگەرگەن ئاتالمىش « ئىسلام مەدىنىيىتى »« ئىلام ماتىريالى»« ئىسلام پەلسەپىسى»«ئىسلام ئىدىيىسى » ۋە « ئىسلام دۆلەتلىرى » قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى جاھالەتنىڭ ئويدۇرمىلىرىدىن  باشقا نەرسە ئەمەس . شۇ سەۋەپتىن  ئىسلام دۇنيا قارىشى  بىزنىڭ قەلبىمىزدە  مۇستەھكەم  بۇلالمىدى ۋە  ئىسلام  دىننىڭ  ھەقىقىتى  ھەققىدىمۇ  ئېنىق ، مۇكەممەل ، توغرا چۈشەنچىگە  ئىگە  بۇلالمىدۇق . شۇسەۋەپتىن  تۇنجى ئەۋلات  مۇسۇلمانلاردەك ‹ ساھابىلاردەك › قەھرىمانلار ئارىمىزدا  قايتىدىن  دۇنياغا  كەلمىدى .

ئۇنداقتا، ئىسلام  ھەقىقىتى يۇلىدا ئۇنىڭ  مەيدانغا  كېلىش باسقۇچىدىن  ۋە  شەكىللىنىش مەزگىللىرىدىن ، بىز  يۈلۈنۈپ  تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان  جاھالەتنىڭ بارلىق  ناچار  تەسىرلىرىنى  چۇقۇم  چىقىرىپ  تاشلىشىمىز كېرەك . بۇ  ناچار ئىللەتلەرنى  تازلىشىمىز ئۈچۈن ، ئاۋال بىز ئەسلى بۇلاققا قايتىشىمىز لازىم.

بۇ  بۇلاق ، ھېلىقى  تۇنجى  ئەۋلات  قەھرىمانلار  ئۇزۇق  ئالغان ‹ قۇرئانى كەرىمنى  ئاساسى  مىزان  قىلغان › بۇلاقىدۇر .ئاللاھ  بۇ  بۇلاقنى  ئۈزى  قوغداۋاتىدۇ ، بۇ  بۇلاقنىڭ  ئەسلى ماھىتى بۇلغانمىدى  ۋە  بۇرمىلانمىدى . بىز  بۇ  بۇلاققا  ھەقىقى تۈردە  قايىتساقلا ، ئۈزىمىزنىڭ  دۇنيا  قارىشىمىزنى ئىسلام  تەقەززاسىغا  ئويغۇن  ھئالدا  توغرىلىيالايمىز . شۇ  چاغدا كائىنات  مەۋجۇتلۇقىنىڭ  ھەقىقىتىنى ۋە ئىنسانىيەت  مەۋجۇت ـ لىقىدىن  ئىبارەت  ھەقىقەتنى ۋە بۇ  ئىككىسىنىڭ  بارلىق  مۇناسىۋەتلىرىنى شۇنداقلا  بۇ  ئىككىسى  بىلەن  بۇنى  ياراتقان  ئاللاھنىڭ  مۇناسىۋتىنى چۇڭقۇر  چۈشىنەلەيمىز. شۇنىڭ  بىلەن  قۇرئان بىزنىڭ  كىشىلىك  دۇنيا  قارىشىمىز، قىممەت قارىشىمىز ، ئىتنىك ئەخلاق  قارىشىمىز ۋە  شۇنىڭدەك  بىزنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ، ۋە  جەمىيەت  تەرتىبىنى  مۇكەممەل  ئىدارە   قىلىدىغان   قانۇن  تۈزۈملىرىمىزگىچە  سىڭىپ  كىرىدۇ .

بىز  بۇ  بۇلاققا ‹ قۇرئانغا› قايىتقىنىمىزدا چۇقۇم  ئۆزىمىزدە  قۇرئاننى  ئەمەلىلەشتۈرەلىگىدەك  قەتئى  روھ ھازىرلىشىمىز،  ھەرگىزمۇ  ئۇنى ‹ قۇرئاننى›    تەتقىق قىلىش ، زوقلىنىش ،  ۋە قىزىقىشنى   مەقسەت   قىلىماسلىقىمىز  لازىم . بىز  دائىم   قۇرئان  بىزنى  زادى  قانداق  كىشلەرگە  ئايلاندۇرماقچى ؟دىگەننى  چۈشۈنۈشىمىز ، شۇندىن   كېيىن  دەرھال   ئۇنى  ئىزچىللاشتۇرىشىمىز  لازىم . بۇ  قۇرئانغا  قايتىشتا ، بىز   قۇرئان  ئايەتلىرىنىڭ  ئاجايىپ بەدىلىگى ، كىشى  قەلبىنى لەرزىگە  سالىدىغان  ئاجايىپ  قىسسىلىرى ، ئادەمنىڭ  تېنىنى  جۇغۇلدىتىۋىتدىغان  ئۆلۈم  ئالدىدىكى  مەنزىرلىرى ، ھەمدە يەنەقۇرئاننىڭ  ئۈزىگە  خاس  ئۇسلىبتىكى  ئىنسان  تەبىئىتى ، پەلسەپىسى ، ۋە  شۇنىڭدەك  باشقا  تەقىقاتچى  قىززىققۇچىلار  ئىنتىلگەن  ھەممە  نەرسىنى     رۇشەن  كۆرەلەيمىز . بىراق  بىز  ئۇ  كۆرۈنۈشنىلا  ئۈزىمىزنىڭ ‹ ئەسلى يەتمەكچى بولغان › باش  نىشانى  قلىشقا  بولمايدۇ . 

بىزنىڭ  باش  نىشانىمىز  قۇرئان  بىزلەرنى  زادى  نىمىلەرگە  بۇيرۇيدۇ ؟ قۇرئان  بىزگە  كۆرسەتكەن  دۇنيا  قاراش  قايسى ؟  قۇرئان  بىزنىڭ  ئاللاھقا بولغان  مۇھاببىتىمىزنىڭ  قانداق  بۇلىشىنى  تەلەپ  قىلىدۇ ؟ ئۇ  تەلەپ  قىلىغان  ئىتنىك  ئەخلاق، سىياسى تۈزۈم ، تۇرمۇش  سېستىمىسى  دىگەنلەر زادى قانداق   بۇلىشى  كېرەك ؟ دىگەنلەرنى  ئېنىقلاپ  ئەمەلىلەشتۈرۈشتىن  ئىبارەت  بۇلىشى   لازىم .

بۇنىڭ  ئۈچۈن  بىز ،  بۇ  جاھىلىيەت  جەمىيىتىنىڭ  ئېغىرــ بېسىملىرىدىن  قەتئى  قۇتۇلۇشىمىز ،  بۇلۇپمۇ  ئۈزىمىزنىڭ  ئىددىيىسىنى  جاھالەتچە  دۇنيا قاراشتىن ، جاھالەتچە  ئەنئەنىۋى  ئۆرۇپ ــ ئادەتلەردىن  ۋە  جاھالەت  رەھبەرلىكىدىن  تامامەن  ئايرىلىپ   چىقىشىمىز  لازىم .

بىزنىڭ  ۋەزىپىمىز ھەرگىزمۇ  جاھىلىيەت  بىلەن  مۇرەسسەلىشىش  ياكى  بويسۇنۇش ئەمەس . چۈنكى ئۇنىڭ  ئۇخىل  جاھالەتچىلىكى  بىزنى  ئۇنىڭ بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە  ئامالسىز  قالدۇرىدۇ ،  شۇنداقتىمۇ  ئىسلام  پىرىنسىپدا  چىڭ  تۇرۇپ ، ئاۋال  ئۈزىمىزنى، ئاندىن  كېيىن  جەمىيەتنى  ئۆزگەرتىش .بىزنىڭ  ئەڭ  مۇھىم  ۋەزىپىمىز ، بۇ  خىل  جەمىيەت  ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ، بۇ  خىل  جاھالەتچە  ھالەتنى  تۈپ  يىلتىزىدىن  قۇرىتىشىمىز لازىم .  چۈنكى   بۇ  خىل  جاھالەتچە  ھالەت  ھىچۋاقىتتا ، ئىسلام  تۇرمۇش  يۇلى ، ئىسلام  دۇنيا  قارىشى ، ۋە ئىسلام  جەمىيىتى  دىگەنلەر  بىلەن  قەتئى  سىغىشالمايدۇ.شۇنداقلا بۇ  جاھالەت  جەمىيىتى ئۈزىنىڭ  زورلۇق ــ زومبۇرلۇق  بېسىم  ۋاستىسى بىلەن، بىزنىڭ  ئىسلامچە  ياشاش ھۇقۇق  ئەركىنلىكىمىزنى تارتىۋالىدۇ.

بىزنىڭ  بۇ  تارىخ   مۇساپىسىدىكى  قەدەملىرىمىز ، ئۈزىمىزنى  بۇ  خىل  جاھالەت  جەمىيىتىنىڭ  تۈرلى كۆز  قاراشلىرىدىن  تامامەن  يىراق  قۇيىشىمىزدۇر. بىز  ئۇلار  بىلەن   دۇقۇرۇشۇپ  قالغاندا ئۈزىمىزنىڭ  ئەسلى  مەنھەجىمىزدە   مۇستەھكەم   تۇرۇشىمىز ، ھەرگىزمۇ  ئۇلار  بىلەن  مۇرەسسەلىشىش ئۈچۈن ئۈزىمىزنىڭ  بۇ  خىل  ئەقىدىۋى  قىممەت  قارىشىمىز  ۋە  دۇنيا  قارىشىمىزغا  قىلچە  ئۆزگەرتىش  كىرگۈزۈشكە  قەتئى  بولمايدۇ . بىز  ئۇلار  بىلەن  قەتئى ئوخشاشمايمىز ، شۇنىڭ  ئۈچۈن  بىز  ئۇنداق  جاھالەت  كىشىلىرىدىن   قەتئى   ئايرىلىشىمىز لازىم . چۈنكى  بىز  ھەربىر  قېتىم   ئۇلار  بىلەن  قەدەمنى ئورتاق  باسقاندا  ئۈزىمىزنىڭ  ئىسلامى   تۇرمۇش   يۇلىنى  يۇقۇتۇپ  قۇيىمىز ، ھەم  تۇيۇق  يولغا   كىرىپ  قالىمىز .

بىز  بۇ  يولدا  تۈرلى  ئەزىيەتلەرگە ،  جاپا ــ مۇشاققەتلەرگە ئۇچرايمىز  ھەم  بۇ  يولدا  نۇرغۇن  بەدەللەرنى  تۈلەيمىز ، ھەمدە  زور  قۇربانلىقلارنى  بېرىمىز . بىز پەقەت  تۇنجى ئەۋلات  قەھرىمانلار ‹ ساھابىلار › نىڭ  يۇلىدىن  مېڭىشنى  ئويلىساق ، بىزنىڭ ‹ ئىسلامدىن ›  باشقا  بىر  تاللاش  يۇلىمىز  بولمايدۇ .ئاللاھ  ئۇلار ‹ ساھابىلار › بىلەن  بۇ  گۈزەل  تۇرمۇش  يۇلىنى  زىمىندا  ئەمەلىلەشتۈرگەن . شۇنداقلا ئۇلار  بىلەن  جاھىلىيەت  ئۈستىدىن  غەلبە  قىلغان . بىز  ھەمىشە  ئىسلامى  تۇرمۇش  يۇلىمىزنىڭ  نىشانىغا ،  مەيدانىمىزنىڭ  ئالاھىدىلىكىگە ، يۇلىمىزنىڭ  ماھىتىگە  ناھايىتى  سەگەك  بۇلىشىمىز  لازىم . بۇ  يولدا  تەۋرەنمەي  مۇستەھكەم  ماڭالىساقلا چۇقۇم   تۇنجى  ئەۋلاد ‹ ساھابى ›  قەھرىمانلاردەك  جاھالەت  قوينىدىن  يۇرۇغلۇققا  چىقالايمىز .

مەنبە :  مەرھۇم  شەھىد  سەييىد  قۇتۈبنىڭ  ‹ يول  بەلگىسى ›  ناملىق   ئەسىرىنىڭ  تەرجىمىسى  - يول بۇيەردە -  ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى