قەلەم كۈرىشى ۋە ئۇيغۇرلار
قەلەم كۈرىشى _ ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىرخىل (تۈگىمەس) ئۇرۇش يۇلى بۇلۇپ ، بۇ خىل ئۇرۇش يۇلىدىن پايدىلانغۇچى سەخىس، جەمىيەت، ياكى ھەرقانداق بىر دەۋلەت ئورۇنلىرى، بۇ يولنى ئۈزىنىڭ ئاساسى تايانچى كۈچ سۈپىتىدە قوللاندى ، ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ خىل ئۇرۇشسىز ھەچقانداق بىرەر غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇ خىل ئۇرۇشنىڭ جانلىق بۇلىشى دەل ئاخىرقى غەلبىلىك ئۇرۇشنىڭ مەنىۋى ئاساسى دەپ قارايدۇ !
ھەقىقەتەن ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ۋە ھەق - ناھەق داۋاسى تالىشىدىغان ئىنسانلار، بۇ خىل ئۇرۇش ئارقىلىق، ئالدىن پىلانلانغان ئەمىلى ئۇرۇشقا كۈچلۈك ئاساس سېلىش ئارقىلىق، شۇ ئەمەلى ئۇرۇشقا بۈيۈك سورۇن ھازىرلايدۇ !
ھەقىقەتەن ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ۋە ھەق - ناھەق داۋاسى تالىشىدىغان ئىنسانلار، بۇ خىل ئۇرۇش ئارقىلىق، ئالدىن پىلانلانغان ئەمىلى ئۇرۇشقا كۈچلۈك ئاساس سېلىش ئارقىلىق، شۇ ئەمەلى ئۇرۇشقا بۈيۈك سورۇن ھازىرلايدۇ !
بۇخىل ئۇرۇش مەيلى ئۆز ئارا ( دەۋلەت ئىچىدە ) بولسۇن ياكى تاشقى كۈچلەر بىلەن بولسۇن، قەلەم كۆرىشىنىڭ چۇقۇم ئالدىنقى سەپتە ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرىشى مۇقەررەر . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئالدىنقى سەپتە تۇرىدىغان قەلەم كۈرىشى بولسا دەل ئىددىيەۋى كۈرەش دەپ ئاتىلىدۇ. ئىددىيەۋى كۈرەش تەييارلىقى پۇختا ۋە مۇكەممەل بولغان ھەرقانداق بىرلەشمە كۈچ ھېچقاچان مەغلۇپ بولغان ئەمەس.
قەلەمدىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنى قۇرال، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ تىپتىكى قۇراللارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى باش نەزىريەسىدىلا ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرغان بۇلۇپ ، ھەتتا بۈگۈنكىدەك ئاتۇم دەۋرىدىمۇ يەنىلا ئۆز رۇلىنى ئەينەن جارى قىلدۇرماقتا، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ قانۇنىيەت ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ . دىمەك ئىنسانلار قەلەم كۈچى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلى مەنىۋى ئۇزۇقلىرىنى مۇكەممەل دەرىجىدە ئالاليدۇ. ۋە يەنە شۇ قەلەمنىڭ كۇچى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىددىيەۋى كۆز-قاراشلىرىنى مۇكەممەل دەرىجىدە جەزمىلەشتۈرۈپ دادىل ھالدا مەيدانغا چىقىرالايدۇ . ھەتتا ئەڭ ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندىمۇ شۇ كىچىككىنە قەلەمنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، كۈزى ساغلاملا بۇلىدىكەن يول خەرىتىسىدىن بولسىمۇ پايدىلىنايادۇ .
قەلەمدىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە قۇرال ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆز ئارا بىر-بىرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ دوستلۇق ھاسىل قىلالايدۇ . دوستلار بىر-بىرلىرى بىلەن يۇرەك سۈزىنى ئىزھار قىلىشالايدۇ . ھەتتا شۇ قەلەمىڭ كۇچى ئارقىلىق بىر-بىرىنى كۆرمەستىن تۇرۇپ ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىغۇدەك (مېھرى-مۇھاببەت ) ساداقىتىگىمۇ ئىگە بۇلالايدۇ . يەنە شۇ قەلەم ئۆز كۇچ-قۇۋۋىتى ئارقىلىق بارچە ئىنسانلارنى بىردەك سادا-دولقۇن قوزغاش ھىسسىياتىغىمۇ ئېرىشتۈرەلەيدۇ . شۇ قەلەمنىڭ تەسىرى-كۇچى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز يۈرەك سۆزلىرىنى قورىقماستىن ياڭرىتىشقا ئۈندەيدىغان روھى ئۇزۇق بېغىشلىيالايدۇ ، ۋە ھەممىنى بىردەك جاراڭلىق ۋاقىرتالايدۇ. ھەمدە ئەركىن كۈرەشكىمۇ ئاتلاندۇرالايدۇ !!!.
ئىنسانلار قەلەمدىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە قۇرال ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەشەددى رەقىپلىرىگە قارشى، ئاشكارە ئۇرۇش ئېلان قىلالايدۇ ۋە شۇ قەلەمنىڭ سېھرى كۇچى بىلەن، ئىددىيەۋى بىرلىك ئاستىدا دۈشمەڭە قاخشاتقۇچ زەربىمۇ بېرەلەيدۇ . مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل ئىنسانلار ئارىسىدا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىرخىل تۈگىمەس قەلەم كۈرىشىدىن ئىبارەت . قەلەمدىن توغرا پايدىلىنالىغان ئىنسان ئۈزىنىڭ كەلەچەگىدىكى ماڭىدىغان داغدام يۇلىنىڭ خەرىتىسىنىمۇ توغرا سىزالايدۇ !!!.
بۇخىل قەلەم كۈرەشى يوللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم دۇنيا ئىنسانلىرى، قەلەم ئارقىلىق ئىگەللىگەن ئەھمىيەتلىك ئىلمى ـ بىلىم يوللىرى بىلەن 21-ئەسىردە ئالەم بوشلىغىدا ساياھەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسا ، خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت قانخور، ياۋۇز ھاكىمىيەت، قەلەمدىن ئىبارەت بۇ قۇرالنى داۋاملىق ئۈزىنىڭ دىكتاتۇرلۇق سىياسىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلدى ۋە داۋام قىلماقتا . بۇ ياۋۇز ، قانخور ھاكىمىيەتكە سادىق بولغان ساتقۇن ، پەسكەش ، رەزىل، مەۋقەسىز، ئىنسانلىق سالاھىتى بولمىغان قەلەمكەشلەر ئۆز قەلەملىرىنى شۇ ياۋۇز-قانخورلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن تەۋرەتتى ، ھەتتا گۆھەردەك چاقناپ تۇرغان پاكىتلىق تارىخىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنىمۇ ( بىرنىمىنىڭ ........ ....... ئايرىلماش بىر قىسمى ) دىگەندەك شەرمەندىلەرچە قەلەم تەۋرەتتى ۋە تەۋرەتمەكتە .
خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇچى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتىلغان بۇ قەلەم كۈرىشى، يالغۇز ئۇيغۇرلار ئىچىدىلا داۋام قىلماستىن، يېڭى مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن قانداشلىرىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇزۇن يىللىق ، كەڭ كۆلەملىك ، زەھەرلىك ئۇرۇق چېچىش كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كەلدى ۋە داۋام قىلماقتا .
بۇخىل زەھەرلىك ئۇرۇق چېچىش ئۇرىشى _ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرپىدىن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، بۇخىل زەھەرلىك ئۇرۇق چېچىش گۇرپىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ۋە مۇستەقىللىق داۋاسىدىكى سىياسى پوزىتسىيەسى، شۇنداقلا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇتىدىغان سىياسى يوللىرى ، ھەمدە قازاق-قىرغىزلار ، ئۆزبەك-تاجىكلارغا بولغان ( سىياسى ۋە جوغرافىيەۋى ) پوزىتسىيەسى نامىدا مەخسۇس يالغان ئانالىز خارەكتىردىكى تۇقۇلما تەشۋىقاتلارنى توختىماي يېزىپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ، ۋەتەن ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق-قىرغىز ۋە ئۆزبەك زىيالىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماستىن ئۇلارنى شۇ يالغان تەشۋىقاتلارغا ئىشەندۈردى ۋە ئاخىرى رەسمى رەقىبىمىزگە ئايلاندۇردى .
قانداش-قېرىنداش خوشنىسىنىڭ يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىگىنى خۇرسەنلىك بىلەن تەبرىكلىگەن ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇرلار، نەتىجىدە ئۇلاردىن رەھمەت ئاڭلاشنىڭ ئورنىغا، كۆرگەنلا يەردە ھاقارەت ئاڭلىدى ۋە خالىغانچە بوزەك قىلىندى. ھەتتا قاندىشىمىز بولغان بۇ دوستلىرىمىز بىزگا يامانلىق قىلماس دەپ ئىشىنىپ ، خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىش ئورنىغا ، ئەكسىچە خىتتايلارنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرىگە ئەگىشىپ خىتتايلار بىلەن دوستلاشتى ۋە بىزنىڭ شۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قانخور دۈشمىنىمىز بولغان خىتتاي ھاكىمىيىتىگە تۇتۇپ بېرىشتى . بۇ بىچارە خوشنالىرىمىز بۇنداق دوستلىشىش بەدىلىگە خىتتاي تەرپىدىن مەلۇم دەرىجىدە مەنپەئەت كۆرگىنى بىلەن، كەلگۈسىدە دۇچكېلىدىغان تارىخى زىيىنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چوڭلىقىنى ھەرگىز ئويلاشمىدى . ئۇخىل زىياننىڭ باشلىنىشى بولسا، خىتتاي ھۈكىمىتى ئۈزىنىڭ كەسپى ھىلىگەرلىكى بىلەن ئۇلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق دەل ئۇلارنىڭ ئىچ قوينىغا كىرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، بۈگۈنكىدەك دۇنيا سودىسىنىڭ ئاساسى مەنبىيىدىن ئىبارەت ئېلىكتىر ئېنىرگىيە ۋە قارا ئالتۇن < نېفىت> كانلىرىنىڭ ساھىبى بولغان قازاقىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى ،( 2009 ـ11-دەكابىردىكى قازاقىستان مالىيە مىنىستىرىنىڭ باياناتى بۇيىچە ) خىتتاي تەرەپنىڭ قازاقىستاندىكى پەترول ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرى ئۈچۈن 13 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىق كېلىشىمىنى تەييارلىشى بىلەن، قازاقىستاننىڭ بىپايان خام نېفىپ كانلىرى تامامەن خىتتايلارنىڭ قۇلىغا ئۆتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتتاي ھۆكىمىتىنىڭ قازاقىستاندا يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان يالغان قەلەم كۆرىشىنىڭ مىۋىلىرى بولدى.
خىتتايلارنىڭ بۇنداق ھىلىگەرلىك سۇيىقەستلىرىنى تۇنۇپ يەتكەن بەزى قازاق زىيالىلىرى بۇ توغرىدا خېلى تىرىشىپ، قازاقىستان خەلقى ئىچىدە مىللى ئويغۇنۇش ھەرككىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، يەنىلا يېڭى تۇرمۇش قۇرغان بۇ بىچارە قانداشلىرىمىز ئۆي جابدۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ، خىتتايلاردىن ئىبارەت بۇ رەزىل دۈشمەننىڭ سۈيىقەستىنى سەزمەستىن ئۇخلىماقتا .
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى بولسا قانداشلىرىمىزنىڭ قىلمىشىغا قېيداپ، يەنىلا ئۆز غېمى بىلەن ئاۋارە ھالدا ھايات كەچۈرمەكتە . ۋە قازاق زىيالىلار بىلەن يېقىندىن دوستلۇق سۆھبەتلىرى ئۇيۇشتۇرماستىن يەنىلا بۇرۇنقىدەك قۇرۇق پو ئېتىشىپ يۇرمەك .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەتەندىن چىقان ياكى ۋەتەندە تۇرۇشلۇق (بەزىبىر) زىيالىلىرىمىز، خىتتاينىڭ رەزىل پىلانىنى (خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنى دۈشمەلەشتۈرۈش) ۋە شەرقى تۈركىستانغا خوشنا بارلىق مىللەتلەرنى ئۆزئارا زىددىيەتلەشتۈرۈش سۈيىقەستىى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىغىنى تۇنۇپ يەتمەي، ھە دىگەندىلا ئۇ قانداش مىللەتلەرنى (تارىخى-مەدەنىيىتى، ئۆرپى-ئادىتى، ھەتتا كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ.... ) ئېغىركەمسىتىدىغان ، ھەتتا چاخچاخچىلارمۇ بارغانلىكى سورۇندا ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان لەتىپەلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ئاقىۋىتى يامان ، ئۆزئارا مىللى زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان مەن-مەنلىك ، مەنسىتمەسلىك خاتالىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. چەت ئەلدىكى بەزى زىيالى سىياسىيۇنلارمۇ ھېچ ئويلانماستىن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۈلارنى ئېغىر دەرىجىدە تەنقىد قىلىپ بايانات بىرىشتى. ئۇلارنىڭ مىللى غۇرۇرىنى، ۋىجدان-ئابرۇيىنى ھەتتا بىر مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بارلىغىنىمۇ ئويلاشمىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەتەندىن چىقان ياكى ۋەتەندە تۇرۇشلۇق (بەزىبىر) زىيالىلىرىمىز، خىتتاينىڭ رەزىل پىلانىنى (خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنى دۈشمەلەشتۈرۈش) ۋە شەرقى تۈركىستانغا خوشنا بارلىق مىللەتلەرنى ئۆزئارا زىددىيەتلەشتۈرۈش سۈيىقەستىى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىغىنى تۇنۇپ يەتمەي، ھە دىگەندىلا ئۇ قانداش مىللەتلەرنى (تارىخى-مەدەنىيىتى، ئۆرپى-ئادىتى، ھەتتا كىيىم-كېچەكلىرى قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ.... ) ئېغىركەمسىتىدىغان ، ھەتتا چاخچاخچىلارمۇ بارغانلىكى سورۇندا ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان لەتىپەلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ئاقىۋىتى يامان ، ئۆزئارا مىللى زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان مەن-مەنلىك ، مەنسىتمەسلىك خاتالىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. چەت ئەلدىكى بەزى زىيالى سىياسىيۇنلارمۇ ھېچ ئويلانماستىن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۈلارنى ئېغىر دەرىجىدە تەنقىد قىلىپ بايانات بىرىشتى. ئۇلارنىڭ مىللى غۇرۇرىنى، ۋىجدان-ئابرۇيىنى ھەتتا بىر مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بارلىغىنىمۇ ئويلاشمىدى.
ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن ھازىرقى دەۋىر پو ئاتىدىغان ، مەن-مەنلىك قىلىدىغان ۋەزىيەت ئەمەس ، بەلكى ئورتا ئاسىيادىكى قازاق-قىرغىز ، ئۆزبەك-تاجىك ۋە بارچە قانداش ـ دىنداش قېرىنداشلىرىمىز بىلەن چۇڭقۇر دوستلۇق ھاسىل قىلىدىغان ، ئۆتكەننى ئۇنتۇپ ئالدىمىزغا قارايدىغان ، ئۆز-ئارا دوس-دۈشمەننى ئايرىيدىغان ۋاقىت . چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ قاندىشىمىز ۋە خوشنىمىز ، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تارىخى ئەقىدە بىرلىكىمىز بار، ئۇلار بۇنى بىلمىسە بىز بىلىشىمىز لازىم . قايسىلا تەرەپتىن بولمىسۇن ئۇلار بىلەن يېقىندىن دوستلىشىشقا مەجبۇرمىز. ئۇلار خىتتاينىڭ قەلەم كۈرىشىگە ئۇسۇل ئوينىسا، بىز ئۇنى تۈزۈتۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار ، چۈنكى بىز خىتتاينى ئۇلاردىن ياخشى بىلىمىز .
يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشناڭ ياخشى ـ دىگەن ئاتا سۆزلىرىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك . شۇڭا بىزنىڭ ئەسلى كۈرەش نىشنىمىز ئۆز-ئارا قېيدىشىپ قالغان تۇققانلار ئەمەس ، بەلكى ھەقىقى دۈشمىنىمىز بولغا خىتتاي ھاكىمىيى بۇلىشى كېرەك !
يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشناڭ ياخشى ـ دىگەن ئاتا سۆزلىرىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك . شۇڭا بىزنىڭ ئەسلى كۈرەش نىشنىمىز ئۆز-ئارا قېيدىشىپ قالغان تۇققانلار ئەمەس ، بەلكى ھەقىقى دۈشمىنىمىز بولغا خىتتاي ھاكىمىيى بۇلىشى كېرەك !
ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق ئېغىر ھالەتتە ئىكەن ، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەلىكىدە ياشايدىغان ( بەزىبىر ) ئۇيغۇرلار ئۆز ۋىجدانىنى يۇقۇتۇپ خىتتايلاردىن پايدىلىنىشنى كۆزلەپ ئۇزۇن يىللىق ۋەتەن-قايغۇسىنى ئۇنتۇپ يۈزسىزلارچە خىتتايلار بىلەن يەقىندىن دوستلۇشۇپ ياشىماقتا ۋە ھەتتا ساتقۇنلۇق دەرىجىسىگە كەلمەكتە، بۇلارنىڭ شۇ قىلمىشىنى تۇساش ئۈچۈن ، يەنىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈيغۇر زىيالىلىرى ئۆز قەلەم كۈرىشىنى ناھايىتى جانلىق داۋام قىلدۇرىشى لازىم .
خىتتاي دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى ، خىتتاي دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسۇن ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى ، خىتتاي دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسۇن ئادالەتنىڭ دۈشمىنى ، خىتتاي دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسۇن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى ، چۈنكى خىتتاينىڭ تەبىئىتىدە ئىنسانلىق پەزىلەت يوق !!!
ئەگەر ئۇنىڭدا ئىنسانلىق تەبىئەت بۇلىدىغان بولسا ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھەق-ھۇقۇقىنى تىنىچ يول بىلەن تەپ قىلغان 5-ئىيۇل نامايىشچىلىرىنى ۋەھشىلەرچە قەتلىئام قىلمىغان بۇلاتتى !!!
بىز ئۇيغۇرلار ئۆز ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن دەۋرىمىزدىكى ھەرقانداق ئىمكانىيەتتىن تۇلۇق پايدىلىنىشىمىز ، مەيلى قەلەم كۈرىشى مەيلى ئەلەم كۈرىشى بولسۇن، بۇ ھەقلىق كۈرەش يۇلىمىزنى قەتتى داۋالملاشتۇرشىمىز كېرەك !!!
قەلەم ئۈزى كىچىككىنە بىرتال نەرسە ، ئەگەر ئۇنى دۈشمەن كۆزىگە توغرىلاپ تۇرۇپ بىرنى ئۇرساڭ ئۇنىڭ كۆزىنى كور قىلىدۇ ، ئەگەر يۈرەككە توغرىلاپ تۇرۇپ قاتتىق زەربە بىلەن ئۇرساڭ رەقىبىڭ سەندىن مەڭگۈلۈك يىراقلىشىدۇ ۋە ئەبەدى خوشلىشىدۇ !!!
ئا . مۆلجەرلى
2009- 12-12