بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈزىمىزنىڭ ئىمانى ـ ئىنسانى ئىرادىمىزگە ئاسىلىق قىلمايلى...!!!
بۇ ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئىرادىسىز ئادەم بولمىسا كەرەك ! ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بىرخىل ئىرادىسى بۇلىدۇ. ئەنە شۇ ئىرادىسى بىلەن كۈندۈلۈك ئىش-ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئەنە شۇ ئىرادىسى بىلەن ئۈزىنىڭ كەلگۈسى ھاياتىدىكى قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ۋە تۇتماقچى بولغان پىرىنسىپاللىق يوللرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئەقلىگە لايىق-رەۋىشتە تەخمىن قىلىدۇ ۋە شۇ تەخمىن قىلغان يۇلى بۇيىچە قەدەم باسىدۇ.
ئىرادە _ ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بىرخىل غايىۋى كۇشتىن ئىبارەت بۇلۇپ، بۇخىل كۇچ ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا روھلۇق-تىتىك، تىرىشچان-تەمكىنلىك، غايىلىك-نىشانلىق، دۇچكەلگەن مەسىلىگە قارتا جىددى ۋە سالماقلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى كەيپىياتلارنى بەخىش ئىتىدۇ. ئەنە شۇ مەنىۋى كەيپىيات ئىچىدە تۈرلى جانلىق پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن، ئىنسان ئۈزىنىڭ ئالدىغا قويغان مەقسەت-مۇددىئالىرى ۋە شۇنىڭدەك تۈرلى ئۆزگىرىشچان يېڭىلىقلار مەيدانغا كىلىدۇ .
بۇخىل قەدەم بېسىشلار جەمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشچان تەسىرى بىلەن، بەزىدە ئەسلى تەخمىن قىلغان يولى بۇيىچە مېڭىلسا، بەزىدە دەل ئۇنىڭ ئەكسى بولغان قارمۇ-قارشى ھالاتلىك يۈلۈنۈشكە مېڭىشقا دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق قارشىلىقنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشقا يەنىلا شۇ كىشىدە مۇستەھكەم ئىمان ۋە دادىل-تەۋرەنمەس ئىرادە بۇلىشى كەرەك .
كىمكى شۇنداق ھالقىلىق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلسە، ئۆزىدىكى دادىل ئرادىسى بىلەن شۇ مەسىلىنى ئۆز ۋەزىيىتىگە ۋە ماھىيىتىگە قاراپ ئىمانغا تەسىر يەتمەيدىغان، ئۇمۇمنىڭ مەنپەئەتىنى يۇقۇرى ئورۇندا قويغان ئاساستا، باشقا ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن توغرا بىر تەرەپ قىلىشى زۈرۈل .
مەزكۇر مەسىلىدە ئىلىم ئەھلىگە مۇراجەت قىلماستن ئۈزى بىلگەنچە شەخسىيەتچىلىك ۋە بىلەرمەنلىك قىلىپ كۆپچىللىكنىڭ ئەقلىگە بويسۇنمىسا، ياكى ئۆزى ئۇ مەسىلىنى توغرا بىر-تەرەپ قىلالمىسا، ياكى ئەسلى ئىرادىسى بولغان يۈلۈنۈشنى تاشلاپ ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتسا، ئۇنداق كىشىدە دادىل-تەۋرەنمەس ئىرادە دىگەن ئەسلا مەۋجۇت بولغان بولمايدۇ. مانا بۇنداق كىشىنى دەل پاسسىپ ئىرادىلىك، ياكى ئىرادىسىز (مەۋقەسىز) ئىنسان دىيىلىدۇ.
تۈۋەندە ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنى تەكشۇرۈپ كۆرەيلى !
بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا تۈرلى غايىۋى ئىرادە تۈسى شەكىللەنگەن مەنىۋى كەيپىياتلار ئورۇنلاشقان . بۇنداق مەنىۋى كەيپىيات ئەلۋەتتە بىزنى يوق يەردىن ياراتقان ئاللاھ تەرپىدىن بىرىلگەن بۇلۇپ، بۇ مەنىۋى ئۇزۇقنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئون ئاي قارنىدا كۆتۈرۈپ دۇنياغا كەلتۈرگەن مېھرىبان ئانىمىزنىڭ بى-باھا ئاق-سۈتى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەل ھالىتىمىزگە كەلتۈرۈلدى. بىز دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، مېھرىبان ئاتا-ئانالىرىمىز بىزدىن ئاجايىپ ئارزۇ-ئارمانلارنى كۈتكەن ھالدا، بارلىقىنى بىزنىڭ كەلگۈسى بەختىمىز ئۈچۈن تەغدىم قىلدى ۋە كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۇلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىپ تۈرلى بىلم يۇرتلىرىدا ئۇقۇتتى. ئەنە شۇلارنىڭ تەربىيەسىدە كۆزىمىزنىڭ تۇنجى پەردىسى يۇرۇپ، دۇنيا دەرىزىسىگە نەزەر سالدى.
تۈۋەندە ئۆزىمىزدىن مۇنداق سۇئال سوراپ كۆرەيلى !!!
ئا_ بىز كىچىگىمىزدىن باشلاپلا ئۇقۇشنى ئىرادە قىلدۇقمۇ ؟
ب_ ئۇقۇشنى پۈتتۇرگىچە قانداق ئارزۇ-ئارمانلاردا بولدۇق ؟
س_ ئۇقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ماڭماقچى بولغان يۇلىمىز قايسى بولدى ؟
د_ ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ جەمىيەتكە چىققىنىمىزدىن كېيىنكى ماڭغان يۇلىمىز قايسى بولدى ؟
ئا_ ئەۋۋەلقى سەبى-ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمىزدىكى پاك ئىرادىمىز بىلەن ناھايىتى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇقۇدۇق .
ب_ ئۇقۇش جەريانىدا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈت ۋە جەمىيەتكە قوشماقچى بولغان ئاجايىپ تۆھپەلەردىن ئىبارەت ئارزۇ-ئارمانلاردا بولدۇق .
س_ ئۇقۇش جەريانىدا ئالغان تۈرلى بىلىملىرىمىز بىلەن دىنى-ئىسلام، ۋەتەن-مىللەتكە تۆھپە قۇشاش ، بۇ ئىرادىمىزدىن ھەرگىز قايىتماسلىق توغرىسىدا قەسەم قىلىشتۇق .
د_ ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ جەمىياتكە چىققاندىن كېيىن ماڭغان يوللىرىمىز ئوخشاشمىغان ۋەياكى ئويلىمىغان يوللار بولدى .
بۇنىڭ سەۋەبى، جەمىيىتىمىزدىكى ئىمكانسىزلىقتىن كىلىپ چىققان مەھكۇملۇقتىن ئىبارەت بولسىمۇ، بىراق بەزىلەرنىڭ تۇتقان يۇلى ئەسلى ئىرادىسىگە تۈپتىن خىلاپ يوللار بولدى .
تۈۋەندە ئىككى تۈرلى كىشىلەرنىڭ ئىرادە-مەيدانىنى مىسال قىلىپ كۆرەيلى !
(1)- ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇش پۈتتۈرپ، تۈرلى كەسىپ ئىگىسى بۇلۇپ قايىتقان ساغلام بىرقىسىم بىلىم ئىگىلىرى (مىللىتىمىزنىڭ زىيالىلىرى) ئۆز ئىلىم-ساھەسىدە ئاز-ۋاقىت ۋەتەن-مىللىتىمىزگە قۇلىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي جەمىيەتتىكى بەزى ھادىسلەر ياكى بەزى تۇرمۇش شارائىتلىرىنى كۆرۈپلا، دەرھال ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى تاشلاپ، ئۈزى ئۈچۈن ۋاقىتلىق پايدىلىق دەپ قارىغان ئىشلارغا قەدەم بېسىپلا قالماي، ئۇقۇشتىكى غايىسى ۋە كەلگۈسىگە قوشماقچى بولغان تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچى، پاسسىپ ، ئۈلەك ئىرادىلىك ئىنسانلارغا ئايلاندى .
(1)- ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇش پۈتتۈرپ، تۈرلى كەسىپ ئىگىسى بۇلۇپ قايىتقان ساغلام بىرقىسىم بىلىم ئىگىلىرى (مىللىتىمىزنىڭ زىيالىلىرى) ئۆز ئىلىم-ساھەسىدە ئاز-ۋاقىت ۋەتەن-مىللىتىمىزگە قۇلىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي جەمىيەتتىكى بەزى ھادىسلەر ياكى بەزى تۇرمۇش شارائىتلىرىنى كۆرۈپلا، دەرھال ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى تاشلاپ، ئۈزى ئۈچۈن ۋاقىتلىق پايدىلىق دەپ قارىغان ئىشلارغا قەدەم بېسىپلا قالماي، ئۇقۇشتىكى غايىسى ۋە كەلگۈسىگە قوشماقچى بولغان تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچى، پاسسىپ ، ئۈلەك ئىرادىلىك ئىنسانلارغا ئايلاندى .
جەمىيەتتىكى ئىخلاسمەن خەلىقىنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئارزۇ-ئارمانلىرىغا تۇپا چاشتى. مىللىتىمىزنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن ئىززەت-ھۆرمەتلىرىگە ۋاپاسىزلىق قىلدى. يازغانلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۇقۇپ روھى ئۇزۇق ئېلىۋاتقان ئىخلاسمەن-ئۇقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەكلىرىگە سوغوق سۇ سېپىپ، پايدىلىق ئىلمى-ئەسەر يازمىلىرى قاتارىدا ئۇششاق غەيۋەت-شىكايەتلەرگە، ئۆز-ئارا تىل-ھاقارەتلەرگە ئورۇن بەردى. ئاقىۋەتتە، ئىلىم سۈيەر خەلقىمىز بىلەن بۇلار ئوتتۇرسىدا ئۆز-ئارا چۈشەجىسىزلىك ۋە ئىشەنجىسىزلىك روھى كەيپىيات شەكىللەندى. بىلىم ئىگەىلىرىنىڭ بۇنداق تۇراقسىز ئىدىيەلەردە بۇلۇش نەتىجىسىدە، ئىخلاسمەن-مۇلايىم مىللىتىمىزنىڭ روھى-كەيپىياتىغا ئېغىر - ئۈمۈتسىزلىكلەرنى كەلتۇردى .
ئۇلارنىڭ مەزكۇر نەتىجىسىنى چۇغراق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇلار _ ئۆز-ۋىجدانىغا زۇلۇم، مىللى ئىرادىسىگە ھاقارەت، ئانا-سۈتىگە خىيانەت قىلدىغان تۇزكوز ئىنسانلار قاتارىدىن بۇلۇپ قالدى .
(2)- ئالى مەرىپەت ئورۇنلىرى بولغان ئورۇنلاردا، دىنى مەدرىسلەردە ئۇقۇپ جەمىيەتكە قايىتقان بىر قىسىم دىنى ئالىم ۋە ئىلىم ئىگىلىرى، جەمىيەتكە قايتىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدرىستىكى دەۋرىدە توپلىغان يۈكسەك ئىرادىسى بىلەن مەلۇم ۋاقىت، دىنى-ئىسلامغا ۋە ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا، شۇنداقلا ۋەتەن-مىللەتكە ئەستايىدىل خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، دەۋرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى دىگەندەك دۇنياۋى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن، قۇرئانى-كەرىم تەلىماتى بۇيىچە ئۇقىغان-بىلگەن ئىلاھى نىزامغا قارشى ھالدا، بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئېسىگە ئالماستىن، مەسجىد-مېھراپلاردا جامائەتلەرگە قىلغان يۈكسەك سادالىق ( ئەي.... جامائەت ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بۇ دۇنيا پانى، ئۇ دۇنيا باقىدۇر، ئاللاھ يۇلىدا ئۆلسەك جەننەتكە كىرىمىز) دىگەن جاراڭلىق نەسىھەتلىرىنى، بۇ نەسىھەتتىن تەسىرلەنگەن ئىخلاسمەن مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ ، شۇلارنىڭ كەينىدىن كېچە-كۈندۈز يۈگۈرشۈپ يۈرگەنلىكىنى، شۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايمىز دەپ يۇرت ئاتلاپ بارغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن خىتايلارنىڭ تۇرمىسىدا ياتقانلىقىنى ، بۇلار بىزنىڭ يىتەكچى ئىماملىرىمىز، يول باشچىلىرىمىز دەپ تۇنۇپ، تۆرنىڭ بېشىدىن ئۇرۇن بەرگەنلىكىنى، ماڭسا كەشىسىنى توغرىلىغانلىقىنى، ئۆزلىرى يىمىسىمۇ ئۇلارغا يوللۇق قىلغانلىقلىرىنى تامامەن ئۇنتۇلغان ھالدا، ياقا يۇتلارغا چىقىپلا ۋەتەندىكى سالاھىيەتلىرىنى تامامەن ئۇنتۇلدى. بەزىلىرىنىڭ ۋەتەندە توۋلىغان سادالىرى ئىچىگە كىرىپلا كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشكەنلىكى سەۋەبىدىن تۇرمىلاردا يېتىۋاتقانلار ئېسىگىمۇ كەلمىدى. ۋەتەندە بەرگەن ۋەدىلىرىنى سىرىتقا چىققاندا ئۇرۇندىمىدى . شۇنچە پۇرسەتلەر قولدىن كەتتىكى قۇرئانى كەرىمنىڭ ئىلاھى ھۆكمى ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمىرـپەرمانلىرىغا ئەمەل قىلماستىن، ئوق ئېتىش، ئات مىنىش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق (بىزگە پەرىز بولغان) ئەمەللەردىن بىرىنىمۇ ئۈگەنمىدى . ھەتتا بەزىلىرى مۇمكىن بولسا ئۆزلىرىنى دىندا ئۇقىمىغان بۇلۇپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى . ئاقىۋەت ۋەتەندىكى ئىمتىيازىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانى بولمىغان شۇ ياقا يۇرتلاردا ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيالىق ئىشلىرىغا بىرىلىپ، ئىلىم ئۈگەتكەن ئۇستازىنىڭ ۋەسىيىتىگە ۋە ئۈزىنىڭ مۇسۇلمانلار ئالدىدا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزلىرى سەزمىگەن ھالدا ئاللاھ تەرپىدىن بىرىلگەن ئىلىمغا خىيانەت قىلىشماقتا . يەنە بەزىلىرى دۇنيا ھەلەكچىلىكىنى ئويلاپ، ۋىجدان-غۇرۇرلۇق، ئىمان-ئېتىقاتلىق بىر مۇسۇلمان ھەرگىزمۇ تۇرمايدىغان پاسكىنا مۇھىت ئىچىدە ھاياتىنى داۋام قىلماقتا .
ئۇچۇغراق قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇلار _ ئۆز ۋىجدانىغا زۇلۇم ، ئىرادىسىگە ھاقارەت ، ئۇقۇتقان ئۇستازى ۋە ئاتا-ئانىسىغا تۇزكۇرلۇق، پىكىرداش-سەباشلىرىغا ۋاپاسىزلىق، كالامۇللاھنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىلغان ئەھدى-پەيمەنلىرىغا خىلاپلىق، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قالدۇرغان ئىلىم-مىراسىنى زايا قىلىشتەك خاتالىقلارنى سادىر قىلغاندىن تاشقىرى ، ئاللاھنىڭ بەرگەن ئامانىتىگە خىيانەت قىلىشماقتا .
بۇنداق ياشاش ئەسلى ئىنسان پىترىتىگە تامامەن زىت بۇلۇپلا قالماي، ئىمان نىمىتىگە ساھىپ بولغان پاك-قەلىب ئىگىلىرىگە مۇتلەق ياراشمايدىغان چىركىنىشلىك ئىللەت . شۇنداقلا ھەقىقى مۇسۇلمانلىق پەزىلىتىگە تامامەن خىلاپ كىلىدىغان كېسەللىك.
ھازىر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىنى ۋە پەننى ساھەدە بۇلۇپ 250 دىن ئارتۇق بىلم ئىگىلىرى بار ئىكەن. ئەنە شۇ ئىلىم ئىگىلىرى ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى تۇنۇپ، ھىچ بولمىغاندا كۈندىلىك بىر سائەت ۋاقتىنى شۇ روھى ئازاپلىنىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەركەلگۈسى ئۈچۈن ئاتاپ، ھازىرقى بۇلاۋاتقان ماددى-مەنىۋى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ھەر ئايدا بىر پارچە ئىلمى ماقالە يازسا، ياكى بولمىسا بىرەر ئاتاغلىق شەخىسلەر تەرپىدىن يېزىلغان كىتاپتىن بىر-ئىككى بەت تەرجىمە قىلسا، بۇ يازمىلارنى جەملەيدىغان بىر بىرلىك ئوتتۇرغا چىقىپ، شۇ يازمىلارنى ۋە تەرجىمىلەرنى توپلاپ، ئۆز ساھەسى بۇيىچە رەتلەپ تەھرىرلەپ چىقسا، ئاخىردا قانداق نەتىجە كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممەمىزگە ئايان .
مەسىلەن _ ھەر ئايدا يېزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان ئىلمى ئەسەرلەر سانى—
ئېتىقادى، ئەسكىرى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، ئەدەبى ساھەلەر— 500 بەت تەرجىمە ئەسەر .
ئېتىقادى، ئەسكىرى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، ئەدەبى ساھەلەر— 500 بەت يازما ئەسەر.
ئېتىقادى، ئەسكىرى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، ئەدەبى ساھەلەر— 500 بەت تەرجىمە ئەسەر .
ئېتىقادى، ئەسكىرى، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، ئەدەبى ساھەلەر— 500 بەت يازما ئەسەر.
بۇ يازمىلارنى ئۆز ساھەسى بۇيىچە رەتلەپ چىققاندا، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 400 بەتلىك كىتاپتىن ئىككىسى نەشىرگە تەييار بۇلىدۇ .
مانا بۇنداق ئىلگىرلەش، مىللىتىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيۋسىنى يۇقرى كۆتۈرۈش، نادانلىقتىن قۇتقۇزۇپ ھازىرقى يېڭى دەۋرىدىكى ئىلم ساھەلىرى بىلەن تۇنۇشتۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان قەلەم كۈرىشىدىن ئىبارەت. بۇخىل خىزمەتلەر ھىچ بولمىغاندا كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مەدەنى-مىراسلارنى ھازىرلاش دىمەكتۇر!!!.
ھەربىر بىلىم ئىگىلىرى ئەنە شۇ مىراسلارنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۈستىمىزدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلغان ۋاقىتتا، بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ ئىمانى-ئىنسانى ئىرادىمىزگە خىلاپلىق قىلغان بولمايمىز .
ھەربىر بىلىم ئىگىلىرى ئەنە شۇ مىراسلارنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۈستىمىزدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلغان ۋاقىتتا، بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ ئىمانى-ئىنسانى ئىرادىمىزگە خىلاپلىق قىلغان بولمايمىز .
ئەگەر بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئىمانى ـ ئىنسانى ئىرادىمىز مۇستەھكەم، ۋىجدانى مەسئۇلىيەتچالىقىمىز كۈچلۈك، ۋەتەن-مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئارزۇيىمىز ھەقىقى راس بۇلىدىغان بولسا ، ئۆز ئىرادىمىزگە ئاسىلىق قىلمايلى !!!.
ئا.مۆلجەرلى
28-1-2010