ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇش توغرىسىدا ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن كۆرسەتمىلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ؛مۆئمىنلەر ئىچىدىكى ئىمانى ئەڭ كامىل بولغىنى ئەڭ گۈزەل خۇلۇقلۇق بولغىنىدۇر .سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ،ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر .( تىرمىزى رىۋايىتى )
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ؛ئاراڭلاردىكى ياخشى ئادەم ،ئايىلىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەمدۇر ،ئايالىغا ھەممىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم مەن بولىمەن .( ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان )
مۇئاۋىيە قۇشەيرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،ئۇ مۇنداق دىگەن ؛مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا ئاياللىرىمىز ھەققىدە نېمە دەيسەن ؟ دېدىن ،رەسولۇللا ؛« ئۇلارغا ئۆزەڭلار نېمىنى يېسەڭلار شۇنى يېگۈزۈڭلار ،نېمىنى كەيسەڭلار ئۇلارغا شۇنى كىيگۈزۈڭلار، ئۇلارنى ئۇرماڭلار، ئۇلارنى سەتلىمەڭلار » دېدى .( ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى )
ئابدۇللا ئىبنى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ؛سىلەر ئايىلىڭلارنى قۇلنى دۇمبالىغاندەك دۇمبالىماڭلار ،دۇمبالاپ بولۇپ شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇشۇڭلار مۇمكىن .( بۇخارى رىۋايىتى )
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن مۇنداق دېگەن ؛ئايالنى نىكاھلاپ ئالغان ۋاقتىڭلاردا ئۈستىڭلارغا ئالغان شەرتلەر ئورۇنلىنىشقا ئەڭ تېگىشلىكتۇر .( بۇخارى رىۋايىتى )
ئابدۇللا ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇكى ، ،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ؛كىشىگە ،تەمىنلەشكە تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماسلىق يېتەرلىك گۇناھتۇر .( ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى )
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن مۇنداق دېگەن ؛كىمكى ئۇنىڭ ئۈچ قىزى ياكى ئۈچ ھەمشىرىسى ياكى ئىككى قىزى ياكى ياكى ئىككى ھەمشىرىسى بولۇپ ئۇلارنى ئوبدان پەرۋىش قىلسا ،ئۇلار تۇغرىسىدا ئاللادىن قورقسا ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ .( تىرمىزى رىۋايىتى )
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ۋىدالىشىش ھەججىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ ،ئاياللار تۇغرىسىدا ئاللادىن قورقۇڭلار ،ئۇلارنى ئاللانىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار ،ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى ھالال قىلدىڭلار .(
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن مۇنداق دېگەن ؛بىرەر مۇسۇلمان ئەر ،بىرەر مۇسۇلمان ئايالنى ئۆچ كۆرمىسۇن ،ئۇ ئايالنىڭ بىرەر خۇلقىنى ياقتۇرمىغان بولسا ،يەنە بىر خۇلقىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بۇنىڭ غەيرىنى دېدى .( مۇسلىم رىۋايىتى )
ئەمر خۇززانىڭ ئۇغلى ئەبۇ شۇرەيھ خۇۋەيلىد رىۋايەت قىلىدۇكى ،،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن مۇنداق دېگەن ؛ئى ئاللا شۈبھىسىزكى مەن يېتىم بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىغە رىئايە قىلمىغان ئادەمنى گۇناھكار ھېساپلايمەن .( نەسەئى رىۋايىتى )
ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى ؛« قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما » دىن ئىلىندى .
مەنبە ـ ئىسلام مۇنبىرى