فىترە ـ زاكات

ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئادا قىلىشى زۈرۈل بولغان فىتىرـ زاكات  
رامزان ئېيىدىكى فىتىر زاكاتنى ئادا قىلىش پەرىز ئەمەللەردىن بۇلۇپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە اللە تەرپىدىن رامزان ئېيىدا پەرىز قىلىنغان.
 ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ ـ {پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فىتىر زاكاتنى ئادا قىلىشقا قۇلغىمۇ، ھۆرگىمۇ، ئەرگىمۇ، ئايالغىمۇ، كىچىككىمۇ، چوڭغىمۇ، مۇسۇلمانلا بۇلىدىكەن ھەممىگە ئوخشاش بۇيرىغان}<بىرلىككە كەلگەن ھەدىس>.
فىتىرنىڭ ئۆلچىمى بىرسا بۇلۇپ، ئەبۇسەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ ـ {بىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ھېيىت كۈنى بىرسا تاماق ئېلىپ چىقاتتۇق، تائاملىرىمىز بولسا ئارپىدىن،كىشمىشتىن، دال ۋە خورمىدىن ئىدى}.<بۇخارى بايان قىلغان>
فىتىر زاكات ئورنىدا بىرىشكە بولمايدىغان نەرسىلەر، كۆرپەـ تۈشەك، كىيىم ـ كىچەك،ئىشلىتىدىغان ھايۋانلارنىڭ كۇچىدىن پايدىلىنىۋېلىشقا بىرىش ۋە شۇنىڭدەك پايدىلىنىۋېلىشقا بىرىلىدىغان نەرسىلەر.
چۈنكى بۇنداق مۈلۈكلەرنى فىتىرزاكات ئورنىدا ئايرىشنى پەيغەمبىرىمىز بۇيرىمىغان. ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن ـ {كىمكى بىز بۇيرىمىغان ئىشنى قىلىدىكەن  ئۇنىڭ ئەمىلى رەت قىلىنىدۇ }. <يەنى قۇبۇل قىلىنمايدۇ>.
فىتىر زاكاتنىڭ بىرسا ئۆلچىمى ـ ئىككى كىلو قىرىق گىرام مىقدارىدىكى ياخشى،سۈپەتلىك بۇغداي باراۋىرىدە بۇلۇپ، بۇ ئۆلچەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن فىتىرـ زاكات  ئۆلچىمدۇر.
 رامزاننىڭ فىتىر زاكىتى ھېيىتتىن بۇرۇن ئادا قىلىنىدۇ. رۇزا ھېيىت كۈنى ھېيىت نامىزى ئۇقۇلۇشتىن بۇرۇن ئادا قىلىش ئەبزەل. ھېيىتتىن بىرئىككى كۈن بۇرۇن ئادا قىلسىمۇ بۇلىدى. لىكىن ھېيىتتىن كېيىن بىرىلگەن فىتىر ئادا بولمايدۇ. 
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇمادىن راۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستەـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دەيدۇ"{فىتىر زاكات ـ رامزان تۇتقۇچىلارغا بىھۇدە ئىشلاردىن ساقلىنىش،گۇنا مەسىيەتتىن پاكلىنىش ۋە مىسكىنلەرگە تائام بىرىش ئۈچۈن پەرىز قىلىندى . كىمكى فىتىر زاكاتنى ھېيىت نامىزىدىن بۇرۇن ئادا قىلسا ئۇنىڭ زاكىتى قۇبۇل بۇلىدۇ،كىمكى نامازدىن كېيىن ئادا قىلسا ئۇنىڭ زاكىتى ئادەتتىكى سەدىقە بۇلىدۇ}دىگەن. <بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇت ۋە ئىبنى ماجە بايان قىلغان >. 
لىكىن فىتىرزاكات بىرىشنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ئېسىگە ئالغان  بولسا،ياكى يېزا ـ شەھەردە بۇلۇپ فىتىرنى ئادا قىلىشقا ئۈلگىرەلمەي ۋاقىت ئۈتكەن بولسا ئۇكىشى زاكىتىنى نامازدىن كېيىنلا ئەچىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى ۋاقتى بولغاندا ئادا قىلىۋەتسە بۇلىشى مۇمكىن . 
والله أعلم  وصلى الله وسلم على نبينا محمد وآله وصحبه.


مەنبە ـ  الشيخ ابن عثيمين رحمه الله الفـقه : فصول في الصيام والتراويح والزكاة 

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى