ئۈلەشتىن كېيىنكى تىرىلىش

ئۈلەشتىن كېيىنكى تىرىلىش   
مۇستەملىكە تارىخىمىزدىكى پاجىئەلىك ئۈلەملەردىن كېيىن، ۋەتەن-مىللىتىنىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن تارىتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىگە  ۋايسىماس-قاخشىماس ، پىداكار ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى مىڭلاپ تىرىلمەكتە !

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن يارىتىلشىدىلا ئەقىللىق-زېرەك ، تىرىشچان-مېھنەتكەش ، جەڭگىۋار-باتۇر ، قەيسەر-شىجائەتلىك  ، پىداكار-جەسۇر بۇلۇشتەك ، بۇ ئىنسانلار ئالىمىدە تەڭداشسىز پەزىلەتكە ساھىپ بولغانلىقى ئۈچۇن ، ھاياتتا كۆرگەن تۈرلى زۇلۇم-زوراۋانلىق ، ئازاپ-ئۇقۇبەت، جەۋرى-جاپا قاتارلىق، ۋەتەن-مىللەتنىڭ ھۆرلىكى  ئۈچۈن تۈلىگەن مىسلىسىز-ئېغىر بەدەللىرىگە ھېچ ۋاقىت ۋايساش-قاخشاش دىگەن نەرسە  كۆرۈلگەن ئەمەس ، بۇندىن كېيىنمۇ ھەرگىز كۆرۈلمەيدۇ .
 مانا بۇ ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ تەڭداشسىز ئالى-پەزىلەتلىرى بۇلۇپ ، بۇنداق پەزىلەت ئۇلارنىڭ ئەسلى يارىتىلىشىدا نەسىپ بولغان بولسا كېرەك ، تارىقتىكى قانچە قەتىملىق پاجىئەلىرىمىز جەريانىدا مىسلىسىز بەدەل تۈلىگەن يۈزلىگەن-مىڭلىغان  "پىدايىلىرىمىز"  دۇنيادىن ئۆتكەن ئىدى . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى "بالدۇر ئويغانغان ئادەم" مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ ۋەتەن-مىللىتىنىڭ غەم-قايغۇسىدا كېچە-كۈندۈز پىشىپ-كۈيەپ ، ئاخىرى  تاجاۋۇزچى دۈشمەنلىرىمىز تەرپىدىن رەھىمسىزلارچە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، بۇ يىراقنى كۆرەر سەزگۈر شائىرىمىز ئۆزىنىڭ جاراڭلىق سادالىرىنى بىز ئەۋلاتلىرىغا مەڭگۈلۈك ( مىراس ) ۋەسىيەت قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ئېچىنارلىق "پاجىئە" دىن كېيىن يۈزلىگەن-مىڭلىغان ۋەتەن سۈيەر ئەۋلاتلار قايتىدىن تىرىلدى . ھەتتا بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە شۇ ئۆتكۈر-پاساھەتلىك شائىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋەسىيىتىنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىپ روھى ئىلھام ئېلىپ كەلمەكتىمىز . 

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يەنە بىر بۈيۈك ئەللامىسى، بۈيۈك  ئىلىم ساھىبى بولغان يىراقنى كۆرەر دانا، ئۆتكۈر كامالەت ئىگىسى، جامائەت ئارىسىدا بۈيۈك ھورمەتكە سازاۋەر، مۆتىۋەر پىشقەدەم، 19-ئەسىردىكى ئىسلام ئالىمىنىڭ تۇنۇغلۇق  مۇدەررىسلىرىدىن بىرى ( شەيخۇل بۇخارا ) دەپ نام ئالغان ، مەرھۇم شەھىد ئابدۇقادىر داموللام دۇر . مەرھۇم ئۇستاز ئۆز مىللىتىنىڭ پارلاق-كېلەچەگى ئۈچۈن بارچە ئىمكانى بىلەن تىنىم-توختىماي يېڭى مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ، مىللىتىمىزنىڭ خۇراپىلىق (-قاششاقلىق ) تىن ئىبارەت روھى كېسەللىكلىرىنى جىددى داۋالاشقا كىرىشتى . بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مىللى-مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىقىنى شۇ يولغا ئاتىدى ۋە زور مۇۋەپپىقىيەتلەر قازاندى . بىراق بۇ ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ يىتەكچىسى بولغان مەرھۈم ئابدۇقادىر داموللام،  شۇ دەۋرىنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ۋە شۇلارنىڭ غالچىلىرى بولغان جاھالەتچى ئىنسانلار تەرپىدىن پاجىئەلىك ھالدا  شەھىت قىلىندى . 

بۇخىل سۈيىقەستلىك يۇقۇتۇش ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئورنى تولدۇرۇلماس ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولدى . بۇ پاجىئەگە داموللامنىڭ قەۋمى-قېرىنداشلىرىدىن ھىچ - بىر كىشى ئۆز مىللىتىدىن ۋايسىمىدى، چۈنكى  بۇ پاجىئەنىڭ جەريانى ھەممىگە ئايەن ئىدى . بۇ مۇسىبەت ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۇنۇتۇلماس تارىخى ئەسلىمە بۇلۇش بىلەن بىرگە ، خەلقىمىز ئىچىدە ئەبەدى ياد ئىتىلىدىغان "پاجىئەلىك ۋاقىئە" بولغاندىن تاشقىرى، مىڭلىغان ياش ئەزىمەتلەر داموللامنىڭ جىنازىسىنى تالىشىپ كۆتۈردى ۋە بۇ قايغۇلۇق دەپنە مۇراسىمىدىن كېيىن كۆپلىگەن خەلىق غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى. جىسمى ھايات ئەمما بىھۇش ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئۈلەك روھلار قايتىدىن تىرىلدى . داموللام ھايات ۋاقتىدا ئۆز قۇلى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلاردىن بولغان بىرقانچە پارچە كىتاپلىرى، ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەركىزى ئۈنۋېرسىتىتلىرىدە ۋە ھەرقايسى دىنى مەدىرىسلەردە دەرىسلىك قىلىپ ئۇقۇتۇلماقتا . مانا شۇنداق مەڭگۈلۈك مىراسنىڭ نەتىجىسىدە ، ئىمان-ئېتىقادى كۈچلۈك مىڭلىغان ۋەتەن سۈيەر ئەۋلاتلار قايتىدىن تىرلمەكتە . 

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن  مەرھۇمنىڭ ئىزباسارى بولغان ئالىم-ئۆلىما، ئوتيۈرەك ۋەتەنپەرۋەر، شائىر ئۇستاز مەرھۇم ئابدۇلەزىز مەخسۇم ئۆزىنىڭ بارلىغىنى ۋەتەن-مىللىتىگە ئاتاپ ئوتتۇرغا چىققان بولسىمۇ ، يەنىلا شۇ دەۋرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن بارچە يوللىرى قامال قىلىنغاندىن تاشقىرى، تاجاۋۇزچى كومىستلار تەرپىدىن قايتا قولغا ئېلىنىپ، مەرھۇمنىڭ 40 يىللىق ياشلىق ھاياتى ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالەتتە قاراڭغۇ زىندان ئازاۋىدا ئۆتتى. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى تىنىقى بولسا ، ۋەتىنىمىزگە يۆتكەپ كېلىۋاتقان خىتتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يولوچى  پويىزىنىڭ ئالدىنى تۇساپ تۇرۇپ ، ھەي... تاجاۋۇزچىلار توختا ... ! ۋەتىنىمگە ئىپلاس قەدەملىرىڭنى باسما...... !  دىگەن جاراڭلىق سادالىرى بولدى .  ئەنە شۇنداق جەڭگىۋارلىقى بىلەن مىللىتىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياد ئىتىلىدىغان "پىدايى قەھرىمان "غا ئايلاندى. بۇ جاراڭلىق سادانىڭ تەسىرى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىغە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ يەنە مىڭلىغان پىدائىلار يېڭى ئىنقىلاپ يۇلىغا تۇغۇلۇشقا باشلىدى .

1933-11-12- كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش رەئىسى خۇجانىياز ھاجىممۇ ، ئۆزىنىڭ ياش قىرانلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ۋەتەن-مىللەتكە بولغان سۆيگۈسى تۇلۇپ تاشقان، قەيسەر-كەسكىن، ئوتيۈرەك، جەڭگىۋار، ئەل-ئىچىدە "مەرگەن" دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرگە بىر-قانچە قېتىم ئەجەللىك قايتارما زەربە بىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە مەشھۇر بولغان نۇپۇزلۇق ئادەم بولغاچقا، يېڭى قۇرۇلغان ھۈكۈمەتكە رەئىسلىككە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئاقىۋەت تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەر تەرپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ( مىڭ تۈرلى تۇزاق ) قاپقانلىرىغا چۈشۈپ، نەتىجىدە ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالدا شەھىت قىلىندى . بۇ پاجىئەلىك ۋاقىئە بارچە  ئۇيغۇرلار قەلبىدە ئۇنۇتۇلماس "ئىبرەتلىك ئەسلىمە " بۇلۇپ قالدى .

يەنە شۇ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ باش مىنىستىرى، ئالىم-ئۆلىما، مۇتەپەككۇر-سىياسىيۇن، سەزگۈر-كەمتەر، ساددا-كىچىكپىل ، مەرھۇم سابىت داموللاممۇ شۇ دەۋرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھالقىلىق پەيىت ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر تۇنۇپ يەتتى ۋە ئۆزىنىڭ بارلىغىنى ۋەتەن-مىللاتكە ئاتاپ، بارچە ئىمكانىيىتى بىلەن قۇلىدىن كىلىشىچە خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا دەۋرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن بىز ئۇيغۇرلارغا ئۇيۇشتۇرۇلغان ( مىڭ تۈرلى تۇزاق ) قاپقانلارنىڭ پاجىئەسىدە ، ئۆز مىللىتىدىن چىققان ئىنسانلار تەرپىدىن رەھىمسىزلارچە تۇتقۇن قىلىنىپ ، ئەبەدى دۈشمىنىمىز بولغان تاجاۋۇزچىلارغا تاپشۇرۇلدى . ئاقىۋەتتە ئىنتايىن ئېغىر جازا-ئىسكەنجە ئاستىدا شەھىد قىلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى . بۇ مۇسىبەتمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماس "پاجىئە" بۇلۇپ خاتىرلەندى . بىراق داموللامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، داموللام بىلەن بىرگە ماڭغان ۋەتەن-سۈيەر مىڭلىغان ئىخلاسمەن ئىنقىلاپچىلار قايتىدىن تىرىلدى ۋە ۋەتەن-مىللىتىنى قوغداش يۇلىدا ئۆزلىرىنى پىدائى قىلىپ ئاتىۋەتتى .

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر مائارىپچىسى ، ئوتيۈرەك ئىنقىلاپچى ، سەزگۈر-سىياسىيۇن ، مەرھۇم مەمتېلى تەۋفىق ئەپەندىمنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدىكى مەڭگۈلۈك مىراسلىرى ، بىز ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ  قەلبىدە مەڭگۇ ياد ئىتىلمەكتە . ئۇنىڭ ماڭغان ئىنقىلاپ يۇلى داۋام قىلىنماقتا . ۋە كۈن سايىن يۈزلەپ-مىڭلاپ يەڭى مائارىپچى ، ئوت-يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر-ئىسلاھاتچى ئەزىمەتلەر يېتىشىپ چىقماقتا . مان بۇ ئۇستاز ئۆلسىمۇ ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئۆلمىگەنلىكى ۋە ئۈلەشتىن كېيىنكى تىرىلىشنىنىڭ ئىپادىسى . 

يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلاۋى شائىرى لۇتفۇللا مۇتەللىپمۇ ، ئۆزىنىڭ ياش بالىلىق دەۋرىدىلا جاراڭلىق سادالار ياڭرىتىپ ئۆز-خەلقىنى ئىنقىلپقا چاقىردى . ئاقىۋەت رەھىمسىز دۈشمەنلىرىمىز تەرپىدىن پاجىئەلىك ھالدا شەھىت قىلىندى . شائىرنىڭ قالدۇرغا قىممەتلىك ۋەسىيىتى ، ئوتلۇق سادالىرى ، شائىر ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ خەلقىمىز ئىچىدە داۋاملىق ياڭرىدى ۋە ھازىرغا قەدەر ياڭرىماقتا . مانا بۇخىل مەڭگۈلۈك مىراسلار "ئىنقىلاپ چاقىرقى" نىڭ  تۈرىتكىسىدە ، كۈنسايىن مىڭلىغان پىدائىلار مەيدانغا كەلمەكتە .

1944-11-12-كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەھمەتجان قاسىمى باشلىق  بىرقانچە كىشىلەر سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ، بۇخىل  خائىنلىققا چىدىمىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى قايتىدىن ھەركەتكە كەلدى ۋە ۋەتەن-مىللىتىنى قوغداش يۇلىدىكى كۈرەشنى ئەبەدى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا قەسەم ئىچىشتى .

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، مەرھۇم ئەلىخان تۆرە باشچىلىغىدا زور بىر پىدائىلار قوشۇنى تەشكىللەندى ، ھەمدە بۈيۈك شانلىق تارىخلارنى قالدۇرۇپ ، "ئاز ياشىسىمۇ ساز ياشاپ" دەۋرىنىڭ تاجاۋۇزچىسى بولغان رۇس كومىنىستلىرى ئالدىدا قەتتى تىز پۈكمەستىن ، ھۇزۇرىغا پاناھ تىلەپ كەلگەن " قازاق قاشقۇنلىرى"نى ئۆز ھىمايىسىگە ئالدى ۋە بۇلارنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان رۇس ھۈكۈمىتىگە " بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىمىز ، بىزدىن پانا تىلەپ كەلگەن كىشىگە  ئەزەلدىن ساتقۇنلۇق  قىلمايمىز " دىگەن كەسكىن جاۋاپنى قايتۇردى . مانا ئۆتكۈر-جەڭگىۋارلىق پەزىلىتى ۋە ئالەمشۇمۇل ئەسىل-ئەخلاقىنى بىز ئەۋلاتلىرىغا مىراس قالدۇپلا قالماي ، قېرىنداش مىللەتلەرگىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز دەرىس قالدۇردى . ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ يەنە مىڭلارچە  ۋەتەن-مىللىتىنى سۈيىدىغان "پىدائى" ئەزىمەتلىرىمىز قايتىدىن تىرىلشكە باشلىدى .
بىراق دىنسىز كومىنىستلارنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى قاتارلىق رەزىل سىياسى تاجاۋۇزلۇقنىڭ ئاقىۋىتىدە ، بۇ ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلار كۆرمىگەن زۇلۇم-زوراۋانلىقلار قالمىدى . شۇنداقتىمۇ ئىمكان بولغانلىكى يول بىلەن تۈرلى ئىنقىلاپلار ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كەلدى  ۋە داۋام قىلماقتا .

ۋەتەن-مىللىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىپ ، ۋەتەن داۋاسىنى پۈتۈن ئالامدە تۇنۇشتۇرۇش يۇلىدا بىر مىنۇت توختىمىغان مەرھۇم "ئىسا يۈسۈپ ئالىپتەكىن" ئەپەندىمنىڭ قىممەتلىك ۋەسىيەتلىرى ۋە ئېلىپ بارغا ئىش-ئىزلىرى ، شۇنداقلا ئاھ... ۋەتەنىم دەپ-كېچە كۈندۈز ياش تۈكەپ ، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى كۆزىنىڭ نۇرىدىن ئايرىلغان بۇ مۇبارەك زاتنىڭ ۋاپاتى گەرچە بىر ئارمانسىز كەتكەن ئېچىنارلىق ئايرىلىش بولسىمۇ ، بۇ زاتنىڭ جەڭگىۋارلىقىدىن روھى ئۇزۇق ئېلىپ تىرىلگەن مىڭلىغان ۋەتەن سۈيەر ئوغلانلىرىمىز بارلىققا كەلدى .

ياشلىق دەۋرىدە قۇلۇدىن قۇرال چۈشمىگەن ، ۋەتەن مىللىتى ئۈچۈن بىر-ئۆمۈر خىزمەت قىلغان ، ياش دەۋرىدىلا بىر ئەمىرلىكنى قۇرۇپ  دەۋرى خەلقىنى "ئىسلام ئەخلاقى" بىلەن ياشاش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولغان مۆتەرەم زات "مۇھەممەدەمىن بۇغرا" نىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئېلىپ بارغان  جەڭگىۋارلىقى ، تاجاۋۇزچى كۇچلارغا بەرگەن قۇراللىق قايتارما زەربىلىرى ، ۋە ئاخىرقى دەۋرىدە ھىجرەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىنمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا ئەڭ قىممەتلىك بولغان بىر "شەرقى تۈركىستان تارىخى" نى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى . مانا بۇ قىممەتلىك تارىخىمىزنى ئۇقۇپ كۆرگەن ھەر-بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى قايتىدىن ئويغۇنۇپ ، ۋەتەن-مىللىتىگە بولغان مېرى-مۇھەببەت ئوتلىرى چاقنىماقتا ۋە ئۆلگەن روھلىرى قايتىدىن تىرىلمەكتە.  

ئەنە شۇ قايتا تىرىلگەن ئەۋلاتلارنىڭ ، ۋەتەن-مىللىتىنى ھەقىقى سۈيىدىغان ھەر-ساھە ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى "پىدائىلىق ھەركەتلىرى" نەتىجىسىدە، ئارىدىن 40 يىللار ئۆتكەندە يەنە قايتىدىن ئۇمۇمى ھەركەت قوزغۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە چوڭ كۆلەملىك ئۇقۇغۇچىلار ھەركىتى ئوتتۇرغا چىقتى . 

1990-يىغا كەلگەندە ،  بۇ ھەركەت ۋەتىنىمىزنىڭ شەھىدلار ماكانى بولغان "بارىن" يېزىسىدا  قايتا  پارتىلىدى . بۇنداق ئۇشتۇمتۇت پارتىلىغان قۇراللىق ھەركەتتىن قاتتىق چۇچىغان كومىنىست زالىم تاجاۋۇزچىلار، بۇ يېزىدىكى بارلىق ئاھالىنى ئەر-ئايال، قىز-ئوغۇل ، قېرى-ياش دىمەستىن تامامەن قەتلى-ئام قىلدى. بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى ناھايىتى مەخپى جىمىقتۇرۇشنى ئويلىغان شىتتاي ھاكىم ىيىتى، بۇ يېزىغا ھەتتا بىر قانچە ئايغىچە سىرتتىن ئادەم كەلتۈرمىدى . ۋەقەنى ئاڭلاپ تۇققانلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقا بارغانلارمۇ قاتتىق تۇتقۇن قىلىندى . 

ھەمدە ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يۇرتتىكى يىتىم-يېسىر بىچارىلەرگە ياردەم قۇلىنى سوزغان پەزىلەت ئىگىلىرىمۇ قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى . شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا شەھىتلەرنىڭ تۈكۈلگەن ئىسسىق قانلىرى ، بارچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىماقلىرىغا ئىپارنىڭ ھىدىنى ئەسلىتىپ ، بۇ قاننىڭ سورىقىنى قىلىشنى ھەرگىز ئۇنۇتتۇرمىدى ۋە ئەبەدى ئۇنۇتتۇرمايدۇ. ئەنە شۇ ئەسلىمە تۇيغۇلاردىن كېيىن يەنە ۋەتەن-مىللىتىنى سۆيىدىغان ۋە بۇ يولدا مېلىنى-جېنىئىنى تەقدىم قىلالايدىغان مىڭلىغان  سېخى-پىدائىلار مىللىتىمىز ئارىسىدا يېڭىدىن تىرىلىشكە باشلىدى .

1997-02-05- كۈنى ، يەنە يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئىمانى مۇستەھكەم ، جەڭگىۋار  ۋەتەن-مىللىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان قەھرىمانلىرىمىز ئاشكارە ئوتتۇرغا چىقتى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىغە ۋاكالەتەن جراڭلىق سادالىرىنى ياڭراتتى . لېكىن ئىنساپسىز ، ياۋۇز دۈشمەنلەر ، بۇ ئوت-يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنى  بىرسىنىمۇ قويماي زەھەرلىك ئوققا تۇتۇشتى . بىركۈن ئىچىدىلا بۇ  "بۇل-بۇللار ماكانى" دەپ نام ئالغان ئىلى  شەھرى قايغۇلۇق ماتەم دېڭىزىغا ئايلاندى .  بىراق "ھەر ئۈلەشتىن كېيىن بىر تىرىلىش" دىگەندەك ، بۇ ئۇنتۇلغۇسىز پاجىئەلەردىن كېيىن ۋەتىنىمىزدە غايەت زور دەرىجىدە ئويغۇنۇش پەيدا بولدى ۋە يۈزلىگەن-مىڭلىغان، قىز-ئوغۇل ياش ئەۋلاتلار غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ ، مىللىتىمىز ئېڭىدا زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يۇلى ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ تىزراق قولغا كەلمىسە بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ-يىتىشتەك يېڭى ئارزۇ-ئۈمۈدلىرى تىرىلىشكە باشلاندى .

مانا بۇخىل روھى تىرىلىش نەتىجىسىدە ، شۇ يىلنىڭ ئۈزىدىلا  " خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى " جەڭگىۋار پىدائىلاردىن  توپلانغان  " ئىككى چوڭ كۇچ " بارلىققا كەلدى . 

بىرسى " شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى"   

بىرسى "شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى "  

ۋەتىنىمىز مۇستەملىكە قىلىنىپ ئارىدىن 45-يىل ئۆتكەندە ، بۇنداق بىر قۇراللىق كۇچنىڭ ئوتتۇرغا چىققىنىدىن قاتتىق چۇچىغان خىتتاي ھاكىمىيىتى ، ئۈزىنىڭ بارلىق ھىلە-نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، مىللىتىمىز ئىچىدىن (بىر قىسىم) قېنى بۇزۇق مەلۇنلارنى سەتىۋېلىپ ، شۇ مەلۇنلار ئارقىلىق بۇ كۇچلارنى ئۆز-ئارا زىددىيەتلەشتۈرۈپ پارچىلاشقا تىرىشتى. بۇ ھەركەتنىڭ يىتەكچىلىرىگە تۈرلى پىتنە-ئېغاۋا بەت-ناملارنى  تۇقۇش ئارقىلىق ، ئۇلارنى خەلىق ئارىسىدا سەسىتىش يۇلىنى ئېلىپ باردى . ئاقىۋەت مەلۇم دەرىجىدە مەقسىدىگە يەتكەندەك قىلسىمۇ ، لېكىن بۇ كۆپنى كۆرگەن ھۇشيار مىللىتىمىزگە ئۇمۇمى جەھەتتىن ھەچقانداق زىيان سالالمىدى . ئەكسىچە بۇ يولغا ئاتلانغان ئوتيۈرەك پىدائىلىرىمىز تەخىمۇ مۇستەھكەم ئىرادىگە بەل-باغلىدى ۋە ئۆز-ئىرادىسى بىلەن ئەسلى يۇلىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تىگىشلىك زەربىلەرنى بىرىپ كەلدى . 

بۇخىل ھۇجۇمغا ئۇچىرغان ۋە قاتتىق چۇچىغان  خىتتاي ھاكىمىيىتى مىليارد دوللار خىراجەت قىلىپ ، بۇ " ئىككى تەشكىلاتنى " ئامېركا نىڭ  "تىرورچى گوروھلار"  تىزىملىكىگە كىرگۈزدى . بۇ ۋەقەدىن كېيىن ، قېنىمىز ۋە تىلىمىز شۇنداقلا دىنىمىز بىر بولغان خوشنا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا زىمىن تارلىق قىلدى . 

يەنە دىنى ئېتىقادىمىز بىر بولغان پاكىستانغا ئوخشاش (ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتى) بىز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرنى كۆرگەنلا يەردە تۇتقۇن قىلدى، ھەتتا دىنى مەدرىسلەردىن تۇتىۋېلىپ خىتتاي ھاكىمىيىتىگە سېتىپ خەجلىگەندىن تاشقىرى ، يەنە يىگىرمە ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە سېتىپ خەجلەشتەك تارىخى خاتالىق ئۆتكۈزۈپلا قالماي ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتاغلىق دىنى ئالىمى ، ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر ، جەڭگىۋار ئىنقىلاپچى مەرھۇم ھەسەن مەخسۇمنى شەھىد قىلىپ "مەڭگۇ ئۇنۇتۇلماس" كەچۈرگۈسىز قانلىق قىساسقا قەرىزدار بۇلۇشتى . 

بۇنداق ئادالەتسىزلىك ھادىسلەرگە گۇۋاچى بولغان ،  يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئوتيۈرەك ئوغلانلىرىمىز ، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىنى پەقەتلا ئاللاھ يۇلىغا ئاتاپ ۋەتەن-مىللىتى ئۈچۈن قۇلىدىن كېلىشىچە ئەمىلى ھەركەت قىلىشقا تەييارلاندى . ۋە بىر كۈن بولسىمۇ بۇ زۇلۇمدىن تىزراق قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى . يول تاپقانلار چوڭراق تەييارلىق قىلىشقا ئاتلاندى . يول تاپالمىغانلار ۋەتەم ئىچىدە ئۆز-ئىمكانى يەتكەن ئۇسۇلدا ئەمىلى ھەركەكە ھازىرلاندى . 

بۇنداق ئۇمۇمى ئويغۇنۇشنى چۇڭقۇر سىزىپ يەتكەن خىتتاي ھاكىمىيىتى ، بىز ئۇيغۇرلارنى بىر كۈن بولسىمۇ تىزراق ئاسمىلاتسىيە قىلىپ تۈگۈتۈش يوللىرىنى ئىزدەشكە ۋە مەجبۇرى تېڭىشقا ، ھەتتا قۇراللىق ھالەتتە زورلاشقا باشلىدى . بۇخىل چىكىدىن ئاشقان زۇلۇمنىڭ ئازاۋى ، ئەزەلدىنلا قوللىرى باغلىنىپ تىللىرى كېسىلگەن بىچارە مىللىتىمىزنىمۇ قاتتىق سىلكىندۈردى ۋە ئاخىرى ئەلەملىك ۋاقىراشقا مەجبۇر قىلدى . 

نەتىجىدە _  5- ئىيۇل ۋەقەسى ئەنە شۇنداق  ئىنسان چىدىغۇسىز ناھەق- زۇلۇمنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىش ئارقىسىدا ، ئىزىلگەن مىللىتىمىزنىڭ يۈرەك سادالىرى بىلەن مەيدانغا كەلگەن يېڭى تىرىلىش ھەركىتى بۇلۇپ ، بۇخىل قۇرالسىز سادالىق ھەركەتمۇ يانىلا زالىم-خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق قەتلى-ئامى بىلەن باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئانا تۇپراققا ئىسسىق قانلىرى تۈكۈلگەن  يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ پاكىز-روھىدا مەڭگۈلۈك ئويغۇنۇش ، يەنى "ئۈلەشتىن كېيىنكى تىرىلىش" مۆجۈسىزى پەيدا بولدى .

بۇخىل ئويغۇنۇش ھەرگىز ئۇخلىمايدۇ !  بۇخىل تىرىلىش ھەرگىز ئۆلمەيدۇ ! بۇخىل تىرىلگەن مىللەتنى ياراتقان ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق كۇچ ئۆلتۈرۈپ  تۈگىتەلمەيدۇ ... !!!  

        
       ئا.مۆلجەرلى      

     2010-02-14 


مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى