جەننەتنىڭ خۇشخەۋىرى






ئاللاھ رىزاسىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئەبەدى جايى جەننەت

١ ـ {جەننەتتە ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسە ئۇلارنىڭدۇر، ھۇزۇرىمىزدا تېخىمۇ كۆپ نىمەتلەر باردۇر} . سۈرە كاف 35ـ ئايەت

٢ـ جەننەتتە ئىنسانلار ئارزۇ قىلغان ۋە خالىغان نەرسىلەرنىڭ نەچچە ھەسسىسى باردۇر}. سۈرە كاف 35، زۇخرۇف 71، ئەنبىيا 102ـ ئايەت

٣ ـ {جەننەتتە بۈيۈك بىر ماقام  باردۇر}. سۈرە ئىنسان 20ـ ئايەت

٤ ـ جەننەتنىڭ ھەرتەرپى ئاجايىپ نازۇـ نىمەتلەر بىلەن تولدۇرۇلغاندۇر}. سۈرە ساففات   43 ـ ئايەت

٥ ـ {جەننەتتە ئۆلۈم يوقتۇر}. سۈرە دۇخان 56 ـ ئايەت

٦ ـ {جەننەت ئەھلى جەننەتتە مەڭگۇ قالىدۇ}. سۈرە بەقەرە 25 ـ ئايەت

٧ ـ {جەننەت ئەھلىگە ھېرىش ـ چارچاش  بولمايدۇ}. سۈرە فاتىر 35 ـ ئايەت

٨ ـ {جەننەتتە چەكسىز ۋە مەڭگۈلۈك بەخىت باردۇر }. سۈرە ياسىن 55 ـ ئايەت

٩ ـ {جەننەتتە ھەقىقى راھەلىنىش باردۇر}. سۈرە ۋاقىئە 89 ـ ئايەت

١٠ ـ {ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر ئۈچۈن جەننەت ناھايەت كەڭرىدۇر}. سۈرە ھەدىد 21 ـ ئايەت

١١ ـ {جەننەتتە ناھايەت بىر خۇرسەنلىك ھايات باردۇر}. سۈرە ھاققە 21 ـ ئايەت

١٢ ـ {جەننەتتە غەم ـ قايغۇ يوقتۇر}. سۈرە بەقەرە 60، ئالى ئىمران 170، فاتىر 34،  ئەراف 35 ـ ئايەت

١٣ ـ {جەننەت ئەھلىگە جەننەتتە چەكسىز ھۆرمەت كۆرسىتىلىدۇ}. سۈرە ساففات 42 ـ ئايەت

١٤ ـ { جەننەتتە ھېچبىر نۇقسانسىزـ يېڭى بىر شەكىلدە يارىتىلغان قىزلار بۇلۇپ، ئۇلار ناھاياەت پاكىز، بەدەن ۋە چىرايلىرى قۇسۇرسىز، چوڭ ـ چوڭ كۆزلىرى بىلەن قاراشلىرى پەقەت ئۆز جۇپتىلىرىغىلا مەركەزلەشكەن ھۆرلەردۇر}. سۈرە ساففات 48 ـ 49 ، دۇخان 54، ۋاقىئە 22 ـ 23 ـ 35 ـ 36 ـ 37 ، راھمان 56 ـ 58 ـ 70 ـ 72، نەبە 33، بەقەرە 25 ـئايەت

١٥ ـ {جەننەتتە ئالى ماقاملار ۋە گۈزەل ماكانلار باردۇر}. سۈرە فۇرقان 10 ـ 75، ئەنكەبۇت 58، سەفا 12 ـ ئايەت

١٦ ـ {جەننەتتە ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىسسىق ۋەياكى سوغوق يوقتۇر، قەيەرگە بارسا يىتىپ تۇرىدىغان سايىلار باردۇر}. سۈرە ئىنسان 13، رەئىدە35، مۇرسەلات 41 ، نىسا 57 ـ ئايەت

١٧ ـ {جەننەتتە ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان گۈزەل ماقاملار بار، جەننەت ئەھلى ئۇ يەردە  مەڭگۇ قالىدۇ}. سۈرە بەقەرە 25، بەييىنە 8 ـ ئايەت

١٨ ـ {جەننەتتە سۈتتىن ۋە ھەسەلدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىقلار باردۇر}. سۈرە مۇھەممەد 15 ـ ئايەت

١٩ ـ { جەننەتتە  ناھايەت  ئالى كۆرپىلەر ۋە جاۋاھىرلاردىن ياسالغان كارىۋاتلار باردۇر}. سۈرە ۋاقىئە 15 ـ 34، غاشىيە 13 ، سەففات 44 ـ ئايەت

٢٠ ـ {جەننەتتە قاتار ـ قاتار ياستۇقلار، ئۇزۇن ـ ئۇزۇن دىۋان تەخىتلەر، ھەيران قالارلىق ھىكەنداز كۆرپەىلەر ۋە ئالى پاياندازلار باردۇر}. سۈرە غاشىيە 15 ـ 16، راھمان 76، ۋاقىئە 30 ـ ئايەت

٢١ ـ {جەننەتتە ئەبەدى تۈگىمەس ، بىھىساپ نازۇ ـ نىمەتلەر باردۇر } سۈرە ساد 54 ، مۇئىمىن 40 ـ ئايەت

٢٢ ـ {جەننەتتىكى نازۇ ـ نىمەتلەر ھىچقاچان تۈگىمەيدۇ ۋە كېمىمەيدۇ } . سۈرە ئىنسان 13، ۋاقىئە 33ـ ئايەت

٢٣ ـ {جەننەتتە خالىغانچە يىيىلىدىغان  تۈرلى ـ تۈرلى مىۋىلەر باردۇر}. سۈرە ۋاقىئە 28 ـ 29 ـ 32، نەبە 32، ھاققە 23 ، راھمان 68، ئىنسان 14ـ ئايەت

٢٤ ـ {جەننەتتە سۇلىرى ناھايەت پاكىز بۇلاقلار باردۇر}. سۈرە مۇتەففىفىن 28، غاشىيە 12، راھمان 50، ئىنسان 186 ـ ئايەت

٢٥ ـ {جەننەتتە  تۈرلى ـ تۈرلى مەنزىللەر  ۋە ئاجايىپ گۈزەل ئورۇنلار باردۇر}. سۈرە راھمان 48 ـ ئايەت

٢٦ ـ {جەننەتتە ئەتلەستىن تەييارلانغان ئالى ياستۇقلار باردۇر}. سۈرە راھمان 54 ـ ئايەت

٢٧ ـ {جەننەتتە ناھايەت پاكىز ۋە گۈزەل خىزمەتچىلەر باردۇر}. سۈرە  نۇر 24 ـ ئايەت

٢٨ ـ {جەننەتتە تاللانغان ئۈنجە ـ مەرۋايىتلار كەبى ياش خىزمەتچىلەر باردۇر}. سۈرە ئىنسان 19 ـ ئايەت

٢٩ ـ {جەننەتتە ئىچكەنلەرنىڭ بېشىنى قايدۇرمايدىغان ، ئارلاشمىسىز ئاپئاق بىر ئىچىملىك باردۇر}. سۈرە مۇتەففىفىن  25 ـ 26 ، ئىنسان 5، ساففات 46 ـ 47، ۋاقىئە 19، نۇر 23ـ ئايەت

٣٠ ـ {جەننەتتە يىپەكتىن ، ئەتلەستىن  ئىشلەنگەن ئالى كىيىملەر ۋە ئالتۇن ـ كۈمۈش مەرۋايىتتىن ئىشلەنگەن تاجىلار باردۇر}. سۈرە ئىنسان 21،  ھەج 23 ـ ئايەت

٣١ ـ {جەننەتتە ـ جەننەت ئەھلىگە بېرىلىدىغان  يىمەكلەر ئالتۇن ـ كۈمۈشتىن ياسالغان  پەتنۇس ـ تاۋاقلار بىلەن سۇنىلىدۇ}. سۈرە زۇخرۇپ 71، ئىنسان 15 ـ 16 ـئايەت

٣٢ ـ {جەننەتتىكى يىمەكلىكلەرنىڭ  تەملىرى دۇنيادىكىگە ئوخشاش قىلىپمۇ بېرىلىدۇ }.      ئايەت

٣٣ ـ {جەننەت ئەھلىگە  پاك ـ پاكىز جۇپتىلار بېرىلىدۇ ، ئۇلار جەننەتتە  مەڭگۇ قالىدۇ }.  سۈرە بەقەرە 25 ـ ئايەت


ئى  مېرىبان ئاللاھ  ـ   بىز سەندىن جەننىتىڭنى سورايمىز ، دەۋزىخىڭدىن پانا تىلەيمىز ، قەبرى ئازابىدىن پانا تىلەيمىز ، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پانا تىلەيمىز ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ پىتنىسىدىن پانا تىلەيمىز ، گۇنا مەسىيەتلەردىن  ۋە قەرىزدار  بۇلاپ قېلىشتىن پانا تىلەيمىز . 

 مەنبە ـ  قۇرئانى كەرىم   ۋە  ھەدىسلەر


ئا.مۆلجەرلى  

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى