مىللىتىمىزنىڭ ۋىجدانى ھىساپلىدىغان ئىككىخىل زىيالىلىرىغا خىتاپ
ئالدىمىزدىكى ۋاقىتلاردا كۆرۈلۈپ ئۆتكەن بەزى سىياسى مەغلۇبىيەت ۋە ئېغىر چىكىنىشلەردىن كېيىن، ۋەتەن مىللىتىگە ھەقىقى كۈيىنىدىغان بىر تۈركۈم ئەل-ئوغۇللىرى تەرپىدىن ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان سادالار، دۇنيادىكى ھەممە ئۇيغۇرغا ئازراق بولسىمۇ تەسىر كۈچىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك، تەرەپ-تەرەپتىن ھەقىقەت سادالىرى ياڭراشقا باشلىدى.
بۇ سادالارنى ھەقىقى ئاڭلىغان ۋە چۈشەڭەن ھەر-بىر ۋەتەن سۈيەر ئۇيغۇر بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە تەسىرلەندى ، شۇنداقلا يېقىندىن ئاۋاز قوشتى . مانا شۇنىڭ ئۈزىمۇ، ۋەتەن-مىللىتىگە ھەقىقى كۈيىنىدىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىنى كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ ساپلىغىنى ، نىيىتىنىڭ خالىسلىغىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى .
بىراق خىتتاي ھۈكىمىتىدەك ھىلىگەر تۈلكەلەرىنىڭ رەزىل سىياسى ئۇسۇللىرىنى قاراڭغۇ كوچىلاردا ، ئەتكەسچىلىك بازىرىدا ئۈگىنىۋالغان بىرقىسىم ئىنسانلار ، يەنىلا شۇ ئۈگەنەن ئۆز ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ، دوستنى-دوسقا ، تۇققاننى-تۇققانغا ، قۇدىنى-قۇدىغا، باجىنى-باجىغا ، ئاكىنى-ئىنىگە ۋە يۇرتلۇقنى-يۇرتلۇققا قارشى قىلىپ ئۆز-ئارا زىددىيرت ئۇرىغىنى تېرىماقتا !.
ئەڭ ئېچىنارلىقى شۇكى ، ئۇيغۇرنى-ئۇيغۇرغا دۈشمەن قىلىش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ ، خىتتاي ھۈكىمىتىنىڭ 60 يىلدىن بېرى تاماملاپ بۇلالمىغان بۇ جاپالىق رەزىل خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەم قىلىشماقتا ۋە خىتتاينىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتمەكتە !.
بۇخىل ئەقىلسىزلارچە ، ھەسەتخورلارچە ، ۋەياكى بىلىپ-بىلمەي قىلىۋاتقان خائىنلارچە قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە ، مىڭلىغان-مىليۇنلىغان شەھىدلىرىمىزنىڭ تۈكۈلگەن ئىسسىق قانلىرى ، مىسلىسىز تۈلىگەن بەدەللىرى ئارقىلىق قولغا كەلگەن، بۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى سەرىپ قىلىپمۇ ئېرىشكىلى بالمايدىغان، ئۇمۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ _ مىللى ۋە دىنى ئويغۇنۇش _ تۇيغۇلىرىدىن ئىبارەت، ئەڭ كۈچلۈك تەييارلىقىمىز ۋە يېڭىلمەس قۇشۇنىمىزنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈتلىرىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغانلىقى ، بارچەمىزنى چىداپ تۇرغۇسىز دەرىجىدە ئازاپلىغاندىن سىرىت ، خەلقىمىزنىڭ كېلەچەككە بولغان ئارزۇ-ئۈمۈتلىرىگە پۈتمەس–تۈگىمەس ئېچىنارلىق روھى كەيپىياتلارنى ئېلىپ كەلمەكتە !.
بۇ ئېچىنارلىق پاجىئەنى كۆرۈپ ، خەلىقنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ يەنىلا ۋىجدانسىزلارچە پۇرسەت پەرەسلىك قىلىۋاتقان ، ئەزان ئۇقۇلسىمۇ يەنىلا تەرەتسىز ئولتۇرىۋاتقان ، تەكبىر سادالىرىغا پىسەنت قىلماي ئۇخلاۋاتقان ، قەبرىستانلىققا كەلگەن مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن كۈمەش تېپىپ يىيىش غېمىدە بۇلاۋاتقان بەزى دىندارلار ، ۋەياكى ۋاقتى كەلسە ئۈزىنىڭ ئاتالمىش زىيالىلىق نۇپۇزىدىن پايدىلىنىپ ئەرزىمەس مەنسەپ كۈتىۋاتقان مىللى زىيالىلارمۇ ، خۇددى كۆزى كور ئادەم قاراڭغۇ كېچىنى يۇرىتىۋاتقان ئاينى كۆرەلممىگەندەك ، كۆزلىرى كور ، قۇلاقلىرى گاس ھالاتتە ھېچقانداق ئىنكاس-ساداسىز بىغەملەرچە ياشىماقتا !.
تارىقتىكى _ بۇلۇپ ئۆتكەن بارلىق غەلبىلىك ئۇرۇشلىرىمىزنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بولغانلىقى ، نىمىگە تايانغانلىقى ، قانداق يول تۇتقانلىقى ، كىملەر بىلەن بىللە ھەركەت قىلغانلىقى ، تارىقتىن ئازراق ساۋادى بار مىللى ۋە دىنى زىيالىلارنىڭ ھەممىسىگە بەش قولدەك ئايان . شۇڭا بۇ توغرىدا مىسال كەلتۈرۈش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن .
يەنە بەزى پاراسەتلىك مىللى ۋە دىنى زىيالىلار ئۆزلىرىنى داۋادىن ۋاقىتلىق يىراق تۇتشنى مۇناسىپ كۈرەپ ، بىر چەتتە تۇرغانلارمۇ بار . ھازىرقىدەك ئىختىلاپى مەسىللىلەر چېكىدىن ئاشقان ۋەزىيەتتە بۇلارنىمۇ نىسپى توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ . بىراق جەمىيەتتىكى بۇلاۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ، نەھەق قىرغىنچىلىق ، چەكىدىن ئاشقان ئىرقى يۇقۇتۇش ، يەنە ئۆز-ئارا مىللى سېسىتىش كىسىلىنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى بىلەن ئورتىغا چىقىۋاتقان مەزلۇم-بىچارە خەلىقنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ يەنىلا قۇلاق يۇپۇرۇپ چەتتە تۇرىۋەرسە ، بۇنداق ئىنسانلار ئۆز مىللى ۋە دىنى مەجبۇرىيىتىدىن قاچقانلار قاتارىغا كىرىدۇ !.
نۆۋەتتىكى مەجبۇرىيىتىمىز كۈندىن-كۈڭە ئىنتايىن ئېغىرلاشماقتا . ئۇ بولسىمۇ بىچارە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناھەق تۈكىلىۋاتقان قانلىرىنىڭ سورىقىنى قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۆلۈم گىرداۋىدا تۇرىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدە باش قاتۇرۇش . مانا بۇلار ۋۇجۇدىدا-ۋىجدانى بار مەنكى ئۇيغۇر دىگەننىڭ ھەممىسىنى ئۇخلاۋاتقان ئىسسىق ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، كېچىنىڭ زۇلمىتىدە بىر سائەت كاللا قاتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان ئاساسى سەۋەپلەرنىڭ بىرى . مەجبۇرىيىتىمىز بۇ دەرىجىدە ئېغرلىقىنى ھەممەمىز بىلىمىز ، بىراق كېلەچەككە بولغان ئىشەنچ-تۇيغۇسى ھەممىزدە بىردەك بولمىسا كېرەك !. شۇ سۋەپتىن ھەممەمىز بىردەك سادا چىقىرالماي ، دەرىزە يۇرىقىدىن چۈشىدىغان زەررەنىڭ ھارارىتىدىن ئېنىرگىيە ئېلىشنى ئويلاپ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرماقتامىز !.
بۇ توغرىدا بىرنەچچە سۇئالنى ئوتتۇرغا قويغۇم كېلىۋاتىدۇ .
1- نىمە ئۈچۈن بەزى تالانتلىق دىنى ۋە مىللى زىيالىلار شۇنداق پۇرسەت پەرەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى ؟
2- نىمە ئۈچۈن ئۇلار مۇستەقىللىقىمىز يۇلىدىكى ئېلىپ بېرىلىغان ۋە بېرىلىۋاتقان تۈرلى داۋادىن ئايرىلىپ تۇرىۋالىدۇ ؟
3- نىمە ئۈچۈن بۇخىلدىكى كىشىلەر كۈپىنچە ھاللاردا تەشكىلاتقا باشلامچىلىق قىلماي ، بەلكى ئارقا سەپتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش يۇلىنى ئۆزىگە تاللايدۇ ؟
جاۋاپ :
(1) بۇ خىلدىكى دىنى ۋە مىللى زىيالىلار ، ئۈزىنىڭ ئىلىم ئېلىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا غايىسىز ، ئۇقۇشتىكى مەقسىدى كەلگۈسىدە ئاش قالماسلىقى ئۈچۈن بىرەر كەسىپ ئىگىسى بۇلاشنى ئارزۇ قىلغانلار بۇلۇپ ، بۇلاردا جەڭگىۋارلىق غايە، پىداكارانە روھ ، ۋەتەن-مىللەت سۆگۈسى ، ھەتتا ئاخىرەتلىككە بولغان ھەقىقى ئىمانى-ئىشەنچجى مۇكەممەل بولمىغانلاردۇر . مانا بۇلار دەل ۋەزىيەتكە قاراپ يول تاللايدىغا پۇرسەت پەرەز جان باقارلاردىن ئىبارەت !.
(2) بۇ خىلدىكى دىنى ۋە مىللى زىيالىلار ، ۋىجدانى پاكىز ، ئەقىل-ئىدراكى سەزگۈر ، يىراقنى كۇرەرلىكى پارلاق ، دائىما ۋەتەن-مىللىتىنى ئويلايدىغاھان ، ھەر-بىر ئىنسان ئۆز ھايىتىدىكى ئىشلىرىغا بۇ دۇنيادىمۇ-ئۇدۇنيادىمۇ ھىساپ بىرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىمانلىق كىشىلەر بۇلۇپ ، ئۇلار ئۆزلىرى توغرا كۆرمىگەن ئىشلاردا باشقىلار بىلەن بىرگە قەدەم بېسىشنى خالىمايدۇ ۋە بىلىپ تۇرۇپ خاتالىققا شىرىك بۇلاشنى ھەرگىزمۇ ئۆزىگە راۋا كۆرمەيدۇ. شۇڭا بۇخىلدىكى قەدەم باسقان يولدىن ئاستا ئۈزىنى چەتكە ئالىدۇ . بىراق بۇ خىل كەمتەر-سەمىمىلىكى بىلەن باشقىلارغا ئاشكارە تەنقىدى پىكىرلەرنى بىرەلمەي ئۆزى خاتا دەپ قارىغان ۋە خاتالىقىنى بىلگەن ئىشنى ۋاقتىدا تۈزەتمەي قېيداپ كېتىپ قالىدۇ ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ شۇ خاتالىق ئۈستىدە داۋام قىلىشغا يول قۇيغان بۇلىدۇ. ئاقىۋەت ئۇمۇمى مىللەتنىڭ ھالاكەت گىرداۋىغا بەرىپ قېلىشىغا سۈكۈت قىلغان بۇلىدۇپ ، ئاخىرەتتە ئەقلى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ . چۈنكى ياراتقان ئاللاھ ئۇلارغا شۇ قابىلىيەتلىك ئەقىلنى پايدىلىنىش ۋە ئىشقا شېلىش ئۈچۈن بەرگەندۇر .
(3) بۇ خىلدىكى دىنى ۋە مىللى زىيالىلار ، ئەسلى كېلىپ چىقىشىدىلا پاك نەسەپلىك ، توغرا تەربىيەلىك ، گۈزەل ئەخلاغلىق ، تەبى تىرىشقاق، ئۇقۇشتىن مەقسىدى شەخسى جان بېقىش ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار جەميىتىگە كىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشاش، ئالدىغا قويغان غايىسى ئېنىق ، نىشانى بەلگىلىك ، ھايات يوللىرىدىكى باسقان قەدەملىرى دۇرۇس ، ھەر-بىر ئىشىدا جاۋاپكارلىقنى ئەستىن چىقارمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى مۇكەممەل، جاپا-مۇشاققەتلەردە ئەل بىلەن بىرگە بۇلىدىغان ، ئەقلى ۋە جىسمانى كۈچى بىلەن قولدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى باشقىلاردىن ئايىمايدىغان ، ۋەتەن-مىللىتىگە بولغان مېرى-مۇھەببىتى چەكسىز ، ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى كەلسە جېنىنى ئايىمايدىغان ، ئۇلارنىڭ غېمىنى ئۈزىنىڭ غېمى بىلىدىغان ، رىزقىنى كىشىلەردىن تەمە قىلمايدىغان ، مەنسەپپەرەسلىكتىن يىراق ، نام-شۆھرەت دىگەڭە كۆز-قىرىنى سالاميدىغان ، ئاللھ قا بولغان ئىمان-ئېتىقادى تەۋرەنمەس كىشىلەر بۇلۇپ ، بۇنداق پەزىلەتلىك ئىنسانلار ھەر ۋاقىت ئارقا سەپتە تۇرۇپ ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ . شۇنداقلا ۋەتەن مىللىتىنىڭ غېمىدە ھەركەت قىلىۋاتقان توغرا نىشانلىق يىتەكچىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ يېقىندىن ياردەم بېرىشنى ئۆزلىرىگە ئىپتىخار بىلىدۇ .
دەۋرىنىڭ ئۆزگىرىشى بەلەن، بۇخىلدىكى زىيالىلارنىڭمۇ كۆز قاراشلىرى بەكلا ئۆزگۈرۈپ كەتتىمۇ قانداق ؟ يۇقارقى (1-) ۋە (2-) خىلدىكى دىنى ۋە مىللى زىيالىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ (3-) خىلدىكى دىنى ۋە مىللى زىيالىلارنىڭ سانى ناھايىتى كەملەپ كەتكەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز .
بۇلار جەمىيەتتىكى ئۆزگىرىشچان مۇھىتنىڭ تەسىرىدە بەزى ئۇزۇقلارنىڭ يىتىشمەسلىكى سەۋەپلىك ، تۈۋەدىكى روھى خارەكتىرلىك پىسىخىلوگىيە كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان بۇلىشى مۇمكىن .
مەسىلەن
1- تۇز يەتمەسلىك . 2- شىكەر يەتمەسلىك . 3- ئاچچىق دارا-دەرمەك يىتىشمەسلىك .
(1) تۇز ئۈزى ئاز بولسىمۇ ، بىر قازان تاماققا تېتىيالايدۇ .
(2) شىكەر ئۈزى ئاز بلسىمۇ ، بىر قازان ئۇماشنى ھالۋىغا ئۆزگەتەلەيدۇ .
(3) ئاچچىق دۇرا-دەرمەكلەر ئۈزى ئاز بولسىمۇ ، بىر قازان تاماقنىڭ تەمىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە يىگۈچىگە ئاچچىق-چۈچۈك تەم قالدۇرالايدۇ .
شۇڭا ئۇلارنى داۋالاشتا ھەممىلا يەردە تۇز بۇلىمەن دىسەڭ ، ھالۋا سېغىنغانلار ياقتۇرمايدۇ .
ھەممىلا يەردە شىكەر بۇلىمەن دىسەڭ ، ئاچچىق سېغىنغانلار كۆزگە ئىلمايدۇ .
ھەممىلا يەردە ئاچچىق بۇلىمەن دىسەڭ ، ئىستىمال قىلغۇچىلارنى ئۈنچىقىرالماس گىمىروي كىسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قۇيىشىڭ مۇمكىن.
شۇڭا بۇ يولدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى ، ھەر كىمنىڭ ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ بىرىلگىنى ياخشى ، كىم نىمىنى خالىسا شۇنى يىسۇن ، قايسى سەنەمگە ئۇسۇل ئوينىسا ئوينىسۇن . جاۋابىنى _ بۇ دۇنيادا خەلىق ئالدىدا ، ئۇدۇنياغا بارغاندا ئاللاھ ئالدىدا ئۈزلىرى بېرىدۇ .
بۇندىن كېيىنكى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان مۇھىم نوقتا شۇكى ، جەننەت تاپىنىڭ ئاستىدا بولغان ئۇلۇغ ئانىنىڭ ھالال سۈتى ۋۇجۇدىدا ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، ئەقلى ھۇشى جايىدا ، ئاللاھتىن ھەقىقى قورقىدىغان ، ئاللاھ تەرپىدىن بىرىلگەن ئەقىل-ئىدراك ، ئىلىم-قابىلىيىتىنى ۋەتەن-مىللەتنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئاتىيالايدىغان، جەسۇر، ئوتيۈرەك ، ۋاپادار، دىنى ۋە مىللى زىيالىلار بىرلىككە كېلىپ ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئالدىدا ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن يۇقۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىچارە مىللىتىمىز بېشىدىكى خەۋىپكە بىرلىكتە خاتىمە بېرىش ، مەنكى مۇسۇلام دىگەن ھەر بىر ئىلىم ئىگىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان قەرزى ۋە پەرزىدۇر ! .
بۇ قەرىز ۋە پەرىزلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ، ھەرساھەدىكى دىنى ۋە مىللى زىيالىلار گەپلەت ئۇيقىسىنى ئېچىشى ، ئاللاھ بەرگەن ئىلىم-ئەقىل ئامانىتنى ئۆز جايىدا ئىشقا سېلىش بىلەن بىرگە، ئەزىز مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ ئىمان-ئېتىقادىغا مۇجەسسەملەڭەن تارىخى جەڭگىۋار روھىنى قايتىدىن قوزغاپ ، قۇللۇقنى بىر ئاللھتىن باشقىغا قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق، قۇلىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ياردەمنى بۇ ئەزىز مىللىتىمىزدىن ئايىماسلىقى ، بۇ ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ھەر ئىككىلا دۇنيادا باش تارتىپ بۇلالمايدىغان بۈيۈك جاۋاپكارلىقىدۇر !!!.
ئا. مۆلجەرلى
2010-01-07 .