ئۇنۇتۇلغان پىدائىلار

ئۇنۇتۇلغان پىدائىلار 
 ئەل ـ ۋەتەن ئۈچۈن چەكسىز بەدەل تۈلىگەن پىدائى قېرىنداشلىرىمىز، دەۋرىنىڭ ئۆتىشى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنۇتۇلماقتا !!!ە   
ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان {شەھىدلار ماكانى} ئاقتۇ ناھىيە ـ بارىن يېزا خەلقى بۇندىن 20 يىللار ئىلگىرى ، ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۇچۇن مىڭلىغان قەھرىمان، پىداكار ئۇغۇللىرىنى ئۆز قوينىدا يتىشتۈرىپلا قلماي، كۇپرىغا قارشى زۇلۇمغا تاقبىل تۇرۇش يۇلىدا، مىڭلىغان باتۇر شەھىدلارنىڭ ئىسسىق قانلىرىنىڭ تۈكۈلىشى بىلەن بارچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ساداسىنى پۈتۈن جاھانغا ئاڭلاتتى .ئەنە شۇ جاراڭلىق، يالقۇنلۇق ئالغا... سادالىرى ئارقىلىق، بارلىق ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنۇتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرۇش بىلەن بىرگە،  ھەممەمىزنىڭ قەلبىدە ۋەتەن ـ مىللىتىگە بولغان چۇڭقۇر مېھرى ـ مۇھاببەت سۆيگۈسى ۋە پىداكارلىق روھى تۇيغۇسنى مىراس قالدۇردى. ئەنە شۇ دەريادەك تۆكۇلگەن ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچمەس يۈرەك ساداسىنى پۈتۈن ئالەمگە 
ئۇنۇتۇلماس تارىق قىلىپ يازدۇردى

بۇندىن 13 يىل ئىلگىرى ـ  ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇلبۇللار ماكانى دەپ نام 
ئالغان غۇلجا خەلقىنىڭ مىڭلىغان ياش يىگىتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىش يۇلىدا ئېلىپ بارغان پىداكارانە كۇرەشلىرى، زالىم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن رەھىمسىزلارچە قانلىق باستۇرۇلۇپ، نەچچە ئون مىڭلىغان ياش ئوغۇللىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يۈزلىگان ئاتا_ئانالار باللىرىدىن، باللار ئاتا-ئانىدىن، ئايللار ئەرلىرىدىن، بىر تۇققان قەرىنداشلار ئۆز يۇرەك پارىلىرىدىن ئايرىلىپ، بۇ بۇلبۇللار ماكانى قارا تۇمان قاپلىغان ماتەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ پاجىئەدىن ساقلىنىپ ھايات قالغانلار يەنىلا شۇ زالىم خىتايلارنىڭ سياسى رېجىملىرى ۋە ئېغىر زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ باش كۆتۇرگۇسىز دەرىجىدە خورلانغاندىن كېيىن، بۇ خورلۇقنى قانداقلىكى يول بىلەن قەتتى يېڭىش كەرەك ... دەپ ئويلىغان پىداكار، ئوتيۇرەك، باتۇر ئوغلانلىرىمىز شۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش يوللىرىنى ھەر تەرەپلىمە ئىزدەپ، ئاخىرى ھىجرەت قىلىپ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئامال بولسىلا تۇرلى يوللار بىلەن كېلىپ توپلۇنۇشقا باشلىدى.
بىراق بىزنىڭ بۇ خورلىقىمىزنى بىلسىمۇ يەنىلا بىلمەسكە سالغان قوشنا ئەللەر بىز ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ھامان، خۇددى ئوۋ ئىتلىرى بىرەر ئوۋنى كۆرسە بارچە كۇچى بىلەن يۇگۇرگەندەك يۇگۇرشۇپ تويماس قارنىغا بىكارلىق ئولجا تاپقاندەك ئىگىسىز، لوق گۆشكە ئايلاندۇرۇپ خالىغانچە ئىقتىسادى زۇلۇمغا ئۇچراتتى ۋە رەزىل، زالىم خىتايلارغا خالىغانچە سېتىپ خەجلىدى. خوشنا ئەللەرنىڭ بۇ ۋىجدانسىزلىقىغا چىدىمىغان ئۇيغۇر مۇھاجىر ياشلىرى ئاخىرى قاراملىق يوللىرىغا ئۇتەشكە مەجبۇر بولدى ۋە بىر قانچە قېتىم خوشنا ئەللەرنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئىچكى تۇقۇنۇش پەيدا قىلدى. بىراق يەنىلا ۋەتەنسىزلىكتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ خوشنا ئەلدىنمۇ دەرھال چىقىپ كەتىشكە مەجبۇر قىلدى. 
بۇ جەرياندا يانچۇغىدا پۇلى بار قۇلىدا پاسپورتى بار ۋەتەنداشلىرىمىز ئۆزى خالىغان غەرىپ ئەللىرىگە كەتتى.بىراق پۇلى يوق ياكى پاسپورتى يوق ھەممىنى ۋەتەن مىللەتكە ئاتاپ رەسمى پىدائى بولۇپ جاننى ئالقانغا قويغان بىر بۆلۇك ساداقەتمەن ياشلىرىمىز بارىدىغان يار تاپالماي كۆرمىگەن كۇنلىرى قالمىدى، بۇ جەرياندا ۋەتەڭە سادقەتمەن بەزى ئاق كۆڭۇل تىجارەتچى قەرىنداشلىرىمىزنىڭ ھىمايىسىدە مەلۇم مۇددەت بىرەر يول تاپقىچە پاناھلاندى،يەنە بىر قىسىم قەرىنداشلىرىمىز ھەتتە خوشنا ئەللەرنىڭ قاراڭغۇ تۇرمىسىدا قاتتىق تاياق زەربىسى ئاستىدا يىللاپ ئىز دەرەكسىز يېتىپ قالدى. بەزىلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك يۇلىغا ئورىنىۋالغان مىللى مۇپىقلار شۇ دۆلەتتىكى سقچى ئورۇنلىرىغا ساتتى، بۇلارمۇ قاراڭغۇ تۇرمىدا يللاپ قالدى . ئاخىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بىرقىسىم ئاق كۆڭۇل تىجارەتچى قەرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاللاھ رىزاسى ئۇچۇن قىلغان خالىسانە بۇيۇك ياردىمى ئارقىسىدا شۇ قاراڭغۇ تۇرمىلاردىن چىققان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ خوشنا ئەللەرنىڭ زىمىنىدا خاتىرجەم يول يۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمىغاچقا، ئاخىرى ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىنمۇ چىقىپ كەتىشكە مەجبۇر بولدى.
مانا مۇشۇنداق سۇرگۇندىلىك ھاياتتا كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز تۇرلى ھادىسلەر ۋە ئېچىنىشلىق تىرادىگىيەلەر بىلەن يۇرۇق دۇنيادىن خوشلاشتى. ھايات قالغانلىرى بولسا تۇركىيە، ئىران، پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپراق ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق بۇ (ئاتالمىش) مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىنمۇ بىز ئۇيغۇرلارغا ياخشىلىق كەلمەي، ئەكسىچە بىر قانچە قەرىنداشلىرىمىز، ئىپتىدائىي قۇللۇق تۇزىمىدىكى ئادەم ئېلىپ-سېتىش يوللىرى بۇيىچە، زامانىمىزنىڭ پۇلدار دۆۋلەتلىرىدىن بولغان  ئامېرىكىغا سېتىۋىتىلدى.
ئامېرىكا دۆلىتى ئۇزىنىڭ سىياسى مەقسىدىگە يىتىشنى جار سالغانى بىلەن ئەمىليەتتە ئۆز رەقىبىدىن ئالالمىغان ئۈچىنى ئامېرىكا بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بىگۇناھ مەھبۇسلاردىن ئېلىپ، شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۇزىمى بۇيىچە خەلىقارادىكى ئىنسان ھەق-ھوقۇقىغا خىلاپ ھالدا بۇ بىگۇناھ 22 نەپەر ئۇيغۇرلارنى سېتىۋېلىپ ناھەق تۇرمىغا تاشلىدى . 2001 ــ يىلدىن باشلاپ  تا ھازىرغىچە ناھەق جازالىنىۋاتقان شۇ قېرىنداشلىرىمىزدىن17 نەپىرى ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بۇلۇپ، بۇلاردىن 4 نەپىرى ئالبانىيەگە ، 1 نەپەر شىۋىتسىيەگە ، 4 نەپەر بېرمادا ئارىلىغا ، 6 نەپەر پالاۋ ئارال دۆلىتىگە، 2 نەپەر شىۋىتسارىيەگە ئورۇنلاشتى. گەرچە ئامېرىكا ھۈكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ يەنىلا بۇ بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن 5 نەپەر قېرىندىشىمىز ھىچقانداق سۇئال ـ سوراقسىز ھالدا، دۇنيادىكى ئەڭ ئەشەددى قاماق ـ جازا ئورنى بولغان <گۇئانتانامو>  تۇرمىسىدا قامىلىپ ، دۇنيا ئىنسان ھەق ـ ھۇقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىرادىسىگىمۇ خىلاپ ھالدا   قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلماقتا .
مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۇلپەتلەرنى بېشىدىن ئوتكۇزىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا ۋەتەن مىللىتى ئۇچۇن تۇلىگەن بەدەللىرىگە قىلچە ئەپسۇسلانمىغان ئۇيغۇر ئوغۇللىرى، ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل قانلىق ۋەقەسىنى ئاڭلىغان ھامان ، ئۆزلىرىنىڭ قاتمۇ-قات تۇساقلار ئىچىدە بۇلۇشلىرىغا قارىماستىن گۇئانتانامو تۇرمىسىدا 3 كۇن ئاچلىق ئەلان قىلدى ۋە بۇخىل جىسمانى بەدەللىرى ئارقىلىق تۇرما خادىملىرىنى جىددىلەشتۇرۇپلا قالماستىن ، ئامېرىكا ھۇكىمىتىگە ئاز بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بېسىم تەسىرىنى كۆرسىتەلىدى ۋە ئامېرىكا دەۋلەت ھادىملىرىنىمۇ خېلىلا جىددىلەشتۈرەلىدى.



بەدەلسىز ھىچقانداق غەلبەنىڭ قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۇڭقۇر چۇشۇنۇپ يەتكەن بۇ پىداكار ئۇيغۇر ئوغلانلىرى، ۋەتەن مىللىتىنى ھەقىقى سۈيىدىغان ياش ئەۋلاتلارغا ئالاھىدە ئۈلگە بۇلاپ ئۇلارغا روھى ئىلھام بىرىش بىلەن بىرگە ، ئەزىز مۇسۇلمان مىللىتنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئەمەلى بەدەل تۇلەشنىمۇ ئۈگۈتۈپ كەلمەكتە !!!.ە

بىراق ـ يىللاردىن بۇيان ناھەق جازالىنىپ كېلىۋاتقان بۇ بىچارە ،   بىگۇناھ بەش نەپەر پىدائىلىرىمىزنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىدىغان بىرەر ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يوقلىغى، ياكى بىرەر ئۇيغۇر سىياسى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاشكارە ئوتتۇرغا چىقىپ ئۇلارغا ئىگە چىقماسلىقى، يېڭىدىن ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ۋەتەن سۈيەر- ياش ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ قەلبىدە، ۋەتەن مىللىتى ئۈچۈن ۋاقتى كەلسە ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلشقا تەييار تۇرۇشتەك ئولۇغۋار روھى كەيپىياتلىرىىنى بەربات قىلماقتا ـ 
ئەركىن دۇنيادا سىياسى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان
ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىز شۇ پىدائىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك غەمىنى يىدى ؟ ۋە ئۇلار توغرۇلۇق قايسى دۆلەت مەھكىمىسىگە بۇلارنى دەرھال قۇيۇۋېتىش توغرىسىدا قەتىئىلىك بىلەن ئەمەلى تەلەپلەردە بولدى؟؟؟ بۇنىسى ھەرقايسى ساھەدىكى كۇزەتكۇچىلەر ۋە ئەزىز مىللىتىمىز تەرپىدىن قاتتىق تەقىپلەنمەكتە !!!!ھ

تارىخ  ھىچنەرسىنى ئۇنۇتمايدۇ ، شۇنداقلا ئۆتمۈشنى كەلگۇسىى ئەۋلاتلارغا دەرىسلىك قىلىپ قالدۇرىدۇ. ئەھۋالىمىز ئىنتايىن ئېغىر، كەلگۈسىمىز بەكمۇ خەترلىك، ئىنقىلاپ يوللىرىمىز ناھايىتى مۈشكۈل ، بۇخىل جەڭگىۋارلىق ئۈچۈن ۋۇجۇدىدا ئىمانى يۈكسەك بولغان قەھرىمان ـ پىداىلارغا ئېھتىياجىمىز چەكسىز تۇرۇغلۇق ، ئەل ـ ۋەتەن ئۈچۈن چەكسىز بەدەل تۈلىگەن پىدائى قېرىنداشلىرىمىز، دەۋرىنىڭ ئۈتىشى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە خۇددى  ـ ئۇنۇتۇلغان پىدائىلار ـ  بۇلۇپ، يەنىلا شۇ ئامېرىكىنىڭ قاراڭغۇ تۇرمىسىدا تۇرماقتا....!!!.ە

مانا بۇلار ھەقىقى پىداكار ئۇيغۇر ئوغلانلىرى ـ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىمان-ئىتىقادىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ ، شۇنچە جەۋرە زۇلۇم ئاستىدىمۇ قىلچە تەۋرەنمەي ، ئانا ۋەتىنىگە ۋە ئەزىز مۇسۇلمان مىللىتىگە تۇلىگەن چەكسىز بەدەللىرى تەڭرى تېغىدىنمۇ بۈيۈك  !  .ە 

مىھرىبان ئاللاھتىن شۇ بىچارە ، جاپاكەش، پىداكار مەھبۇس قېرىنداشلىرىمغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بۈيۈك سەبرى تاقەت-تىلەيمەن.ە
   
   ئا ـ مۆلجەرلى   

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى