سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىش

سائەتنى كومپاس ئورنىدا ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ھېچكىم كېيىنكى ھاياتىمدا بېشىمغا ئېغىر كۈنلەر چۈشمەيدۇ دېيەلمەيدۇ. خۇدا ساقلىسۇن، شۇنداق بىر ئېغىر كۈنلەر كېلىپ، چۆلدە يالغۇز ئېزىپ قالىدىغان، باشقا بىر شەھەرلەرگە بېرىپ قېلىپ، يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلمەي «بېشىمىز تۆرۈپ قالىدىغان»، ياكى  قىبلىنى تاپالمايدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشلىرىمىزمۇ مۇمكىن..
 ... … دەرد-ئەلەملەر كېلىدۇ _ ئوغۇل بالىنىڭ باشىغا… …  

شۇنداق ئەمەسمۇ؟  ئەنە  شۇنداق چاغدا قولىڭىزدا سا'ئەت بولسىلا، يۆنىلىشنى بىمالال پەرقلەندۈرەلەيسىز. ..

سائىتىڭىزگە قاراپ، شۇ يەر ۋاقتى قانچە بولغان بولسا، شۇنى ئىككىگە بۆلىسىز.چىققان ساننى قۇياشقا ئۇدۇل قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن «12» ئىستېرىلكىسى كۆرسەتكەن تەرەپ _ شىمال بولىدۇ.  

شىمال ئېنىق بولغاندىن كېيىن، «ئالدىم شىمال، كەينىم جەنۇب، ئوڭۇم شەرق، سولۇم غەرب» بويىچە قالغان تەرەپلەرنى ئېنىقلايسىز. مەسىلەن: سا'ئەت 10 بولغان بولسا، ئىككىگە بۆلسىڭىز 5 بولىدۇ. 

سائەت تەخسىسىدىكى 5 رەقىمنى قۇياشقا توغرىلىسىڭىز، 12 رەقىمى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمال بولىدۇ.  چۈشتىن كېيىن بولۇپ قالسا، 24 سا'ئەتلىك بويىچە ھېسابلايسىز. 

مەسىلەن: ھازىر چۈشتىن كېيىن سا'ئەت 6 بولدى. بۇ 18 دېگەن گەپ. ئىككىگە بۆلسەك، 9 بولىدۇ. 9 رەقىمنى قۇياشقا توغرىلىساق، 12 رەقىمى كۆرسەتكەن تەرەپ شىمال بولىدۇ.. 

قېنى سىناپ كۆرۈڭ

 مەنبە :   ئىجادىيەت  مۇنبىرى 

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى