ئۈچخىل كۇچنى بىرلەشتۈرۈش

ئۈچخىل كۇچنى بىرلەشتۈرۈش، مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزنىڭ ئاسالىق يادروۋى قۇرالى !!!

(ئا. مۆلجەرلى)

ۋەتەن ئانا ! ئانا بولسا ھەممىدىن ئۇلۇغ! (جەننەت بولسا ئانىنىڭ تاپىنىنىڭ ئاستىدا، ر س ئا ) ئىككى دۇنيالىق بەخت-سا’ئادەتكە  ئېرىشەي دېسەڭ ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىلى ! ئاناڭنىڭ ساڭا بەرگەن ئاق  سۈتىنى ئاقلايمەن دەسەڭ، ئانا ۋەتەڭە قان-تەرىڭنى سىڭدۈر! بۇ جاراڭلىق ھەقىقەت ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەيدۇ!.
ۋەتەن بىزنىڭ ئانىمىز، ئانىنى ھۆرمەت قىلىش، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش، ئۇنى قوغداش، ئۇنى ھىمايە قىلىش، بالىنىڭ ئانىغا بولغان بالىلىق قەرزى بولغىنىدەك، بىزنىڭ ئۇ ئانا ۋەتەننى تاجاۋۇزچىلار قۇلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ باغرىدىكى ئېزىلىۋاتقان، تالان-تاراج قىلىنىۋاتقان،بۇلغىنىۋاتقان، شۇنداقلا ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، شۇ مۇقەددەس ئىسلام دىيارى بولغان ئانا ۋەتەننى ۋە ئۇنىڭ قوينىدىكى بارلىق تاغ-تۇپراق، دەشتى-دەريا، باغۇ-بوستان، دەل-دەرەخلەردىن تارتىپ بارچە جانسىز ۋە جانلىقلارنى قۇتۇلدۇرۇش ، بەئەينى ئۆز ئانىمىزنى ياۋۇز تاجاۋۇزچىلارنىڭ قارا چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغان بىلەن ئوخشاش...!

بۇ يولدا ھەرقانداق بەدەل تۈلەش مەنكى شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ھەممىسىگە بىردەك پەرىز... ! 

بۇ پەرىزىنى ئادا قىلىش 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان  ھەر-بىر شەرقى تۈركىستانلىق ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى !.

بۇ بۈيۈك مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىز نېمىلەرگە موھتاج ؟ ۋە قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟!

1. ئىنسان ئۇزىدىكى بارلىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يېڭىش ئۈچۈن، ئۇ ئىنساندا بۈيۈك  دەرىجىدە سۇنماس روھى جاسارەت بۇلىشى،بۇ روھى جاسارەت ئارقىلىق ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇش  خاراكتېرىدىكى قەتئىي ئىرادىسى بۇلىشى كېرەك! ئۇ ئىنسان بۇنداق كۈچلۈك ئىرادىنى پەقەتلا ، ھەممىدىن كۈچلۈك بولغان ياراتقۇچىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق  ئۆزىگە مۇجەسسەم  قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىنساندا ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىمان-ئېتىقاد بۇلىشى شەرت !. 
بۇنداق ئىلاھى-ئېتىقادقا ئېرىشكەن ئىنسان، ھاياتىدىكى بارلىق ئىشلىرىدا شۇ بۈيۈك ئىلاھى-روھ قا تايىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ،شۇ ئارقىلىق ئۆزى دۇچ كەلگەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقلاردىن قەتئىي ئەندىشە-قورقۇنچ،ۋەياكى ئىككىلىنىش-مەيۈسلىنىش ھېس قىلماستىن، ئەكسىچە شۇ ئىلاھى-روھنى ئاتا قىلغان ئەڭ قۇدرەتلىك ئاللاھ تىن تېخىمۇ ئىمانى كۈچ-قۇۋۋەت ئالىدۇ، مانا بۇ  ئىلاھى-روھى  كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ جاسارىتى بىلەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ قانداق مەخلۇقتىن قورقمايدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقىغا قۇل بولۇشنى مۇتلەق قوبۇل قىلمايدۇ.

مانا شۇنداق ئىلاھى كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن قوراللانغان ئەجدادلىرىمىز نەچچە يۈز يىللار داۋام قىلغان بۈيۈك ئىمپېرىيىلەرنى قۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا چەكسىز مەدەنىيەتلەرنى  تاراتقان ئىدى، مىڭ ئەپسۇسكى، كېيىنكى دەۋرلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسى سۇسلىشىپ، بۇنداق ئىلاھى-روھ بىلەن دائىما ئوزۇق ئېلىش دەرىجىسى تۆۋەنلىگەنسېرى مۇسۇلمانلاردىكى روھى-جاسارەت ئاجىزلاشقا باشلىدى ۋە بارلىق دۇنياۋى تەشۋىشلەر ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا كىرىۋالدى، بۇ ئەھۋالنى ماراپ تۇرغان ئىسلام دۈشمەنلىرى دەرھال ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھۇجۇمغا ئۆتتى،ئۇلارنىڭ  ھۇجۇمىغا قارشى تورغىدەك ئىلاھى-روھتىن يىراقلىشىپ كەتكەن بىچارە  مۇسۇلمانلار تۇيۇقسىز تەشۋىشكە چۈشتى ۋە قورقۇنچ دەرىجىسىگە كېلىپ كۆپلىگەن مۇقەددەس تۇپراقلارنى قولدىن بېرىپ قويدى،شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۈيۈك سەلتەنەتلىرىنى يوقىتىپ ، ئالەمگە مەشھۇر بولغان بۈيۈك ھاكىمىيەتلىرى بىر-بىرلەپ قولدىن كېتىشكە باشلىدى. ئەنە شۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەن تاجاۋۇزچىلار كۈندىن-كۈنگە ئىلگىرلىسە-ئىلگىرلىدىكى ھەرگىزمۇ توختىمىدى، ھەتتا بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرىنى تامامەن يوقىتىپ پەقەتلا ئۆزلىرى يالغۇز ياشاش نىيىتىگە كېلىپ، بۇ زېمىن ئىگىلىرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ يوقىتىشقا باشلىدى ۋە تا ھازىرغىچە شۇ سۇيىقەستلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 

گەرچە مۇسۇلمانلار بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ھەرتەرەپلىمە ئىزدىگەن بولسىمۇ بەكلا كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن،بۇ مۇسۇلمانلار زېمىنىغا قاتمۇ-قات سىڭىپ كىرىپ جۇڭغا چاپلاشقان بۇدۇشقاقتەك تاكى كۆيدۈرۈپ يوقاتمىغۇچە ئايرىلمايدىغان دەرىجىدە چىرمىشىپ كەتكەن تاجاۋۇزچىلارنى تازىلاپ چىقىرىش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىدى ۋە بۇ خىل تازىلاش  مۇجادىلەلىرىمىز  تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. 

بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇ تاجاۋۇزچىلارنى قانداق يول ۋە قانداق چارە تەدبىرلەر بىلەن بۇ ئانا تۇپرىقىمىزدىن تامامەن تازىلاپ چىقىرالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر-بىر شەرقى تۈركىستانلىق مۇسۇلماننىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلى ئەجدادلىرىمىز ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىلاھى-روھ ( ھېقىقى ئىمان ) بۇلىشى ئاۋۋالقى شەرت ! مانا شۇنداق ئىلاھى-روھ بىلەن مۇجەسسەملىگەن مۇسۇلمان جامائىتى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۆزىنىڭ  ئانىسى بولغان ئانا ۋەتىنى  ئۈچۈن تەقدىم قىلالايدۇ، ۋە بۇ يولدا ھېچقانداق بىر مەخلۇقتىن قورقمايدۇ. بۇنداق ئىلاھى كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان جامائەتچىلىك دەل بىز ھازىرلاشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان بىر بۆلەك مۇسۇلمان پىدا’ئىيلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار دەل بىز بىرلەشتۈرمەكچى بولغان بىرىنچى كۈچ ھېسابلىنىدۇ !.

2. ئاتا-بوۋىمىزنىڭ  سۆزلىرى بىلەن ئېيتقاندا، خەلق قوينىڭ قوزىسى ئۇنى قەيەرگە باشلىساڭ ئۇلار شۇ يەرگە ماڭىدۇ ! دېمەك يۇقىرىقى بۈيۈك كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان جامائەتچىلىك دەل شۇ خەلقنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇلارنى توغرا يولغا ياكى خاتا يولغا باشلايدىغانلار دەل شۇ خەلقنىڭ ئىلىم ئەھلى بولغان ئەلسۆيەر  زىيالىيلىرىدىن ئىبارەت ! چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر-بىر سۆزلىرىنى ياكى ھەر-بىر يازغانلىرىنى شۇ خەلق ئوقۇيدۇ ۋە  ئۇنىڭدا نېمە يېزىلغان بولسا، ئۇنى ئوقۇغۇچى خەلق شۇ بويىچە چۈشەنچە ھاسىل قىلىدۇ. 

خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى ئەزەلدىنلا تۇلۇق تەمىن ئەتىپ كەلگەن كۆپلىگەن ئەدىپ-يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ بارلىق ھاياتىنى ئۆز مىللىتى ئۈچۈن تەقدىم قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ،كېيىنكى دەۋرىدە  تارىخنىڭ ئىسسىق-سوغۇق شاماللىرى ئۇلارنى تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارغا ئۇچرىتىپ خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈۋېتىش سۇيىقەستى بىلەن تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇ يازغۇچىلار نامىدىن ئىسلامنى قارىلايدىغان ۋە ئىسلامغا كۈچلۈك ئېسىلغانلارنى كەمسىتىدىغان يالغان تەشۋىقاتلارنى يېزىپ تارقىتىپ مۇسۇلمان خەلق ئاممىسى بىلەن خەلقنىڭ يول باشلىغۇچىسى ۋە خەلقنىڭ ئاۋازى بولغان زىيالىيلار ئوتتۇرىسىغا يىرتىلماس قارا پەردىلەرنى پەيدا قىلدى.

بۇ سۇيىقەستنى سەزمىگەن بىرقىسىم جانباقتى پوشكالچىلار ۋە نان كورىسى دىنى زاتلار، ھېلىقى يالغان تەشۋىقاتلارنى دەستەك قىلىپ كۆرسىتىپ ئىمكان تاپسىلا يازغۇچى زىيالىيلارنى تىللايدىغان ۋە ئۇلارنى دىنسىز (كاپىر) دەيدىغان دەرىجىگە يېتى.بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان زىيالىيلار بۇ ئىشنىڭ  ئەسلى سەۋەبىنى بىلسىمۇ يەنىلا  تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەتتىن ئالالمىغان ئاچچىقىنى ، شۇ نادان جانباقارلاردىن ئېلىش ئۈچۈن خۇراپىيلىققا قارشى ئوبزورلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى ۋە توختىماستىن دىندارلارنى ھاقارەتلەيدىغان بەزى كىتابلارنى يېزىشقا باشلىدى،بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ھىيلىگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ، شۇ يازغۇچىلارغا يۇقىرى دەرىجىدە قەلەم ھەققى تۆلىگەندىن سىرت بۇلارنىڭ يازغان كىتابلىرىنى دەرھال نەشىدىن چىرىپ كەڭ كۆلەمدە تارقىتىشقا باشلىدى. 
بۇنى كۆرگەن بەزى ۋىجدانسىز چالا ساۋات ئاتالمىش يازغۇچىلار مەنمۇ مۇشۇ تېمىدا كىتاب يازسام ھېچقانداق توسالغۇسىز نەشردىن چىقىدىكەن شۇ ئارقىلىق ئالاھىدە يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدىكەنمەن دېگەندەك جاھىلانە مەنسەپپەرەسلىك كۆز قاراشلىرى بىلەن،دىندارلارنى كەمسىتىدىغان  بۇ خىل تەمىدىكى كىتابلارنى توختىماي يېزىشقا باشلىدى.

مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتتىن كېيىن خەلقىمىز ئىچىدە دىندارلار بىلەن خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى بولغان ئاق كۆڭۈل زىيالىيلىرى ئارىسىدا تۈگىمەس ئۆچ-ئاداۋەتلەر ئورتىغا چىقتى ۋە بۇ زىددىيەت پەقەت ئىككى خىل كىشىلەر ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى، بارلىق دىندار ئىخلاسمەن خەلق بىلەن ۋەتەن مىللىتىگە سادىق بولغان جاپاكەش زىيالىيلار ئوتتۇرىسىغا يىرتىلماس قارا پەردىلەرنى پەيدا قىلدى.
نەتىجىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، بۇ خىل ھىيلە-نەيرەڭلىك زەھەرلىرى بىلەن خەلقنى ئالداش ئارقىلىق، خەلقنى  ئۆز يولباشچىلىرىدىن تامامەن دېگۈدەك يىراقلاشتۇرۇۋەتتى . تا ھازىرغىچە بۇ خىل زەھەرنىڭ تەسىرى بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەپەككۇرىدىن ھەمدە ۋۇجۇدىدىن تازىلانماي تۇرماقتا. بۇندىن كېيىنكى جىددىي تۈزەتمىسە بولمايدىغان خاتالىقلارنىڭ بىرى ،دەل يازغۇچى- زىيالىيلار بىلەن دىندارلار ۋە ئاۋام خەلق ئوتتۇرىسىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مانا بىز بىرلەشتۈرمەكچى بولغان ئەڭ زور كۈچنىڭ ئىككىنچىسى دەل  خەلق بىلەن خەلقنىڭ ئاق كۆڭۈل زىيالىيلىرىدىن ئىبارەت !.

3. ھىيلىگەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ يۇقىرىقىدەك سۇيىقەستلىرى بىلەن،ئاۋام خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلارنى ئۆز يېتەكچىلىرىدىن ئايرىش مەقسىتىدە تۈرلۈك رەزىل چارىلەرنى ئېلىپ باردى،بۇلاردىن بىرى ئاتالمىش مەينەت ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل ياۋۇزلۇقلىرى ئارقىلىق بايلارنى خەلقتىن ۋە خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئايرىش يولىنى قوللىنىپ، ئازراقلا ئىقتىسادقا ئىگە بولغان كىشىلەرگە ، پومېشچىك-باي دېھقان دېگەندەك قارا قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ خەلق ئالدىدا تەنقىد قىلدۇردى، بۇخىل نەيرەڭلەرگە ئاللىبۇرۇن ئالدىنىپ بولغان ئەخمەق،نادان، بىچارە خەلق ، قارنى ئاچ قالغاندا نان بەرگەن،سوغۇقتا توڭسا كىيىم بەرگەن بايلارنى ساراڭلارچە ئۇرۇپ بەزىلىرىنى شۇ مەيداندا ئۆلتۈردى، بەزىلىرىنىڭ يۈرەك باغرىنى لەختە-لەختە  قان قىلىپ ساقايماس كېسەل قىلىۋەتتى،بۇ نانكورلۇققا چىدىمىغان ئۇيغۇر بايلىرى ئەۋلادلىرىغا  ۋەسىيەت قىلىپ ،كەمبەغەلنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار! دېگەن خاتا ۋەسىيەتنى قالدۇردى.

شۇندىن كېيىن بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكتەك رەھىمسىزلىك ئەۋجىگە چىقىپ،بىرەر كەمبەغەل-بىچارىلەرنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلسە ،ئۇنىڭغا قارايدىغان ھېچكىم چىقمىدى، مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئاغرىقلار داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بولالماي تەقدىرى ئىلاھى-ھۇكۈ’گە بوي سۇنۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.يەنە بىر قىسىم يوقسۇللارنىڭ باللىرى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۇقۇشقا ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلاردا ئىقتىساد بولمىغانلىقتىن باللىرىنى ئوقۇتالماي ئاخىرى يەنە ئۆزىگە مىراسخور قىلىپ ،زالىملارنىڭ تۈگىمەس ھاشارلىرىغا  ھەقسىز مەدىكار قىلىپ قالدۇردى، يەنە بەزى يېتىم چوڭ بولغان ئوغۇللار ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەن بولسىمۇ بىراق ئىقتىسادنىڭ يوقلۇقىدىن تۇرمۇش قۇرالماي ، ئۇزۇندىن نىشانلاپ كەلگەن مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەي ئاخىرى ھاياتتىن ئومۇمەن ئۈمىدسىزلەندى ۋەياكى شۇ ئاچچىقىدا بايلارغا بولغان نەپرىتى تېخىمۇ ئېشىپ ،ئاخىرى بىرەر خاتالىقلارغا قول ئۇردى .

شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىمانى ئەقىدىسىنى ئۈستۈن ئورۇندا قويۇپ كەلگەن كۆپلىگەن ئىخلاسمەن ئىقتىساد ئىگىلىرى بۇ خىل كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ ، يېتىم-يېسىر تۇل بىچارىلەرگە مېھرى-شەپقەتلىك سېخى قوللىرىنى سۇنۇپ مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا. بىراق بۇرۇنقىغا قارىغاندا بۇ خىل ساخاۋەتلىك قېرىنداشلىرىمىز يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى 1933-يىلدىكى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى نىڭ قورال-ياراغقا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال-ياراغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن رۇسلار بىلەن  كېلىشىم قىلغاندا، ئەسلى خىتايلارنىڭ دوستى بولغان  رۇس نامەردلىرى ، قارىغۇنى تار يەردە قىستاپ  25 قويغا بىر مىلتىق بېرىشكە ماقۇل بولغان ، شۇ ۋاقىتتىكى دۆلەت ۋەكىللىرى يۇرت-يۇرتلارغا خەۋەر قىلىپ ياردەم توپلىغان ئىكەن، دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە بوۋام رەھمەتلىك يۇرتنىڭ ئاقساقىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن قوتاندىكى بارلىق قويلىرىنى ياردەم توپلىغۇچىلارغا چىقىرىپ بەرگەن ئىكەن! ۋەتەن دېسە بۇنداق خالىسانە ياردەم قىلغانلار، ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە يەنىلا مىڭلاپ تېپىلىدۇ.بىراق بۇلارغا ھېقىقى يۈرەك سۆزىمىزنى تۇلۇق چۈشەندۈرۈشىمىز بەكمۇ  مۇھىم، يەنى بايلار بىلەن خەلق ، خەلق بىلەن يېتەكچىلەر بىر-بىرىگە ھېقىقى تۈردە ئىشىنىش ھەممىدىن مۇھىم !. 

دېمەكچى بولغىنىم بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان يەنە بىر چوڭ كۈچىمىز، مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئاق كۆڭۈل،ۋەتەن مىللىتىنى جان-تېنى بىلەن سۆيىدىغان،  ئىقتىسادلىق كىشىلىرىمىز بولۇپ، ئۇلار بىلەن خەلقنى ۋە  خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر-بىرىدىن ئىسسىق جېنىنى ئايىمايدىغان، ۋەتەن دېسە بارلىقىنى تەقدىم قىلالايدىغان دەرىجىدە بىرلىك ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك!!!!. 

قاچانىكى بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  بۇ ئۈچ خىل كۈچلەر  ھېقىقى تۈردە بىرلىشىدىكەن، ئىنشا ئاللاھ مۇستەقىللىقىمىزنىڭ  ئاساسلىق ماددىي دەسمايىسى  مۇكەممەل ھازىرلانغان بولىدۇ !. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق دىنى يېتەكچىلەر ۋە يازغۇچى زىيالىيلار ، بۇندىن كېيىنكى قەلەم كۆرۈشىنىڭ نىشانىنى دەل  يۇقىرىدا دېيىلگەن  ئۈچ خىل كۈچنى بىرلەشتۈرۈشكە قارىتىشى كېرەك !!!!!!!.


                                                                                   2009-8-16

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى