ئۇقۇغۇچىلارغا تەۋسىيە

    ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا  ئىلىم ئېلىۋاتقان بارلىق ئۇقۇغۈچىلارغا قىسقىچە تەۋسىيە

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم _ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈد-نۇرى بولغان ئەزىز قېرىنداشلىرىم ياخشىمۇسىلەر ؟ سىلەرگە بۇ ئاددى سالامىمنى يوللش بىلەن بىرگە، زامانىمىزدىكى بەزى يامان ئىللەتلەرنىڭ جەمىيەت ۋە شەخىسكە كەلتۈرىدىغان يامان ئاقىۋىتىدىن ھەزەر قىلىش ھەققىدە قىسقىچە تەۋسىيە قىلماقچىمەن.ە    
ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ھەر ساھەلەردە  بىلىم ئېلىش يۇلىدا تۈرلى جاپا  مۇشاققەتلەنى چىكىۋاقان ئەزىز  قېرىنداشلىرىم، سىلەرنىڭ تارتىۋاتقان بۇ جاپالىرىڭلار ۋەتەن مىللىتىڭلارغا بولغان چۇڭقۇر مېھرى  مۇھاببەت ۋە سەمىمى ساداقىتىڭلارنى ئىپادىلىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن سىلەرنىڭ ئىمان ۋە ئىخلاسىڭلارنىڭ نەقەدەر مۇستەھكەم ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلماقتا. بۇنداق  جاپالىق ئۇقۇش جەريانىدا ئۈزەڭلارنىڭ كەلگۈسىى پارلاق ئىستىقبالى ئۈچۈن، شۇنداقلا ۋەتەن مىللىتىڭلارنىڭ پارلاق كېلەچىگى ئۈچۈن ، ئاتا-ئانا بىر تۇققانلاردىن ، قەدىناس دوست- بىرادەرلەردىن ۋە تۇغۇلغان ئىللىق دىياردىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتتا مۇساپىر بۇلۇپ، بەزىدە  ئاچ  بەزىدە توق كۈنلەر ئۆتكەزگەندىن تاشقىرى، ھەتتا يۇرتنىڭلارنى ئەسلەپ كېچىلىرى ئۇخلىماي ئاسمانغا قاراپ كۆز يېشى قىلىپ چۇڭقۇر ھەسرەتلىك تىنىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىڭلارنى ئويلىسام شۇنداق بىئارام بۇلىمەنكى، ئۈزەمنى گايا بۇدۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ۋە ئەڭ ۋىجدانسىز بىر ئىنسان ھىسقىلىمەن. چۈنكى مەنمۇ شۇنداق ئېغىر ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەن بىر شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن،  شۇنداق باغرى تاش بىر مەخلۇققا ئايلانغانمەنكى كۈندىلىك ھاياتىممۇ ئەنە شۇنداق ۋەتەن ـ مىللىتىنىڭ ئەھۋالىدىن بىغەم ياشايدىغان  نانكورلار قاتارىدا ئۆتمەكتە.

مەن ياشاۋاتقان بۇ جەمىيەتتىكىلەرنىڭ تۇلىسى ئۈزىنىڭ قارنى تويسىلا باشقىلار بىلەن غېمى يوق ، ئۆتمۈشۈنى شۇنچە تىز ئۇنتۇپ كەتكەنكى بەزىدە ئۈزىنىڭ كىملىكى ۋە نەدىن كەلگەنلىكىنى  بىلمەي، ھەتتا يۇرتىمىزنىڭ قايسى قىتئەدە ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق ئەھۋالدا تۇرۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەي قېلىشىدۇ . ۋەتەننى ئەسلەپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋېلىش ئۈچۈن ئوتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ  قاتنىشىپمۇ قۇيىشىدۇ ، بەزەن قوللىرىغا مىكروپۇننى ئېلىۋېلىپ راسا ۋاقىراپمۇ قۇيىشىدۇ ، ھەتتا بىرەر رەسىمچىنى كۆرسە دەرھال يېنىغا بېرىپ مىنى بىر سۈرەتكە تارىتقىندە كېيىن ئۆيگە قايتايلى دىيىشىدۇ . ئەمما بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مىللىتىمىزگە قانچىلىك پايدا زىيىنى يىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ھىچقانداق پىكىر يۈرگۈزمەيدۇ .

ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شۇكى پالانى دولەتتىكى ئۇيغۇرلار يىلىغا مانچە قېتىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈپتۇ،  بىزمۇ ئۇلاردىن كۆپراق پائالىيەت ئۆتكىزەيلى دىگەن تەشۋىقنى توختىماي قىلىشىدۇ . ئايدا بىرەر ۋاقىت بولسىمۇ ۋەتەنداشلارنى بىر يەرگە چاقىرىپ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا مۇساپىر ، يىتىم  بۇلۇپ جاپالىق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ، ۋەتەن مىللىتىنىڭ ھۆرلىكى غېمىدە تەييارلىق ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەمىلى كۈرىشگە ئاتلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقان ، ئايال باللىرى بولسا يىتىم سەرسان قېلىۋاتقان قاراكۆز، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا ئاز بولسىمۇ ماددى ۋە مەنىۋى ياردەم قۇلىمىزنى سۇنايلى .... !!!  دىگەن تەشەببۇس ۋە تەشۋىقاتنى زادىلا قىلىشمايدۇ .
 مىللىتىمىز ئارىسىدا خېلىقارالاشقان مەشرەپ  چايلىرىدىن ھەرگىز ئايرىلىپ قالماي بېرىشىدۇ . بەزىدە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت ئورۇنلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىشىدۇكى، مىللىتىمىزنىڭ كىلەچەگى بولغان سىز ئەزىز قېرىنداشلىرىمنى يىلىغا بىرەر قېتىممۇ زىيارەت قىلىپ ھال  ئەھۋال سوراش ئۇلارنىڭ خىيالىغا كەلمەيدۇ . ياكى ئۇلار ئۆز يېنىدىن سىئىز ئەزىز مۇساپىر ئۇقۇغۈچىلارغا ھەر ئايدا ھىچ بولمىسا 30  دوللاردىن ياردەم ( ئۇقۇغىچىلارغا ئىئانە ) توپلاشمايدۇ . يەنە سۆزلىسەم بۇ جەمىيەتتىكى ( ۋەتەن مىللىتىنىڭ ھەسرىتىدە كۆيمەي ) بىغەم ياشاۋاتقانلارنىڭ  قۇسۇر- نۇقسانلىرى ۋە  خاتالىقلىرى ئىنتايىن كۆپ ، مانا بۇلار ئېتى ئۇيغۇر ھىساپلىنىدىغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھاللىرى    
.............!!

بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، سىز قەدىرلىك ئۇقۇغۇچىلار ھەرگىز نائۈمۈت بولماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ، سىلەرگە بولغان بۈيۈك ھۆرمەت سالامىمنى يوللايمەن . ھەرزامان مىللىتىمىزنىڭ ئۈستىگە كىلىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ئويلىغىنىمدا شۇنداق ئازاپلىنىمەنكى ئۈزەمنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زەئىپ ئىنسان ھىس قىلىمەن . شۇنداقتىمۇ ئىچىمدە بىر ئارزۇ ئۈمۈت باركى، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قەتئى ئىرادە بىلەن بەلباغلاپ يولغا چىققان سىلەردەك خالىس نىيەتلىك  ۋە يۈكسەك جاسارەتلىك ئەۋلاتلىرىمىزلا بۇلىدىكەن كېلەچەگىمىزنىڭ پارلاق بۇلىشىغا ، بۇ يولدا ھەرقانداق جاپالارغا بەرداشلىق بىرەلەيىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچەم كامىل .  سىلەرنىڭ تارتىۋاتقان تۈرلى جاپا  مۇشەققەتلىرىڭلار بەدىلىگە ، مېھرىبان ئاللاھ ئىككى دۇنيالىق بۈيۈك بەخىت سائادەتلەر ئاتا قىلغاي .  ئامىن  .

ئەزىز قېرىنداشلىرىم _  تۈۋەندە سىلەرگە كۆز بۇيامچىلىق ۋە كەچۈرمەكەشلىكنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ئىلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋىتى ، بولۇپمۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كىلەچەك ھاياتىغا ئېلىپ كىلىدىغان ئېغىر پاجىئەلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بەرمەكچىمەن .

1.  ئاللاھ  تائالا بارچە كائىناتنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتتى ۋە  شۇ كائىناتتىكى ‹ جانلىق  جانسىز › بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا ئۆز تەرتىبى بىلەن  ياشاش يوللىرىنى ئالاھىدە  بەلگىلەپ بەردى. شۇ جۈملىدىن بىز ئىنسانلارغىمۇ قانداق ياشىساق ئىككى دۇنيالىق بەخىت  سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق بىزلەرگە پەيغەمبەرلەرنى يىتەكچى قىلىش ۋە  ئۇلارغا ئىلاھى كىتاپلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئالاھىدە تەرتىپ بەلگىلەپ  بەردى . ئەنە شۇ بەلگىلىمەلەر بىلەن ياشىساق مەڭگۈلۈك بەخىتكە ئېرىشىدانلىقىمىزنى بىزلەرگە ۋەدە قىلدى.  بىراق ئازغۇن نسانلار بۇ ئىلاھى تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ ، كۆچۈرمەكەشلىكتىن  ئىبارەت ‹ ئىلاھى كىتاپلارنى › ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئېغىر خاتالىقلارغا قول  سوزدى ، ئاقىۋەت نەتىجىدە ئاللاھنىڭ قاتتىق غەزىپىگە ئۇچىردى .  ‹ مانا بۇ  بىرىنجى خىلدىكى  كۆچۈرمەكەشلىك جىنايەتلىرى› .

2.   ئاللاھ  تائالا  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلھىسسالامغا قۇرئانى كەرىمنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇندىن بۇرۇنقى كونا جاھالەتنىڭ   تەرتىپسىزلىكى  يۇقۇلۇپ يېڭى  بەخىت  سائادەت يوللىرى پۈتۈن ئالەمنى يۇرۇتتى . بىراق يەنىلا بىر تۈركۈم  ‹ گۇمراھ  ۋە  ئازغۇن ›  ئىنسانلار  ۋە  شۇ ئىنسانلارغا ئەگەشكەن  ئەخمەقلەر ئۆزىنىڭ ھەق دىنى ئىسلامنى ئۆزگەرتىپ ، ئولارنىڭ خاتا ھەركەتلىرىنى، خاتا پىكىرلىرىنى ۋە  ناچار ئەخلاقلىرىنى ئۈزىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، بۇ پاك ئىسلام جەمىيىتىگە ئادەم  تىلغا ئالغۇسىز قەبىھ،  ناچار ، يامان ئادەت  قىلىقلارنى كۆچۈرۈپ كەلدى .  ‹ مانا  بۇ ئىككىنچى خىلدىكى كۆچۈرمەكەشلىك جىنايەتلىرى› .

3. ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ ياشاپ كەلگەن بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ  يېقىنقى دەۋرىلەردە ، بەزى مىللى ئەنئەنىمىز ۋە تارىخى مەدىنىيىتىمىز ھىساپلىنىدىغان ، ھەمدە بۇ مەدىنىيىتىمىز مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامغا ئويغۇن بولغان ئۈزىمىزنىڭ مىللى ئەئەنىمىزنى ئۇنتۇپ، ئەبەدى دۈشمىنىمىز بولغان خىتتايلاردىن ئىبارەت دىنسىزلارنىڭ تۈرلى يامان ئادەتلىرىنى ئۈزىگە يۇقتۇرۋېلىش ۋە كۆچۈرۈپ كېلىشلىرى ئاقىۋىتىدە، ‹ مۇسۇلمان مىللىتىمىز › ئارىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا . ‹ مانا بۇ ئۈچۈنجى خىلدىكى كۆچۈرمەكەشلىك جىنايەتلىرى › .

  4.  مەسىلەن يول قائىدىسىنى مىسالغا ئالساق _ بەزىلەر يوليۈرگەندە قايدىگە رىئايە قىلىش شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ، ئىنسانلار ئۈزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى قاتناش ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇشتا ، بۇنىڭ رەسمى قوللۇنۇش قائىدىلىرىنى ئەسلى كىتاپتىن ئەستايىدىل ئۈگەنمەي،  باشقىلارنى دوراپلا  قوللۇنۇش ۋە ئىشلىتىش ئارقىلىق  ئېغىر يول ھادىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقىنىغا ئوخشاش، نەتىجىدە ئۆز مۇلكىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي ، ئۈزىدىن باشقا يەنە بىرقانچە ئىنساننىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەتەر يەتكۈزمەكتە . ‹ مانا بۇ تۆتىنجى خىلدىكى كۆچۈرمەكەشلىكنىڭ ئاقىۋىتى ›.    

5.  دوختۇرلارنى مىسال ئالىدىغان بولساق _ ئىنسانلار ھاياتىدىكى ئەڭ  قىممەتلىك ۋە مۇھىم بولغان سالامەتلىك ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر،  باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينۇشۇپ ئۈزىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى ياخشى ئوقۇپ پۈتتۈرمەستىن ، ئۇقۇش پۈتتۈرۈش دىپلوملىرىنى سېتىۋېلىپ دوختۇرلۇق قىلىش ۋە دارىگەرلىك  قىلىش ئاقىۋىتىدە ، خاتا داۋالاش ۋەياكى خاتا دارا بىرىشتەك  مەسئۇلىيەتسىزلىك خاتالىقلىرى بىلەن، دۇنيانىڭ بىرقانچە جايلىرىدا قانچىلىغان  ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشماقتا .  ‹ مانا بۇ بەشىنجى خىلدىكى كۆچۈرمەكەشلىك جىنايەتلىرىدۇر ›.

6.  ئائىلىۋى تەلىم-تەربىيەنى مىسال ئالىدىغان بولساق _ ئاتا  ئانا  تەربىيەسى ئىنسان ھاياتىدا ئەڭ ئاساسلىق رولغا ئىگە بولغاچقا، ئاتا  ئانا تەربىيىسىنى پۇختا ۋە مۇكەممەل ئېلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم .  بۇخىل مۇھىم تەربىيەنى كۆپلىگەن ئانا بولغان ۋەياكى كەلگۈسىدە  ئانا بولغۇچى خانىم  قىزلار ،  ئۆز ئاتا ئانىلىرىدىن ئانىلىق تەلىم تەربىيەلەرنى ياخشى ئۈگەنمەستىن ، ھازىرقى جەمىيەتتىكى  ‹ رەڭدار بۇزۇق ›  تەشۋىقاتلاردىن كۆچۈرۈپ ئۆگۈنۈپ ، گۈزەل ئىسلام  جەمىيىتىمىزگە ۋە يۈكسەك ئەن-ئەنىۋى مىللى مەدىنىيەتلىرىمىزگە ئېغىر داغ كەلتۈرۈپلا قالماي ، بۇ ئىنسانلار جەمىيىتىگە بىر قىسىم ئەخلاقسىز ئەۋلاتلارنى كۆپەيىتمەكتە .‹  مانا بۇلار ئالتىنجى تۈردىكى  كۆچۈرمەكەشلىك جىنايەتلىرى ›. 

دىمەك _ دورامچىلىق، كۆز بۇيامچىلىق ۋە كۆچۈرمەكەشلىكتىن ئىبارەت بۇخىل قەبىھ ئەخلاقسىزلىق، ھەربىركىشىنىڭ ئۈزىگىلا زىيانلىق بۇلۇپ قالماستىن بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە چوڭ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ ھەقتىكى ئەمىلى مىساللار ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ئازراقلا دىققەت ئىتىبارىنى بەرگەن سەزگۈر، ئىمانلىق ۋىجدان ساھىبى ، بۇنداق دورامچىلىق ، كۆز بۇيامچىلىق ۋە  كەچۈرمەكەشلىكنىڭ نەقەدەر يامان ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالالايدۇ   

مىھرىبان  ئاللاھ  بارچىمىزنى  بۇنداق يامان  ئىللەت   ۋە  يامان  ئەخلاقلارنى  ئۆزىمىزگە  يۇقتۇرۋېلىشتىن ساقلىسۇن  ئامىن   

ھۆرمەتلىك ئۇقۇغۇچى  ياش ئۆسمۈر قېرىنداشلار_ سىلەرگە ئەسكەرتىدىغىنىم ،  بەزىلەر مىنىڭ يۇقارقى مىسال سۆزلىرىمگە قارىتا تۈرلى سەلبى كۆز قاراشلاردا بۇلىشى مۇمكىن ، بىراق بىز قانداقلا يولدا ماڭايلى ۋە قايسى ساھەدە ئىلىم تەھسىل قىليلى توغرىنى تاللىشىمىز بىزنىڭ دىنى ۋە مىللى ئەخلاقىمىز ھىساپلىنىدۇ . بەزىلەر بۇنداق قورقۇتۈش خارەكتىرىدىكى نەسىھېتلەرنى مەكتەپ ئورۇنلىرىغا ئەكىرىشنىڭ نىمە ھاجىتى دىيىشىمۇ مۇمكىن. بىراق بىز شۇ  نوقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى ، ئىسلام دىننىڭ  ۋەز  نەسىھەت قىلىش ۋە تەلىم  تەربىيە بىرىش دائىرىسى ‹ بەزىبىر پىكىر بايان قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېيىتقانلىرىدەك ›  ھەرگىزمۇ مەسجىد ۋە جامىلەرنىڭ  ئىچىدىلا پەقەت تەييار مۇسۇلمانغىلا قارىتىلغان بولماستىن ، بەلكى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە مىللىتىمىز ئارىسىدا ‹ دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلىۋاتقان › دەۋرىمىزدىكى كۇپرى مەكتەپلىردە ئۇقىۋاتقان ، خۇسۇسەن يۇرتىمىزدا ئامالسىزلىقتىن مەجبۇر خىتتاي مەكتەپلىرىدە ئۇقۇۋاتقان ‹ ئەزىز مۇسۇلمان ›  قېرىنداشلىرىمىزغا داۋاملىق ئىسلامى ۋەز  نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ پىكرى ،  ئىدىلوگىيىسى ۋە ۋەتەن  مىللىتىنى جان  دىلى بىلەن سۈيۈشتەك يۈكسەك روھىنى يىتىلدۈرۈش ۋە تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ  ئىسلام  ئەقىدسىنى ساقلاپ قېلىشقا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىشىمىز، ئىسلامنى چۈشەنگەن ھەر-بىر مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ  ئىمانى مەجبۇرىيىتى . شۇ سەۋەپتىن بىز ھەرقايسى ساھەدە بىلىم ئېلىۋاتقان دىنداش ۋە قانداش ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام كۆرسەتمىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ  ۋەز  نەسىھەت قلىمىز . مېھرىبان ئاللاھ بارچەمىزنى توغرايول ئۈستىدە ماڭغىلى، ئىمانى ۋە ۋىجدانى غۇرۇرىمىز بىلەن ياشىغىلى نەسىب قىلسۇن ئامىن .

يۇقارقى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتكەن ‹ 6  تۇرلى ›  ئىشلار ئۈستىدە بەرگەن چۈشەنچىلەر قىىسقا ۋە يىغىنچاق دائىردە ئۇمۇمى ئىزاھات بۇلۇپ ، ئۇ مىساللارغا قىسقا بىر توختىلىدىغان بولساق :   كۆز  بۇيامچىلىق قىلىش  يىنىكراق قىلىپ ئېيىتقاندا ئالدامچىلىق ، ئالدامچىلىق  يالغانچىلىق ، يالغانچىلىق  كاززاپلىق . مانا بۇنداق كاززاپلىقتىن ئىبارەت يامان ئىللەت كىمدە  تېپىلسا بۇ كىشىدە ،  ‹‹ سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيىتقىنىدەك  ‹ مۇناپىق› نىڭ بىر ئالامىتى پەيدا بولغان بۇلىدۇ .

ئاللاھتىن  ھەقىقى قورقۇدىغان  ھەربىر دىنى قېرىندىشىمىز بۇنداق ئاقىۋىتى يامان، دۇنيا  ئاخىرەتتە جازاسى ئېغىر ‹ قەبىھ ›  ئىللەتلەرنى  ھەرگىز ئۈزىگە  يۇقتۇرۋالمماسلىقى لازىم .

سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم - ھەربىر شەرقى تۈركىستانلىق ئۇقۇغۇچى مەيلى قايسى ساھەدە بىلىم ئېلىشىدىن قەتئى نەزەر ، ئۈزىنىڭ دىنى ، ۋەتەنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىلىم ـ بىلىمنى ‍ئىگەللەشكە تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ،  ئۈزىنىڭ شۇ بىلىمگە بولغان ساداقىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىش بىلەن بىرگە ، تۈۋەندىكى بەش تۈرلى پەزىلەتنى ئۈزىگە مۇجەسسەملەشتۈرىشى لازىم 

بىرىنجىسى ـ ھەقىقى ئەخلاق ساھىبى بۇلۇش
ئىككىنجىسى ـ ھەقىقى ئىخلاس ساھىبى بۇلۇش
ئۈچۈنجىسى ـ ھەقىقى تەقۋا ساھىبى بۇلۇش
تۆتىنجىسى ـ ھەقىقى قانائەت ساھىبى بۇلۇش
بەشىنجىسى ـ ھەرتۈرلى ئېھتىماللارغا قارشى ـ ھەرۋاقىت ئىدىيەۋى تەييارلىقتا بۇلۇش

 دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ـ  دەۋرىمىزدىكى كۆز بۇيامچىلىق ۋە كۆچۈرمەكەشلىكتىن ئىبارەت ناچار ئىللەتنى ئۈزىگە يۇچتۇرۋالماسلىقى ، ئۈزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان بۈيۈك ئارزۇ-ئۈمۈتلىرىگە قەتئى ئىشەنچ باغلاشى، ئۇلاردىن بۈيۈك ئۈمۈدلەر كۈتىۋاتقان ئاتا ئانىلارنىڭ ئارزۇسنى ئۈزىنىڭ  ۋىزدانى تارازىسىغا قۇياپ ، جاپاكەش ئاتا  ئانىسىنىڭ، شۇنداقلا مەزلۇم  مۇسۇلمان  مىللىتىنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن بۈيۈك ئارزۇ  ئۈمىدلىرىنى ھەقىقى  تۈردە  ئاقلىشىنى  چۇڭقۇر تەۋسىيە قىلىمەن   

مىھرىبان  ئاللاھ  بارچىمىزنى  ئۆزى رازى بولغان ياخشى ئىش-ھەركەت  ۋە ياخشى ئارزۇ-غايىمىز ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن ، يامان  ئىللەت  ۋە  يامان  ئەخلاقلارنى  ئۆزىمىزگە  يۇقتۇرۋېلىشتىن ساقلىسۇن  ئامىن   


ئا. مۆلجەرلى               
                     

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى