شۇنداق بىركۈن كەلسىكەن دەيمەن

  شۇنداق  بىركۈن كەلسىكەن دەيمەن!       
ۋەتىنىمنىڭ زۇلمەت تۈنىگە رەھمەت نۇرى چۈشسىكەن دەيمەن ، 
ئۆلگەن قەلىب، چىرىگەن تەنلەر يېڭى روھتا تىرىلسە دەيمەن  . 
ھىدايەتكە مۇشتاق قەلىبلەر نۇر-ھىدايەت ئالسىكەن دەيمەن ،
زۇلمەت كېتىپ ھېكمەت چاقنىغان، مەرىفەت كۈن كەلسىكەن دەيمەن .  

تۈركىستاننىڭ تۇپراقلىرىغا رەھمەت سۈيىى ياغسىكەن دەيمەن  ،
قۇرىغان گىيا، چۈرىگەن يۇلغۇن گۈل-چىچەككە تولسىكەن دەيمەن .
 سەھەر چىللاپ سايرىغان قۇشلار باغ پەيزىنى سۈرسىكەن دەيمەن  ،
باھار كېلىپ زىمىستان كەتكەن، ئىللىق بىركۈن كەلسىكەن دەيمەن  .
                   
كېلەچەكنىڭ ئىزباسارلىرى ئۇيقۇسىدىن تۇرسىكەن دەيمەن  ، 
تالاي تۈننى تاڭغا ئۆزگەرتكەن ئەجدادىنى بىلسىكەن دەيمەن .
ۋارىس بۇلۇپ ئەجداد ئىزىغا كارۋان بۇلۇپ ماڭسىكەن دەيمەن ،   
داۋان ھالقىپ مەنزىلگە يەتكەن، زەپەر كۈنى كەلسىكەن دەيمەن . 
              
مەزلۇملارنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن جاندىن كېچەر بارمىدۇ..؟ دەيمەن،  
جان بەرگەنگە جاناننى بېرەر ھاتەم سېخى بارمىدۇ..؟ دەيمەن . 
ھەق يۇلىدا مال-جاننى بەرگەن "شەھىد"بۇلۇر، بىلسىكەن دەيمەن،
 شەھىدلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرغان،  ھۆر-غىلماننى كۆرسىكەن دەيمەن.  

ھۆرلەر ئۈچۈن ئاشىقى-شەيدا "مۇسئەب① بىلال②" بارمىدۇ..؟ دەيمەن،
ئاشىقلارنى جەننەتكە باشلار "ھەمزە③خالىد④" بارمىدۇ..؟ دەيمەن.
"ئۆلسەك شېھىد - قالساق غازى" دەپ، تەكبىر ئېيتار بارمىدۇ..؟ دەيمەن، 
شۇ تەكبىرنى ئاڭلايدىغان ھەم، شۇنداق بىركۈن كەلسىكەن دەيمەن!. 
                
تەكبىر ئېيتىپ مەيدانغا چۈشكەن شانلىق كۈنلەر كەلسىكەن دەيمەن، 
نۇسرەت بىلەن زەپەر قازىنىپ ھېيىت-بايراملار بولسىكەن دەيمەن.
باتىل كېتىپ ھەق ئورۇن ئالغان ئادالەت كۈن كەلسىكەن دەيمەن،  
ئىسلامىيەت تۇغى تىكلەنگەن "خىلافەت" كۇن كەلسىكەن دەيمەن!. 
  

① مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيىر (رع) مەشھۇر ئىسلام قەھرىمانى .
② بىلال (رع) مەشھۇر ئىسلام قەھرىمانى .
③ ھەمزە (رع) مەشھۇر ئىسلام ئوردىسىنىڭ تۇنجى ھەربى قۇماندانى .
④ خالىد ئىبنى ۋەلىد (رع) مەشھۇر ئىسلام ئوردىسى قۇماندانى .       
        
 ئا. مۆلجەرلى
    2010-10-15                                      

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى