مۆمىنلەرگە تىل-قول ئارقىلىق ئازار بېرىش ھارامدۇر.
(مەسجىدى ھەرەم 1/10/2010م)
جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات جانابلىرى -
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ۋە سالاملار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا: " مۆمىنلەرگە تىل، قول ئارقىلىق ئازار بېرىش ھارامدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:
ئې مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ھەر بىر جان ئىگىسىگە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش،تاجاۋۇز قىلماسلىق ئېسىل ئەخلاق، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئولۇق خىسلەتتۇر. ئەكسىچە، مۆمىنلەرگە ئازار بېرىش،بۆھتان چاپلاش،يامان گېپىنى قىلىپ، غەيۋەت قىلىش ئېغىر گۇناھتۇر، ئۇنداق قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا خارلىق شارابىنى ئىچىدۇ.
شۈبھىسىزكى، مۆمىن ئەر،مۆمىن ئاياللار غا ئازار بېرىش، ئۇلارنىڭ شەرىپىنى تۆكۈش مەقسىتىدە تىل ئۇزارتىش ئېغىر گۇناھ ھېسابلانسا، ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى،ساھابىلىرى،ئائىلە تاۋابىئاتى،مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بولغان ئاياللىرىغا تىل ئۇزارتىشنىڭ گۇناھى كەچۈرگۈسىز ئېغىر ۋە ھالاكەتلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى،ئاياللىرىغا تىل ئۇزارتىش جىنايەتلىرى تارىختىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن. ھەتتاكى بۇ جىنايەت تەرەققىي قىلىپ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى سەييىدە ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھاغا تىل ئۇزارتىشقىچە يېتىپ بارغان. ۋەھالەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا ئازار بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئائىشە ئانىمىز بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان زات ئىدى.رەسۇلۇللاھ ئلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ماڭا ئائىشە توغرىلىق ئازار بەرمەڭلا، ماڭا ئائىشىدىن باشقا ھېچقايسى ئايالنىڭ قېشىدا بولغىنىمدا ۋەھىي نازىل بولمىغان؛ دەيدۇ.
ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئې رەسۇلۇللاھ ! ئاياللاردىن سىزگە ئەڭ يېقىملىق كىشى كىم؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئائىشە؛ دېگەن. ئەرلەردىنچۇ؟ دېگەندە: دادىسى دەپ جاۋاپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ھەدىسلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشكەن. يەنە بىر شەرەپ شۇكى، ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيا دىكى ئايالى بولسا،ئاخىرەتتىمۇ ئايالىدۇر. ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھا بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئې رەسۇلۇللاھ ! ئاياللىرىڭىزدىن كىملەر جەننەتكە كىرىدۇ؟ دەپ سورىغان سوئالىغا جاۋابەن: جەننەتكە كىرىدىغانلار ئىچىدە سىز بار؛ دەپ جاۋاپ بەرگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا: سىزگە جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سالامى بار دېگەندە،ئانىمىز ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. دەپ بولۇپ، سىز ئۇنى كۆرەلەيسىز لېكىن بىز كۆرەلمەيمىز دېگەن. ئائىشە ئانىمىزنىڭ بەرىكىتىدىن ئۇ تەيەممۇم ئايىتى نازىل بولۇشقا سەۋەپ بولغان.

ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزلى-كەرىمى شۇنچە كۆپكى، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستا: مۇئاۋىيە رادىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قېتىم ئائىشە ئانىمىزغا يۈز مىڭ دىرھەم پۇل ئەۋەتكەن ئىكەن.پۇل كەلگەن كۈننىڭ ئۆزىدە ئائىشە ئانىمىز يۈز مىڭ دىرھەمنىڭ ھەممىنى پەقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بېرىۋەتكەن.ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتچىسى ئايال: ئائىشە ئانىمىزغا: شۇ پۇلدىن بىر دىرھەمگە بىزگە گۆش ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز دېگەندە. بورۇنراق دېگەن بولسىڭىز شۇنداق قىلغان بولاتتۇق دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلەتلىرىدىن يەنە بىرى ئۇ باشقىلارنىڭ ماختىشىنى خالىمايتتى.بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستا، ئىبنى ئابباس رادىيەللاھۇ ئەنھۇ ئائىشە ئانىمىز ئېغىر كېسەللىك ئىچىدە بەلكى سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا قېشىغا كىرىپ يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان،ئائىشە ئانىمىز: قېشىمغا كىرسە مېنى ماختىشىدىن قورقىمەن، دېگەندە ساھابىلار: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى،مۇسۇلمانلارنىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى دېگەندە: كىرسۇن دەپ رۇخسەت بەرگەن.ئىبنى ئابباس ئائىشە ئانىمىزدىن ھال سوراپ، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ دەپ سورىغاندا: مەن تەقۋادار بولساملا ياخشى، دەپ جاۋاپ بەرگەن، ئىبنى ئابباس: ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىز ياخشى،سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى، قىز ئۆيلەنگەن ئايالى،سىزدىن باشقا قىزغا ئۆيلەنمىگەن. سىزنىڭ پاكلىقىڭىز ئاسماندىن نازىل قىلىنغان؛ دېگەن.ئىبنى زۇبەير مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە قېشىغا كىرگەندە: ئائىشە ئانىمىز:ئىبنى ئابباس كەلگەنىكەن مېنى ماختاپ كەتتى،مەن ئۆزۈمگە مەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامكەن دەپ ئارزۇ قىلدىم دېدى.ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بەرىكەتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ مول بىلىم بايلىقى بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلمىگەن مەسىلىلىرىدە قايتىدىغان فىقھى ئالىمى ئىدى. ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دېگەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆيۈمدە،مېنىڭ نۆۋىتىمدە ۋە مېنىڭ قۇچىقىمدا نەپەس ئۈزدى دېگەن.
ئائاىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلەتلىرى دەپ تۈگەتكۈسىز كۆپ بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ پەزىلەتلەرنى كەڭ ئامما ئارىسىدا تارقىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا تىل ئۇزارتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئازار بەرگەنلىك بولۇپ، ئىمانغا تاقىشىدىغان ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرى بولسا، ئۇنى ئۇلۇغلاش،مۇھەببەت قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا ئەڭ ياخشى ئىنسانلارنى ياخشى كۆرگەن، ئۇ ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىماندىندۇر. ئاللاھ ۋە ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن ھەربىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستاپا ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى،ئاياللىرى، جۈملىدىن ھەققىدە قۇرئان چۈشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رادىيەلللاھۇ ئەنھانى ئولۇقلىشى،ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى،ئۇلارغا تىل ئۇزراتماسلىقى كېرەك.
ئاللاھ بارچىمىزنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى،ساھابىلىرى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى ياخشى كۆرىدىغانلارقاتارىدىن قىلسۇن!
تەۋەللا-تەبەررادىن ئىبارەت ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش،ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈش نېمىتىنى ئاتا قىلسۇن! مەنپەئەت كەلسە ماختاپ،مەنپەئەت ئۈزۈلسە غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلايدىغان روھىي مەرەزلىكتىن ساقلىسۇن! ئامىين!!..
مەنبەـ سەئۇدى رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمى
مەنبە ـ مۇنبەر ئىسلام