ئۇيغۇر قىزى ئەسما

" ئۇيغۇر قىزى ئەسما _ مۇھاجىرلارنىڭ شىمال مەلىكىسى "
ۋەتىنىمىز  "شەرقى تۈركىستان" نىڭ بىپايان كەڭ دالالىرى بولغان ئىلى تاغلىرى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقلىرى ئىچىدە  ئات چاپتۇرۇپ ، قىلىچ ئوينۇتۇپ ئۆتكەن يۈزلىگەن - مىڭلىغان جەسۇرلار ، ئەلگە مەشھۇر ئوغۇل - قىزلار دۇنياغا كەلدى ۋە يەنە شۇنداق ئوغۇل - قىزلىرىمىز ئۈزلۈكسىز نامايان بۇلاپ كەلمەكتە. شۇلارنىڭ جۈملىدىن بولغان تەقۋادار، ئوت - يۈرەك، جەڭگىۋار، ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەر، مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئۈزىنىڭ بارلىقىنى ئاللاھ يۇلىغا ئاتاپ يۇرتىدىن ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارنىڭ (شىمال مەلىكىسى ) ئايال قۇماندانى و "ئۇيغۇر قىزى ئەسما" خانىمدۇر.
 ئەسما خانىم ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇلبۇللار ماكانى، ئىلى ۋىلايىتىگە تەۋە مەلۇم ... بىر يېزا مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن . ئۇ ئۈزىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ۋەتەن - مىللىتىنىڭ غەمقايغۇسىدا پىشىپ كۆيگەن ۋە شۇ مۇھىتنىڭ ئەسلى كېلىپچىقىش مەنبىيىنى ناھايىتى پۇختا ئانالىز قىلغان  

ئەسما خانىم  ئۈزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى دەۋرىدىلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىخلاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزەتكەن ۋە ئۆيىدە ساقلانغان "قۇرانى كەرىم" نىڭ ئۇيغۇرچە مەنا تەرجىمىسى،  "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى" ۋە "ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانما" قاتارلىق ئىسلامى ئەسەرلەر بىلەنمۇ مۇكەممەل تۇنۇشۇپ چىققان. ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەشھۇر شائىرلىرىدىن "ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە لۇتفۇللاھ مۇتەللىپنىڭ يالقۇنلۇق شېرىلار توپلاملىرى بىلەنمۇ تۇنۇشۇپلا قالماي ، مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ يېزىپ قالدۇرغان "ئويغانغان زېمىن" تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" زوردۇن سابىرنىڭ "ئانا يۇرت" قاتارلىق رومانلىرى بىلەنمۇ يېقىندىن تۇنۇشقان . ئۇندىن باشقا يەنە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى يۇرتلىرىدىكى نۇرغۇن ئەدىپلەرنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرى ۋە پوۋسىت داستانلىرى بىلەنمۇ دائىم سىرداش بولغان .

ئەسما خانىم  1998-يىلى "ئۈرۇمچى ئۈنۋەرسىتىتى" نىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتۇتىنى غەلبىلىك تاماملاپ ، تۇغۇلغان ئانا - يۇرتى غۇلجىغا قايتىدۇ . 5-فەۋرالدىكى قانلىق- قىرغىنچىلىقتىن كېيىىن ئائىلىنىڭ ئامان قالغان بىرلاقىزى بۇلۇشتەك ئەتىۋارلىق پەزىلەت ساھىبى بۇلىشىغا قارىماي ، ناھايىتى كەمتەر ، ئاق كۆڭۈل ، ئىشچان ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن شۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ بارلىق يۈكىنى كۆتىرەپ كەلگەن يالغۇز  پەرزەنت .

ئەسما خانىم بىر كۈنى "5-فەۋرال قانلىق قىرغىنچىلىقى" دا شەھىد بولغان ئىككى ئاكىسىنىڭ تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن قەبرىستانلىققا چىقسا ، قەبرە ئالدىدا دۇئا-تىلاۋەتتە بۇلىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرىدۇ ۋە بۇ تىلاۋەتكە ئىشتىراك بۇلۇپ قەبرە يېقىنىدىكى تار يولدا ئولتۇرىدۇ . تىلاۋەت ئاخىرىدا قىلىنغان دۇئاغا ئەگىشىپ شەھىدلار ھەققىدە دۇئايى-سالاملار يوللىغاندىن كېيىن ، بۇ يىگىتنىڭ كىملىكنى بىلىش ئىستىكى پەيدا بۇلىدۇ.
 سەۋەبى - بۇ قەبرە ئالدىدا تۇرۇپ ئاكىسى بىلەن خۇددى تىركلەر بىلەن سۆزلەشكەندەك سۆزلۈشۈپ ۋىدالىشىۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغانلىقىدىن بولسا كېرەك ، ئەسما خانىم ئۇ يىگىتنىڭ قايتىشىنى كۈتىدۇ .

ئۇ يىگىت بولسا بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن "5-فەۋرالدا" ئايرىلغان جان-جىگەر دوستلىرى بىلەن ھاياتلار مىسالى ۋىدالىشىپ ئارقىسىغا قايىتقىنىدا قەبرىنىڭ يېقىن يېرىدە تۇرغان ئەسما خانىمنى كۆرىدۇ.  بۇنى كۆرگەن يىگىت دەمەل ھۇدۇققىنىدىن كۆزىنى باشقا تەرەپكە قاچۇرغان بولسىمۇ ، بىراق باشقا كىتىدىغان يول بولمىغاچقا ، قەبرىلەر ئارىسىدىكى تار يول بىلەن ئەسما خانىمنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. 

بۇ ۋاقىتتا ئەسما خانىم ئۈزىنىڭ ئازاپلىق ياشلىرى بىلەن نەملەڭەن كۆز-ياشلىرىنى بېشىغا ئاتقان ئاق رومالى بىلەن سۈرتۈكەچ، يىگىتكە ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام بىرىش بىلەن بىرگە پەس ئاۋازدا،  ئاكامغا قىلغان خالىس دۇئا-تىلاۋەتلىرىڭىز ئۈچۇن سىزگە كۆپ رەھمەت دىگەن سۆزنى ناھايتى تەسلىكتە ئېيتىدۇ .

بۇنى ئاڭلىغان يىگىت ، ھەرگىز بۇنداق دىمەڭ شەھىدلارنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز ، دىگىنىچە بوينىغا ئارتىۋالغان شارپىسى بىلەن يۈزۇنى يۆگىگەن ھالدا ئالدىراپ يولىغا ماڭىدۇ . قەبرىلەر ئارىسىدىكى ئىككى ئادەم يان-يانغا ئاران سىغىدىغان بۇ تار يولدا يىگىت بىلەن ئەسما خانىمنىڭ ياندىشىپ قېلىشى تەقدىرنىڭ ئىرادىسى بولسا كېرەك ، بۇ ئىككى ياش خۇددى بىر-بىرىدىن مۇھاببەتلىك مەنىۋى ھارارەت ئالغاندەك غەلىتە تۇيغۇنى ھىس قىلىشىدۇ.

بىراق بۇ يىگىتنىڭ ئاخىرقى نىشان-غايىسى ، شۇ شەھىد قېرىنداشلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەمەلى تەييارلىق قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش ۋە ئالى تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرىغا ھىجرەت قىلىب بېرىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يىگىتنىڭ خىيالىغا ئەسلى كۆزلىگەن نىشان ـ غايىسىدىن باشقا ھىچقانداق  خىيال كەلمەيدۇ.

ئەسما خانىم بولسا يىگىتنىڭ قەبرە ئالدىدا ئېيىتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاچقا ، دەرھال شۇنداق تۇيغۇغا كېلىدۇكى ، قەبرىدىكىلەر مىنىڭ ئاكىلىرىم  بۇ يىگىت بولسا كىم ؟ دىگەن سۇئال بىلەن دەرھال يىگىتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئاكا ... ھاپا بولمىسىڭىز سىزگە سۆزۈم بار ئىدى دەيدۇ.

بۇنى ئاڭلىغان يىگىت نىمە دىيىشنى بىلمەي بىراز ئىككىلەڭەندىن كېيىن ، مەرھەمەت قانداق ياردىمىم كېرەك ؟ دىگىنىچە  يۈزىنى يان تەرەپكە توغرا تۇتۇپ تۇرىدۇ .

ئەسما خانىم بولسا  ئۇ يىگىتكە بىراز يېقىن كەلگەندىن كېيىن ، سىز كىم بولىسىز؟ ئۇ قەبرىدىكىلەر بولسا مىنىڭ ئاكىلىرىم . 

سىز ئۇلارنىڭ دوستىمۇ ؟ سىز ئاكىلىرىمنى تۇنۇمتىڭىز ؟ سىز قايسى مەھەللىدە ئولتۇرىسىز ؟ دىگەن بىرقانچە سۇئاللارنى سورايدۇ .

يىگىت _ شۇنداق، مەن ئۇلارنىڭ يېقىن دوستى بولىمەن . ئۇلار بىلەن بىز كىچىگىمىزدىنلا تۇنۇش ئىدۇق، تەقدىرنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇلار  زالىم كاپىرلارنىڭ قانلىق ئۇقىدا مەندىن بۇرۇن جەننەتكە كەتتى ، دىگىنىچە ئىختىيارسىز ئاۋازى بۇغۇلۇپ قالىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەسما خانىممۇ ئۆكسۈپ يىغلايدۇ ۋە بىراز ئۈزىنى يۇقاتقاندەك ئىككى تەرەپكە دۈگجۈپ قالىدۇ . بۇنى كۆرگەن يىگىت دەرھال ئەسما خانىمنى يۈلەپ تۇتىۋالىدۇ ۋە قەبرىستانلىقنىڭ چېتىگە ئەچىقىپ ئولتۇرغۇزىدۇ.

ئەسما خانىم بىراز ئۈزىگە كىلىۋالغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىدە ئۇقىۋاتقان ۋاقتىدا ئاكىلىرىنىڭ شەھىد بولغانلىقىنى ، ئائىلىسىدىكىلەر بولسا بۇ پاجىئەنى ئەسما خانىمدىن بىر ئايدىن كۆپرەك يۇشۇرغانلىقىنى ، ئاكىلىرى بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر كۆرۈشمىسە چىداشمايدىغان ئەسما خانىم ئاخىرى بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئۇقۇشتىن ۋازكەچمەكچى بولغانلىقىنى ، بىراق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سىزنى ئۇقۇتۇش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز شۇنداقلا مەرھۇم ئاكىلىرىنىڭنىڭ بۈيۈك ئارزۇسى ئىدى، شۇڭا سىز ھەرقانداق جاپا-مۇشاققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ ئۇقۇشنى فۈتتۈرىشىڭىز كېرەك ! دىگەنلىكىنى، شۇنداق قىلىپ  ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ تەۋسىيەسى بىلەن ئەسما خانىم 1998-يىلى ئۈرۈمچىدىكى 4 يىللىق ئۇقۇشىنى تامالاپ يۇرتقا قايىقانلىقىنى ، بىراق ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن دائىم ئاكىلىرىنىڭ ئوت-پىراقىدا روھى ئازاپ ئىچىدە ئۈتەۋاتقانلىقىنى ، بۈگۈن بولسا ئاكىلىرىنىڭ قىساسىنى ئالماقچى بۇلۇپ ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرگەنلىكىنى ، بۇنداق بىر جاسارەت ئىگىسىگە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۈزىنىڭ ياردەنچى بۇلىدىغانلىق قارارىغا كەلگەنلىكىنى ، شۈنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن بولسا ئۈزىنىڭمۇ شۇ ھىجرەت يۇلىغا بىرگە كىتىشىنى ئۆتۈنۈپ سوراش ئۈچۈن  يىگىتنىڭ سالاھىتىنى سورىغانلىقىنى، يىغلاپ تۇرۇپ ئاڭلاتقان ئەسما خانىم، يىگىتنىڭ نىمە دىيىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ .

ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئىزىدىغان بۇ مۇڭلۇق سەرگۈزەشتىلەرنى ئاڭلىغان يىگىتنىڭ ئۈزىنى قاچۇرىدىغان ھېچقانداق بىر يۇلى قالمىغاچقا ، يىگىت ئاستا يۈزىدىكى شارپىسىنى قايرىپ، ئەسما خانىم تەرەپكە بۇرۇلۇپ قارىماقچى بولدىيۇ نىمىلەرنىدۇ ئويلۇنۇشقا باشلايدۇ .

بۇ جىمجىتلىقنى كۆرگەن ئەسما خانىم ئورنۇدىن دەس-تۇرۇپ يىگىتكە قارايدۇ ۋە ئۆز كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك بۇلىدۇ . چۈنكى بۇ يىگىت ئەسما خانىمنىڭ ئۆز مەھەلىسىدىكى ناھايىتى يۇۋاش ۋە كەمتەر بىر بالا بۇلۇپ ، كىچىگىدىنلا شۇ دىخان ئائىلىسىدە ئۆسكەن بولغاچقا، بۇ بالىدىن يۇقارقىدەك يۈكسەك غەيرەت -جاسارەتنىڭ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسما خانىمنىڭ ئەقىلدىن يىراق ئىدى.

مانا مۇشۇنداق سىرلىق تەغدىرى قىسمەتلەر بىلەن ، يۇرتىمىزدىكى ئالىي ئوقۇش ئورنىنى سەبرىچانلىق بىلەن تاماملاپ ئانا-يۇرتىغا قايىتقىنىغا بىر يىل بولغان ئەسما خانىم ئۆز مەھەللىسىدىكى ناھايىتى يۇۋاش ۋە ئاددى-ساددا ياشايدىغان جەسۇر ئىسىملىك شۇ دىخان يىگىت بىلەن يېقىندىن تۇنۇشۇپ قالىدۇ . 

بۇلار كىچىگىدىنلا تەڭ ياشلاردا بۇلۇپ، بىرگە ئويناپ بىرگە ئۆسۈپ يىتىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما  ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئۇنچە يېقىن دوستلاردىن ئەمەس ئىدى . ئەنە شۇ ھادىسلەرىدىن باشلاپ ئۇلار ھەر كۈنى دىگىدەك شەھىدلار قەبرىستانلىغىدا ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇندىن كېيىنكى قىلماقچى بولغان ئىش-ھەركەتلىرى توغرىسىدا ئەستايىدىل پاراڭلىشىدۇ . نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى بىردەك ئالىي تەييارلىق قىلىش ئورنىغا ھىجرەت قىلىش قارارىغا كېلىدۇ . يولغا كىتىدىغان خىراجەتلىرىنى ھازىرلاش ئۈچۈن ھەر ئىككىلىسى تۈرلىك جاپا-مۇشاققەتلىك ئېغىر جىسمانى ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ . 1999-يىلى كۈز ئايلىرىدا جەسۇرنىڭ پاسپورتى چىقىدۇ ، ئەسمانىڭ بولسا تەخىچە خەۋىرى يوق . بۇلار يەنە شۇ قەبرىستانلىقتا بىر-بىرلىرى بىلەن ئاخىرقى ۋىدالىشىش ئەھدىسىگە قەسەم قىلىشىدۇ ۋە جەسۇر يولغا ئاتلانماقچى بۇلىدۇ . 

ئەسما خانىم پاسپورتى چىققان كۈنى يولغا ئاتلانماقچى بۇلۇپ يۇرتتا قالىدۇ. ياخشى نىيەتلىك بۇ قىزنىڭ پاسپورتىمۇ 2000-يىلى باھار ئايلىرىدا قولىغا تىگىدۇ. پاسپورتىنى قۇلىغا ئالغان ئەسما خانىم ئۈزىنىڭ سەپەرگە ئاتلانماقچى بولغانلىقىنى ئەۋۋەل ئانىسىغا كېيىن دادىسىغا ئېيتىدۇ. قىزىدىن بۇنداق يۈكسەك شىجائەت ۋە ئۇلۇغ-غايىسىنىڭ بارلىغىنى ئاڭلىغان جاسارەتلىك دادا، ئىككى ئوغلىنىڭ شەھىد بۇلۇش جەريانىنى بىراز ئويلانغاندىن كىيىن قىزىغا رازىلىق دۇئاسىنى بىرىدۇ . ئاتا-ئانىسىدىن رازىلىق دۇئاسىنى ئالغان ئەسما خانىم ئۈزىنىڭ سەپەرگە تەييارلانغانلىقىنى ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھىچقانداق ئىنسانغا تىنماستىن يولغا راۋان بۇلىدۇ. قورغاس چىگراسىدا 4 سائەت سوراققا تارتىلغان ئەسما خانىم خىتتايلارنىڭ ھەر-بىر سورىغان سۇئاللىرىغا خەن تىلىدا ناھايىتى سالماقلىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ ، قازاقىستاندىكى تۇققانلىرىنى يوقلاپ بۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە چىگرادىن ئۈتۈپ كېتىدۇ.

ئەسما خانىم قازاقىستانغا كەلگەندە جەسۇرنىڭ كۈتىۋەلىشىنى ئويلىغان بولسىمۇ ، بىراق ئەسما خانىمنى تۆتكۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان جەسۇرنىڭ ساقلاۋاتقان يېرى قازاقىستان ئەمەس بەلكى ئافغانىستان بۇلىدۇ . چۈنكى جەسۇر ئەسما خانىمنى قازاقىستاندا ئۇزۇن ساقلاپ تۇرالماسلىق سەۋەبى بىلەن شۇ تەرەپكە بېرىپ ساقاليدۇ .  ئەسما خانىمنىڭ بەختىگە يارىشا ، قازاقىستاندىن ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلىپ ماڭغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئوغلى ئۇچراپ قالىدۇ . بۇ خاسىيەتلىك سەپەردىن تېخىمۇ روھى كۈچ-قۇۋۋەت ئالغان ئەسما خانىم دەرھال بۇ سەپەردىشى بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ ۋە ئىراننىڭ مەشھەد شەھرىنى بىر-ئىككى كۈن زىيارەت قىلغاچ ، شۇ يەردىكى ئافغانىستان كونسۇلىدىن ساياھەت ۋىزىسى ئالىدۇ . كېيىن ئافغانىستانغا ئاپىرىپ قۇيىدىغان كىراكەشلەر بىلەن تۇنىشىدۇ ۋە شۇ تەرەپكە قاراپ يول ئالىدۇ. ئىران بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى بۇ قاقاس تاغلىقتا ئۇزۇن يول يۈرگەندىن كېيىن ، ئافغانىستاننىڭ ھىرات شەھرىگە كېلىدۇ . بۇ شەھەردىكى مېھمانخانىدا  بىر كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن ، يەنە ھىرات ھاۋايۇلى ئارقىلىق  ئايرۇپىلان بىلەن ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا قاراپ يولغا چىقىدۇ . 

ئەسما خانىمنىڭ كىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان جەسۇر خۇرسەنلىكىدىن ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن قېرىندىشىغا ئافغان پۇلىدىن 100 كالدار سۈيۈنچە بېرىدۇ ۋە دەرھال شۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كابۇل ھاۋا يۇلىغا ئەسما خانىمنى كۈتىۋېلىشقا چىقىدۇ .  ئەسما  خانىمنى كۈتىۋاتقىنىغا يېرىم يىل بولغان جەسۇر، خۇددى ئۆز-ئۈزىگە ئىشەنمىگەندەك بىرخىل خىيالى تۇيغۇلار بىلەن بەنىت بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسما خانىم بىلەن "5-فېۋرال" شېھىدلىرىنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە قىلىشقان ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىدىن ھاياجانلانغان ھالدا بىرخىل روھى جاسارەتكە تولغاندەك ئۆزىنى روھلۇق تۇتىدۇ .

شۇ ئەسنادا يىراقتىن كۆرۈنگەن بىر يولوچى ئايرۇپىلاننىڭ پەسلىگەن كۆرۈنىشى بىلەن ، جەسۇرنىڭ سەبداشلىرى جەسۇرغا ئەنە كەلدى قارا ،  ئاسمانغا قارا دىيىشىپ غۇلجا قائىدىسى بىلەن كۈلكە -  چاقچاق  قىلىشقا باشلايدۇ.

ئالدىراپ كىتىپ ئايرۇپىلاننى  غۇلجىنىڭ خادىك ھارۋۇلىرىمىكىن دەپ قالما جۇمۇ ...  .  ا .. ،

ئەسما خانىم ئۈزى ئايرۇپىلاندىن چۈشمىگىچە ئالدىراپ يېنىغا بارالمايسەن جۇمۇ ...  ا.. ،  

نىكاھىڭلارنى  ئۇقىماستىن  بۇرۇن  ئالدىراپ قولىنى تۇتۇپ  سالما يەنە ....  ا ...،

بۇلارنىڭ قىزىقارلىق چاقچاقلىرنى ئاڭلىغان ئافغانىستانلىق ئادەملەر ھەيرانلىقتىن بۇلارغا قارىشىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەسما خانىممۇ ئايرۇپىلاندىن چۈشىدۇ، بىراق كىلىۋاتقان ئاياللاردىن قايسى ئەسما خانىم ئىكەنلىگىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ . چۈنكى ئافغانىستاندا ئىسلام قانۇنى يۈرگىزىلىۋاتقان بۇلۇپ، ئىسلام دىننىڭ ھۆكمى بۇيىچە بارلىق ئاياللاردا، ئاياللارنىڭ ئۈستى- بېشى تۇلۇق ئورالغان ھىجاپ "چادىر"  بولغان ئىدى. 

كىلىۋاتقانلار ئارىسىدا ئەسما خانىمغا قازاقىستاندىن تاكى بۇ يەرگىچە سەپەردەش بۇلاپ بىرگە كەلگەن بىر يىگىت بۇلۇپ، ئۇ جەسۇرنىڭ كونا قەدىناس دوستى  سۇبھى ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇجاھىدى ئىدى . جەسۇر بىلەن سۇبھى كونا دوستلاردىن بولغاچقا سۇبھىنى كۆرگەن جەسۇر دەرھال سۇبھىنىڭ ئالدىغا يۈگرۈپ بېرىپ قۇچاقلىشىپ سالاملىشىدۇ ۋە قىسقىچە ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن ، جەسۇر بىلەن بىرگە كەلگەنلەرمۇ سۇبھى بىلەن بىر-بىرلەپ سالاملىشىپ بۇلۇپ ئۇلارنى كابۇلدىكى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېلىدۇ .

بۇ ئۆيلەردە "شەرقى تۈركىستان"دىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن يەنە ئونغا يېقىن ئائىلىلىك مۇھاجىرلارمۇ تۇرۋاتقان بۇلۇپ ،
ئەسما خانىمنى كۆرگەن  ئايال مۇھاجىرلار خۇددى ئۆز-سىڭىللىرىنى كۆرگەندەك چۇڭقۇر خۇرسەنلىك ئىچىدە كۈتىۋېلشىىدۇ. ئەسما خانىممۇ  بۇلار بىلەن ئىنتايىن قىزغىن قىياپەتتە سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن تەكلىپ بىلەن ئۆيگە باشلىنىدۇ ۋە شۇ مۇھاجىرلار قاتارىدا ئايرىم بىر ھۆجرا ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

ۋەتەندىن ئايرىلغىنىغا ئۇزۇن بولغان مۇھاجىر ئەرلەر يېڭى كەلگەن مۇھاجىر قېرىندىشى سۇبھىدىن توختىماي ۋەتەن توغرىسىدا سۇئاللارنى سورىسا ، ئاياللار ئەسما خانىمدىن يۇرت مەھەللە ، تۇنۇش بىلىش ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ تەغدىرى قىسمەتلىرى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنى ئاڭلاشقا تاقەتسىزلىك بىلەن ئىنتزار بۇلىشىدۇ. 

ۋەتىنىمىزدە بۇلىۋاتقان پاجىئەلىك ئازاپ-ئۇقۇبەتلەر توغرىسىدا، ئېچىنارلىق تىرادىگىيەلەرنى  بۇ يېڭى مېھمانلاردىن ئەينەن ئاڭلىغان ھەر-بىر مۇھاجىرلار شۇنداق بىر قىساسكارلىق روھى-جاسارەتكە كەلگەنكى ، ئەمىلى تەييارلىقتىن ئۈتەش جەريانىدىكى ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتلەرمۇ ئۇلارغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان يېڭىلمەس روھى جاسارەت ۋە يېڭىلمەس كۇچ-قۇۋۋەتكە تۇلىدۇ . 

ھەتتا بىر قىزبالىنىڭ ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ ، ۋەتەن-مىللىتىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئەسكىرى تەييارلىق مەيدانىغا كىلىشىدەك ئىمانى-روھى جاسارەت تۇيغۇسى، شۇ يەردىكى بارلىق مۇھاجىرلارنى شۇنداق ئىلھاملاندۇرغانكى ، كىچىك بالىلاردىن باشلاپ ھەتتا ئاياللارغىچە ئەمەلى مەشىق قىلىشقا ئاتلانغان بولسا، ئەسما خانىممۇ ئۈزىنىڭ چىۋەرلىكى ۋە ئەسلى ۋۇجۇدىدىكى جاسارەتلىك شىجائىتى بىلەن ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا ئەسكىرى مەشىقنى پۇختا ئىگەللەپ،  شۇ مۇھاجىر ئاياللارنىڭ ھەربى قۇماندانىغا ئايلىنىدۇ . 

ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن  ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەسما خانىم ۋەتەندىكى ۋاقتىدىلا ئۆز-ئارا ئەھدىلەشكەن يىگىتى جەسۇر بىلەن توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزگەن بۇلۇپ، غۇربەت ئەللەردە ئۆتكەن بۇ خاسىيەتلىك توي مۇراسىمى شۇنداق قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلىدۇكى، ۋەتىنىمىزنىڭ ھىچبىر بۈرجىگىدە كۆرۈلمىگەن ئالقىشلار  ( ئاسمانغا قارىتىپ پىلموتلارنى سايرىتىشتەك) تەبرىكلەرش تەنتەنىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ . ھەتتا شۇ يەردىكى مۇھاجىرلار ئەمىرى ... ئەسما خانىمغا بىر دانە يان تاپانچىسىنى سوغات قىلىدۇ.

بۇنداق يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچراشقان ئەسما خانىم ، نىكاھتىن بۇرۇن يىگىتى جەسۇردىن تەلەپ قىلماي ئاللاھ يۇلىغا ئاتىغان (مېھرى ھەققى) نىڭ توغرا يولغا ئاتالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ، ئەسما خانىم بىلەن ئىنىمىز جەسۇرنىڭ يېڭى ھاياتى باشلىنىدۇ .

ئارىدىن بىر يىل ئۈتىشى بىلەن بۇ بەخىتلىك مۇھاجىرلار ئائىلىسى بىر ئوغۇل پەرزەندىلىك بۇلىدۇ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى " فاتىھ " قويغان  جەسۇر بىلەن ئەسما خانىم ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھرىدە ئىستىقامەت قىلماقتا . ھازىر ئۇلارنىڭ 5 پەرزەندى بۇلۇپ ، ئەسما خانىم بىلەن جەسۇرنىڭ ئەڭ بۈيۈك غايىسى ، باللىرىنى شۇ زىمىندىكى خەلىقلەرنىڭ جاسارىتى بىلەن تەربىلەش ۋە شۇنداق جاسارەتلىك روھى-ئىرادىسى بىلەن يىتىلدۈرۈش ئارقىلىق ۋەتىنىدە شەھىد بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ  قىساسىنى ئېلىشقا تەييارلىق قىلىش بولغاچقا، ئۇلار ئافغانىستاننىڭ  شۇ مۇھىتىغا ئىنتايىن ماسلىشىپ ياشىماقتا ۋە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ناھايىتى خوشال، ئۈمۈتۋار-ئىناق  ۋە روھلۇق كەيپىياتتا ئۆتمەكتە ئىكەن .

ئەسما خانىمنىڭ ھىجرىتى بارلىق مۇھاجىر ۋەتەنداشلارغا ئەنە شۇنداق روھى جاسارەت ئاتا قىلغانكى ، شۇخىل جاسارەت بىلەن ھىجرەتكە ئاتلىنىدىغانلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسىلەپ ئاشقان ۋە بۈگۈنكى  كۈنىمىزگىچە داۋاملاشماقتا ئىكەن . 

مەزلۇم مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدىن شۇنداق جاسارەتلىك قىزلار مەيدانغا كەلگەنكى ، ئۇلارنىڭ باسقان يوللىرى ۋە قەدەم ئىزلىرى ئەبەدى داۋاملىشىپ كەلمەكتە ۋە خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۇ ئۇنۇتۇلماس داستان بۇلاپ قالماقتا  .

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوغۇل قىزلىرى ئىچىدىن ئەنە شۇنداق "ئەسما خانىم" ۋە "جەسۇرلارنىڭ داۋاملىق چىقىشىنى جانابى ئاللاھتىن تىلەيمىز .  ئامىن .

  ئەسكەرتىش _ (ئۈزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ بۇ ماقالىنى ئۇقىغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ، بۇ بىر سەرلەۋھەلىك ھىكايە بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالماستىن، ۋەتەن-مىللىتىنىڭ غېمىدە يۇرتىدىن ھىجرەت قىلىپ مۇساپىر ھاياتتا ياشاۋاتقان ئەسما خانىم ۋە شۇلار بىلەن بىرگە سەرسان ھايات كەچۈرۋاتقان مۇساپر قېرىنداشلىرىمىزغا ماددى  ۋە مەنىۋى ياردەملىرىنى  ئايىماسلىقى ، ھېچ بومىسا خالىس دۇئالىرىمىزنى بولسىمۇ ئايىماسلىقىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ). ئا    

ئا. مۆلجەرلى
                   
2010-10-03

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى