يېڭى ۋەزىيەتتە يېڭى ئىنقىلاب

يېڭى ۋەزىيەتتە يېڭى ئىنقىلابقا قەدەم بېسىش ، مۇستەقىللىق داۋايىمىزنىڭ يېڭى ئىھتىياجىدۇر .

ۋەتىنىمىز "شەرقى تۈركىستان" خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەن 60 يىلدىن بۇيان، بۇ ۋەتەننىڭ ئىگىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرپىدىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تاجاۋۇزچى خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرتۈرلى مۇستەقىللىق كۆرەشلىرىمىز ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئۈزلۈكسىز ئېىلپ بەرىلماقتا. مەزكۇر جەڭگىۋار كۈرەشلەر ئىچىدە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئەجەللىك زەربە بەرگەن كۈرەش، 1989-10-10 كۈنى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا قۇرۇلغان "شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" نىڭ باش يىتەكچىسى مەرھۇم شەھىد زەيدۇن يۈسۇپ قۇماندانلىغى ئاستىدا 1990-04-05 كۈنى پارتىلىغان"بارىن خلىق ھەركىتىدۇر" .
ئىخلاسمەن بارىن خەلقىنىڭ پىداكارلىغى ئ‍استىدا،  مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىززىتىنى قوغداش يۇلىدا، مۇستەملىكە بولغان ۋەتەن-مىللىتىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان  ئىمانلىق، ئىخلاسمەن، جەڭگىۋار قەھرىمانلارنىڭ بىرسەپكە كىلىشى نەتىجىسىدە تەييارلانغان مەزكۇر قۇراللىق ھەركەت، خىتتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق چۇچۇتقان ۋە خىتتاي سىياسى ئورگانلىرنى ئايلاپ ئۇخلاتمىغان، شۇنداقلا قايغۇلۇق ساراسىمگە چۈشۈرگەن كەسكىن ئىنقىلاپ دەۋرىمىز بولدى.

ش ت ئى پ ئىنقىلاپچىلار قۇشۇنىدىكىلەرنىڭ ئادەم سانى يەتتەيۈزگە يەتمىگەن، ئىشلەتكەن قۇرال ياراقلىرى ئىنتايىن ئاددى ۋە ئ‍از بولغان مۇجاھىدلار قۇشۇنى، ئەسكەر سانى ئونمىڭدىن ئاشقان، قۇرال ياراقلىرى ئالاھىدە ئىلغار ۋە  مۇنتىزىم شەكىلدىكى قۇراللىق ئەسكىرى كۇچ بىلەن تاقابىل تۇرپ، بىر ھەپتىگە سوزلغان ۋاقىتقىچە چېكىنمەي مۇنتىزىم تۇرۇپ ئۇرۇشتى. ئۆلسەك شەھىد قالساق غازى دەپ ئوتتۇرغا چىققان بۇ جەڭگىۋار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھى جاسارەتلىرىنى ئېغىز بىلەن تەسۋىرلەشكە تىلىمز ئاجىزلىق قىلىدۇ. (ئۇ ئىنقىلاب جەريانىدا شەھىد بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەنناتۇل فىردۋستە بولغاي.. ئىلاھىم ..ئامىن).

پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق جەڭگىۋارلىقى ۋە شۇ ئىنقىلاپ يۇلىدا تۈكۈلگەن ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قولغا كەلگەن بۈيۈك غەلبە "ئۇنۇتۇلماس بارىن ئىنقىلابى" نىڭ جاراڭلىق داغ-دۇغۇسى يالغۇز ۋەتىنىمىز ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرى ئالدىدا، مەزلۇم شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بۈيۈك تارىق ياراتتى. ئەنە شۇ ئىنقىلاپچىلارنىڭ داۋامى بولغان ئىككى قۇراللىق تەشكىلات، (1997-يىلى مەككىدە قايتا قۇرۇلغان ش.ت.ئى.پ) ۋە (1997-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان ش.ئا.ت) خىتتاي ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ قاتتىق ساراسىمگە سېلىشقا باشلىدى. خىتتاي ھاكىمىيىتى ئۆز  كونتىروللىقىدىن تاشقىرى  ئەركىن دىيارلاردا قۇرۇلغان مەزكۇر قۇرالىق تەشكىلاتلارنى يۇقتۇش ئۈچۈن قانچلىلىك ئىقتىساد كىتىشىگە قارىماي، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە  ئەزالىرىنى پۈتۈن دۇنياغا تېرورىست دەت جاكارلىدى. بەزى ئىككىيۈلۈك خائىن دۆلەتلەرگە يۈزمىليۇنلارچە دوللار بىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىنقىلاپچىلارنى يوق قىلىشقا ھەركەت قىلدى. بىراق نەتىجە خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، خۇسۇسەن دۇنيا مۇجاھىدلار قۇشۇنى بىربىرلىرى بىلەن قايتىدىن تۇنۇشتى ۋە بىر كېمىگە بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن سەپەرگە بىرلىكتە ئاتلانغان بۈيۈك ئىسلام كارۋانىغا ئايلاندى .

ئەنە شۇ بۈيۈك ئىسلام كارۋانلىرى قاتارىدا يېڭى ھاياتىمىزغا تەلپۈنۈپ ئۈمۈدلۈك ئىگىرلەپ كېلىۋاتقان كۈنلىرىمىزدە،  خىتتاي زۇلۇملرىنىڭ چېكىدىن ئېشىشىغا قارىماي "2009-5-ئىيۇل خەلىق ئىنقىلابى" پارتىلىدى .

ۋەتىنىمىز شەرقي تۈركىستان مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بۇيان ھەر 5 يىلدا، ياكى 10 يىلدا، داۋاملىق يۈزبىرىپ كىلىۋاتقان   ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ يەنە شۇنداق توختىماي ئوتتۇرغا چىققانلىقى، بۇندىن كېيىمۇ يەنە شۇنداق ئوتتۇرغا چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ئىبارەت  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئۈمىد خەۋىرىنى تۇنۇپ يەتكەن خىتتاي ھاكىمىيىتى، مەزكۇر 5-ئىيۇل خەلىق ھەركىتىنى تامامەن قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق، بارچە ئۇيغۇرلارغا ۋە مەزلۇم ئۇيغۇرخەلقىنىڭ تەرەپدارى بولغان بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا ئۈزىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ياۋۇزلۇق غەرىزىنى ئالدىن پىلانلاپ ئۈلگۈردى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ياۋۇز قانخورلۇق ھەركىتىنى تامامەن ئىشقا ئاشۇردى .

بۇ قانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن يۈرەك باغرى قان-زەرداپقا تولغان بىچارە ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولسا، خىتتاي زۇلمىغا قارشى ئۆز ئىمكانى يەتكەن ئۇسۇلدا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بىراق زالىم خىتتايلارنىڭ، مەزكۇر نارازىلىققا قارشى دۇنياغا تارقاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرى، مەزلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىدىن كۈچلۈك كەلدى. سەۋەپ— قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، بىز ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ نالە-زارىمىزنى ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقىغا، خىتتاي زالىملىرىنىڭ سوغات قىلىپ بەرگەن  تىڭشۇغۇچ ئۈسكنەلىرى ئاللىبۇرۇن تاقىلىپ بولغانلىقى  ھەممىگە ئايان بولدى .

2009-7-5-كۈنى، زالىم خىتتاي ھاكىمىيىتى مىڭلارچە ئۇيغۇرنى قەتلىئام قىلدى، ئونمىڭلارچە بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇرمىغا تاشلىدى...بىراق دۇنيا ئاۋاز چىقارمىدى. مەزكۇر قەتلىئام پاجىئەگە قارىتا ئەتىراپىمزدكى دىنداش، تىلداش ۋە قانداش دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشچان يېڭى ۋەزىيەتلىرى ۋە يېڭى سىياسەتلىرى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى ھىساپلىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر ئېغىر زۇلۇمدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى خەلىقارا ئاخباراتلىرىغا ئاڭلىتىدىغان خەۋەرچى ئىنسانلارنى خىتتاي تەخنىلوگىيىسى ياسىمىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇلارنىڭ تاراتقان خەۋەرلىرىنى كۆرىدىغان تىۋى ئاپارات، ئاڭلايدىغا ن رادىئو، ۋە ئىنتەرنەت قاتارلىق بارلىق ئىلىكتىرونلۇق ئاسۋاپلىرىنى زالىم خىتتي ھاكىمىيىتى بۇرۇنلا ئۇلارغا سوغات قىلىپ بولغان ئىكەن، شۇ سەۋەپتىن بىزنىڭ ئاھۇ-زارىمىزنى ئاڭلىتىدىغان ۋە كۆرسىتىدىغان شۇ ئۈسكىنەلەرنىڭ ھەممىسى راسنى سۆزلىمەيدىغان، راسنى كۆرسەتمەيدىغان يالغان تەشۋىقات ئەسۋاپلىرى ئىكەنلىگى قايتا ئاشكارىلانسا، يەنە بىرتەرەپتىن، بۇ  ئىشەنجىسىز جەمىيەتتىكى ئاتالمىش ئىنسان ھۇقۇقىنى قوغداش ۋاھاكازالارنىڭمۇ تامامەن يالغان جەمىيەتلەر ئىكەنلىكى، پۈتۈن دۇنيادىكى بارچە مەزلۇم ئىنسانلارغا يەنە بىر قېتىم تۇلۇق نامايان بولغان بولسا كېرەك !!!.

 تارىختىن بۇيان دۇنيا تەرەققىياتىغا بۈيۈك ھەسسىلەرنى قوشقان مەدىنىيەتلىك ئىنسانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بىز ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن ئىنسان چىدىغۇسىز دەرىجىدە خورلۇنۇپ ھايات كەچۈرمەكتەمىز، ھازىرقى ئەھۋالىمىز شۇنداق ئېچىنارلىق ۋە كېلەچەكىمىز ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەن بۇندىن كېيىن نىمە قىلىشىمىز كېرەك ؟

بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى قىسقىچە ئورتىغا قويماقچىمەن.

1 - ۋەتەن - مىللىتىنىڭ غەم قايغۇسىدا يۈرەك باغرى ئازاپلىنىۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇلارنىڭ غېمىنى  يەيدىغان ئىمانلىق قېرىنداشلار، ئۈزىنىڭ ئىمانى ۋە ئىنسانى مەجبۇرىيەتلىرىنى ھەقىقى تۇنۇپ، يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا يېڭى سىياسى يۈلۈنۈش ھازىرلايدىغان بىر ھەيەت قۇرۇلىشى، ئۇلار بۇندىن كېيىنكى يېڭى يۈلۈنۈشكە قارىتا، يېڭى ئىنقىلاپ خەرىتەىسى سىزىشى كېرەك !!!.

2 - شۇ قۇرۇلغان ھەيەت يىتەكچىلىكىدە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان يېڭى ھەركەت نىشانى ھزىرلاش، داۋايىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسى يۈلۈنۈش دائىرىسنى ھېچ بولمىسا  180%  گىرادۇس باشقا لىنىيەگە بۇراش، بۇرۇنقىدەك قۇرۇق شۇئ‍رلارنى تاشلاپ، يېڭى ھەركەت ۋە يېڭى ئەمىلىيەتلەرنى باشلاش ئارقىلىق، (ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن) مۇسۇلمان قېرىندشلىرىنىڭ ھۆرلىكى يۇلىدا مال-جان پىدا قىلالايدىغان ھەقىقى داغدام يولغا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. بۇخىل  يېڭى لىنىيەگە يۈزلۈنۈشنىڭ ئەمىلىيىتىى ئېلىپ بېرىشتا مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئىمانلىق، ئىخلاسمەن، ئوت-يۈرەك، ياش پىدائىلار (ئوغۇل - قىزلار) قۇشۇنىنى قايتىدىن ئويغۇتۇش ۋە ئېھتىياجىمىز بولغان كەرەكلىك ئورۇندا ماددى-مەنىۋى  تەربىلەش خىزمىتىنى باشلاش كېرەك!!!.

3 -  بۇ يېڭى ھەركەت لىنىيەسىگە قەدەم بېسىش ئۈچۈن كەرەگلىك ئىقتىسادى مەبلەغ توپلاشقا ئەمىلى ھازىرلىنىش، بۇخىل تەييارلىقنى شۇ ھەيئ‍ەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋەكىلنىڭ يىتەكچىلىكى ئاستىدا دەرھال باشلاش. مەزكۇر ئىقتىساد يىغىش ئىشلىرىنى مەيلى ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئ‍خلاسمەن ساخاۋەتچىرىرى بولسۇن، ياكى يۇرتىمىزغا تاجاۋۇز قلىپ كىرگەن دۈشمىنىمزنىڭ مىليونىر بايلىرى بولسۇن چەكلىمىسىز ئېلىپ بېرىش . 

4 - مەزكۇر يېڭى ھەركەت لىنەسىگە قەدەم بېسىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا مەڭگۇ قۇل بولمايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىرقېتىم تۇنىتىشىمىز ۋە بۇ جاراڭلىق سادايىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا يەنە بىرقېتىم جاكارلىشىمىز كېرەك !!!.

5 - يۇقارقى ھازىرلىقلارنى تەييارلاش ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇندىن كېيىنكى يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا يېڭى ئىنقىلاپقا قەدەم بېسىش نەتىجىسىدە، مۇستەقىللىق داۋايىمىزنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىشىمىز كېرەك !!!.

  بىز يۇقارقى ئىنقىلاپنى توغرا دۋاملاشتۇرالىساق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلايدىغان دۇنيا ئىنسانلىرىنى بىزنىڭ ئىزدىشىمزگە ھاجەت قالمايدۇ. بەلكى ئۇلار ئۆزلىرى بىزنڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھەرتەرەپتىن ئوتتۇرغا چىقىدۇ ۋە يىراقلاردىن يۈگۈرۈشۈپ كېلىشىدۇ!!.

يۇقارقى سۆزۈمگە مىسال_ نئۇيغۇر خەلقىنىڭ جاسارەتلىك ئوغلى، يىراقنى كۆرەر مۇتەپەككۇرى، ھەقىقەت پەرۋەر  ھۆرمەتلىك ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۈۋەندىكى سۆزىنى نەقىل قىلىش بىلەن نۆۋەتتىكى كۆزقرىشىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.


"مەن داۋاملىق تۈردە ئويلىنىۋاتىمەن، مىللىي تەقدىرىمىزنى، كېلەچىكىمىزنى ئىلمىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىۋاتىمەن. كاللامدىكى بىر مۇنچە سوئاللارغا تېخى جاۋاب تاپالمىدىم؛ ئەمما ئېنىق جاۋاب تاپالىغان نۇقتام شۇكى، ئۇيغۇرلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك، (دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن) ئۇنتۇلۇپ قېلىش، تاشلىۋېتىلىش ۋەزىيىتىگە قايتا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك!" (ئىلھام توختى  2010)


                          ئا.مۆلجەرلى        
       
                        2010-10-10

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى