ئىنسانلار ھاياتىدا مۇھىم بولغان، ھەربىر ئىنسان ئۇنىڭسىز ئۈزىنى ھەقىقى مۇستەقىل ھىساپلىيالمايدىغان ئاساسى ئامىللار.
ھەربىر ئىنساننىڭ ئېتىقادى-ئەقىدىسى مۇستەقىل بۇلۇش. (يەنى ئىنسان بارچە ئىبادەتلىرىنى پەقەت بىر ئاللاھقىلا قىلىش، ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى شىرىك قىلماسلىق, ئۇنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلماسلىق ۋە قۇللۇق قىلماسلىق. بۇ مۇستەقىل ئەقىدە بىلەن ياشاش جەرياندا ھېچقانداق تۇسالغۇلارغا ئۇچرىماسلىق).
ھەربىر ئىنساننىڭ مىزانى مۇستەقىل بۇلۇش. (يەنى ئىنسانلار ئۈزىنىڭ بارلىق ياشاش يوللىرى ۋە ھاياتى تۇرمۇشىدىكى رىئايە قلىش پىرىنسىپ ئۆلچەملىرىدە تايىنىدىغان مىزاننى تاللاشتا، ئىناسانلار تەرپىدىن تۈزۈلۈپ يەنە شۇ ئىنسانلار تەرپىدىن بۇزىلىدىغان ئىنسانى قانۇنغا مۇراجات قىلماستىن، پۈتكۈل كائىناتنى يوقيەردىن ياراتقان بىر ئاللاھ تەرتىپىدىن تۈزۈلگەن ۋە ئەبەدى ئۆزگەرمەس-مۇنتىزىم بەلگىلەپ بىرىلگەن، ئۇنىڭ ئالدىدا بارچە ئىنسان باراۋەر تۇرىدىغان مۇقەددەس ئىلاھى قانۇن (قۇرئان)غا مۇراجات قىلىشى، شۇ ئىلاھى قانۇننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۈزىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخىت ـ سائادەت يوللىرىنى تېپىشىدىن ئىبارەت).
ھەربىر ئىنساننىڭ مىزانى مۇستەقىل بۇلۇش. (يەنى ئىنسانلار ئۈزىنىڭ بارلىق ياشاش يوللىرى ۋە ھاياتى تۇرمۇشىدىكى رىئايە قلىش پىرىنسىپ ئۆلچەملىرىدە تايىنىدىغان مىزاننى تاللاشتا، ئىناسانلار تەرپىدىن تۈزۈلۈپ يەنە شۇ ئىنسانلار تەرپىدىن بۇزىلىدىغان ئىنسانى قانۇنغا مۇراجات قىلماستىن، پۈتكۈل كائىناتنى يوقيەردىن ياراتقان بىر ئاللاھ تەرتىپىدىن تۈزۈلگەن ۋە ئەبەدى ئۆزگەرمەس-مۇنتىزىم بەلگىلەپ بىرىلگەن، ئۇنىڭ ئالدىدا بارچە ئىنسان باراۋەر تۇرىدىغان مۇقەددەس ئىلاھى قانۇن (قۇرئان)غا مۇراجات قىلىشى، شۇ ئىلاھى قانۇننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۈزىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخىت ـ سائادەت يوللىرىنى تېپىشىدىن ئىبارەت).
تەلىم-تەربىيىسى مۇستەقىل بۇلۇش. (يەنى دىني تەلىم-تەربىيىسى، مىللى-مەدىنىيەت تەربىيىسى مۇستەقىل بۇلۇش، بۇخىل تەلىم تەربىيە ھىچقانداق تۇسالغۇلارغا ئۇچرىماسلىق).
تىلى مۇستەقىل بۇلۇش. (ھەربىر ئىنسان ئاللاھ تەرپىدىن بىرىلگەن مىللەت ۋە قەبىلە بۇلۇشتىن ئىبارەت بۈيۈك نىمەتكە لايىق، ئۆز ئانا تىلىدا سۆلەش ۋە شۇ تىلنى جارى قىلدۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىگە بۇلۇش).
يېزىقى مۇستەقىل بۇلۇش. ( ئۆز ئانا تىلىدا يېزىش، ئۇقۇش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە تۇلۇق ئىگە بۇلۇش).
پىكرى مۇستەقىل بۇلۇش.(مۈجىمەللىكتىن خالى، دادىل، ئەركىن پىكىر قىلالايدىغان بۇلۇش ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلش ئەركىنلىككە ئىگە بۇلۇش).
قەلىمى مۇستەقىل بۇلۇش. (توغرا ئۇسۇلدا ئەركىن قەلەم تېۋرىتىش ئىمكانى بۇلىشى، ئۇمۇمى يېزىقچىلىقى ۋە ئاممىۋى ئاخبارەت ساھەلىرى ئەركىن بۇلۇش).
نىشانى مۇستەقىل بۇلۇش. (ئىنسان ھاياتىدا بېقىندىلىقتىن خالى، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن توغرا ۋە مۇستەقىل قەدەم بېسىش ئىمكانى بۇلۇش).
ئىقتىسادى مۇستەقىل بۇلۇش. (توغرا يول ۋە توغرا مېھنەت ئاستىدا تۇسالغۇسىز ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانى ۋە خۇسۇسى مال-مۈلكى بۇلاش).
ئائىلىۋى مۇستەقىل بۇلۇش. ( ھەربىر ئائىلە ئېزالىرى ئۆزىنىڭ ئائىلىۋى ھەق-ھۇقۇقىغا تۇلۇق ئىگە بۇلۇش، ئائىلىۋى تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرىدە تاشقى چەكلىمىگە ئۇچىرماسلىق، خۇسۇسى يەر-يەرجاي ۋە ئۆي-ماكانى بۇلۇش).
كىشىلىك ھۇقۇقى مۇستەقىل بۇلۇش. ( ھەربىر ئىنسان باشقىلار تەرپىدىن روھى ۋە جىسمانى بېسىمغا ئۇچىرماسلىق، ئۆزىنىڭ كىشىلىك كىملىك ھۇقۇقىغا تۇلۇق ئىگە بۇلۇش ۋە ھىچقانداق روھى ۋە جىسمانى رېجىمغا ئېلىنماسلىق).
ئاتا مىراسى مۇستەقىل بۇلۇش. (ھەر بىر ئىنسان ئۈزىگە تەئەللۇق ئاتا مىراسى بولغان يەر-زېمىن، ئۆي-ماكان، باغۇ-بوستان، مال-چارۋالارغا ئوخشاش مۈلۈكلىرىگە مۇتلەق ئۆزلىرى ئىگەدارچىلىق قىلىش).
يۇرتى مۇستەقىل بۇلۇش. (ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنى بۇلۇش ۋە ئۇ ۋەتەن شۇلارغا خاس ئانايۇرت بۇلۇش بىلەن بىرگە، ئىككىنجى بىر تاجاۋۇزچى كۇچ تەرپىدىن قەتتى ئىشغال قىلىنماسلىق، مەجبۇرى ئىدارە قىلىنماسلىق ۋە ھەرتۈرلى ئۇسۇلدا ئاسمىلاتسىيە قىلىنماسلىق).
ھەر بىر ئىنساننىڭ بايرىقى مۇستەقىل بۇلۇش. (ئىنسانلارغا ئۆز ياراتقۇچىسى تەرپىدىن بېرىلگەن (ئىسلام، مىللەت ۋە قەبىلە) بۇلۇشتەك بۈيۈك نىمىتىگە لايىق، شۇ مۇسۇلمان قەۋمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە خاس ئايرىم بايرىقى بۇلۇش ۋە ئۇ بايراق شۇلارنىڭ ۋەتەن ئاسمىنىدا ئەركىن لەپىلدەپ قەد-كۆتىرىىشى كېرەك!).
قاچانكى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، يۇقارقىلاردىن ئىبارەت ئىنسانى مۇستەقىللىق ئامىللىرىنىڭ ئاساسلىرىنى تۇلۇق قولغا كەلتۈرەلەيدىكەنمىز، ئەنە شۇ چاغدا ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈزىنى ھەقىقى مۇستەقىل ھىساپلىيالايدۇ !.
بىزلەرگە ئەنە شۇنداق ھەقىقى مۇستەقىللىق كېرەك !!!.
ئا. مۆلجەرلى
2010-11-01