سالىھە ئايال

پەزىلەتلىك ۋە سالىھە ئاياللارنىڭ سۈپەتلىرى   

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىدە  شۇنداق دەيدۇ ـ { ئاياللارنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى، يولدىشى ئۇنىڭغا قارىسا خۇش ـ تەبەسسۇم قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىسا خۇرسەنلىك بىلەن بەجا كەلتۈرىدىغان، ئىپپەت ـ نۇمىسى ۋە مال ـ مۈلكىدە يولدىشىنى رەنجىتىدىغان ئىشلاردا بولمىغان ئايالدۇر} . دىگەن.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  يەنە ـ { دۇنيالىق نەرسىلەر ئىچىدە ماڭا ئۈچ نەرسە چىرايلىق كۆرسىتىلدى. سالىھە ئايال، خۇشبۇي پۇراق  ۋە كۆزۈمنىڭ نۇرى بولغان ناماز}، دىگەن . بۇ مۇباراك سۆزلىرى بىلەن ئايال كىشىگە نەقەدەر سۆيگۈ ـ مۇھاببەت ۋە مېرى ـ شەپقەت كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن .

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە  ـ { دۇنيانىڭ ھەممىسى ماتادۇر، دۇنيانىڭ ئەڭ خەيرىلىك مەۋجۇتلىقى بولسا سالىھە ئايالدۇر }، دىگەن . بۇ ھەدىستىكى مەزمۇن ـ ئىسلامنىڭ ئاياللارغا بەرگەن يۇقىىرى مەرتىۋىسىى ۋە كىشىلىك قىممەت ـ قارىشىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ـ سالىھە ئاياللارنىڭ ھۇزۇرـ مەرتىۋىسى ۋە پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ ـ  {جانابى ئاللاھ كىمگە سالىھە ئايال نەسىب قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ دىنىنىڭ ۋە دۇنيالىقىنىڭ  يېرىمىغا ياردەم قىلغان بۇلىدۇ. دىنىنىڭ قالغان يېرىمىنى بولسا ئۈزى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن مۇھاپىزەت قىلسىۇن } ، دىگەن .

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ـ بۇ خۇسۇستا  بىر ھەدىس بايان قىلغان بۇلۇپ، { تۆت نەرسە كىمگە بىرلگەن بولسا ئۇنىڭغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ  ياخشى نەرسىلىرى بىرىلگەن بۇلىدۇ . شۇكرى ـ قانائەت قىلىدىغان قەلىب ، ئاللاھنى دائىم زىكرى قىلىدىغان تىل ، بالايى مۇسىبەتلەرگە سەبرى قىلىدىغان بەدەن ،  ئىپپەپ ـ نۇمۇسىدا  ۋە  مال ـ مۈلكىدە ئېرىگە خىيانەت قىلمىغان ئايال } . دىگەن .

مېرىبان ئاللاھ ـ بارچە مۇسۇلمان ئەرـ ئاياللارنى يۇقارقى نىمەتلىرىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن ئامىن


مەنبە ـ سالىھە ئاياللار پەزىلەتلىرى ناملىق ئەسەر

 تەرجىمە قىلغۇچى - ئا.مۆلجەرلى



  

    

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى