بۈگۈن ھېيىت
بۈگۈن ھېيىت ۋەلېكىن كۆڭلۈم پەرىشان
ئۆزۈمنى زورلاپمۇ ھېچ... كۈلەلمىدىم
يۈرۈگۈم ئازاپتا لەختە-قان بولغاچ
ئاھ... دىدىم _ يىغلىدىم تەڭرىم مېھرىبان
ئۆزەڭدىن ئۆزگىگە دوستۇم يوق دىدىم
قەسەمكى بۇ دوسلۇق ساڭا تەئەللۇق
يۇلۇڭدا جانلىرىم تەسەددۇق دىدىم
تۇغۇلغان ۋەتىنىم گۈزەل تۈركىستان
شۇ ئانا ۋەتەندە ھېيىت قىلالمىدىم
يىغلىدىم ھەسرەتتە ئەلەملىك تىنىپ
ئەي ... ۋەتەن يۇلۇڭغا پىدامەن دىدىم
ئۇيغۇرمەن ئۇيغۇرچە ھېيىت كۆرەلمىدىم
توپلۇشۇپ ئۇيغۇردەك ھەيىتلىيالمىدىم
ئەسلىدىم ھېيىتلىغان ئەشۇ دوستلارنى
ئىزىڭدىن ماڭىمىز قەسىمىم دىدم
ئا.مۆلجەرلى
2009.9.20
رۇزا ھېيىت كۈنى