ئانا يۇرتتىن_ يىراق قىرلاردا غەمكىن ياشاۋاتقان بارچە ۋەتەنداشلارغا ئىللىق سالام !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم _ ئەزىز يۇرتداشلار ياخشىمۇسىلەر ؟ _ ئانا يۇرتتىكىلەر ئويلايمىزكى_ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ روھى كەيپىياتى جۇشقۇن، ئىش-ھەركىتىڭلار ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشىڭلار كۆڭۈللۈك، دەم ئېلىشىڭلار خاتىرجەم، ئائىلە مۇھىتىڭلار پاراۋان، روھى دۇنيالىرىڭلار ئالەمچە كەڭرى ۋە پارلاق ئۈتەۋاتقاندۇ ....... ؟
ئانا يۇرتىمىزدا ئەمدىلا باشلانغان باھار ئايلىرىنىڭ ئىللىق شاماللىرى، كائىنات-قانۇنىيىتىنىڭ ئەسلى تەرتىپلىرى بۇيىچە ئەتىراپى- ئالەمگە ئىللىق نۇرىنى چېچىپ، ئۆزىنىڭ ھارارەت ئېنىرگىيىسىنى بارچە جانلىق ۋە جانسىز جىسىملارغا ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاستا ھەركەتلەندۈرۈشكە باشلىغاچقا، يۇرتىمىزنىڭ تاغ-دەريا، باغۇ-بوستانلىرى باھار سۇلىرىغا تۇلۇپ، باغۇ-بوستانلاردىكى تۈرلى مىۋىلىك ۋە مىۋىسىز دەل-دەرەخلىرىدە رەڭگارەڭ چىچەكلەر ۋە ياپراقلار پەيدا بولماقتا .
بىز ئەنە شۇ يېڭى ئېچىلىشقا باشلىغان بىغۇبار، خۇشپۇراق چىچەكلەردىن روھى ئۇزۇق ۋە مەنىۋى ھۇزۇر ئېلىپ، كېلەچەك يازغا بولغان بۈيۈك ئارزۇ-ئۈمۈتلىرىمىز بىلەن تەلمۈرۈپ قارىماقتىمىز !
سىلەرچۇ ؟ سىلەر ياشاۋاتقان ئاسمىنى كەڭرى، ئەركىن دۇنيالاردا بۇنداق تەبى خۇشپۇراق ھاۋا تېپىلامدۇ ؟
بەزىلەر بۇ سۇئالىمغا قارىتا، ئۇنداق پاكىز-ئىكىلوگىيەلىك ساپ ھاۋالارنى بىزدىن سوراڭ، دىيىشى مۇمكىن .
توغرا_ ئۇنداق پاكىز، ئىكىلوگىيەسى بۇزۇلمىغان ساپ ھاۋالار سىلەر ياشىغان يۇرتلاردا تېپىلىدۇ. چۈنكى سىلەر ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلەردە ئۇرۇنسىز ھاۋا بۇلغايدىغان قارا-بورانلار يوق، ياكى بولسىمۇ ناھايىتى ئاز چىقىئۇ. باغۋەنلەرنىڭ باغلىرىنى بىھۇدە دەسسەپ-يەنجىيدىغان يىرتقۇش ھايۋانلار يوق. دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى بەزى يىرتقۇش ھايۋانلارنىڭ قىسمەن قانخورلۇقلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، دېڭىز سۈيىگە كىر-يۇندىسىنى تۆكىدىغان پاسكىنا مەخلۇقلار ئەسلا يوق . ئۇ يۇرتلارنىڭ يەرلىك كىشىلەرمۇ، دېڭىز سۇلىرىنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق ۋەزىيەتلەرگە ئەزەلدىن يول بەرمىگەن . شۇڭا سىلەر ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلەرنىڭ ھاۋاسى پاكىز ۋە ساپ بۇلىشى تەبى ئەلۋەتتە.
بىراق يەقىندىن بۇيان ، ئەسلى مەنىۋى ھاۋانىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلمىگەن بەزى سۈننى يۇرتداشلار، ئۆزلىرىنى شۇنداق بەزلىشىپ ئۆز-ئۈزىگە مۇنداق تەمەننالار قۇيىشىدىكەن.
بەزىلەر، بىز دۇنيانىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادىنى ئۆز چاڭگىلىدا ساقلاۋاتقان ئاق ساراي ئوردىسى جايلاشقان ۋاشىڭگوتوندا ياشاۋاتىمىز . بۇ شەھەر دۇنيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنى-مىراسى ۋە تۈرلى ئالاھىدىكلىرىنى كونترول قىلىش كۇچىغا ئىگە، شۇڭلاشقا بىز بارچە يۇرتتىكىلەردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇئىمىز. مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۈنۋانلارغا ئېرىشكەن ئالىملارىمۇ مۇشۇ يۇرتتا، بىز ئەنە شۇلار بىلەن بىريەردە ياشايمىز شۇڭا بىز ھەممىدىن پەخىرلىك دەپ كۆرەڭلىشىدىكەن .
بەزىلىرى، بىز شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ۋە دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار تاماشىبىنلارنىڭ مەركىزى ھوللىۋود جايلاشقان ئەڭ باي شەھەر، تورىنتو تۇپراقلىرىدا ياشايمىز، شۇڭا بىز ھەممىدىن باي-پۇلدار ۋە ھەممىدىن خاتىرجەم دىيىشىدىكەن .
بەزىلىرى، بىز سابىق كىراللار مەركىزى بولغان لوندۇندا ياشايمىز، دۇيادىكى بارچە سىياسى شاخمەتلەر بۇ يەردە ئوينىلىدۇ، غەرىپ ۋە شەرىقنىڭ تۈرلى يول خەرىتىسى بۇ يەردە سىزىلىدۇ، شۇڭا بىز ھەممىدىن ئەقىللىق ۋە ھەممىدىن كۈچلۈك بولغان جۇغراپىيەلىك ئورۇندا ياشايمىز دەپ مەن-مەنلىك قىلىشىدىكەن .
بەزىلەر، بىز ياۋرۇپادىكى مەشھۇر ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان پارىزجدا ۋە دۇنياغا مەشھۇر ئېئىيفىل مۇنارىسى ئورۇنلاشقان گۈزەل شەھەردە ياشايمىز دەپ مەغرۇرلىنىشىدىكەن .
بەزىلەر، بىز دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر نوچىلاردىن بىرى گېتلىرنىڭ يۇرتى بەرلىندا ياشايمىز، شۇنداقلا كاپىتالىزىم بىلەن سوتسىئالىزىمنىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بەتوندىن ياسالغان تام-تۇساقنى ئەبەدى كەلمەسكە يىقىتقان گېرمانىيە تۇپرىقىدا ياشىغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز دىيىشىدىكەن.
بەزىلەر، بىز ۋەتىنىمىزنىڭ قەدىمى-قىممەتلىك يادىكارلىقلىرى (يۆتكەپ كېلىنىپ) يەر-ئاستى موزىيخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ( ياۋرۇپالىقلار ئارىسىدىكى ئاتاغلىق قۇرال سودىگىرى) شىۋىتلارنىڭ يۇرتى ستوككھولمدا ياشاۋاتىمىز دەپ ئۆز-ئۈزىدىن ئىپتىخارلىنىشىدىكەن.
بەزىلەر، بىز قەدىمى ئىمپىراتۇرلارنىڭ ماكانى بولغان رىم شەھرىدە ياشاۋاتىمىز، شۇڭ بىز ھەممىدىن مەرتىۋىلىك دەپ غۇرۇر ھىس قىلىشىدىكەن .
بەزىلەر، بىز تارىختىكى مەشھۇر پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولغان يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ياشىغان كارامەت دىياردا ۋە ئەڭ زالىم پادىشاھ پىرەۋىن پىرامىداسى جايلاشقان مەشھۇر شەھەردە ياشاۋاتىمىز ۋە بۇ ئورۇندا بىلىم ئېلىۋاتىمىز، شۇڭا بىز ھەممىدىن دانا ۋە مۇتەپەككۇر دەپ ئۆز-ئۈزىگە تەمەننا قۇيىشىدىكەن .
بەزىلەر ، بىز تارىقتىكى ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ ئۇزۇن سەلتەنەت سۈرگەن ئىسلام خىلاپىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئىستامبۇل شەھرىدە ياشاۋاتىمىز، شۇڭا بىز بارچە ۋەتەنداشلاردىن دىيانەتلىك، ۋەتەن-مىللەت سۆيگىمىز ھەممىدىن كۈچلۈك، دەپ ئۆز-ئۈزىدىن بۈيۈك غۇرۇر ھىس قىلىشىدىكەن.
بەزىلەر، بىز ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ قەدىمى ئاستانىسى بولغان پىشپەك (بىشكەك) شەھرىدە ياشاۋاتىمىز، ۋەتەڭە بولغان سۆيگۈ مۇباتتىمىز چەكسىز دەپ غەمكىن ئاھ... تارتىشىپ ياشايدىكەن .
بەزىلەر، بىز قەدىمى خانلىقلىرىمىزنىڭ بىز پارچىسى بولغان مېھرى ئىللىق شەھەر تاشكەنتتە ياشايمىز، بۇ يۇرتتتىكىلەر بىز بىلەن ئەزەلدىن بىر تەن - بىر قان، شۇڭا بىز بۈگۈن مىللى كىملىكىمىزنى ۋە ئۇيغۇر تىلىمىزنى يۇقاتقان بىلەن، ئەتىلا ئۆز ھالىتىمىزگە كىلەلەيمىز دەپ ھەسرەتلىك تىنىشىپ ياشايدىكەن .
بەزىلەر، بىز قەدىمى يىپەك يۇلىنىڭ تۈگىنى بولغا تارىخى شەھەرلىرىمىزدىن بىرى، بەركەتلىك ماكان ئالما-ئاتا شەھرىدە ياشاۋاتىمىز. بۇ زىمىندا ياشىغان ھەربىر ئۇيغۇر ئانا يۇرتىنى ھىچبىر زامان ئۇنتمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئانا يۇرتلىرىدىن سۈرگۈندە قىلىنغان يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەجداتلارنىڭ ۋە مەشھۇر باتۇر-پالۋان، ئەر-ئاياللارنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرى دەپنە قىلىنغان بولغاچقا ھەر ۋاقىت تەۋەرۈك بۇلۇپ، شۇلارنىڭ ئىز باسارلىرى بولمىش ياش ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ ئەبەدى قەدىرلەيدىغان ئىللىق دىيارىغا ئايلاندى. ئەنە شۇ ئورۇنلاردىن ئالما ئاراسان، چىم بۇلاق، ئېيىق چۇقىسى (مېدىۋى) قاتارلىق مەشھۇر مەنزىرەلىك ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە تاغ ئۈستىدىن ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدىغان سۈزۈك سۇلىرى بىلەن، بارچە ۋەتەنداشلارغا خۇددى ئىلى دەرياسى، سايرام كۆللىرى، كۈنەس تاغلىرى، نىلقا يايلاقلىرى، ئالتاي-چۆچەك يايلاقلىرى، بۇغدا تاغلىرى، تارىم دەرياسى، توشقان دەرياسى، يەكەن دەرياسى، زەرەپشەن دەرياسى قاتارلىق تەڭداشسىز گۈزەل ماكانىمىز "ئانا-يۇرت شەرقى تۈركىستان"نى ئەسلىتىپ تۇرغانلىقتىن، ئۇلار چوڭ ئىپتىخارلانغان ۋە سۈيۈڭەن ھالدا ، بىز ھىچبىر زامان يۇرتىمىزنى ئەستىن چىقارمايمىز، يۇرتىمىز ئۈچۈن بارلىقىمىز تەسەددۇق دىيىشىپ ئۆزلىرىدىن چۇڭقۇر غرۇر تۇيىشىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيانىڭ بىرقانچە شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ شۇ زىمىننىڭ تۈرلى ئالاھىدىكلىرىنى تىلغا ئېلىشىپ، ھەرخىل تۇيغۇلار ئىچىدە ئۆز-ئۈزىدىن پەخىرلىنىشىدىكەن.
بىز ئانا يۇرتتا ياشاۋاتقانلار، شۇ يىراق يۇرتلاردا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەر-بىرىگە ئۆز يۇلىدا ھۆرمەت ۋە ئىززەت بۈلدۈرۈش بىلەن بىرگە شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز !!!
بىز ئانا-يۇرتتا ياشاۋاتقانلار، دەۋرىمىزدىكى رەھىمسىز تەبىئەتنىڭ قارا-بورانلىرىنىڭ بىزلەرگە قىلغان زوراۋانلىقلىرى تەسىرىدە، سىلەردەك پاكىز ۋە ساپ ھاۋادىن بەھرىمەن بۇلالمىغانلىقىمىز ئېنىق. بىراق _ سىلەر بىزدەك ئەڭ شىپالىق ۋە ئەڭ قىممەتلىك، ئىنسان پۇرىغانسىرى ئۇنىڭدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىد-پۇراقلىرى كىلىپ تۇرىدىغان ئىللىق ئانا-يۇرت ھاۋانى دائىم سېغىنىش بىلەن غەمكىن ئۆتىۋاتىسىلەر. يەنە بەزىڭلار بۇ تەڭداشسىز مەنىۋى ھاۋانىڭ روھى ئۇزۇقىنى ھىچ قاچان پۇرىيالماي ئۈتەۋاتىسىلەر ۋە ئىزدەپمۇ تاپالمايۋاتىسىلەر .
بىز ئانا-يۇرتتىكىلەرنىڭ ياشاۋاتقان دىيارلىرىمىز شۇنداق ماكانكى_ ئۇنىڭدا ئۇلۇغ تىلشۇناس ئەجدادىمىز مەھمۇد قەشقىرى، مەشھۇر پەيلاسۇپ، مەتەپەككۇر، قانۇنسۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەشھۇر دىنى يولباشچىمىز ۋە بۈيۈك دەۋلەت ئەربابىمىز، سۇلتان-سۇتۇق بۇغراخانلار، يەنە شۇلاردەك يۈزلىگەن-مىڭلىغان ئالىم-ئۆلىما، دانا-مۇتەپەككۇر، ئەل ئوغۇللىرى ياشاپ ئۆتكەن زىمىن .
بىز شۇنداق بىر دىياردا ياشاۋاتىمىزكى_ ئۇ، قەدىمى يىپەك يۇلىنىڭ مەركىزى ۋە ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپانىڭ قەدىمى مەدەنىيەت بۈشىگى بولغان ئىللىق ماكان قەشقەر- خوتەن، يەكەن- يېڭىسار، ئاتۇش- ئاقسۇ، كۇچار-كورلا، توخسۇن-تۇرپان، قۇمۇل-قارىماي، ئۈرۈمچى-ئۇچتۇرپان، ئىلى-ئالتاي، قاتارلىق باغرى ئىللىق ئانا-يۇرتلىرىمىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىللىق باغرىدا تۇرۇپ ئۇچرىغان ھەرقانداق بوران-چاپقۇن، زۇلۇم-كۈلپەتلەر بىز ئۈچۈن خۇددى بىرەر قەتىملىق يەر تەۋرەش ھادىسىسىدەكلا تۇيۇلىدۇ .
بىز شۇنداق بىر مۇقەددەس زىمىندا ياشاۋاتىمىزكى_ ئۇنىڭ باغرىدا ئۇسسۇزلۇق ئازاۋىغا يۇلۇققىنىمىزدا، تەڭرى تاغلىرىدىن شاقىراپ چۈشكەن تەسەللى سۇلىرىنى دۈم يېتىپ تۇرۇپ راسا قانغىچە ئىچىۋالىمىزدە، يېڭىدن روھلىنىپ، ئىگىز چوقىلارغا ئۈمۈد بىلەن قارايمىز. ئۈستىمىزنى قاپلىغان قارا بورانلارنىڭ كىرلىرىنى، ھەر سەھەردە يۈزىمىزنى سىپاپ ئۆتكەن ئانا-يۇرتىمىزنىڭ ئىللىق تاڭ شاماللىرى سۈپۈرۈپ تازىلاپ، بىزگە مەنىۋى ئۇزۇق بېغىشلاپ تۇرغاچقا، ئىختىيارسىز تۈكۈلگەن كۆز ياشلىرىمىز خۇددى زەم-زەم سۇيىگە ئايلىنىپ ئانا-يۇرتىمىزنىڭ پاك تۇپراقلىرىغا تۈكىلىدۇ.
بىز شۇنداق بىر مۇقەددەس زىمىندا ياشاۋاتىمىزكى_ ئۇنىڭ باغرىدا ئاچلىق ئازاۋىغا يۇلۇققىنىمىزدا، ئۇنىڭ بىغۇبار-پاك تۇپراقلىرى بىزگە خۇددى تونۇردا پىشقان شىرمەن ناننىڭ يەرگە تۈكۈلگەن ئۇۋاقلىرىغا ئايلىنىپ، بىزگە ماددى ئۇزۇق بېغىشلايدۇ .
ئەنە شۇنداق شارائىتلارغا بەرداشلىق بىرىپ ياشاپ كەلگەن بولساقمۇ، يەنىلا شەپقەتسىز ئىكىلوگىيەنىڭ بۇزۇق ھاۋالىرى، يۇرتىمىزدىكى يۇزلىگەن-مىڭلىغان ياش غۇنچىلىرىمىزنى ئۇرۇپ-سۇندۇرۇپ، رەھىمسىزلارچە تۇنجۇقتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قارا ئۆڭكۈرلىرىگە سۆرەپ ئەكىرىپ نابۇت قىلىۋاتقان بولسا، بەزىلىرىنى مۇددەتلىك، بەزىلىرىنى مۇددەتسىز ساقايماس كېسەلگە مۇپتالا قىلىشماقتا .
بۇلارنى شۇ قارا ئۆڭكۈردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ داۋالاش ئۈچۈن، ئۇلارغا كىتىدىغان ماددى ئۇزۇقلىرىمىز يەنىلا كەمچىل بولماقتا .
بەشمىڭ سومغا ساقىيىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە-ئون مىڭلارچە، ئونمىڭ سومغا ساقىيىدىغانلارنىڭ سانى مىڭلارچە، ئوتتۇز مىڭغا ساقىيىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە يۈزلەرچە، ئەللىك مىڭغا ساقىيىدىغانلارنىڭ سانى يۈزلەرچە، يۈزمىڭغا ساقىيىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە ئونلارچە، ئىككى يۈزمىڭغا ساقىيىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ئونلارچە بولماقتا.
بىراق بۇنچىۋلا ماددى ئىمكانى بولمىغان يۈزلىگەن ئاتا-ئانىلار، شۇ ياش غۇنچىلىرىنى يىللاپ كۆرەلمەي، يۈرەك ئازاۋىدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشماقتا .
ئاڭلىساق يىراق-ياقا يۇرتلاردا ياشاۋاتقان يۇرتداشلار ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ھەر يۇرتقا بىردىن ئۇيغۇر ئۆيلىرى بىنا قىلىشماقچى ئىكەن ۋە شۇ ئۆيدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتارمىش .
ئۇلارغا بىزنىڭ بىرىدىغان سەمىمى مەسلىھەتىمىز شۇكى_ سىلەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئۆلكىرىلىدە ئىلگىر-كېيىن بۇلۇپ ئىككى مىليۇندىن ئارتۇق يۇرتداشلار ياشايدىكەنسىلەر. شۇ ئىككى مىليۇن ئۇيغۇردىن بىرمىليۇننى ھىساپتىن چىقىرۋىتىپ، قالغان بىر مىليۇن ئۇيغردىن بەشيۈز مىڭنى ئائىلە قىيىنچىلىقى ۋە ئۆز تۇرمۇش بىلەن ئاۋارە ئۇيغۇرلار دەپ ھىساپلاپ، قالغان بەشيۈزمىڭدىن يەنە ئۈچيۈزمىڭنى ئۇقۇغۇچىلار ۋە كىچىك بالىلار قاتارىغا چىقىرۋىتىپ ، قالغان ئىككى يۈزمىڭ ئۇيغۇردىن ئايدا ئەللىك سەنت ئۇس دوللىرىنى مەخسۇس ئانا-يۇرتتىكى مەزلۇم، بىچارە ۋەتەنداشلىرىڭلارغا ياردەمگە كىرگۈزسەڭلار، بىز ئۇ پۇللارنى مەزكۇر قارا ئۆڭكۈرلەردىكى بىمارلارنىن گ ساقىيىشىغا، يىتىم قالغان سەبىلەرنىڭ ئۇقۇشىغا، تۇل قالغان بىچارەلەرنىڭ تۇرمۇشىغا، ئىگىسىز-يىتىم قالغان قىز-يىگىتلەرنىڭ تويلىرىغا، يۇرتلىرىدىن ئايرىلغان مۇساپىر-سەرسانلارنىڭ ماكانلىشىشىغا، پىيادىلەرنىڭ ئۇلاغلىق بۇلىشىغا، دىھقانلارنىڭ تۈرلى قىيىنچىلىقلىرىغا، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا، تۆمۈرچىلەرنىڭ پالتا-پىچاق، ئوغاق-كەتمەن، ئارا-نەيزە ياساشلىرىغا ياردەم قىلساق ، بۇ شەكىلدىكى ياردەمنىڭ ئەمىلى نەتىجىسىدە ئۆزلىرىنىڭ چۇڭقۇر مىننەتدارلىقلىرىنى بۈدۈرۈشنى خالايدىغان ئاق كۆڭۈل يۇرتداشلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى بىلەن ، ھەر تەرەپكە توي چاقىرىقلىرى تارقىتىلسا، شۇ تويدا ياڭرىغان نەغمە سادالىرىغا تەڭكەش قىلىپ، سىلەردەك ياقا يۇرتلاردا مىللى مۇقامنى سېغىنغانلارمۇ بىرلىكتە ئۇسۇل ئويناپ، سادا ياڭراتسا، بۇنىڭ ئۈنىمى سىلەر ئاڭلاتماقچى بولغان ھېلىقى مەزكۇر ئۆيدىن تارقىلىدىغان ئۇيغۇر ساداسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ھەم ئۈنۈملۈكرەك بۇكىشى مۇمكىن.
بۇنىڭ ئەمىلى نەتىجىسىنى، سىلەر بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۆز كۆزۈڭلار بىلە كۆردۈڭلار .
شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى_ دۇتتار-تەمبۇرلارنىڭ ئاۋازىمۇ پەقەت ئۇنىڭ ئۇزۇن تۇتقىسىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئەسلى ئورنى بولغان چوڭ مىڭىسىدىن چىقىدۇ . سىلەرنىڭ چوڭ مىڭەڭلارمۇ، سىلەر يىراق-يىراقلارغا تارقىلىپ ياشاۋاتقان يات ئەللەردە بولماستىن، بەلكى سىلەرنىڭ ئەسلى ئانا-يۇرتۇڭلار بولغان ئانا-ۋەتىنىڭلاردۇر.
ئانا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن چىققان ھەر-بىر قېتىملىق دولقۇن-ساداسى، سىلەرنىڭ نەچچە يىللاپ توختىماي ۋاقىرغان ئاۋازىڭلارنىڭكىدىن بەكرەك جانلىق ۋە تەسىرلىك بۇلىشى مۇمكىن .
ئەگەر ئۇيغۇر ئاۋازىنى چىن-يۈرىگىدىن دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئويلايدىغان ھەر-بىر ۋەتەندىشىمىزغا دەيدىغىنىمىز شۇكى_ سىلەرنىڭ ئاۋاز تۇمۇرىڭلار ۋەتەن، سىلەرنىڭ ئاۋاز دولقۇنىڭلار ۋەتەن، سىلەرنىڭ ئاۋاز ئۈسكىنەڭلارنىڭ ئەسلى ماكانى ۋە چوڭ مىڭىسى، دەل ۋەتەن ئىچىدىكى مەزلۇم-بىچارە ۋەتەنداشلىرىڭلاردىن ئىبارەت !!!.
ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەتەنداشلىرىڭلار توي قىلسا ، سىلەر شۇ تويغا ئۆز لايىقىدا داپ چالالىساڭلار ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن كۇپايە !!!.
ئاخىردا، ئانا يۇرتىنى ئۇنۇتمىغان ۋە ئەبەدى ئۇنۇتمايدىغان ئەزىز يۇرتداشلارغا ئانا-يۇرتتىن يالقۇنلۇق سالام !!!.
ھۆرمەت بىلەن ( ئانا-يۇرت )
ھۆرمەت بىلەن ( ئانا-يۇرت )
2011-05-19