ئىنسانلار بىلەن شەيتانلار

ئىنسانلار بىلەن شەيتانلار

ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن - ئانىمىز ھاۋۋانىڭ يارىتىلىشىدىن (ئۇلارنىڭ جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرىلىشى ۋە شەيتاننىڭ جەننەتتىەن قوغلاندى قىلىنىشىدىن) كېيىن باشلانغان بۇ ئىنسانلىق ئالىمىدە، مەڭگۈ تۈگىمەس زىددەيتكە تولغان بىر داۋا (ئىنسانلار بىلەن شەيتانلار ئارىسىدا) مەۋجۇت بۇلۇپ، بۇ زىددىيەت داۋاسى كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالغان ئىدى.
بىراق زاماننىڭ ئۈتىشى بىلەن بۇ ئىنسانلار ئالىمىدە ، ئادەملەر بىلەن شەيتانلار ئوتتۇرسىدىكى ئۆزارا دۈشمەنلىشىش ۋە بىرى-بىرىدىن ئۆچئېلىش داۋالىرى ناھايىتى تۈۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ، ھەتتا ئادەملەر بىلەن شەيتانلار ئوتتۇرسىدا ئاشكارە دوستلۇق ھالەت ئورۇن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىنسانلار بىلەن - ئىنسانلار ئۆزارا دۈشمەنلىشىدىغان ۋە ئەبەدى زىددىيەتلىشىدىغان بىر قانلىق داۋا كەڭ-كۆلەمدە داۋاملىشىپ كىلىۋاتماقتا . بۇ ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا پەيدا بولغان داۋاگەرلىكنىڭ مەنبەسى، بىرسى زالىم-بىرسى مەزلۇم . بىرسى تاجاۋۇزچى-يەنە بىرسى تاجاۋۇز قىلىنغۇچى . بىرسى ھەق تەرەپ-يەنە بىرسى ناھەق تەرەپتىن ئىبارەت . بۇنداق ئىككىخىل قۇتۇپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك ئىككىخىل گوروھ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرىدە مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ زىددىيەتسىز ، تىنىچ ھالەتكە كېلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس .

بۇنداق (ھەق-ناھەق) داۋاگەرلىرىگە تولغان بۇ ئىنسانلار ئالىمدە، بۇ داۋانىڭ تىنىچلىق يوللار بىلەن ھەلبۇلۇشقا ئۇنىمايدىغان ئۈچۈنچىخىل ھەسەتخور (ئىنساني شەيتان) گوروھمۇ يەنىلا مەۋجۇت. يەنە بىر جەھەتتىن _ بۇ ئىنسانلار ئالىمىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىرخىل مەرەزلىكتىن ئىبارەت، زەھەرخەندىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەسەتھورلۇق تېخىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا بۇخىل كېسەلنى داۋالاشمۇ ئىنساننىڭ قۇلىدىن كەلمىگەچكە، بۇ ئىنسانلار ئالىمىدە شۇ زىددىيەتلىك ئىنسانلاردىن تەركىپتاپقان جەمىيەتلا بۇلىدىكەن، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتمۇ مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ.ئەينى ۋاقىتتىكى مۇقەددەس-ساماۋى كىتاپلاردا ئىسمى ئېنىق زىكرى قىلىنغان ۋە ئاشكارە دەلىللەر كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كىلىشى بىلەن ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئەگەشكىلى ئۇنىمىغان سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام"نىڭ قىسقىچە تارىخى-تەرجىمھالىدىكى ۋاقىئەلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى .ئەنە شۇ پەيغەمبىرىمىزگىمۇ ئىنسانلار ئىچىدىن چىققان "ئۆلمەس قۇرۇت" ھەسەتخور يەھۇدى-ناسارالار باشلىق، نۇرغۇن مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ھەسەتخورلىقىدىنلا ئەگەشمىدى ۋە ئىنسانلار ئارىسىدا دائىم زەھەرخەندىلىك قىلىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىغىنى بۇزۇشقا تىرشتى . ھەتتا رەسۇللۇلاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ بۇ زىددىيەتلەرنى تارقىتىش نەتىجىسىدە، كەڭ مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا ئۇرۇشقا سېلىش ئارقىلىق، ئىسلام نامىدىكى نۇرغۇن پىرقىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە سەۋەپچى بۇلۇشتى.ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەۋەر بىرىپ _ "(ئۆتكەن ئۈممەتلەر 72 پىرقىگە بۆلۈنگەن ئىدى، كەلگۈسىدە مىنىڭ ئۈممىتىم 73 پىرقىگە بۆلىنىدۇ)" دىگىنىدەك، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى 73 تىن ئاشقان مۇسۇلمان پىرقىلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبىيىمۇ شۇ ھەسەتخور ئىنساني شەيتانلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن شەكىللەنگەن بولسا كېرەك !.

ئەنە شۇ دۇنيا ئىنسانلىرى جۈملىسىندىن بولغان بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىمۇ بۇنداق پىرقىلەر تامامەن تېپىلىدۇ . سەۋەبى _ بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىش، ھەسەتخورلۇق ۋە زەھەرخەندەلىكلەردىن ئىبارەت، ساقايماس مەرەز كىسەلنىڭ دائىما مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان پاجىئەلەردىن بىلمەكتىمىز .ئۆز مىللىتىنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ھەقلىق داۋا يۇلىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ۋە دائىم زەھەرخەندىلىك قىلىدىغان ئىنسانلار، بۇ كىسەلگە قانداق گىرپتار بولغانلىقىنى بىلىشىمىز تۇلىمۇ قىيىن بىر ۋەزىيەتتە قالماقتىمىز . بىر زامانلار پالانى ناھايىتى مەشھۇر ئىنقىلاپچى - ۋەتەنپەرۋەر دەپ تۇنۇشتۇرغان بىرىنى، بۈگۈن كېلىپ ئۇ مىللەتنىڭ خائىنى - خىتتاينىڭ ئادىمى دىگەندەك تەشۋىقاتنى تارقىتىدۇ . بۇنداق ئۆزگىرىشچان پىكىر-تەشۋىقاتلاردىن بۇ ئىنسانلارنىڭ قايسى گىپىدە ئىشىنىشنىمۇ بىلمەي قالىسىز . چۈنكى ئەتىراپقا قارىساق _ ھەممىلا ئادەم داۋاگەر، ھەممىلا ئادەم ۋەتەنپەرۋەر، ھەممىلا ئادەم ئىنقىلاپچى بۇلۇپ كۆرىنىدۇ . ئەمما بىز كۆرەلمەيدىغان ئاجايىپ بىر سىر باركى، ئۇ بولسىمۇ ئىنساننىڭ قەلبىدىكى يۇشۇرۇن سىرلار ...!

ئەنە شۇ يۇشۇرۇن سىرلارنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىنى يېقىنراق كىلىپ كۈزەتسىڭىز ، ئۇلارنىڭ قۇلىدىكى كۆتۈرۋالغان قۇرال-دەسمايىسى، تامامەن بىر-بىرىگە قارىتىلغان "ھەسەتخورلۇق" خىرىس بومبىلاردىن ئىبارەت . ئازبىر بۆلۈك ئىنقىلاپچىلىرىمىزدىن باشقا، سەھنىلەردە ئاۋازى زالنى تىترەتكەنلەرنىڭ بىرسىنىڭ قۇلىدا بولسىمۇ ئەسلى دۈشمىنىمىزگە قارىتىلغان بىرتال تۈمۈر ھاسىنى، ياكى بىرتال نەيزىنى، ياكى بولمىسا بۇغا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، خەلىققە قارىتىپ پۈلىسە "ئالغا...." دەپ جاراڭلىق-مۇڭلۇق سادا ياڭرىتىدىغان بىرتال نەينى كۆرمەيسىز.قۇرۇق ئۆستەڭنىڭ مىراپلىرىنى سانايدىغجان بولسىڭىز، ئونلاپ-يۈزلەپ سانىيالايسىزكى، ئاتىسا ئېتى بار، تۇتسا سېپى بار بىرەرسىنى كۆرەلمەيسىز !.

مىللىتىمىزنىڭ كېلەچەك ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك ، ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كېلەچەك دەۋرى ئىنتايىن قاراڭغۇلۇق بىر كۆرۈنۈش ئارىسىدا تۇرىۋاتقان بۇگۈنكى دەۋرىدە ، يانىلا شۇ ھەسەتخور "ئۆلمەس قۇرۇت" بۇلاپ ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا شۇنداق خىتاپ قىلىمىز !.
ھەي ... ئۇيغۇر نامىنى بۇلغاپ ياشاۋاتقان ئادىم سۈرەتلىك ئادىمي شەيتان مەخلۇقلار ............ ئىنسان بولساڭ ئىنساپ قىل !!!.
 يىللاردىن بېرى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ، مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلىكى ، سەبىلىرىمىزنىڭ ھاياتلىقى ، مەھبۇسلىرىمىزنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن خالىس كۈرەش قىلىۋاتقان ئىمانلىق-ئىخلاسمەن ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچىلىرىمىزغا ھەرتۈرلى تۆھمەت-ھاقارەت قىلىشما !!!.
 مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئىمانى-ۋىجدانى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش يۇلىدا، ئائىلە باللىرىنى تاشلاپ تاغ-داۋانلار ئاتلاپ، قۇراللىق كۈرەش قىلغان ۋە قىلىۋاتقان جەڭگىۋار مۇجاھىدلىرىمىزگە زەھەرلىك تىلىڭنى ئۇزاتما !!!.
بىر ۋاقىتلار سەنمۇ شۇلارنىڭ يۇلىنى توغرا دىگەنسەن، شۇلارنىڭ پورمىسىدىمۇ يۈرگەنسەن، شۇلارنىڭ كالىچىنىمۇ كۆتۈرگەنسەن، ھەتتا شۇلارنىڭ لېگەندە قالدۇرغان تاماقلىرىنى تەۋەرۈك بىلىپ يىگەنلىكىڭنى ئۇنۇتما  !!!.
كۆپ دومىلىغان تاۋۇز، ئىچىدىن تىز چىرىيدۇ. بەلىكىم سەنمۇ شۇ دومىلاق تاۋۇز كەبى ئىچىڭدىن چىرىپ تۈگەۋاتقانسەن. بەلكىم بۇخىل چىرىش ئىچىڭنى تامامەن سېسىتىپ، تېشىڭغىمۇ تىشىپ چىقىدىغان ھالاكەت ۋاقتىڭ ئاز قالغاندۇ . ئەنە شۇ چاغدا سىنىڭ قارا-مۇرداڭنى قۇلى بىلەن تۇتۇپ "يۇيۇپ تاراپ" گورۇڭدا قۇيىدىغان بىرمۇ ئىنسان قالمايدۇ. بۇنى ھېچۋاقىت ئېسىڭدىن چىقارما !!!.

بۇندىن كېيىنكى قەدەم مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ غەم-قايغۇسىدا كۈرەشكە ئاتلانغان، دىلى پاك پىدائىلارنىڭ پىيىنى غاجاپ-قۇرۇتۇشقا ئۇرىنىدىغان ھەسەتخور، ئۆلمەس قۇرۇتلارنى ئەسلى پەيدا بولغان ئەخلەتخانىسىغا دەپنە قىلىدىغان، مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ غەم-قايغۇسىدا داۋاملىق دادىل قەدەم تاشلاپ، ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيدىغان "تازىلاش گۇرۇپپىسى" تەييارلىنىۋاتىدۇ. بۇ گۇرۇپنىڭ ساداقەتمەن ئوغلانلىرى، ئۈزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەن - مىللىتىنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن تەغدىم قىلىشقا ھازىرلانغان جەسۇر ئۇيغۇر يىگىتلىرىدۇر. 
 بۇندىن كېيىنكى مۇجادىلىمىز _ ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" نىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يۇلىدىكى، ھەرساھەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت ۋە داۋايىمىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىشى ئۈچۈن، ئەبەدى "ئۆلمەس داۋا" سورىنى ھازىرلاش. بۇ سورۇن ئ‍شتىراكچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەركەت قىلىشى ئارقىلىق بىچارە مىللىتىمىزنىڭ كۈنسېرى توختىماي ئېقىۋاتقان قىزىل قانلىرىنىڭ قىساسىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ، مىللىتىمىز ئارىسىدىكى ئىناسان سۈرەتلىك ھەسەتخور شەيتان "ئۆلمەس قۇرتلار"  دىن ئىبارەت، خائىن - مۇناپىقلارنى تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلاشتۇر .

ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئىمانلىق-ۋىجدانلىق يىگىتلەر بىلەن بىرگە باسىدىغان يېڭى قەدىمىمىز، ئۆلمەس داۋا يۇلىدا پەيدا بولغان ھەسەتخور "ئۆلمەس قۇرۇت" لار بىلەن ئېلىشىش !!!.
بۇ داۋايىمىزنى قوللايدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان ئوت-يۈرەك ئوغلانلىرىمىزغا ھەرۋاقىت باغرىمىز كەڭرى، ئىشىگىمىز ئۇچۇق !!!. 
                          ئا...                

 2010-10-03

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى