مۇھەررەمنىىڭ 10ـ كۈنى

مۇھەررەم ئېيىنىىڭ 10ـ كۈنى
ئىسلام - ھجرىيە كالېندارى بۇيىچە مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئۇنىنچى كۇنى، بىرىنچى ئاينىڭ ئۇنىنچى كۈنى بۇلۇپ، بۇ مۇبارەك كۈندە  نەپلە رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلەتلىرى سەھىھ ھەدىسلەردە تۈۋەندىكىچە بايان قىلىنغان .
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: ((أَفْضَلُ الصِّيَامِ بَعْدَ رَمَضَانَ شَهْرُ اللَّهِ الْمُحَرَّمُ، وَأَفْضَلُ الصَّلاةِ بَعْدَ الْفَرِيضَةِ صَلاةُ اللَّيْلِ)) رواه مسلم . 
ئەبۇ ھۈرەيرە  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەۋايەت قىلىنىدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇداق دىگەن . ( رامىزاندىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل رۇزا،  ئاللاھنىڭ مۇھەررەم ئېيىدىكى رۇزىدۇر . پەرىز نامازدىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل ناماز كېچىدە ئۇقۇلغان  نامازدۇر ).

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ: «مَا رَأَيْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَتَحَرَّى صِيَامَ يَوْمٍ فَضَّلَهُ عَلَى غَيْرِهِ إِلاّ هَذَا الْيَوْمَ: يَوْمَ عَاشُورَاءَ» وَهَذَا الشَّهْرَ يَعْنِي شَهْرَ رَمَضَانَ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەۋايەت قىلىنىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ س ئا ۋ ئاشۇرا كۈنىدەك بىرەر كۈننىڭ رۇزىسىنى ئەۋزەل بىلپ ،  رۇزا تۇتۇشقا تىرشقانلىقىنى كۆرمىدىم )  رامزان ئېيىدا ھەم شۇنداق تىرىشاتتى .


وقال النبي صلى الله عليه وسلم: «صيام يوم عاشوراء، إني أحتسب على الله أن يكفر السنة التي قبله» صحيح الجامع 3853

ۋەيەنە  پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ : ( مەن ئاللاھتىن ئاشۇرا كۈنىنىڭ رۇزىسىنى ، ئۆتكەن يىلغا كاپارەت قىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ) . ( كاپارەت رۇزا _  بىلىپ-بىلمەي قىلغان كىچىك خاتالىقلارنىڭ كەچۈرۈلىشى ئۈچۇن ) .

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ: ((قَدِمَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الْمَدِينَةَ فَرَأَى الْيَهُودَ تَصُومُ يَوْمَ عَاشُورَاءَ فَقَالَ: مَا هَذَا؟ قَالُوا: هَذَا يَوْمٌ صَالِحٌ. هَذَا يَوْمٌ نَجَّى اللَّهُ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ عَدُوِّهِمْ. فَصَامَهُ مُوسَى. قَالَ: فَأَنَا أَحَقُّ بِمُوسَى مِنْكُمْ. فَصَامَهُ وَأَمَرَ بِصِيَامِهِ)) رواه البخاري

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار  رەۋايەت قىلىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە ، يەھۇدىلارنىڭ ئاشۇرا كۇنىدە رۇزا تۇتىۋاتقانلىقلىرىنى كۆردى ۋە بۇ قانداق كۈن ؟ دەپ سورىدى . ئۇلار - بۇ ياخشى كۈن، بۇ كۈندە ئاللاھ بەنى ئىسرائىلنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە مۇسا ئا س رۇزا تۇتقان دىيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم   مەن مۇساغا  سىزلەردىن بەكراق ھەقلىقراقمەن ) دىدى، ۋە بۇ كۈنى رۇزا تۇتتى ھەمدە شۇ كۈنى رۇزا تۇتۇشقا بۇيرىدى ).  ئىمام بۇخارى  .

((هذا يوم عظيم أنجى الله فيه موسى وقومه وغرّق فرعون وقومه)).   و في رواية مسلم:

ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىر راۋايىتىدە : ( بۇ ئۇلۇغ كۈن ، ئاللاھ ئۇ كۈندە مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە نىجاتلىق بەرگەن، پىرەئەۋىننى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى غەرىق قىلغان ) . مۇسا  ئا س ئاللاھ قا شۈكرى قىلىپ رۇزا تۇتقان ....  دىيىلگەن. 

روى عَبْدَ اللَّهِ بْنَ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قال: ((حِينَ صَامَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَوْمَ عَاشُورَاءَ وَأَمَرَ بِصِيَامِهِ قَالُوا يَا رَسُولَ اللَّهِ إِنَّهُ يَوْمٌ تُعَظِّمُهُ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَى فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَإِذَا كَانَ الْعَامُ الْمُقْبِلُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ صُمْنَا الْيَوْمَ التَّاسِعَ. قَالَ: فَلَمْ يَأْتِ الْعَامُ الْمُقْبِلُ حَتَّى تُوُفِّيَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ)) رواه مسلم.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رىۋايەت قىلىنىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنى رۇزا تۇتۇپ، باشقىلارنىمۇ رۇزا تۇتۇشقا بۇيرىغاندا ساھابىلەر سورىدى:  بۇ يەھۇدى  ۋە ناسارالار ئۇلۇغلىغان كۈنغۇ ؟ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنشائاللاھ كېيىنكى يىلدا 9- كۈنىمۇ رۇزا تۇتىمىز ) دىدى .
 { كېيىنكى يىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋافات بولدى } ئىمام مۇسلىمراۋايىتى .

ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسلام  ئالىملىرى مۇھەررەمنىڭ 9- 10- كۇنلىرى رۇزا تۇتۇش ياخشى دىگەن .

ئا . مۆلجەرلى

2009-12-26

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى