ئىسلام-ھىجرىيە يىلى

ئىسلام _ ھىجرىيە يىلىنىڭ باشلىنىشى
ھىجرىيە كالىندارى بۇيىچە بىرىنچى ئاينىڭ ئونى {مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى} بۇ كۈندە نەپلە رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلەتلىرى تۈۋەندىكىچە كۆرسىتىلگەن . 

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: ((أَفْضَلُ الصِّيَامِ بَعْدَ رَمَضَانَ شَهْرُ اللَّهِ الْمُحَرَّمُ، وَأَفْضَلُ الصَّلاةِ بَعْدَ الْفَرِيضَةِ صَلاةُ اللَّيْلِ)) رواه مسلم

ئەبۇ ھۈرەيرە  رەزىيەللا ئەنھۇدىن راۋايەت كىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن . ( رامىزاندىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل رۇزا،  ئاللاھنىڭ مۇھەررەم ئەيىدىكى رۇزىدۇر . پەرىز نامازدىن كېيىنكى ئەڭ ئەۋزەل ناماز كېچىدە ئۇقۇلغان نامازدۇر ).

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ: «مَا رَأَيْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَتَحَرَّى صِيَامَ يَوْمٍ فَضَّلَهُ عَلَى غَيْرِهِ إِلاّ هَذَا الْيَوْمَ: يَوْمَ عَاشُورَاءَ» وَهَذَا الشَّهْرَ يَعْنِي شَهْرَ رَمَضَانَ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن راۋايەت قىلىنىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدەك {مۈھەررەمنىڭ ئونىنجى كۈنىدەك} بىرەر كۈننىڭ رۇزىسىنى ئەۋزەل بىلپ ،  رۇزا تۇتۇشقا تىرشقانلىقىنى كۆرمىدىم )، رامزان ئېيىدا ھەم شۇنداق تىرىشاتتى .

وقال النبي صلى الله عليه وسلم: «صيام يوم عاشوراء، إني أحتسب على الله أن يكفر السنة التي قبله» صحيح الجامع 3853

ۋەيەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ : ( مەن ئاللاھتىن ئاشۇرا كۈنىنىڭ رۇزىسىنى، ئۆتكەن يىلغا كاپارەت قىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ) . ( كاپارەت رۇزا _  بىلىپ-بىلمەي قىلغان خاتالىقلارنىڭ كەچۈرۈلىشى ئۈچۇندۇر) .

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَ: ((قَدِمَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الْمَدِينَةَ فَرَأَى الْيَهُودَ تَصُومُ يَوْمَ عَاشُورَاءَ فَقَالَ: مَا هَذَا؟ قَالُوا: هَذَا يَوْمٌ صَالِحٌ. هَذَا يَوْمٌ نَجَّى اللَّهُ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ عَدُوِّهِمْ. فَصَامَهُ مُوسَى. قَالَ: فَأَنَا أَحَقُّ بِمُوسَى مِنْكُمْ. فَصَامَهُ وَأَمَرَ بِصِيَامِهِ)) رواه البخاري

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رەۋايەت قىلىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە ، يەھۇدىلارنىڭ ئاشۇرا كۇنىدە رۇزا تۇتىۋاتقانلىقلىرىنى كۆردى ۋە بۇ قانداق كۈن ؟ دەپ سورىدى . ئۇلار - بۇ ياخشى كۈن، بۇ كۈندە ئاللاھ بەنى ئىسرائىلنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالام رۇزا تۇتقان كۈن دىيىشتى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم - مەن مۇساغا سىزلەردىن بەكىراق ھەقلىقمەن ) دىدى، ۋە بۇ كۈنى رۇزا تۇتتى . ھەمدە بىزلەرنىمۇ رۇزا تۇتۇشقا بۇيرىدى ).  ئىمام بۇخارى  .

((هذا يوم عظيم أنجى الله فيه موسى وقومه وغرّق فرعون وقومه)).   و في رواية مسلم:

ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىر راۋايىتىدە : ( بۇ ئۇلۇغ كۈن ، ئاللاھ ئۇ كۈندە مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە نىجاتلىق بەردى. پىرەئەۋىننى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى غەرىق قىلدى ) . مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ قا شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن رۇزا تۇتقان ....  دىيىلگەن. 

روى عَبْدَ اللَّهِ بْنَ عَبَّاسٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قال: ((حِينَ صَامَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَوْمَ عَاشُورَاءَ وَأَمَرَ بِصِيَامِهِ قَالُوا يَا رَسُولَ اللَّهِ إِنَّهُ يَوْمٌ تُعَظِّمُهُ الْيَهُودُ وَالنَّصَارَى فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَإِذَا كَانَ الْعَامُ الْمُقْبِلُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ صُمْنَا الْيَوْمَ التَّاسِعَ. قَالَ: فَلَمْ يَأْتِ الْعَامُ الْمُقْبِلُ حَتَّى تُوُفِّيَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ)) رواه مسلم.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رەۋايەت قىلىنىدۇ : ( رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنى رۇزا تۇتۇپ ، باشقىلارنىمۇ رۇزا تۇتۇشقا بۇيرىغاندا ساھابىلەر سورىدى:  يا رەسۇللۇلاھ  بۇ يەھۇدى  ۋە ناسارالار ئۇلۇغلىغان كۈنىغۇ ؟ . رەسۇلۇللاھ جاۋاپ بېرىپ، ئىنشا ئاللاھ كېيىنكى يىلدا 9- كۈنىمۇ رۇزا تۇتىمىز ) دىدى. "كېيىنكى يىلى شۇ كۈن يىتىپ كەلمەستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋافات بولدى "  ئىمام مۇسلىم رەۋايىتى . 
يۇقارقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن سەلەپ ئالىملىرى -  مۇھەررەم ئېيىنىڭ 9-10-كۇنلىرى رۇزا تۇتۇشنى ياخشى دىگەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر :  سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى

تەرجىمە قىلغۇچى  :  ئا. مۆلجەرلى

2009-12-25

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى