ئىدىلوگىيەلىك تەسلىمىيەت

پىسخىلوگىيەلىك مەغلۇبىيەتتىن كېلىپچىققان ئىدىلوگىيەلىك تەسلىمىيەت !!!

بۇنداق كەڭ مەۋزۇلۇق بىر تېمىغا كىرىش مەن ئۈچۈن مۇناسىپ ئەمەس ئىدى. چۈنكى  "كەمىنە" بىرەر پىسخىلوگىيە دوختۇرلىقىغا ئائىت بىلىم ئىگىسى ئەمەس، ياكى بىرەر كەسپى مىللى تەتقىقاتچىمۇ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ يېقىندىن بۇيان زېھنىمگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە مىللىتىمىز ئارىسىدا يۈزبېرىۋاتقان بەزى چىگىش مەسىللەر  ئوتتۇرغا قۇياش ئارقىلىق كەڭ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سەمىمى-سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانى قان بېسىملىرىمىزنى ئۆلچەپ كۈرەشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .
  "پىسخىلوگىيەلىك مەغلۇبىيەتتىن كېلىپچىققان ئىدىلوگىيەلىك تەسلىمىيەت" دەپ مەۋزۇ قوللانغان بۇ مۇلاھىزەلىرىم بەزىلەرگە غەلىتە تۇيىلىشى مۇمكىن. ئەمما دەۋرىمىزدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا، ۋەتىنىمىزنىڭ ھۆرلۈك-مۇستەقىللىقى يۇلىدىكى پىرىنسىپ-نىشانلارنىڭ تۈرلى يوللارغا بۇرۇلۇشلىرى سەۋەبىدىن سىياسى قەدەمدە ئارقىغا چېكىنىشتىن ئىبارەت غۇۋا كۆرۈنۈشلەرنى، ھەمدە مىللىتىمىزنىڭ يېقىن تارىخىدىكى پىسخىلوگويەلىك مەغلۇبىيىتىدىن كېلىپ چىققان ئىدىلوگىيەلىك تەسلىمىيەتچىلىكلىرىنى چۇڭقۇرراق ئانالىز قىلغىنىمىزدا، يۇقارقى سۆزۈمنىڭ تاغرا ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز .

پىسخىلوگويەلىك مەغلۇبىيەتنىڭ شەكلى ۋە تۈرى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ، بۇخىل پىسخىلوگىيەلىك مەغلۇبىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشى،  ھەر-بىر ئىنسان ئۆزلىرى ياشىغان ئائىلە مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن، دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتلىرىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن، ھەرخىل سىياسى تۈزۈم ئالدىدىكى كىشىلىك ھەق-ھوقۇق باراۋەرسىزلىكلىرىدىن، ئايرىم ياكى ئاممىۋى ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ئىمكانسىزلىقىدىن، تىنىمسىز ئاڭلىتىلغان يېقىمسىز تەشۋىقاتلار تەسىرىدىن، مەجبۇرى بېسىم ئارقىلىق ئىنسانلار زېھنىگە سىڭدۇرۈلگەن سىياسى مۇتىھەملىكلەرنىڭ زەھەرلىك مىۋىسىدىن ئىبارەت بۇلۇپ، يىغىپ ئېيىتقاندا ئىنسانلارغا ئۆز ياراتقۇچىسى تەرپىدىن بىرىلگەن بارچە ھەق-ھۇقۇقلىرى، ئىككىنجى بىر شەخىس تەرپىدىن پايمال قىلىنىشتەك زوراۋانلىقلارغا ئۇچىرغاندا، ئۇ ئىنساندا ئۇنىڭغا قارشى بىرەر چارە-تەدبىر تېپىلمىغاندا، ياكى بولمىسا ئۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ كېلەچىگىدىن ئۈمۈتسىزلەنڭەندە، ئەسلى نىشانغا يەتمەكچى بولغان غايىسىنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر مەۋھۇم يولغا قەدەم باسىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.

 بۇلۇپمۇ بەزىبىر غۇرۇرسىز، ئىرادىسىز، مەيدانسىز، ۋىجدانسىز، ئەقىدىسىز،  ئىنسانلارنىڭ روھى دۇنياسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پىسخىلوگىيە سىزىمى بۇزۇلۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ئۇ ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىدا شۇ پىسخىلوگىيەلىك ھۇجۇمنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان ئىدىلوگىيەلىك تەسلىمىيەتچىلىك ئوبرازىنى ئاشكارىلايدۇ . بۇنداق روھى تەسلىمىيەتكە گىرىپتار بولغان پىسخىلوگىيەلىك كېسەللىرىنى داۋالاش،  دەۋرىمىزدە كەڭ تارالغان يۇقۇملۇق "ئەيدىز" كېسىلىنى داۋالاشتىنمۇ قىيىن بولسا كېرەك !.

چۈنكى ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۋالغان ئادەمدە ئۆز ھاياتىنىڭ كېلەچىگىگە بولغان ئىشەنچ-ئۈمۈدى ناھايىتى ئاز بولغان تۇرۇغلۇقمۇ، يەنىلا ئۆز ھاياتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن بارچە ئىمكانى بىلەن ھاياتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش يوللىرىنى ئىزدەيدۇ ۋە كىسىلىنى داۋالايدىغان دوختۇرنىڭ ھەربىر سۆزىنى جان پىدالىق بىلەن ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ. ئەمما روھى تەسلىمىيەتچىلىكتىن ئىبارەت پىسخىلوگىيەلىك كېسەلگە مۇپتالا بولغانلارنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمۈدى پەقەتلا يوق دىيەرلىك بۇلۇپ، بىركۈن بولسىمۇ يەپ-ئىچىپ ياشىۋېلىشنىلا ئويلايدۇكى ھەرگىزمۇ كېلەچەكنى ئويلىمايدۇ. ياكى ئۈزىدىن باشقا ئىككىنجى بىر شەخىسنىڭ تەغدىرى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئەسلا خالىمايدۇ.
ئەگەر پىكىر يۈرگۈزگەندىمۇ پەقەتلا باشقىلارغا ئۈمۈتسىزلىك تۇيغىسى بىرىدىغان سۆزلەردىن باشقىنى قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدا ئاللابۇرۇن ئۈمۈتسىزلىكتىن ئىبارەت پىسخىلوگىيە كېسىلىدىن كېلىپ چىققان تەسلىمىيەتچىلىك ئورۇن ئالغان بولغاچقا، شۇ ئۈمۈدسىزلىك روھى كېسەل ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان. شۇڭا ئۇنداق كىشى ئىككىنجى بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ كۆرسەتكەن ھاياتلىق يۇلىنىمۇ خۇددى ئۆزىنى ئۈلەمگە ئاپىرىدىغان قورقۇنۇشلۇق يول دەپ قارايدۇدە، ھەتتا ئۇنىڭغا توغرا ياشاش يۇلىنى كۆرسەتكۈچى كۈيۈمچان بىر دوختۇرمۇ خۇددى يامان ئادەمدەك بولۇپ كۆرىنىدۇ . 

شۇڭا يۇقارقى تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە تۈرلى ئىمكانسىزلىقلاردىن كېلىپ چىققان پىسخىلوگىيەلىك روھى كېسسللىكلىرى ئۈستىدە بىراز توختىلىدىغان بولساق، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسى-ئائىلىۋى تۇرمۇشىدىكى ئەھۋالىدىن ئۇنداق روھى كەسەللەرگە گىرتار بۇلىدىغانلار يوق دىيەرلىك. ئەمما تۇرمۇش شارائىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، سىياسى بېسىمنىڭ چىكىدىن ئېشىشى، بۇنىڭغا ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانلىرىنىڭ بالماسلىقى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ بارچە ھەق-ھۇقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىشى، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھۇقۇقىنىڭ يوقلىقى، خەلقىمىز ئارىسىدا تىنىمسىز ئېلىپ بېرىلغان تەتۈر-تەشۋىقاتلارنىڭ بېسىمى، مەجبۇرى كۇچ ئىشلىتىپ خەلىققە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنغان تۈرلى سىياسى تەشۋىقاتلارنىڭ زوراۋانلىقلىرى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى، مىللىتىمىز ئارىسىدىكى خېلى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمۈدسىزلىكتىن ئىبارەت روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقلىرى كۆرۈلمەكتە.

مەسىلەن _ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەسلى ئاتالغۇسى "شەرقىي تۈركىستان" دىگەن ئىسىمنى مەجبۇرى ئۆزگەرتىپ،  ئاتالمىش "شىنجاڭ" دىگەن سۆزنى قوللىنىشقا خەلىقنى مەجبۇرلاش ئاقىۋىتىدە، يېقىن زامانلاردا ئۆسۈپ يىتىلگەن ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئامالسىزلىقتىن، ياكى بولمىسا بەزىلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمەي يۇرتىمىزنىڭ ئىسمى "شىنجاڭ" بىز "شىنجاڭلىق" دىيىشلىرى قاتارلىقلار . 

ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى شۇنداق ئاتاش ۋەتەن ئىچىدىكى ئامالسىز قالغان ئۇيغرلارغا نىسپەتەن باشقا ئىمكان بولمىغاچقا يوللۇق. چۈنكى ئامالسىزلىقتىن يىگىلى ئاش-ئۇزۇق تاپالمىغان ئادەم ئۆز ھاياتىنى ساقلاپ قېئىلىش يۇلىدا، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى يىيىش رۇخسەت قىلىنغاندەك، ۋەتەن ئىچىدە ئالامسىز قالغان بىچارە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئۆز ھاياتىنى خەتەردىن ساقلاپ قالمىسا بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا،  ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى "شىنجاڭ" دەپ ئاتىشى ھەرگىزمۇ ئېيىپقا بۇيرىلمايدۇ. چۇنكى ۋەتىنىمىز ئىچىدە خىتتاي دىكتاتۇرلىرىنىڭ قانخورلىقى، زۇلۇملىرىنىڭ ھەددى-ھىساپسىز ئېغىرلىقىدىن، ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" دىگەن بىر كىشىنى كۆرسە قانچىلىك قىيىن-قىستاقلارغا تارتىدىغانلىقى ھەممەمىزگە مەلۇم. شۇ سەۋەپتىن ۋەتەن ئىچىدىكىلەر ئۆزۇرلۈك (ئىمكانسىزلار) ھىساپلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى-بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ۋە كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەر تۈرلى تەدبىرلەرنى قوللۇنۇشقا ھەقلىق ۋە يوللۇق . 

ئەمما ۋەتەن سىرتىدا ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتقان، مۇستەقىللىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەن ۋە شۇ سۈيۈملۈك ۋەتىنىمىز نامىدىن تۈرلى ھاياتلىق ئىمكانلىرىغا ئېرىشكەن ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى بولغان ئۇيغۇر ئۈچۈن، ۋەتىنىمىزنى ئۇنداق ئاتاش قەتتى توغرا ئەمەس!. 
ئەگەر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدىغان ئۇيغۇر بولسا، ئۇمۇ دەل ۋەتەن-مىللەتنىڭ خائىنى ھىساپلىنىدۇ !!!
يەنە ۋەتىنىمىزنىڭ ئەسلى ئىسمى بۇيىچە ئاتىلىشىنى خالىمايدىغان دۆلەتلەر بولسا، ئۇمۇ چۇقۇمكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن تىلىبىر ئىنسانلار بۇلۇپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇر خەلقىغە ھەرگىزمۇ ۋاپا كەلمەيدۇ . 

چۈنكى ۋەتىنىمىزنى ۋە ئۇنىڭ شۇ شەرەپلىك نامىنى ساقلاپ قېلىش يۇلىدا، تاجاۋۇزچىلارغا قارشى شانلىق كۈرەش تارىخىنى بىز ئەۋلاتلىرىغا دەرىسلىك قىلىپ قالدۇرغان بۈيۈك ئەجدادلىرىمىز، ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى ۋەتىنىمىز تۇپرىقىغا تۈكەشتە، ئەنە شۇ مۇقەددەس ۋەتىنىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسمى-شەرپى ئەبەدى مۇستەقىل ساقلىنىپ قالسۇن، كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ پارلاق ھاياتىنى شۇ مۇستەقىل ۋەتەن ئىچىدە داۋاملاشتۇرسۇن، ئاللاھ ئىنسانلارغا ھارام قىلغان ئىنسان-ئىنسانغا قۇللۇق قىلىشتىن ئىبارەت خورلۇق ئازاۋىنى ئەۋلاتلىرىمىز كۆرمىسۇن دىگەندىن ئىبارەت ئىدى. يەنە شۇ جەڭگىۋار-مېرىبان ئاتىلىرىمىز ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىرادىسى بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتلىرىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى يوللىرىدا ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى.

بىراق بىز ئەۋلاتلىرى ئۇلارنىڭ ماڭغان يۇلىنى تاشلاپ باشقا يات-بىگانەلەرنىڭ سىزىپ بەرگەن ئەگرى-تۇقان، ھىلە-مېكىرلىق يوللىرىنى تاللاپ، ئۇيغۇرلار ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارتا ئۆزلىرىنىڭ سىياسى يۆلىنىش خەرىتىسىنى يېڭىدىن سىزىپ "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى" ئۈچۈن توۋلايدىغان شۇئارىنى "ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش" دىگەندىن ئىبارەت ھەرتەرەپلىمەلىك تەپسىر قىلىنىدىغان ئىككى بىسلىق "مەۋھۇم" ئىبارىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، مەزكۇر شۇئارنى مىللىتىمىز ئىچىدىن يەڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان ياش ئەۋلاتلىرىنىڭ زېھنىگە مەجبۇرى سىڭدۈرۈش ئاقىۋىتىدە، كېلەچەك ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ روھى دۇنياسىدىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۆز تەغدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش دىگەن "تۇمان ئارىسىدىكى غۇۋا يۇلتۇز" نىڭ شولىسىغا تەلمۈرۈگىنىچە قاراڭغۇلۇقتا يول ئىزدەپ، ھاڭۋېقىپ ئاسمانغا قاراپ، ئۆمرىنى مەناسىز ئۆتكۈزىدىغان يېڭى ئەۋلاتلار كۆپەيمەكتە  ۋە ئۇلار شۇ ئاتالمىش شۇئار ئاستىدا ئەبەدى قىردىن ئاشالاميدىغان "مەۋھۇم" يېڭى يوللار ھازىرلانماقتا .

يېقىندا ۋەتىنىم تورىدا— پراففېسسۇر. دوكتۇر. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمنىڭ، (ئۆز تەغدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى) ناملىق ماقالىسى مىنى بۇ ھەقتە چۇڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. گەرچە مەن خەلىقارا سىياسەتلەردىن ئۇنچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ، ئۆز ئىقتىدارىمنىڭ يىتىشىچە ۋەتەن-مىللىتىمنىڭ تەقدىرىگە ئەزەلدىن جان كۆيدۈرۈپ كىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوغلى بۇلۇش سالايىتىم بىلەن، مەزكۇر ماقالىنى قايتا-قايتا ئۇقۇپ مۇلاھىزە قىلىپ كۆردۈم .

Prof.Dr.Alimjan ئەپەندىمنىڭ، مەزكۇر ماقالىدە "ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش" دىگەن ئىبارىلەر ھەققىدە ناھايىتى ئەتىراپلىق ۋە پاكىتلىق چۈشەنچە بەرگەنلىكىدىن چۇڭقۇر مەمنۇن بولغان بولسام، تۈۋەندىكى دەلىل پاكىتلار ئارقىلىق بارچە ئۇيغۇر داۋاگەرلىرىنىڭ ئاغزىغا (تەييارلاپ) سېلىپ بەرگەن تۈۋەندىكى مەزكۇر سۆزلىرى مىنى بەكمۇ ئىلھاملاندۇردى .

 "« 6.2. شەرقىي تۈركىستان مۇستەملىكە دۆلەتمۇ؟

   1945 -1949-يىللىرىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى ھۆكىمىتى گۇئومىنداڭ ھۆكىمىتى بىلەن بىرلەشمە ھۆكىمەت قۇرغان بولۇپ، بۇ بىرلەشمە ھۆكىمەت مەيلى قانداق نام ئاستىدا قۇرۇلغان بولسا بولسۇن، غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەمىلىي مەۋجۇت بولغان ئەھۋال ئاستىدا قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى دەۋلەتى گۇئومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھېساپلىنىدۇ. گۇئومىنداڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بۇ دۆلەت 1949-يىلى خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئۇيگۇر خەلقىنىڭ دەموكراتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىپادىلەڭەن رازىلىقىنى ئالماستىن قۇراللىق بېسىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن خەلقارالىق قانۇن بويىچە مۇستەملىكە دۆلەت ھېساپلىنىدۇ »".

دىمەك ۋەتىنىمىز "شەرقىي تۈركىستان" خەلىقارلىق قانۇنلار بويىچە مۇستەملىكە دۆلەت ھېساپلىنىدىكەن، ئۇنداقتا بارچە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە سىياسى داۋاگەرلىرىمىزنىڭ، تاجاۋۇزچى  مۇستەبىتلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى نىمە بۇلاش كېرەك ؟

Prof.Dr.Alimjan ئەپەندىم يەنە مۇنداق ئىزاھلايدۇ . "«يۇقۇرقى ئەھۋاللار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، لېكىن دەموكراتىك بولمىغان، مۇستەبىت، دىكتاتور ھاكىمىيەت ئاستىدا بۇ ھوقۇقنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى، تىنچلىق بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈش ئىمكانى ۋە ئۈمىدى قالمىغانلىقىنى، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىپ ئېغىر ئازاپ چېكىۋاتقانلىقىنى، مۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تاشقى جەھەتتىن ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، يەنى مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»". 

يۇقارقى ئىزاھاتلار ئاساسىدا، خەلىقارا قانۇنلار بۇيىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تاشقى جەھەتتىن ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا، يەنى مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بۈلدۈرىلمەكتە ئىكەن، ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلار مۇستەملىكە ھاكىمىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمىز ۋە شۇ يولدا ئېلىپ بېرىلىدىغان داۋا-تەشۋىقاتلار، بارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە قوللىنىدىغان شۇئارلار "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى" بۇلىشى كەرەكمۇ ؟ ياكى ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەشتىن ئىبارەت "مەۋھۇم" شۇئارلار بۇلىشى كېركمۇ ؟

ئەلۋەتتە بىز خەلىقارا قانۇن بۇيىچە "مۇستەملىكە دۆلەت" ھېساپلىنىدىكەنمىز، ئەلۋەتتە شۇ خەلىقارا قانۇن بۇيىچە تەلەپ قىلىدىغىنىمىزمۇ چۇقۇم "مۇستەقىللىق تەلىپى ۋە مۇستەقىللق شۇئارى" بۇلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ غەرىپتە بىتخىل، شەرىقتە بىرخىل ئىزاھلىنىدىغان، جاھان ئىمپىريالىستلىرى ئۆزلىرى خالىغان ئۇسۇلدا ئىجرا قىلىدىغان مەۋھۇم كەلىمە (ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش) شۇئارى بولماسلىقى لازىم !!!.

ئەگەر بىز ئۇيغۇرلار يەنە بىرقانچە يىللار بۇيى مۇشۇ (ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش) شۇئارىنى توۋلاۋەرسەك، مىللىتىمىز ئارىسىدىكى تۈرلى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىز قەلبىدە، يېڭىدىن ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان ياش ئەۋلاتلار ئارىسىدا شۇنداق بىر روھى كەيپىيات پەيدا بۇلىدۇكى،  "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى" ئۇقۇمى كۈندىن-كۈنڭە ئاجىزلىشىشقا يۈزلىنىدۇ. ئاقىۋەت، مىللىتىمىز ئارىسىدا يېڭىدىن بىخ سۈرىۋاتقان مەۋھۇم تەشۋىقاتلار نەتىجىدە، تەدرىجى روھى ئۈمۈتسىزلىكتىن ئىبارەت پىسخىلوگىيەلىك كېسىلى ئەۋجىگە چىقىپ، مىللىتىمىز ئارىسىدا كۆرىلىدىغان يېڭى نەتىجىدە بولسا، ئىختىيارى ياكى ئىختىيارسىز ھالدا ئۆز ئىرادىسىنى يۇقۇتۇش، ئۆز داۋاسىدىن بۇشۇشۇش، يەتمەكچى بولغان ئەسلى نىشاندىن ۋاز كېچىش قاتارلىق ئىدىلوەىيەلىك تەسلىمىيەتچىلىك ئوتتۇرغا چىقىدۇ. 

بۇخىل پىسخولىگىيەلىك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇشتىن كېلىپ چىققان ئىدىلوگىيەلىك تەسلىمىيەتچىلىكنىڭ زەھەرلىك ۋاباسىڭ ھازىردىن باشلاپ مىللىتىمىز ئارىسىدا كۆرۈلگەن ئالدىنقى مىۋىلىرى بولسا، دەل يۇقىردا ئېيتىلغان "شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى" دىگەن شۇئارنى تاشلاپ، ھەر دەۋىر مۇستەبىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ پايدا-مەنپەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن ئاتالمىش (ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش) شۇئارىنى ئىلگىر سۈرۈلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت !!!. 

ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان دۆلەت ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا "مۇستەقىللىق" شۇئارىنى توۋلاشنى خالىمايدىغانلارنىڭ مۇپتالا بولغىنى، دەل شۇ ئۈمۈدسىزلىكتىن ئىبارەت ئاجىزلىق كېسىلىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى سەۋەپلىك پەيدا بولغان پىسخىلوگىيەلىك كېسىلىدىن كېلىپ چىققان ئىدىلوگىيەلىك تەسلىمىيەتچىلىكتىن ئىبارەت !!!

مەزلۇم مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىك داۋاسىنى ئىمكانىمىز بولغان ھەريەردە ۋە ھەرخىل ئاخپارات ئورۇنلىرىدا "ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقى" دەپ ئاتىماسلىق، دەل پىسخىلوگىيەلىك ئۈمۈدسىزلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق !!!

ۋەتىنىمىزنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى ئىمكانىمىز بولغان ھەر يەردە ۋە ھەرخىل ۋاستىلەردە " شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى" دەپ ئاتىماسلىق، دەل ئىدىلوگىيە تەسلىمىيەتچىلىكىگە گىرىپتار بولغانلىق  !!

قاچانكى، ۋەتەن داۋاسى قىلىۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ روھى دۇنياسىدا مەزكۇر پىسخىلوگىيەلىك مەغلۇبىيەتچىلىكتىن كېلىپ چىققان ئىدىلوگىيەلىك تەسلىمىيەتچىلىك تۈگەيدىكەن، ھەربىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ روھىيىتىدە ۋەتىنىمىزنىڭ ھورلىكى، مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بارچە نەرسىسىدىن ۋازكېچەلەيدىغان يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە تەۋرەنمەس ئېتىقاد ئورۇن ئالىدىكەن، ئەنە شۇ كۈنى مۇستەقىللىق چىرىقىمىزنىڭ چولپان يۇلتۇزى شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا چاقناپ، بارچە ئۇيغۇرلار قەلبىدە يېڭى ئۈمىد ۋە يېڭى بەخىت روھى تىرىلىپ، سۇنماس ئىرادە ۋە يېڭىلمەس كۈچ-قۇۋۋەت پەيدا بۇلىدۇ. ئەنە شۇنداق ئىرادىلىك قۇشۇن زۇلۇمغا قارشى سەپكە ئاتلىنىدىكەن، مېھرىبان رەببىمىزنىڭ رەھمەت-نۇسرىتى ۋەتىنىمىزنىڭ بارچە تاغ-دالالىرىنى ئىللىق نۇرى بىلەن يۇرىتىدۇ !!!.

ئا. مۆلجەرلى

2011-05-12

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى