ھېكمەتلەر خەزىنىسى

ھېكمەتلەر خەزىنىسىدىن تەرمىلەر 

لوقمان ھېكىم  :
_ " كىمكى  كۆپ  يېيىشتىن  ساقلانسا ،  كۆپ  دورا  يېيىشتىن  ئازاد  بۇلىدۇ "  .

ئەبۇ  ئەلى ئبنى  سىنا : 
_ " بىر كۈندە بىر قېتىم  تاماق يېيىشنى مەشىق قىل ،  يېگەن  تامىقىڭ  ھەزىم  بولماي تۇرۇپ، ئۈستىگە يەنە يىمە " .
ئالىملاردىن باھاۋۇددىن :
_ " تۈۋەندىكى ئشلار ئادەمنىڭ دائىما سالامەت  يۇرىشىگە سەۋەپ بۇلىدۇ:  ئاز  يىيىش،  ئاز سۆزلەش ،  ئاز  ئۇخلاش،  ئاز ئىشرەت  قىلىش، ئۆزىنى يېقىملىق نەرسىلەر بىلەن مۇئتتەر (خۇشبۇي) قىلىپ  يۈرۈش  ۋە  پات - پات  ھاممامغا  بېرىش " .

نۇشۇرۋان پادىشا بىر يىگىتتىن سورايدۇ :
ئەڭ  ياخشى تاماق  قانداق تاماق ؟  
 _ " شەھۋانى  خىرىسنى  كۈچەيىتمەيدىغان  ۋە  تەندە  ھىچقانداق ئىللەت پەيدا قىلمايدىغان تاماق "_  دەپ   جاۋاپ   بېرىدۇ .

نۇشۇرۋان   يەنە :
گۈللەرنىڭ  ئەڭ  خۇشبۇيى قايسى  ؟ 
_ " ئەڭ خۇشبۇي پۇراقلىق گۈل ئاتا - ئانىسنى ھايات  چېغىدا رازى قىلىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن بولسا ئۇلارنىڭ نامىنى ئەبەدىلەشتۈرىدىغان،  ئېتىقادلىق - قابىل  پەرزەنت "_  دەپ   جاۋاپ   بېرىدۇ ، يىگىت .
  نۇشۇرۋان  ئۇ يىگىتنى  تەقدىرلەپ  ئۆز  ھەكىملىرى  ئارىسىغا ئالىدۇ .

مەنبە _ ھېكمەتلەر خەزىنىسى

ئا. مۆلجەرلى

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى