يەتتە ئەزانىڭ رولى

يەتتە ئەزانىڭ رولى 
بېشى بولمىغان جىسىم ئۆلۈك بولغىنىدەك  _  پۇتىدىن ئايرىلغان  باشمۇ ئەسلا تىك تۇرالمايدۇ !!!

تەننىڭ مۇكەممەل بۇلىشى ئۈچۈن يەتتە ئەزا تۇلۇق بۇلىشى كېرەك . يەتتە ئەزاسى  مۇكەممەل بولمىغان ياكى شۇ يەتتي ئەزاسى بىردەك ھەركەت قىلمىغان تەن، بەئەينى ئۆلۈككە ئوخشايدۇ . يەتتە ئەزانىڭ قۇماندانى بولغان باش، ئۇلارنى ئۆز رۇلىغا مۇناسىپ كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالمىسا، ئۇ ئەزالارمۇ مەزكۇر باشقا ئۆز لايىقىدا خىزمەتكارلىق قىلالماسلىقى تەبى ئەلۋەتتە.
چۈنكى ئۇ يەتتە ئەزالارنى كونترول قىلىدىغان مەركىزى سېستىما دەل شۇ ئەزالارنىڭ قۇماندانى بولغان مەرتىۋىلىك باشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن ئىبارەت بىر تەبى قانۇنىيەت ئەل-مىساقتىن بۇيان مەۋجۇت .

  بۇ قانۇنىيەتنى ئۇ ئەزالارنىڭ ئىنكار قىلىشى، ۋەياكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باشقا بىر ئەزانى ۋەياكى باشقا بىر جىسىمنى يۆتكەپ ئۆز بېشى ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزىگە باش قىلىپ پايدىلىنىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىلكىدە ئەمەس . شۇڭا ئۇلار ئۆز ياراتقۇچىسى تەرپىدىن شۇنداق تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئىلاھى قانۇنىيرتكە مۇتلەق باش ئېگىشكە بەجبۇر . 

شۇ سەۋەپتىن ئۇ يەتتە ئەزا ئۆزىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان باشقا تەبى ھالدا بويسۇنىدۇ ۋە ئۇنىڭ سىزىم بۇيرۇقى ئاستىدا ھەركەت قىلىدۇ . ھەمدە بۇ ئەزالارنىڭ يارىتىلىشىدىكى قۇرۇلما ئۆلچىمى ھەرخىل بولغىنىدەك، ئۇلاردىكى تەبى ئىقتىدارمۇ پەرقىلىق بۇلىدۇ .

مەسىلەن _  بەزى باشنىڭ تەپەككۇر سىزىمى ناھايىتى ئۆتكۈر ۋە پاراسەتلىك بولسا، بەزى كۆزنىڭ نۇرى كۈچلۈك ۋە يىراقنى كۆرەرلىگى يۇقىرى بۇلىدۇ . بەزى قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە مۇلايىم بولسا ، بەزى بۇرۇننىڭ سىزىمچانلىقى كۈچلۈك ۋە پەرقېتىش ئالاھىدىلىكى يۇقىرى بۇلىدۇ . بەزى ئېغىز-تىلنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتى يۇقىرى ۋە سۆز جۈملىلەرنى ئۆز يۇلىدا ئىشلىتىشكە ماھىر-چاققان بولسا ، بەزى ئېغىزنىڭ سۆز قىلىش ئۇسۇلى سالماق ۋە سىلىق بۇلىدۇ . بەزى قوللار ھۈنەر كەسىپكە ماھىر، ئىجاتكارلىقى مول، باي تالانتقا ئىگە بولسا، بەزى قوللار خەيرى-ساخاۋەتكا باي سېخىلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. بەزى پۇتلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئېغىرلىقنى كۆتىرەش چىدامچانلىقى يۇقىرى بولسا ، بەزى پۇتلارنىڭ چاققان ۋە چەبدەسلىك بىلەن تىز ھەركەت قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بۇلىدۇ .
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل شۇ ئەزالارنىڭ قۇماندانى بولغان باش ئاپاراتقا باغلىق بۇلۇپ، باش ئاپارات بۇلارنى ئۆز يۇلىدا ھەركەتلەندۈرەلىگەندىلا ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدۇ .

ئەكسىچە بۇ باش ئاپارات _ مىنىڭ كۆزۈم ماڭا ياخشى خىزمەت قىلمىدى شۇڭا يىراقنى ياخشى كۆرەلمىدىم ، مىنىڭ قۇلۇغۇم ياخشى ئاڭلىمىدى شۇڭا ئەتىراپتىكىلەرنىڭ ئاۋازىنى نى ياخشى ئاڭلىيالمىدىم ، مىنىڭ بۇرنۇم ياخشى سېزەلمىدى شۇڭا نەرسىلەرنىڭ ھىدىنى ياخشى پەرىق ئىتەلمىدىم ، مىنىڭ ئاغزىم ياخشى ۋە سالماق سۆز قىلالمىدى ۋەياكى سىلىق سۆزلۈك بولالمىدى شۇڭا ئادەملەرگە ئىللىق كۆرۈنەلمىدىم ، مىنىڭ قۇلۇم چىۋەر، تالانتلىق، ھۈنەرۋەن، ۋەيەكى خەيرى-ساخاۋەتلىك، سېخى بۇلالمىدى شۇڭا مەن كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بۇلالمىدىم ، مىنىڭ پۇتۇم چاققان ۋە چىداملىق بولمىدى شۇڭ مەن بارچە ئېغىرلىقىمنى ئۇنىڭغا كۆتەرگۈزەلمىدىم دەپ شىكايەت قىلىشى ھەرگىزمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

شۇنداق تۇيغۇلار بىلەن ھەركەت قىلىدىغان بەزى باشلارنىڭمۇ ئۆز جىسمى بولغان ئەزالىرىرىدىن رەنجىشى، ئۇلارنى بىر-بىرىگە زىت دەپ قارىشى، ۋەياكى مىنىڭ يەتتە ئەزايىم ماڭا دۈشمەن بۇلىۋاتىدۇ، دەپ ئۆز-ئۆزىگە شىكايەتتە بۇلىشى ھەرگىزمۇ ئەقلىي-مەنتىققا ئويغۇن ئەمەس .  

ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئۆز-ئارا خىزمەت قىلىش قانۇنىيىتى ئەنە شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن،  ئۇنداقتا مەزكۇر باش قانداق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ۋە قايسى كۆرسەتمىلەردىن پايدىلىنى كېرەك ؟!

مەسىلەن _ بىر باش ناھايىتى ئەقىللىق ،  بىراق ئۇنىڭ ئىككى كۆزى يىراقنى كۆرمەيدۇ ، ئۇ باش چۇقۇمكى باشقا بىر كۆز ئىگىسىدىن يول سورايدۇ . ئەگەر ئۇ باشنىڭ ئىككى قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمىسا ، ئۇ  چۇقۇمكى باشقا بىر ساغلام قۇلاق ئىگىسىدىن مەلۇمات ئالىدۇ . ئۇنىڭ بۇرنى ياخشى سەزمىسە ، ياكى نەرسىلەرنىڭ ھىدىنى پەرىق ئىتەلمىسە، ئۇ  چۇقۇمكى باشقا بىر بۇرۇن ئىگىسىدىن ياردەم سورايدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ ئاغزى قوپال ، سۆز قىلىش قابىلىيىتى بولمىسا ، ياكى كىشىلەر ئارىسىدا ئىللىق مۇناسىۋەت قۇرۇش ماھارىتى بولمىسا ، ئۇ چۇقۇمكى باشقا بىر كىشىدىن سۆز ئۈگىنىدۇ ۋەياكى مەسلىھەت سوراپ تەلىم ئالىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ ئىككى قۇلى ھەر ئىشقا ماھىر ، تىرىشچان ، ئەپلىك ، ئۇچۇق-سېخى  بولمىسا ، ئۇ چۇقۇمكى  باشقا بىر ھۇنەر ساھىبى بولغان قولدىن ياردەم سورايدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ ئىككى پۇتى چىداملىق ، چاققان ۋە ساغلام بولمىسا ، ئۇ چۇقۇمكى باشقا بىر ساغلام پۇت ئىگىسىدىن ياردەم سورايدۇ . بۇنداق ئۆز-ئارا ياردەمدە بۇلۇشتەك چارە-تەدبىرلەر بىلەن ھەر-بىر تەن ئۈزىنىڭ بارچە ۋۇجۇدىنى ئېغىر قىيىنچىلىقلاردىن ساقلاپ قالالايدۇ ۋە نەتىجىدە ئۆز ھاياتنى بەھىتلىك ياشاش مۇھىتىغا ئىگە قىلالايدۇ . 

ئەگەر ئۇنداق بولماستىن ئۆز-ئۈزىگە تەمەننا قۇياپ ، باشقا ئەقىللىق باشنىڭ ئەقلىدىن ، باشقا نۇرلۇق كۆزنىڭ نۇرىدىن ، باشقا ئۆتكۈر قۇلاقنىڭ ئاڭلىشىدىن ، باشقا سەزگۈر بۇرۇننىڭ سېزىم كۈچىدىن ، باشقا دانىشمەن ئېغىزنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىدىن ، باشقا تەجىربىلىك قولنىڭ ھۈنەر كەسپىدىن ، باشقا ساغلام ۋە جىچاملىق پۇتنىڭ ياردىمىدىن پايدىلانماستىن ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئاجىز بېشىغا تايىنىپ ھەركەت قىلىمەن دىسە ئاقىۋەتتە ئۇ ئۈزىنىلا ئەمەس، بەلكى بارچە ۋۇجۇدى بولغا يەتتە ئەزالىرىنى تامامەن ھالاكەت گىرداۋىغا ئاپىرىپ قۇيىشى مۇمكىن . 

بۇخىل كۆرسەتمە _ دەل ئىنسانلار جەمىيىتىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمالارغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇلۇپ ، بۇخىل تۈزۈلمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ھەركەتلىنىشىمۇ دەل شۇ ئادەم ۋۇجۇدىغا ئوخشاپ ھەركەت قىلىدۇ .

ھەربىر جەمىيەتتە ، شۇ دەۋرىدە ياشايدىغان خەلىق ۋە ئۇ خەلىقنىڭ ئۆز يىتەكچىسى بۇلىدۇ ، ئۇ دەل ئادەم ۋۇجۇدىنىڭ باش قىسمى ھىساپلىنىدۇ . بۇ باشنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئىككى كۆز بولسا،  دەل ئۇ باشنىڭ يىراقنى كۆرەر دانىشمەن مەسلىھەتچىلىرى ، ئالىم-ئۆلىمالىرى ۋە ھەرساھەدىكى ئىلىم مەرىفەت ئىگىلىرى، يازغۇچى-زىيالىلاردىن ئىبارەت خەلىق يىتەكچىلىرى بۇلۇپ، ئۇلار ئۇ باشنى توغرا يولغا يىتەكلەش بىلەن بىرگە، ھەرخىل دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان مۇھاپىزەتچىلەر دىيىشكە بۇلىدۇ. ئىككى قۇلاق بالسا ، ئۇ باشنىڭ يېقىن ياردەمچىلىرى بولغان خەۋەرچى خادىملاردىن ئىبارەت . بۇرۇن بولسا شۇ باشنىڭ ئەتىراپ مۇھىتنى كۈزىتىدىغان ۋە ئەھۋالنى تەخمىن قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان تەپتىش خادىملار . ئېگىز بولسا مەزكۇر باشنىڭ ھۆكۈم-پەرمانلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ۋە جەمىيەت بىلەن ئۆز-ئارا دوستلۇق قۇرۇشقتا ۋاستىلىق رول ئوينايدىغان سۆزچىلەر . ئىككى قول بولسا ، شۇ باشنىڭ يېقىن ياردەمچىلىرىدىن بولغان غەزىنىچى ، ئىنزجېنىر ، تەخنىك ، كاتىپ ۋە ئىجراچىلاردىن ئىبارەت ئاساسى ياردەمچىلەر . ئىككى پۇت بائولسا دەل شۇ باشنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقلىرىنى چىداملىق بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ، جاپاكەش-سەبرىچان، كەڭ كخەلىق ئاممىسىدىن شەكىللەنگەن بۇلىدۇ .

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قوينىدا تەربىلەپ، ئۇنىڭغا ئۈزىنىڭ ئىللىق باغرىنى ئاچىدىغان ئاساسى قورغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاتا مىراسى بولغان جانى-جان ئانا ۋەتىنى .    

شۇ ئانا ۋەتەنىڭ ئەبەدى ھۆرلىك ئۈچۈن شۇ جەمىيەتتىكى كەڭ خەلىق ئاممىسىغا باش بولغۇچى شەخىس ، يۇقىردا مىسال كەلتۈرگەن ئۇسۇل-تەدبىرلەرنى لايىق رەۋىشتە قوللۇنۇپ ، ھەر-بىر ئەزادىن ئۆز يۇلىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ ھىمايىچىسى بولغان ۋەتىنىگە ،شۇنداقلا بارچە ۋەتەنداشلىرىغا بەخىتلىك ھايات يوللىرىنى ئېچىش قابىلىيىتىگە ساھىب بۇلىشى لازىم . ئەگەر ئۇ باشتا شۇنداق قابىلىيەت بۇلۇپ ، ئۇنىڭ قالغان ئالتە ئەزالىرى  ئۇ باشنىڭ تەلىپىگە لايىق خىزمەت قىلالمىسا، ئۇنداقتا ئۇ باش چۇقۇمكى باشقا ساغلام ئەزالاردىن ياردەم سورىشى ۋە شۇنداق ساغلام ئەزالارنى ئۆز يېنىغا ئېلىشى كېرەك . ئەگەر مەزكۇر ئالتە ئەزالارنىڭ روھى ساگلام ، خىزمەت ئەھۋالى تەلەپكە لايىق بولغان بولۇپ ، مەزكۇر باش ئۇلارنى توغرا ۋە دادىل ئالغا يىتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىسا ، ئۇنداق ئىقتىدارسىز باشنىڭ ئۇ ئەزالارنى مەجبۇرى كونتىرول قىلىپ تۇرىشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق . ۋە قالغان ئەزالارنىڭمۇ ئۇنداق ئىقتىدارسىز باشقا قارغۇلارچە خىزمەت قىلىشى ، ئۆزىنىلا ئەمەس بەلكى بارچە ۋۇجۇتنى ئوتقا ئىتتىرگەنلىك بولىدۇ . شۇڭا ئۇنداق باش مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى چىداملىق بىلەن كۆتۈرۇپ كېلىۋاتقان كەڭ خەلىق ئاممىسى تەرپىدىن يەرگە تاشلىنىدىغانلىقى ياكى مەجبۇرى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىدىغانلىقى مۇقەررەر !!! . 

بۇلۇپمۇ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى زورلۇق-زومبۇرلۇق، جەۋرى-زۇلۇم، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ئۇرۇش-ئۆلتۈرۈشلەردىن ئىبارەت ناھەق قىرغىنچىلىقلارنىڭ كۈسايىن ئەھسىۋاتقانلىقىغا قارىماي، شۇخىل زۇلۇملارغا قارشىتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان خەلىق قارشىلىقلىرى ۋە تۈرلى قوزغىلىشلارمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا . بۇ قارشىلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ زۇلۇملارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىپادىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ زېمىننىڭ بارچە مىراسخورلىرى بىردەك پىكىرگە كېلىپ، شۇ زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز .

بىراق بىز ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بىچارە مىللەتنىڭ، ئۆز-ئارا بىر پىكىرگە كېلىپ، ھەممە بىردەك ھەركەت قوزغاپ، ئۈستىمىزدىكى شۇ زۇلۇملارغا بىردەك قارشى تۇرالمىغانلىقىمىز ، گۇيا ئۈستىمىزدىكى زۇلۇم-ئىسكەنجىلەرنى سەزمىگەندەك بىغەم ياشاۋاتقانلىقىمىز، دەل يۇقىردا مىسال قىلىنغان كەرەكسىز يەتتە ئەزالارغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى .

ئەگەر بىزنىڭ ئىقتىدارلىق بېشىمىز بار بولسا_ ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىگىسىز پادىغا ئوخشاپ،  ۋەتەن ئىچىدىكىلەر قانلىق زۇلۇم ئاستىدا ئىزىلىپ-ھىمايەسىز ، ياقا-يۇرتلاردىكىلەر سەرسان-ساھىپسىز ، ھەتتا چۆل-جەزىرەلەرگە چېچىلىپ ماكانسىز ياشايمىز ؟؟؟ .
 نىمىشقا شۇ زۇلۇملارغا قارشى، بىر باش ئاستىدا بىردەك ھەرىكەت قوزغاپ، بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسەتمەيمىز ؟؟؟.

ئەگەر باشچىلىرىمىز ئىقتىدارلىق ۋە پاراسەتلىك بۇلۇپ _ ئەتراپىدىكى ئەزالارغا توغرا رىياسەتچىلىك قىلىشقا يىتىشەلمىگەن بولسا، ئۇنداقتا قالغان ئەزالار ئۇ باشچىلارغا ئەگىشىشى ۋە يېقىندىن ياردەم بېرىشى كەرەك ئىدىغۇ ؟؟؟ 

دىمەك_ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىمىز ئىنتايىن خەتەر ئاستىدا تۇرۋاتقىنىغا قارىماي ، باشچىلىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويغان ئەمىلى ھەركەت-پىلانلىرى يوق ، باشنىڭ كۆزلىرى بولغان ئەزالار ئوڭنى كۆرسە سولنى كۆرمەس كور . قۇلاق بولغان ئەزالار ئوڭنى ئاڭلىسا سولنى ئاڭلىماس گاس . بۇرۇن بولغان ئەزالار كۈندۈز مۇھىتنى سېزەلىسە ، كېچىنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇ مۇھىتىنى سېزەلمايدۇ . قول بولغان ئەزالاردىن ئەمىلى بىر ئىش كۆرۈلمىگەنلىكتىن ، بۇلاردىن زۆر ئۈمۈت كۈتىۋاتقان ئەتىراپتىكى خەلىقنىڭ روھى كۈندىن-كۈنگە زەئىپلەشمەكتە . ئېغىز بولغان ئەزالار تامامەن يالغان تەشۋىقات ۋە رېقلام-بايانات بىرىشكە ئادەتلەنگەنلىكتىن ، بۇنداق سۆزلەرنى تۇلا ئاڭلاپ ئىچى پۇشقان خەلىق ئاممىسى ،  بۇلاردىن ئۈمۈتسىزلىنىش ۋە بىزار بۇلۇشتەك ئەھۋال كۈچەيمەكتە . پۇت بۇلۇپ ئۆز بېشى ۋە ئۇنىڭ بارچە جىسمى بولغان ئەزالارنىڭ ئېغىرلىقىنى يىللار بۇيى زور چىداملىق ۋە سەبرى تاقەت بىلەن كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بىچارە پۇتتىن ئىبارەت كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ھالى-ماغدۇرى قالماي ، كۈنسايىن كۇچىيىۋاتقان زۇلۇم-ئازابىدا ئۈنسىز زارلىنىپ، يەنە شۇنداق داۋاملىشىۋەرسە ئەبەدى قۇتۇلالماس ھالاكەت پاتقىغىغا پېتىپ كىتىشتىن ئىبارەت قورقۇنۇچ-خەۋىپى ئاستىدا ئۈمۈدسىز تۇرماقتا !!! .
مانا شۇنداق خەتەرلىك نەتىجىدە، بېشى بولمىغان جىسىم ئۆلۈك بولغىنىدەك  _  پۇتىدىن ئايرىلغان  باشمۇ ئەسلا تىك تۇرالمايدۇ !!!


ئەگەر مىللىتىمىز ئارىسىدىكى  (باشنىڭ كۆزى، قۇلىقى، بۇرنى، ئاغزى، قۇلى ۋە پۇتىى بۇلالايدىغان) ئىقتىدار ۋە ئىفتىخار ئىگىلىرىمۇ شۇنداق كەرەكسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان  بولسا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئالەمگە جاكارلاپ كەلگەن شۇ جاراڭلىق شۇئارلىرىمىزنى قايتا ئەسلىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

بىز ئەزەلدىن ئىلىم-مەرىپەت ۋە مىللى-مەدەنىيەتنى دۇنياغا تاراتقان ئۇلۇغ مىللەت !!!

بىز ئەزەلدىن بىر دىن، بىر قان بۇلۇپ، ئىناق-ئىتتىپاق (ئۇيۇغۇر) دىگەن نامىمىز بىلەن ياشايمىز !!!

بىز ئەزەلدىن قايگۇ ۋە خوشاللىقتا، بىرتەن-بىرجەسەد بۇلۇپ مۇستەقىل-ھۆر ياشاپ كەلگەن، يەنە شۇنداق ھۆر ياشايمىز !!!

بىز ئەزەلدىن ھۆرلۈك يۇلىدا ھەرقانداق بەدەلنى تۆلەپ كەلگەن، يەنە تۆلەشكە تەييارمىز !!! 

يۇقارقىدەك جاراڭلىق ۋە بۈيۈك شۇئارلىرىمىز نەگە كەتتى ؟؟؟.  

بىز ئۇيغۇرلار بۇ غەپلەت ئۇيقىسىدىن قاچان ئويغۇنىمىز ؟؟؟ 

چۈشلۈرۈم رىئاللىققا ئايلانسۇن دىسىڭىز، ئۇيقۇدىن بۇرۇنراق ئويغۇنىشىڭىز كېرەك  !!!  

بېشى بولمىغان جىسىم ئۆلۈك بولغىنىدەك  _  پۇتىدىن ئايرىلغان  باشمۇ ئەسلا تىك تۇرالمايدۇ !!!

                                        
                                           ئا....  
             
                                    2011-1-29

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى