بىر مەقسەتتە بىز !!!


كارۋانبىز بىرغايە - بىر مەقسەتتە بىز !!!

قاتىل خىتتاي... بىلىپقوي بىزلەر مۇسۇلمان ...!
ئىتىقاد-ئىسلامدىن ھەرگىز قايىتمايمىز ...!
ياراتقان ئىگىمىز راھمان-رەھىمدۇر...!
ئەبەدى ئۇنىڭدىن ئۈمۈد ئۈزمەيمىز ...!

تۈلكىدەك ھىجايساڭ مەڭگۇ كۈلمەيمىز ...!
ئۆلتۈرسەڭ بىزلەرنى ھەرگىز تۈگىمەيمىز ...!
ياشايمىز يولۋاستەك بىركۈن بولسىمۇ ...!
ئالدىڭدا تىترەپ، توشقان بولمايمىز ... !

ئەجدادىمىز ياشىغان ئەركەكلەر كەبى ...!
بىزمۇ شۇ ئەجداتنىڭ ئاققان قېنىبىز...!
قاينايمىز دولقۇنلاپ دېڭىز مىسالى ...!
زۇلۇمغا ئەبەدى سۈكۈت قىلمايمىز ... !

ئەر-ئايال، قېرى-ياش بىر مەقسەتتە بىز... !
چىقىمىز كۈرەشلەرگە تۈرلى يۇلىمىز ... !
قۇرالىمىز ئىماندۇر، ۋىجدانىمىز ئوق ... !
توختىماس ۋولقان كەبى بار ئىمكانىمىز ... !

كارۋان بىز بىرغايە - بىرمەقسەتتە بىز ...!
مۇستەقىل، ھۆر ياشاش نىشان-غايىمىز ...!
تۇرمايمىز بۇيولدا نىشانغا يەتمەي ...!
بۇلايلى ئۆز يۇرتتا، يا يىراقتا بىز ...!!!

 ئا. مۆلجەرلى
2012-03-28
«««««««««««««««««»»»»»»»»»»»»»»»»»

كۆرگەندە سەن ئۇنى بۇ قەيەر دىمە  !!!

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئىمانلىق مىللەت،
ئۆلتۈرسەك يولىدىن ۋازكېچەر دىمە !
ئىماندا ئۆلمەكنى ھەم شەرەپ بىلگەن-
شاھادەت ئاشىقى، ئىمكانسىز دىمە !

قەبرىسىز قالساقمۇ تاغۇ-چۆللەردە-
ماڭىمىز بۇ يولدا، قەبرەڭ يوق دىمە !
"تۈركىستان" ئەزەلدىن ئانا-يۇرتىمىز-
ئانا دەپ ياشايمىز، يىتىمسەن دىمە !

گەر يىتىم بولساقمۇ ئايرىلىپ بۈگۈن-
قەلبىمىز بىرلىكتە، ئارتۇق غەم يىمە !
ئۇيغۇربىز ۋىجدانلىق ئارۇ-ئىپپەتلىك،
ئەجداتلار ئىزىدىن ماڭمايدۇ دىمە !

ئۇيغۇربىز ئەزەلدىن جەڭگىۋار-جەسۇر،
ئوغۇل-قىز ياشلىرى ئىشقىۋاز دىمە !
ئاز قالدى نىشانغا يىتىمىز چوقۇم-
بارغاندا مەنزىلگە، بۇلار كىم دىمە !

 ئىنشائاللاھ- قۇرىمىز مۇستەقىل دۆلەت،
كۆرگەندە سەن ئۇنى، "بۇ قەيەر؟" دىمە !.

 ئا. مۆلجەرلى
 2011-12-22

مەشھۇر ئالىم شېيىخ ئابدۇۋەلى قارىنىڭ قىممىيەتلىك ۋەز-نەسىھەتلەرى ۋە تەسىرلىك تارىخي - فىلىملار

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىللەر ۋە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ تۇل قېلىش ۋە خورلىنىش پاجەىسى

”ھەق دىن ئىسلام“نى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ تەسىرلىك ۋە قىززىقارلىق كەچۈرمىشلىرى